مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1438|ئىنكاس: 9

مىسىردىكى قارشىلىق كۆرسىتىش دولقۇنىنىڭ كەينىدە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77309
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3720
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 9 سائەت
تىزىم: 2012-3-12
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 01:12:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مىسىردىكى قارشىلىق كۆرسىتىش دولقۇنىنىڭ كەينىدە

                 جاڭ ۋېي شىن

مىسىر ئەلباشى مورسى نىڭ يېقىندىكى يېڭى ئاساسى قانۇن باياناتى ئاز بولمىغان داۋالغۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.قارىماققا بۇ ھەركەتلەر مۇستەبىتلىككە قارشى تۇرۇش ،دىمۇكراتىيەنى قوغداشتەك كۈرۈنسىمۇ بىر قىسىم تەھلىلچىلەر بۇنىڭغا نىسبەتەن باشقىچە قارىشىنى ئوتتۇرغا قويدى.بۇ تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە مىسىردا يېقىندا كۆتۈرۈلگەن ‹‹يېڭى ئاساسى قانۇن باياناتىغا قارشى تۇرۇش››كۈچ كۆرسىتىش نامايىشلىرى يۈزەكى قارىماققا ،بارات يىڭى فىرئەۋېن دەپ ئاتىغان مورسىنى ئەيىپلەش،ئەلباشىنىڭ ھوقۇقىنىڭ چوڭىيىپ كىتىشىگە قارشى چىقىشتەك كۈرۈنسىمۇ ،ماھىيەتتە مىسىردىكى ئىسلامىزىم ۋە دەھرىيلىك ياكى 25-يانۋار ئىنقىلاۋېنى قوللىغۇچىلار بىلەن سابىق ھاكىمىيەت قالدۇق كۈچلىرى ئوتتۇرسىدىكى ساقلانغىلى بولمايدىغان توقۇنۇشتۇر.

مورسى تۇرىۋاتقان مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى گەرچە ئىنقىلاپنىڭ قوزغىغۇچىسى بولمىسىمۇ لىكىن ئىنقىلاپنىڭ قاتناشقۇچىسى ھەم مۇستەھكەم ئارقا تىرىكى .ئالدىنقى سابىق ھاكىمىيەتلەردە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ئارقىمۇ-ئارقا كەلگەن نەسلىنى قۇرۇتىۋېتىش  خاراكتىرىدىكى قىرغىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئىدى ئۇلارغا كەلگەن بالا-قازا باشقا ھېچقانداق پارتىيە-گوروھلارنىڭ بېشىغا كەلمىگەن ئىدى .شۇڭلاشقا،سابىق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش ئۇلارنىڭ تەۋرەنمەس نىشانى ئىدى.بولكا ۋە ئەركىنلىكنى ئاساسى شۇئار قىلغان ئىنقىلاپ مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئاساسى مەخسىدىگە بەكمۇ ماس كەلگەن ئىدى.مورسى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كىيىنكى ئېلىپ بارغان بىر قاتار ھەركەتلەر ،بۇلۇپمۇ باش تەپتىش مەھمۇدنى ۋەزىپىسىدىن ئىككى قېتىم قالدۇرىۋېتىش،مۇبارەكنى قايتىدىن سوتلاش قاتارلىقلار ئىنىقكى 25-يانۋار ئىنقىلاۋىنىڭ داۋاملىشىشى ئىدى.

