مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4519|ئىنكاس: 54

ئاللاھ سىزنى بەك ياخشى كۆرىدىكەن... [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77309
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3720
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-3-12
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 02:21:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەر جۈمە كۈنى چۈشتىن كىيىن ،جۈمە ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن ئىمام ئاخۇنۇم ۋە ئۇنىڭ 11ياشلىق ئوغلى <<جەننەت يولى>>دىگەن تەشۋىقات ۋەرەقچىلىرى ۋە باشقا ئىسلامى تەشۋىقات كىتاپچىلىرىنى ئېلىپ شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات كۇچا ،مەركەزلىرىگە بېرىپ تەشۋىقات ئېلىپ باراتتى .
مۇبارەك بىر جۈمە كۈنى ئىدى. چۈشتىن كىيىن ھاۋا ناھايتى سۇغۇق ،چىلەكتە قۇيغاندەك قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتاتتى ،ئىمام ئاخۇنۇم ۋە ئوغلى تەشۋىقات ماتىرياللىرىنى ئېلىپ كۇچىغا چىقىپ تەشۋىقات قىلىشقا تەييارلىنىۋاتقان ئىدى .سۇغۇق بولغاچقا بالا كىيىملىرىگە چىڭ ئورىنىۋالغان ،قوللىرى بىلەن ئىككى مۈرىسىدىن چىڭ قۇچاقلىۋالغان ئىدى .ئۇ ،دادا مەن تەييارلىنىپ بولدۇم -دىدى.
نىمىگە تەييارلىنىپ بولدۇڭ؟-دەپ سورىدى دادىسى.
-دادا ،تەشۋىقاتقا چىقىدىغان ۋاقىت بۇپ قالدى .
ئوغلۇم ھازىر ھااۋا بەك سۇغۇق،ئۇنىڭ ئۈستىگە بەك قاتتىق يامغۇر يېغىۋاتىدۇ-دىدى دادىسى جاۋابەن.
بالا ناھايتى ھەيرانلىق نەزىرىدە دادىسىغا قارىدى ۋە :
لىكىن دادا دەۋزەخ يامغۇر ياغقان كۈنلېرى تاقىلىپ قالمايدۇغۇ -دىدى.
ئوغلۇم بۇنداق ھاۋادا مىنىڭ چىققۇم يوق -دىدى دادىسى.
ئۇنداقتا مىنى چىققىلى قويۇڭ -دەپ يالۋۇردى بالا
دادىسى بىزە ئككىلەنگەندىن كىيىن :
بۇپتۇ ئوغلۇم ،تەشۋىقات ماتىرياللىرى ھەممىسى ئۇيەردە ،چىقساڭ بۇلىدۇ بىراق چۇقۇم بىخەتەرلىككە دىققەت قىل!
شۇنىڭ بىلەن بالا تەشۋىقات ماتىرياللىرىنى ئېلىپ ،يامغۇردا يۈرۈپ كەتتى.
بۇ 11ياشلىق ئوغۇل شەھەرنىڭ ھەممە كۇچىلىرىنى كىزىپ چىقتى ،ئۆيمۇ-ئۆي كۆرگەنلىكى ئادەمگە تەشۋىجات ۋاراقچىسى ۋە كىتاپچىلارنى تارقىتىپ چىقتى.
يامغۇردا ئىككى سائەت يۈرگەندىن كىيىن ،ئۇنىۇ پۈتۈن بەدىنى ھۆل بۇپ كەتتى ،سۈڭەكتىن ئۆتكۈدەك سۇغۇقتا ئۇنىڭ قولىدا پەقەت ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋاراق تەشۋىقات قالغان ئىدى ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ كۇچا دوقمۇشىدا تۇرۇپ قالدى ،بەرگۈدەك ئادەم بار يوقلۇقىنى ئىزدەپ تۆت تەرەپكە قارايىتتى .ئۇ كەينىگە قايرىلىپ كۆرگەن بىرىنچى ئۆيگە قاراپ ماڭدى .ئىشىك تۈۋىگە كەلگەندىن كىيىن ئەدەپ بىلەن ئىشىك قوڭغۇرىقىنى باستى.لىكىن ھېچكىم چىقمىدى ،ئۇ توختىماي بېسىۋەردى ، ئۇ خېلى ئۇزاق ساقلىغان بولسىمۇ لىكىن يەنىلا ھېچكىم چىقمىدى .
ئاخىرى بالا كەتمەكچى بولدى ،بىراق،تۇيۇقسىز يەنە بىرنەرسە ئۇنى توسقاندەك بۇلۇپ كەينىگە بۇرۇلۇپ ئىشىك قوڭغۇرىقىنى داۋاملىق باستى ھەتتا كىچىك مۇشتۇملىرى بىلەن ئىشىكنى قېقىشقا باشلىدى ،نىمىشقىدۇ ئۇنىڭ بۇ ئىشىكتىن ئايرىلغۇسى يوق ئىدى.ئۇ ساقلاۋەردى، ساقلاۋەردى ...بۇۋاقىتتا تۇيۇقسىز ئىشىك ئاستا ئېچىلدى .كۆزلىرىدىن ئۈمۈتسىزلىك،غەم -قايغۇ تۆكۈلۈپ تۇرغان بىر خانىم ئىشىكنى ئاچقان ئىدى. ئۇ ناھايتى بوش ھەم ئىللىقلىق بىلەن :
ساڭا نىمە لازىم ؟ئوغلۇم -دىدى.بالا :
كەچۈرۈڭ خانىم، سىزنى ئاۋارە قىلدىم ،لىكىن سىزگە دىسەم ئاللاھ سىزنى ھەقىقەتەن بەك ياخشى كۈرىدىكەن ،ناھايتى كۆڭۈل بۆلىدىكەن ،مەن بۇيەرگە ئەڭ ئاخىرقى بىر ۋاراق تەشۋىقاتنى يەتكۈزۈپ بەرگىلى كەلدىم ،ئۇ سىزگە ئاللاھنى ،تۈمەنلىگەن شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىتىنى ھەمدە قانداق قىلغاندا ئاللاھنىڭ ياخشى كۈرىشىگە ئىرىشكىلى بۇلىدىغانلىغىنى چۈشەندۈرىدۇ-دىدى.
ئۇ قولىدىكى تەشۋىقاتنى خانىمغا تۇتقۇزدى ۋە ئۆرۈلگىنىچە كىتىپ قالدى.
رەھمەت بالام ،پەرۋەردىگار سىنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن! -دىدى خانىم ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ.
بىر ھەپتە ناھايتى تىز ئۆتۈپ كەتتى.يەنە بىر جۈمە كۈنى ،ئىمام ئاخۇنۇم جۈمە نامىزىدا خۇتبە ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن جامائەتتىن سورايدىغان ياكى دەيدىغان بىرەر مەسىلە بارمۇ-دەپ سورىدى.
بۇ ۋاقىتتا ئەڭ ئاخىرقى سەپتىكى ئاياللار توپى ئىچىدىن بىر خانىمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى،بۇئاۋازدىن ئۇنىڭ نااھايتى خۇشال ھەم رازىمەنلىگى چىقىپ تۇراتتى :
مەن ئەزەلدىن بۇيەرگە كىلىپ باقمىغان،ھەم ئەزەلدىن ھېچكىم ماڭا بۇنداق يېغىلىشقا قاتناشسام بۇلىدىغانلىغى ئېيتمىغان ،قاراڭلار ئالدىنقى ھەپتە مەن تېخى مۇسۇلمان ئەمەستىم ،ھەم مۇسۇلمان بۇلۇشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم ،يېقىندا ئىرىم مىنى يالغۇز قويۇپ قازا قىلدى ، ئالدىنقى جۈمە كۈنى يەنى قاتتىق يامغۇر ياغقان سۇغۇق شۇ كۈندە ،مىنىڭ قەلبىممۇ گۇيا ھاۋاغا ئوخشاش سۇۋۇپ تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچ-ئۈمۈدىمنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ئىدىم ،شۇڭا مەن بىرتال ئارغامچا ۋە بىر دانە ئۇرۇندۇقنى ئېلىپ ئۆينىڭ بالىخانىسىغا چىقتىم ،ئارغامچىنىڭ بىر ئۇچىنى تۇرۇسقا چىڭ باغلاپ ،يەنە بىر ئۇچچىنى سىرتماق قىلىپ ئاستا -ئاستا بوينۇمغا سالدىم ،مەن بۇدۇنيادىن ئايرىلىشنى نىيەت قىلغان ئاشۇ دەقىقىدە تۇيۇقسىز ئىشىك قوڭغىرىقىنىڭ جىرىڭلىغىنىنى ئاڭلىدىم ،قىددى بېسىلغان ئىشىك قوڭغۇرىقى ۋە قاتتىق ئىشىكنى قاققان ئاۋازدىن ھەيران قالدىم ،مەن ئىنكاس قايتۇرمىدىم،،ئۈن-تىنسىز ئۇنىڭ توختىشىغا ساقلىدىم ،لىكىن شۇنچە ساقلىساممۇ ئۇ توختاپ قالمىدى ،ھەم توختايدىغاندەك قىلمايتتى ،ئەكسىچە بارغانسىرى جىددى ھەم قاتتىق ئىدى. مەن بۇ ۋاقىتتا كىم مىنى كۆرگىلى كەلگەندۇ ؟ شۇنچە ئۇزاق ۋاقىتتىن بىرى ھېچكىممۇ مىنى يوقلاپ كەلمىگەن تۇرسا دەپ ئويلىدىم .مەن بوينۇمدىكى ئاغامچىنى ئاستا يىشىپ ئىشىك ئالدىغا كەلدىم ،بۇ چاغدا ئىشىك قوڭغۇرىقى يەنىلا جىرىڭلاۋاتاتتى .مەن ئىشىكنى ئاچقىنىمدا كۆزلىرىمگە ئىشىنەلمەي قالدىم ،ئالدىمدا مەن ئەزەلدىن كۈرۈپ باقمىغان خۇددى بىر پەرىشتىدەك بىر ئوغۇل بالا تۇراتتى ،ئۇنىڭ چىرايىدا تەبەسسۇم،ئۇ ھالەتنى تەسۋېرلەپ بىرەلمەيمەن ،ئۇنىڭ ئاۋازى مىنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەن قەلبىمنى ئويغاتقان ئىدى ،ئۇ يېقىملىق ئاۋازى بىلەن ،خانىم مىنىڭ بۇ يەرگە كىلىشىمنى سىزگە دىسەم ئاللاھ ھەقىقەتەن سىزنى بەك ياخشى كۈرۈدىكەن ھەم بەك كۆڭۈل بۆلىدىكەن _دىدى ۋە قولىدىكى<< جەننەت يولى >> دىگەن ۋاراقچىنى قولۇمغا تۇتقۇزدى ۋە سۇغۇق ،يامغۇر ئىچىدە غايىپ بولدى .مەن ئىشىكنى ياپقاندىن كىيىن ۋاراقچىدىكى ھەر بىر خەتكە قەدەر تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم ،ئاندىن بالىخانا ئويگە چىقىپ ئارغامچا بىلەن ئۇرۇندۇقنى ياندۇرۇپ ئەكىردىم ،بۇندىن كىيىن بۇ نەرسىلەر ئەمدى ماڭا كىرەك ئەمەس ئىدى. قاراڭ ،ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئىرىشكەندىن كىيىن مەن بىر خۇشال ئادەمگە ئايلاندىم ،ۋاراقچىدا سىلەرنىڭ ئادرىسىڭلار باركەن شۇڭا بۇيەرنى تېپىپ كىلىشىم ،مەن ھاياتىمنىڭ ئەڭ مۈشكۈل چېغىدا پەيدا بولغان ئاللاھنىڭ ئۇ كىچىك پەرىشتەسىگە رەھمەت ئېيتقىلى كەلدىم ئۇ مىىنى روھىمنى قەدىرلەش يولىغا باشلىدى..
مەسچىتنىڭ ئىچىدە ھېچكىم ياش تۆكمىدى بەلكى <<ئاللاھۇ ئەكبەر!>>دىگەن غايەت زور تەكبىر ساداسى كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە سالاتتى .
ئىمام ئاخۇنۇم دادا مىھراپتىن چۈشۈپ ئوغلىنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنى قۇچاقلاپ ئۈنسىز يىغلاپ كەتتى .....

