بىر يۈرەك سۆزۈم بار ئاڭلىغىن يارەن
ئاپتورى :ئوبۇل ئوغلى قەلەمىي
بىر يۈرەك سۆزۈم بار ئاڭلىغىن يارەن ،
ئاللا دەپ قەدەملەر ئاتلىغىن يارەن .
غۇرۇرۇڭ ئىمانىڭ ۋىجدانىڭ بىلەن ،
ئاللا دەپ دىلىڭنى پاكلىغىن يارەن .
*
ئاللا دەپ قويسىلا مۇسۇلمان ئەمەس .
چىن نىيەت ئىخلاستا دىگىنى ئەۋزەل .
نىيتى بولمىسا دۇرۇس ھەم ئوچۇق ،
قىسقىراپ ئۆمىرى چىللايدۇ ئەجەل .
ئىشىنىپ يۈرمىگىن شەيتان تۈلكىگە .
ئىشەنگىن ئاللاغا ئۆزۈڭگە پەقەت .
ئاللادىن ئۆزگىگە ئىشنىپ يۈرگەن ،
قارغىشلار ئالغۇسى قەۋەتمۇ قەۋەت
ئاللاھىم ساقلىسۇن ئەھلى شەيتاندىن ،
ھەسەتخور قىلتىقى تۆھمەت بوھتاندىن .
كەمتەرلىك ھۆكمىنى سۈرسۇن ھەر زامان ،
ھەزەرلەر ئەيلەتسۇن قارا يۇققاندىن .
ئاللاغا كۆڭلىدىن يېقىن بولمىغان ،
ھېچقاچان شاپائەت كۈچكە تولمىغان .
ئاللاسىز كۆڭۈلگە شادلىق يۇقمىغان ،
ئۆلگىچە بەركەتلەر يېقىن يولمىغان .
ئاللانى سېغىنىپ تۇرغۇلۇق ھامان ،
شۇندىلا كۆڭۈللەر يورۇقتۇر ھامان .
ئاللاسىز بىزلەرگە كۈلمەس بۇ زامان ،
ئاللارنىڭ بەركىتى بىرلە بىز ئامان .
ئۆتىدۇ كۈنلىرىڭ بولۇپ بىر سىناق ،
گاھ كۈلسەڭ گاھىدا چېكىسەن پىراق .
ئارلاشقان كۈلكە ھەم يىغا ۋە بىراق -
ئەمەستۇر ھەممىسى ئاللادىن يىراق .
ھەر تىنىق ھەر نەپەس ئاللا بەركىتى .
ئاللادۇر مىھرىبان كۆپتۇر شەپقىتى .
ئاللاسىز كۆڭۈللەر دەۋزەق ئۈلپىتى .
ئاللانى سۆيگەنلەر بولۇر جەننىتى .
2012-يىلى 4-دىكابىر سەيشەنبە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-4 11:55 AM