گەرچە بۇقېتىمقى قارشىلىق كۆرسىتىشتە مۇستەبىتلىككە قارشى مۇقامنى ئەڭ قاتتىق توۋلاۋاتقان ئەمىر مۇسا ،باراتلاربولسۇن ياكى مورسىنىڭ سايلامدىكى رىقابەتچىسى شەفىق ،ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان سابىق باش تەپتىش مەھمۇد بولسۇن ھەممىسى سابىق مۇبارەك ھاكىمىيتىنىڭ قالدۇق گۇماشتىلىرى،سابىق مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ تەۋرەنمەس قوغدىغۇچىلىرىدۇر.ئۇلارنىڭ مورسىغا قارشى ھەركەتلەرگە يىتەكچىلىك قىلىشى ياكى قاتنىشىشى بىر بولسا ئۆزىنىڭ سايلامدا ئۇتتۇرغانلىق مەغلۇبىيەت ئاچچىقىنىڭ ئىپادىلىنپ چىقىشى (مەسىلەن بارات،مۇسا شەفىق قاتارلىقلار)،يا بولمىسا ئىلگىركى ھاكىمىيەتتىن ئېرىشكەن  مەنپەئەتىنى قوغداش(مەسىلەن مەھمۇد ۋە يولداشلىرى)دۇر.شۇڭا ئۇلارنىڭ 25-يانۋار ئىنقىلاۋېنىڭ دىمۇكىراتىيە،ئەركىنلىك تۇغى ئاستىغا كىلىۋېلىپ پۇرسەتنى ئۆتكۈزىۋەتمەي مورسىغا شۇنداقلا ئىسلامىزىمغا ۋە دىمۇكراتىك كۈچلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىشى پەرەزنىڭ سىرتىدىكى ئىش ئەمەس .مورسىنىڭ بۇقېتىملىق باياناتى بولمىغان،مورسى بۇقېتىمقى كىرزىسقا پۇتۇنلەي تىز پۈككەن تەقدىردىمۇ ئۇلارنىڭ مورسىغا قارشى چىقىش تىرىشچانلىغى ھەرگىز بوشاپ قالمىغان بۇلاتتى .ئىنكار قىلماسلىغىمىز كىرەككى بۇ قېتىمقى قارشىلىق كۆرسىتىش دولقۇنىدا ھەقىقەتەنمۇ دۆلەتكە مەسئۇلىيەتچان،مورسىنىڭ ھوقۇقىنىڭ زىيادە چوڭىيىپ كىتىشىدىن ئەنسىرەيدىغان يۈكسەك ئىرادىلىك  ھەققانى كىشىلەرمۇ ئاز ئەمەس، لىكىن بۇ دولقۇننىڭ قوزغاتقۇچىلىرىنىڭ مەسىلەن بارات،مەھمۇد قاتارلىقلارنىڭ تېخىمۇ ئەنسىرەيدىغىنى ئىنقىلاپنىڭ ئۆزلۈكسىز داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىشى ،ئۆز مەنپەئەتلىرىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى شۇنداقلا ئۆزلىرى چۇقۇنىدىغان دەھرىيلىك ئىدىيسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىدۇر.شۆبىھىسىزكى مىسىر دۆلىتىدىكى يۇقۇرى تۇۋەننىڭ ھەممىسى ھىمايە قىلىدىغان 25-يانۋار ئىنقىلاۋىنى، شۇنداقلا دىمۇكىراتىيە،ئەركىنلىك ئىدىيسىنى ئۇلار مەخسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ۋاستىسىگە ئايلاندۇرىۋالغان.

ئالدىنقى بىر مەزگىلدە مورسى سىناي تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىغىنى ۋاستە قىپ تۇرۇپ ئارمىيەنىڭ يۇقۇرى قاتلىمىدىكىلىرىنىڭ ئۆزىگە بولغان كونتوروللىغىنى ئاساسى جەھەتتىن يوقاتتى،لىكىن ئەدىلىيە ساھەسى،ئاخبارات ساھەسى ۋە باشقا جېق ئورگانلار يەنىلا سابىق ھاكىمىيەتنىڭ نۇرغۇن قالدۇقلىرى

تەرىپىدىن ئىگەللىۋېلىنغان ،مەھمۇد ئەدىلىيە جەھەتتە مورسىغا توساق پەيدا قىلىپ تۇردى،ئارمىيەنىڭ سابىق يۇقۇرى قاتلام ئەمەلدارلىرىمىۇ توختىماستىن مورسىغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلىپ تۇردى ،بىرقىسىم تاراتقۇلار مۇرسىغا ئاخبارات ھۇجۇمى قوزغىدى ھەتتا مورسىنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشكە قۇتراتقۇلۇق قىلدى...،بۇلارنىڭ ھەممىسى سابىق ھاكىمىيەت قالدۇقلىرىنىڭ ئىنقىلاپقا قارشى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىدىن  باشقا نەرسە ئەمەس.

ئەسلىدە 25-يانۋار ئېنقىلاۋېنىڭ ئېنقىلاپ نىشانى سابىق ھاكىمىيەتنىڭ ئالى ئەمەلدارلىرى ئىدى،بىراق سابىق ھاكىمىيەتنىڭ قالدۇقى بولمىش مەھمۇد كونتورول قىلىۋالغان ئەدىلىيە ئورگىنى مۇبارەك ۋە سابىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرىنى قاماققا ھۆكۈم قىلغاندىن باشقا مۇبارەك بىلەن خىيانەتچىلىك ،چىرىكلىك پاتقىقىغا پېتىپ كەتكەن ،دىمۇكىراتىيە ،ئەركىنلىكنى باستۇرغان سابىق ئالى ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىپ ئىنقىلاپنىڭ مەخسىتى ھەم بۇرچىنى قاتتىق دەپسەندە قىلدى .تېخى ھازىر سابىق ھاكىمىيەتنىڭ قالدۇقلىرى  ،تارىختىن بىرى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىغا ئۆچىمەنلىك قىلىپ كىلىۋاتقان دەھرىيلەر ،لىبرالىزىمچىلار(ئاتالمىش ئەركىنلىكچىلەر-ت)نىڭ ھەممىسى 25-يانۋار ئىنقىلابى قوزغاتقان دىمۇكىراتىيە،ئەركىنلىك پويىزىغا چىقىۋېلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىنىگە تېخى يېرىم يىل بولمىغان مورسىنى ‹‹مەغلۇبىيەتچى››دەپ ئاتىدى،سابىق ھاكىمىيەت گۇماشتىلىرىنىڭ ئىنقىلاپقا قارشى كۈچلىرىنى تازىلىشىنى بولسا ‹‹مۇستەبىتلىك››،‹‹يېڭى فىرئەۋېن››دەپ ئاتىدى.

بۇنداق ئىش ھەممە يەردە بار ئەلۋەتتە،مەسىلەن بەزىبىر ئەرەپ دۇنياسىدىكى ياكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان مۇستەبىتلەر مۇ ئامرىكا قوزغاتقان تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش  پويىزىغا چىقىۋېلىپ

ئۆزىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنى يوقاتقانغۇ؟!...

خەلىق سايلىغان ،ھەربىدىن چىقمىغان تۇنجى ئەل باشى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن مورسى دۇچ كىلىۋاتقان خىرىسلارمۇ كۆپ تەرەپلىمىلىك ،مەسىلەن:مىسىردا 10مىليۇندىن ئارتۇق خىرىستىيان مۇرىتى بار ،ئۇلار ئىسلامىزىمچىلار تەخىتكە چىقىپ قالسا ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىگىنىڭ بوغۇلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ،سابىق ھاكىمىيەت يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىققان دەھرىيلىك ئىدىيسى ۋە دەھرى كۈچلەر مىسىرنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىگە تارقالغان ،نۇرغۇن كىشىلەر سابىق ھاكىمىيەتنىڭ تەتۈر تەشۋېقاتىنىڭ تەسىرىدە ۋە غەرىپنىڭ  بار كۈچى بىلەن ئىسلام دىنىنى بۇرمىلاپ ،قاراچاپلاپ،كۆپتۈرۈپ يامان كۆرسىتىپ قىلغان تەتۈر تەشۋېقاتلىرىنىڭ تەسىرىدە  ئىسلامىزىمنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلىشىنى خالىمايدىغان بۇلۇپ قالغان.مورسى  سايلامدا غەلبە قىلغاندىن كىيىن  شەفىقنىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئۈمۈتسىزلىك بىلەن ھۆكىرەشلىرى بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى.پارىس قولتۇقىدىكى بىر قىسىم پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەرمۇ كىيىنچە ئۆزىنىڭمۇ ئىنقىلاپقا دۇچ كىلىشىدىن ئەنسىرەپ مورسىنىڭ ئىسلاھاتىنىڭ غەلىبە قىلىشىنى خالىمايدۇ.شۇڭا ئۇلار ھەرقانداق بەدەل تۈلىشىگە قارىماي سابىق ھاكىمىيەتنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ ئىسلامىزىمنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنى بېسىۋاتىدۇ.ئىران قارىماققا ئەرەپ ئىنقىلابىنى قوللاۋاتقاندەك كۈرۈنسىمۇ لىكىن سۈنئى مەزھىپىنى ئاساس قىلغان مىسىرنىڭ كىيىنچە بۇجايدا ئۆزىدىن زومىگەرلىك ئورنىنى تالىشىدىغان رەقىبى بۇلۇپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.شۇنداقلا ئىنقىلاپتىن ھاياتى كۈچكە ئىگە بولغان سۈنئى مەزھىپىنىڭ تەشۋېقاتىلىرىنىڭ ئۆزلىرى بىر قوللۇق بارلىققا كەلتۈرگەن شىئەچە ‹‹ئىسلام ئېنقىلابى››نى مەغلۇبىيەتكە ئۇچۇرتىشىدىن قورقىدۇ.

بۇنىڭغا قوشۇپ مورسىنىڭ سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنى قوللىشى ئىراننى تېخىمۇ دەكە-دۈككىگە سالدى، بەزى ماتىرياللاردىن ئايان بۇلشىچە ئېرانمۇ بۇ قېتىمقى مورسىغا قارشى تۇرۇش دولقۇنىنىڭ كەينىدە بار .غەرىپ ۋە ئامرىكا ئەزەلدىن ئوتتۇرا شەرىقتە ئىسلام ھاكىمىيتىنىڭ چىقىشىنى خالىمايدۇ،بۇ ئۇلارنىڭ بۇ رايۇننى ئۇزۇن مەزگىل كونتورول قىلىش ئىستىراتىگىيسىگە ئۇيغۇن ئەمەس ،شۇڭا گەرچە ئەرەپ ئىنقىلاۋى چاقماق تىزلىگىدە پۈتۈن ئوتتۇرا شەرىقنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەگىنى قاپلىسىمۇ ئەزەلدىن دىمۇكىراتىيە،ئەركىنلىك تۇغىنى ئىگىز كۆتۈرىۋالىدىغان غەرپ ۋە ئامرىكا بۇقېتىم پەدىنى يۆتكەپ چالدى ،بۇرۇنقى دەھرى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنى قوللىماي ئىنقىلاپنى قوللاۋاتقاندەك قىلسىمۇ ئۇلارنىڭ قان-قېنىغا سىڭىپ كەتكەن  ئىسلامىيەتكە بولغان بىر تەرەپلىمە كۆز  قارىشى يەنىلا مەۋجۇت .ئۇلارغا

نىسبەتەن ئېيىتقاندا بۇرايۇندىكى دىمۇكىراتىيەنىڭ ئىسلامنى چاقىرىپ كېلىشى ئۇخلاپ چۈشىدىمۇ كۆرمىگەن ئىش.مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ يۈرىكىدە مۇستەھكەم ئولتۇرۇپ ،يارىماس ئەرەپ دۇنياسىنى كۈرۈپ كۆنۈپ قالغان ئىسرائىلىيەمۇ مورسى سايلانغان تۇنجى دەقىقىدىلا ‹‹بۆرە كەلدى!››،‹‹مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشىك ئالدىغا كەلدى! ››دەپ چىقىراپ  سالدى.(ئۇلار 1948-يىلى پەلەستىن ئۇرۇشىغا قاتناشقان مۇسۇلمان قېرنداشلار ئۇيۇشمىسى بىلەن تۇتۇشۇپ باققان ئىدى).شۇڭا ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ‹‹مۇستەبىت ھاكىمىيەت››دىگەن قالپاقنى سابىق ھاكىمىيەت قالدۇقلىرى،دەھرىيلەردىنمۇ بالدۇرراق مورسىغا كەيگۈزدى.يۇقارقى ھەرخىل كۈچلەر گەرچە رەسمىي بىرلىكسەپ ھاسىل قىلالمىسىمۇ لىكىن خىلمۇخىل مەنپەئەت ئۇلارنى ھەرگىز مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسى بىلەن بىر يەرگە كەلتۈمەيدۇ.شۇڭا بىرقىسىم تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى:ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن مورسىغا قارشى دولقۇن قوزغاۋاتىدۇ ،يۈزەكى قارىغاندا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنقىلابى ھەركەتلەردەك قىلسىمۇ ،نۇغۇن كىشى ھەم نۇرغۇن كۈچلەرنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە چېتىلىپ قالغانلىغى مەسىلىنىڭ ھەقىقى نىگىزىدۇر.

شۇڭا قارشى تۇرغۇچىلار ھەم ئۇلارنىڭ ئارقا تىرەكلىرى سابىق ھاكىمىيەتنىڭ قالدۇقلىرىلا بولماستىن ،دەھرىيلەر،سابىق ھاكىمىيەتتىن مەنپەئەتلەنگەنلەر ۋە ھەرخىل خەلقئارالىق سىڭىپ كىرگۈچى كۈچلەر دۇر ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى 25-يانۋار ئىنقىلاۋېنىڭ ئۆز مۇساپىسىنى ئۈزۈل-كىسىل تاماملىشىنى خالىمايدۇ،ئىنقىلاپنىڭ مۇشۇ يەردە توختاپ قېلىشىنى تىلەيدۇ.دۆلەت ئىچىدە مۇستەھكەم يىلتىز تارتقان دەھرىيلەر ۋە سابىق ھاكىمىيەتنىڭ گۇماشتىلىرى مىسىر تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق شۇنداقلا ھەقىقى دىمۇكىراتىك سايلامدا مەغلۇپ بولغاندىن كىيىنمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى شىرىن چۈشلىرىنى ئەسلەپ مورسى ھاكىمىيتىنىڭ بىر ‹‹ئۆتكۈنچى››دەۋېر بۇلۇپ قېلىشىنى ،مورسىنىڭ ئۆزىنىڭ ‹‹ئىقتىدارسىز››لىغىنى كۆرسىتىشىنى ،بالدۇرراق تەخىتتىن چۈشۈپ ئورنىغا ئۆزلىرىنىڭ چىقىشىنى تىلەۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئىسلامىزىمنىڭ مۆتىۋەرلىرى ھەكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە قەتئى ماس كەلمەيدۇ.ئۇلار ئۆز ۋاختىدا ئۆزلىرى شەپقەتسىزلىك بىلەن باستۇرغان دىمۇكىراتىيە،ئەركىنلىكنىڭ تۇغ –ئەلەملىرىنى كۆتۈرىۋېلىپ،مورسى ئېلىپ كەلگەن ئازادە سىياسى موھىتتىن پايدىلىنىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغىلى تېخى 6ئاي بولغان مورسىغا خالىغىنىچە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىۋاتىدۇ.ئۇلار مۇسۇلمان قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىغا ئاسماندىن چۈشكەن مالائىكىلەرگە ئوخشاش تەلەپ قويۇپ،ئەگەر ئۇلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىختىسادى كىرزىس ،كانايغىچە بوغۇلغان قەرىز ،ئىشسىزلىق،نامراتلىق ،چىرىكلىك قاتارلىق مىسىر دۇچ كەلگەن بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلمىسا خۇپسەنلىك بىلەن مۇرسىنى‹‹مەغلۇبىيەتچى››دەپ ئاتايدۇ،ئىسلامىيەتچىلەرنى دۆلەت باشقۇرالمايدۇ دەپ گەپ ساتىدۇ.ھالبۇكى  مىسىرغا 30يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ،مىسىردىكى 40%خەلىقنى نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئاستىدا قويغان ،سىياسى جەھەتتە ئەڭ ئوسال كىشىلىك ھوقۇق رىكورتىنى ياراتقان مۇبارەك دەۋرىدە ئۇلار ھېچقاچان بۇنداق تەلەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقمىغان ئىدى ،ئەكسىچە ئۇلار مۇبارەكنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيتى بىلەن ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ دىمۇكىراتىيە،ئەركىنلىكنىڭ دەپسەندە بۇلىشىغا پەرۋامۇ قىلىپ قويمىغان ئىدى مىسىردا25-يانۋار ئىنقىلابى چاقىرىپ ئەكەلگەن ئەركىن يېڭى ھاۋادا ئۇلار بىر دۇمۇلاپلا ‹‹دىمۇكىراتىيە جەڭچىلىرى››،‹‹ئىنقىلاپنىڭ قوغدىغۇچىلىرى››بۇلىۋالدى،باراد ھەتتا ئۆز ۋاختىدا خەلقئارا ئاتوم ئىنىرگىيسى ئورگىنىدا باش ئىش بىجىرگۈچى بولغان ۋاختىدىكى سىپايە نىقاۋېنى يىرتىپ تاشلاپ ئارمىيەنىڭ قول تىقىپ ئۆز نەزىرىدىكى ‹‹چاك-چېكىدىن بۆسۈلگەن›› مىسىرنى قايتىدىن ‹‹ئوڭشاش››قا قۇتراتتى .نۇرغۇن ئالامەتلەردىن مەلۇم بولدىكى سابىق ھاكىمىيەتنىڭ قالدۇقلىرى ۋە دۆلەت ئىچى سىرتىدىكى دۈشمەنلىك قىلغۇچى كۈچلەر بۇ يىڭى ئىنقىلاپقا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قايتۇرما ھۇجۇمىنى قوزغىدى .مورسى بۇقېتىملىق بۇران-چاپقۇندا مۇرەسسە يولىنى تۇتۇپ ،بۇ قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتكەن تەقدىردىمۇ سابىق ھاكىمىيەت قالدۇقلىرى ۋە دەھرىيلەرنىڭ داۋاملىق ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلىشىدىن ساقلىنىشى تەس.سابىق ھاكىمىيەتنىڭ دىندىن ھاكىمىيەتنى ئايرىش دەھرىيلىك ئىدىيە-قارىشىنىڭ مىسىر دۆلەت ئىچىدىلا ئەمەس ئەتراپتىكى قارىماققا ئىسلام ئەنئەنىلىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىدىغان پادىشالىق تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەردىمۇ ئاز بولمىغان قوللىغۇچىلىرى بار.ھەرقاچان يىرتقۇچلاردەك خىرىس قىپلا تۇرىدىغان ئىسرائىلىيەمۇ پارىس قولتۇقىدىكى مەلۇم دۆلەت بىلەن بىللە پونى زەي سالماي ئاتقاچ ئۈمۈتسىزلىك بىلەن مۇبارەكنى ساقلاپ قېلىشنى مۇراجەت قىلدى ،كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇكى  گەرچە مورسىنىڭ بىرمۇ شەخسى دۈشمىنى بولمىسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ ئىدىيەۋى دۈشمەنلىرى ھەرگىز ئاز ئەمەس.

بىر تەھلىلچى مۇنداق دىدى:ئەگەر مورسىنىڭ قىلىۋاتقىنى مۇستەبىتلىك،ياكى ھاكىممۇتلەقلىق بولسا بىز شۆھىبىسىزكى ئۆكتىچىلەرتەرەپتە تۇرغان بۇلاتتۇق،لىكىن مورسى دۇچ كىلىۋاتقان تۈرلۈك خىرىسلار بۇ يامان غەرەزلىك كىشىلەرنىڭ ‹‹ھوقۇقى چوڭلاپ كەتتى›› دىگەن ئىغۋاسىدىن خېلىلا كۆپ ۋە مۈشكۈل.ئەگەر گۇمانلىنىشقا توغرا كەلسە شۇنى ئويلىنىپ بېقىش كىرەككى مورسى بەك ئالدىراپ كەتتىمۇ-قانداق؟ئۇمۇ ئەردۇغانغا ئوخشاش ئىشنى پۇختىلىق بىلەن قىلىپ ،ئۆز ئىقتىدارىنى يۇشۇرۇن تۇتۇپ ،ئۆز ھاكىمىيتىنى ئۇبدان مۇستەھكەملەپ ،خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق مىسىر دۇچ كىلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى يۈرگۈزگەن بولسىچۇ؟ئەلۋەتتە بۇبىر مۇلاھىزە خالاس ،لىكىن مىسىر دۇچ كەلگەن بۇ ئىسلاھات ياكى ئىنقىلاپ شۆھىبىسىزكى بىر كونا دۇنيانى پاچاقلاپ تاشلاپ ،يېڭى بىر دۇنيانى كۆز ئاچقۇزدى ،شۇڭا مورسى بىلەن دەھرى كۈچلەر،غەرپلەشكەن ئىدىينىڭ  كۈچ سىنىشىشى بەلكىم داۋاملىق ئۇنىڭ ھاكىمىيەت ھاياتىغا ھەمرا بۇلىشى مۇمكىن.دەھرى كۈچلەر،سابىق ھاكىمىيەتنىڭ قالدۇقلىرى ئۇنىڭ ئىسلاھات يولىدىكى ئاساسلىق توساق،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە دوگمىچى كۈچلەرۋە ئاشقۇن كۈچلەرنىڭمۇ خىرىسىغا دۇچ كىلىدۇ.مورسى ھەقىقەتەنمۇ بىر خەۋىپ-خەتەر ئېغىزىدا تۇرىۋاتقان ئەل باشى(پىرىزدىنىت).

تەرجىمىدە:ئەلتۈزەر

مەنبە:http://www.2muslim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=424800


malman بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 02:05:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 1008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18837
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1403 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2014-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 02:06:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاۋام خەلق بىر توپ پادىغا ئوخشايدۇ............قولتىقىغا تايىقىنى قىستۇرۇپ پادىلىرىغا ئىگە بولماقچى بولغان پادىچىلار-چوقۇم ئاۋامنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىھتىياجىنى چىقىش قىلىپ قارار چىقىىرىشى كېرەك.
ھازىر پادىچىلار قوي يىلىكىنىڭ تەمىگە خۇمار بولۇپ قالغاچقا ھاسىسىنى قەدىمكىدىن ئۇزۇن ھەم چوڭ ھەتتا ئەجەللىك بولىشى ئۈچۈن كۈچىمەكتە، بۇ قەدىمكىلەرنىڭ پادىسىنى بۆرىلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلاشنى مەخسەت قىلغان ھالىتىدىن ھالقىپ ، ئوچۇقتىن -ئوچۇق تويماس نەپسى ئۈچۈن پادسىنىڭ پاچىغىنى چېقىشقا تەرەددۇت قىلىش ھىساپلىنىدۇ.

ئەجىرىڭىزگە رەھمەت. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-4 02:14 PM  


قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85430
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2012-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 02:18:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆي سېتىۋالغۇچىلار ، ئۆي ساتماقچى بولغانلارغا خوش خەۋەر
ئۇچۇرلاشقان ھازىرقى دەۋىردە شىركىتىمىز كەڭ ئۆي ساتماقچى ، ئۆي ئالماقچى بولغان خېرىدارلارغا قولايلىق يارىتىپ ئۆي سېتىش ۋە ئۆي ئېلىش ئۇچۇرلىرى بىلەن كەڭ خېرىدارلارنى خەۋەرلەندۈرۈش ۋە ئاسانلىق يارتىش ئۈچۈن يانفون تور دۇنياسىدىكى ئالاقە قۇرالى ئۈندىدار ( ۋېىيشىن يەنى 微信 ) دىن ئۆي مۈلۈك ئۇچۇر سەھپىسى تەھسىس قىلدۇق. سىز بۇ سەھىپىگە كىرگەندىن كېيىن ئۆي مۈلۈك ئۇچۇرلىرى ۋە بىلىملىرىدىن ھەرۋاقىت خەۋەردار بۇلۇپ تۇرالايسىز . ئۆي ساتماقچى ، ئۆي ئالماقچى بولسىڭىز ۋاقىت ھەم كۈچ تېجەپ قالالايسىز
سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىزنىڭ بۇرچىمىز .
سىز ئۈندىدار نى ئېچىپ دوست قۇشۇش ئورنىدىن diyar-xirkiti ياكى 2225185243 دەپ كىرگۈزسىڭىز بىزنى قۇشالايسىز . بۇ سەھىپىگە كىرگەندىن كېيىن ئۆي ساتماقچى ياكى ئالماقچى بولسىڭىز بىزگە تەپسىلىي ئۇچۇرنى ئەۋەتسىڭىز سىز رازى بولغۇدەك ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئېتىمىز. كۈندە يېڭى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بۇلۇپ تۇرسىز . تەرەققىيات ئۆز ئارا قوللاشتىن كېلىدۇ.
قانال نامى : diyar-xirkiti ياكى 2225185243

panama بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 02:56:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87606
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 38
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 62 سائەت
تىزىم: 2012-11-23
ئاخىرقى: 2014-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 04:05:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
panama يوللىغان ۋاقتى  2012-12-4 02:56 PM
خەۋەردىن كېيىن ئېلان كۆرۈڭلار دېمەكچىمۇ.


sabri@ بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 06:02:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77071
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4268
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2012-3-7
ئاخىرقى: 2014-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 07:43:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توغرا دىدىڭىز بۇرادەر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 34634
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3427
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 166 سائەت
تىزىم: 2011-3-20
ئاخىرقى: 2013-11-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 11:25:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئەلبىشى ئەردوغاننىڭ يولىدا ماڭماقچى بولۇپ، يولنىڭ يىرىمىغا كەلمەي تۇرۇپلا ئىزىقىپ كەتتى.................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75434
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4177
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 407 سائەت
تىزىم: 2012-2-11
ئاخىرقى: 2013-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 01:05:28 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشېلېقنې   بېلمەيدېغان  مېسېرلېقلار   مۇبارەك  جاجېسېنې   ئوبدان بېرېپتېكەن   نېمانداق  قېلېدېغاندۇ ئۇلار   ئېشەكنېڭ  قۇلېقېنې  كېم ئوي كەسسە  موللام شۇ دېگەن  گەپ  بېكا ئەمەستە  مۇرسېمۇ ئەسكې  ئەمەسقۇ  نېمانداق  ئەسكې  بېلەن  ياماننې  بېلەلمەيدېغاندۇ  بۇلا  ھە  دەپ بەرسە  ئېش  ئوخشايدۇ دەپ قاپتۇ  ئۇلار  ئەگەر  مۇرسې ئەسكې  بولېدېغان  بولسا  بەشەرگە ئوخشاش  قان  توكۇلگەن  بېلەن نېمە  كارې  بولاتتې  سۇريەدە  ھازېرغچە  40 مېڭ  ئادەم  ھاياتېدېن  ئايرېلدې  مېسېرلېقلا بۇنې  ئوبدان  بېلېش  كېرەك  

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش