|
|
|
|
ئۆز خاھىشىڭىز بۇيىچە ئىش قىلىپ مۇھەببەتنى ئاخىرلاشتۇرماڭ
نازاكەت يار مۇھەممەد
بىر -بىرىنى ياخشى كۆرىدىغان قىز -يىگىت بار ئىكەن .قىز يىگىتكە ئايرىلىش تەكلىپى بىرىپتۇ .يىگىت بولسا نىمىنى خاتا قىلغانلىقىنىمۇ بىلەلمەپتۇ.ئەسلىدە قىز -يىگىتنى كۆڭلۈمدە ياخشى كۆرسەملا بولمىدىمۇ دەپ ئويلاپ ،ھەر كۈنى ئۆز ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش يۈرىيدىكەن.قىزنىڭ نىمىگە قىزىىدىغانلىقىنى ،نىمە قىلىپ يۈرىيدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدىكەن .قىزنىڭ كۆڭلى يېرىم بولغاندا تەسەللى بەرمەيدىكەن.پات- پات تېلفۇن بىرىپ ياكى ئۇچۇر يوللاپ ئەھۋال سوراپ تۇرمايدىكەن .دىمەك ،يىگىت ئۆز خاھىشى بۇيىچە ئىش كۆرۈپ بۇ ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپتۇ . مۇھەببەت بىر تەشتەك گۈلگە ئوخشايدۇ ،گۈلنىڭ چىرايلىقلىقىغا مەستخۇش بۇلۇپ ،قاراپ زوق ئالسىلا بولمايدۇ. گۈلنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق چىرايلىق ئېچىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈن پات- پات سۇغىرىپ،ئۇغۇتلاپ پەرۋىش قىلغانغا ئوخشاش ،سۆيگىنىڭىزنى چۈشىنىشكە تىرىشىڭ،كۆڭلىنى ئېلىڭ .ۋاقتىدا ئەھۋال سۇراپ ،مۇڭدىشىڭ ،قىسقىسى ئۇنىڭغا كۈيۈنىدىغانلىقىڭىزنى ھىس قىلدۇرۇڭ.چۇقۇم ئەجىرىڭىزگە تۇشلۇق مىۋىگە ئىرىشىسىز . مەنبە :قانۇنچىلىق گىزىتى كومپىيوتېر مەشغۇلاتىدا سەلكىنئاي
|
|
|
|
|
|