تەرجىمىدە:ئەلتۈزەر



ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
57gulyar + 97 ماختاشقا تېگىشلىك
hrustal + 97 دىللار پەقەت ئاللاھنى.
zulayha + 500 رەھمەت.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 694   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86084
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1838
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 232 سائەت
تىزىم: 2012-10-15
ئاخىرقى: 2014-7-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 03:45:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نېمىدىگەن تەسىرلىك تېما بۇ.كۆزلۈرۈمدىن ئىختىيارسىز ياش چىقىپ كەتتى.
تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر!!!ئۇلۇغ اللە ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.ئامىن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84698
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1532
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2012-9-4
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 04:00:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەزكۇر ئەسەرگە گۇمانىم بار، تېمىنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ. ئىسلام دىنىدا جۈمە نامىزىنى ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىللە ئوقۇيدىغان قائىدە بارمىكەن؟ جۈمە نامىزىدا ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىللە ئولتۇرۇپ مۇنازىرە قىلىدىغان ئىش بارمىكەن؟ مەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەزمۇندىكى خىرىستىيان دىنى تەشۋىق قىلىنغان ئەسەرنى يات تىلدىكى توربەتتىن كۆرگىنىم ئېسىمدە. ئەسەر مەزمۇنىدىكى قۇراشتۇرمىلاردىن چىقىپ تۇرىدۇ. تېما ئىگىسى مەيلى ئۆزى تەرجىمە قىلغان بولسۇن ياكى كۆچۈرۈپ كەلگەن بولسۇن، بۇنداق قىلىشى مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

كۈتكەن پەيىتلەر چوقۇم كېلىدۇ .

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 1126
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4675
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1216 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 04:04:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق ئاللاھ بىزنى ھەقىىقەتەن ياخشى كۆردۇ ، بىزنىڭ شەيتان كەينىگە كىرىپ  دوۋزىخى بولۇپ كېتىشىمىزنى خالىمايدۇ ، ھەم بىزگە يول كۆرسۈتۈپ تۇردۇ ، ئەمما بەزەنلىرمىز  ئاللاھ كۆرسىتىپ بەرگەن يولدا ماڭماي شەيتان كەينىدىن ماڭمىز . . .

ئۇلۇغ ئاللاھ قېرىنداشلىرمىزنى  شەيتانىڭ ئازدۇرشىدىن ساقلىغاي   . ( ئامىن ! )

ئېھ ئۇلۇغ ئاللاھ ،  ماڭا مەن كۆڭلىنى رەنجىتكەنلەردىن كەچۈرۈم سورغىدەك  ،  كۆڭلىمنى ئاغرىتقانلارنى ئەپۇ قىلغۇدەك پۇرسەت ياراتقىن .   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79754
يازما سانى: 2392
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11126
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2781 سائەت
تىزىم: 2012-5-5
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 04:08:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qvxtabiri يوللىغان ۋاقتى  2012-12-4 04:00 PM
مەزكۇر ئەسەرگە گۇمانىم بار، تېمىنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەر ...

شىنجاڭدىن باشقا يەردە ئاياللارمۇ جۈمە نامىزى ئۇقۇيدۇ . مەسچىتتە ناماز ئۇقۇيدۇ .
بىز ياشاۋاتقان ماكاندا بۇنداق ئىش بولمىغاندىكىن ، ئەجەپلىنىشىڭىز ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ........!

ئۈزىنىڭ مەدەنىيتىنى ، تارىخىنى ، ئەجدادىنى ، كىملىكىنى ، ئىتقادىنى بىلمەيدىغان ۋە ئەۋلاتلىرىغا كۈڭۈل بۆلمەيدىغان مىللەتتىنمۇ بىچارە مىللەت يوق !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84698
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1532
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2012-9-4
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 04:08:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قېنى، مەن ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىگە تېما ئىگىسى ئۆزى چۈشەنچە بېرىپ باقسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84698
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1532
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 382 سائەت
تىزىم: 2012-9-4
ئاخىرقى: 2015-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 04:10:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
!UYGHURJAN يوللىغان ۋاقتى  2012-12-4 04:08 PM
شىنجاڭدىن باشقا يەردە ئاياللارمۇ جۈمە نامىزى ئۇقۇيدۇ ...

باشقا جايلاردا ئاياللارنىڭمۇ  مەسچىتتە ناماز ئوقۇيدىغان ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن مېنىڭمۇ خەۋىرىم بار، لېكىن تېمىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەنزىرە ئەر - ئاياللار بىللە ناماز ئوقۇغان، ئاياللار ئەر ئىمامدىن سوئال سورىغان مەنزىرە. بۇنىڭغا تېما ئىگىسى ئۆزى چۈشەنچە بەرگىنى ياخشى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87606
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-11-23
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 04:26:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
qvxtabiri يوللىغان ۋاقتى  2012-12-4 04:10 PM
باشقا جايلاردا ئاياللارنىڭمۇ  مەسچىتتە ناماز ئوقۇيدى ...

مەن قوللايمەن توغرا دىدىڭىز

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3438
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2445
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1633 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 04:48:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توۋا مەن بۇ تېمىنى تېخى نەچچە كۈن ئاۋال قەيەردە كۆرگەن بولار ئىدىم ؟
ئەمما لېكىن شۇنداق تەسىرلەنگەن ئىدىم . مىسىرانىمدا قايتا بىر رەت كۆرگىنىمدىن شۇنداق خۇش بولدۇم.

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81615
يازما سانى: 164
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4595
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 277 سائەت
تىزىم: 2012-6-15
ئاخىرقى: 2015-2-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 05:15:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ناھايىتى ياخشى تىما بولاپتۇ،تەسىرلىك ئىكەن ! 3-قەۋەتتىكى دوستىمىزغا ئېيتىدىغىنىم كىچىك ئىشنى دەپ چوڭ ئىشنى بىلىشتىن مەھرۇم بولۇپ قالماڭ! گىپىم قاتتىق كەتكەن بولسا كەچۈرۈڭ،لىكىن سىزنىڭمۇ ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقوقىڭىز بار

‹ دۇرۇس بولمىغان ئىشلارنى كۆرگەندە ھالال ياشاپ ئادەتلەنگەن ئادەمنىڭ ۋىجدانى قاينايدۇ: بوشاڭلارنى كۆرگەندە تىرىشچان، ئىشچان ئادەمنىڭ ئىچى تىت تىت بولىدۇ ›
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش