مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 765|ئىنكاس: 13

بىلىۋال،كىمدىندۇر ھەقىقى سۆيگۈ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5580
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 02:59:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋال،كىمدىندۇر ھەقىقى سۆيگۈ؟

             سەئىدىيە


ئىزدەركەن بەزىلەر سۆيگۈ ئىلاھى ،
باقماسمۇ ئالەمگە نەدىدۇر ئۇ دەپ،
قويىدۇ ئۆگىتىپ مۇھەببەت نىمە؟
بولسا گەر سۆيگۈگە ئىلاھ ياكى رەب.


مەن باقتىم دىللاردا بار ئىكەن سۆيگۈ،
مەيلى ئۇ قاتىلدۇر يا روھى كېسەل،
ئەنە شۇ سۆيگۈدىن باققان كۆزلەردە،
يەردىكى خازانمۇ ئۆزگىچە گۈزەل.


باقسام مەن ئاي قۇياش،تاغ دەريا تامان،
بۇ دۇنيا گۈزەلدۇر ئەسلى بەك گۈزەل،
پەسىللەر ئۆزگىچە ،كېچە ھەم سىرلىق،
دەرەختە مىۋىلەر،ھەرىدىن ھەسەل.


گۈزەللىك ،سۆيگۈدىن پۈتكەن مەۋجۇدات،
قەتئىي بىر تۈزۈمدە قىلىدۇ خىزمەت،
بولسىمۇ كۆپ ئاجىز قۇۋۋەتتە ئىنسان،
ھەر نەرسە ئۇنىڭغا كۆرسىتەر ئىززەت.


دىمەككى،مەخلۇقنى ياراتقان زات بار،
ھەرنەرسە ئۈستىدە سۆيگۈسى ياتار،
بارچىنى ئىنسانغا بويسۇندۇردى ئۇ،
نە بىلەن ئۇ ئىنسان ئەجىر قايتۇرار؟


ھەممىمىز ئوخشاشلا يارالدۇق گۈزەل،
چۈشەنمەس دىلىمىز بۇنى بەزىدە،
مىسالىم شۇ پەقەت،ئىشەنمىسەڭ گەر،
مۇھەببەت ئەكسى بار ھەربىر قەلىپتە.


ئەمدى كۆر زۇلۇمنى ,قايغۇ ھەسرەتنى،
سەۋەپچى ئەمەسمۇ ؟ئىنساننىڭ نەفسى؟
دەرەخلەر،يۇلتۇزلار ئازمايدۇ ھىچبىر،
سەۋەپ شۇ ئىنساندا باردۇر ئەركىسى.


قوراللار، ئەمەسمۇ يۈرەكنى تىلغان،
يالغانلار ئەمەسمۇ بىزنى ئالدىغان؟
كىم كۆيەر بىزلەرگە ئەشۇ زات كەبى؟
كىم ئىدى بىزنى تۈز يولغا باشلىغان؟


كىتاپ ۋە ئەلچىلەر ئەۋەتتى بىزگە،
بۇزغۇنچى بولما دەپ زىمىن يۈزىدە،
ئۆگەتتى ياشاشنى،مۇھەببەتنى ھەم،
بۈيۈكلۈك بابىدا ئۇدۇر يىگانە.


ئادەم ۋە ھاۋادىن باشلانغان قىسمەت،
يۈسۈف ھەم زۈلەيخا مىسال ۋە ھىكمەت،
ياراتقان ئەشۇ زات قىلدىلەر بايان،
ئۆگەتتى بىزلەرگە نەدۇر مۇھەببەت.


سۆيگۈنىڭ ئىلاھى يوقتۇر ئەزەلدىن ،
باشقىسى ھەم شۇنداق بەرباتتۇر ئەبەت
يىگانە ئاللاھتىن بارچە ياخشىلىق،
زاتى پاك ئاللاھتىن چىن سۆيگۈ،ھىكمەت.


ئۇ بىرەر رىزىقنى ،يارىتۇر نىممەت،
مۇھتاجمىز ئۇنىڭغا ،ئۇدۇر بىھاجەت،
سەن سۆيگەن قەلپىنى باشقۇرغۇچى ئۇ،
يىگانە ئاللاھقا قىلغىن ئىبادەت.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   cholpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-4 03:14 PM  


ئۆزۈمنىڭ شورى ..........................................................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8604
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8662
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 361 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 07:46:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماڭا بەك ياقتى ، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83443
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1158
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 65 سائەت
تىزىم: 2012-8-4
ئاخىرقى: 2014-8-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 09:13:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شېئىرىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇغۇ...مۇھەببەتلىشىش ماڭا قاچان نىسىپ بولار..ھازىرغىچە مۇھەببەتلىشىپ باقمىغانتىم....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5580
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 09:20:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىمىنى تولۇق ئوقىمىساڭلار چېنىپ ‹چۈشەنمەي ›سىلەر

ئۆزۈمنىڭ شورى ..........................................................................

مەيلى مۇڭلانغان

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16715
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7509
تۆھپە نۇمۇرى: 408
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2010-11-7
ئاخىرقى: 2013-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 12:06:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شئېر  بەك  ياخشى يىزىلىپتۇ !!!  تىلى راۋان ، پاساھەتلىك چىقىپتۇ ، ،مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن

باقسام مەن ئاي قۇياش،تاغ دەريا تامان،
بۇ دۇنيا گۈزەلدۇر ئەسلى بەك گۈزەل،
پەسىللەر ئۆزگىچە ،كېچە ھەم سىرلىق،
دەرەختە مىۋىلەر،ھەرىدىن ھەسەل.



ئادەم بۇ جاھاندا نىمە قىسمەتلەرگە دۇچار بولمايدۇ-ھە؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88065
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 213
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2012-12-3
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 11:15:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ ،تىرىشىڭ

يۈرەككە قويۇلغان قول!ق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33575
يازما سانى: 1421
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15292
تۆھپە نۇمۇرى: 444
توردا: 3625 سائەت
تىزىم: 2011-3-12
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 12:17:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئېسىل شېئىرىڭىزنى كۆرمەي قاپتىمەنغۇ؟

ئاللاھ ماڭا ھېكمەت ئاتا قىلدى، مۇھەممەد ئەلەيھىسالام چۈشۈمگە كىردى، لېكىن مەن ئالدامچىلىق ھېلە مىكىرلەرنى رەزىللىكلەرنى بىلمەيمەن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57840
يازما سانى: 571
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5580
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1004 سائەت
تىزىم: 2011-9-24
ئاخىرقى: 2015-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-12 08:38:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىپارە يوللىغان ۋاقتى  2012-12-12 12:17 PM
بۇ ئېسىل شېئىرىڭىزنى كۆرمەي قاپتىمەنغۇ؟

ھەممە يەردە بوپ قالمىسۇن دەپ كۆكلەمگە يوللىمىغانتىم،مىسرانىمدا تىما كۆپ،كۆمىلىپ قاپتۇ

ئۆزۈمنىڭ شورى ..........................................................................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91036
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1010
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-2-2
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 10:48:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چولپان قىز ،شېئېر لىرىڭىز مۇنبەر يۇزىدە ھەر قاچان چولپان كەبى چاقناپ تۇرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91036
يازما سانى: 165
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1010
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 154 سائەت
تىزىم: 2013-2-2
ئاخىرقى: 2015-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-8 10:50:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز بىلەن تۇنىشىشقا مۇمكىن بولارمۇ؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش