دىل كۈيى...
زۇلەيخا
ئەزىز ئاتا،خىياللىرىڭنىڭ پەرلىرىگە ھارۋاڭنىڭ مۇڭى قوشۇلۇپ،
سەپىرىڭنىڭ غەم يوللىرىنى بېسىۋېتىپسەن. تۈرۈلگەن قاپاقلىرىڭدىن يەنىلا مېھىرلىك چېھرىڭنىڭ نۇرانىسى تۆكىلىپ تۇرۇپتۇ. -ئەشۇ دەملەردىكى سېھىرگە تولغان دەملىرىڭ ھايات-قانچە گۈزەل بولغىيدى...!؟
ئۇيغۇرۇمنىڭ بەستى ھەم مېھىرلىك چېھرى ئەكس ئەتكەن سۈپەتلىرىڭلارعا قىزىڭلاردىن سالام! شۇ چاغلاردىكى ھېچقانداق تەمە قوشۇلمىغان، ھېچقانداق خىمىيەلىك دورىلار قوشۇلمىغان قوغۇنىڭلارنى ئاتىلىرىم، ھەجەپمۇ سېغىندى كىشى. نىمىنى سۆزلىشىۋاتقان بولغىيدىڭلار ھە؟
ئىنسانلىق ۋايىغا يەتكەن، ساددىلىق ھەم باتۇرلۇق چىقىپ تۇرىدىغان مېھىرلىك چىرايىڭلارغا قاراپ،رەھمىتى ئاتام يادىمغا كەچتى.
شۇنچىلىك ساددا،مىھرىبان،ساختىلىقتىن مۇستەسنا،ھاياتنى چىنلىق بىلەن سۆيۈپ ئۆتكەن ئاتامغا جەننەت ئىنئامى تىلەيمەن .
ھەقىقى ئۇيغۇر گۈزىلىنىڭ سىماسى چاچلىرىڭدا،تەبەسسۇمىڭدا، ساددا چىرايىڭدا ئىپادە تېپىپتۇ. ئەنجۈرلىرىڭ نىمانچە ئوخشىغان . مېھماندوستلۇق قەلبىڭ بىلەن ماڭا بىرنى ئېتىۋەتكىنە،بىرلا شاپىلاقلاپ سىڭگەن مىھىرلىرىڭ بىلەن يەۋالاي.
ئۇھ...بۇ دەملەر ھە؟
ئىنچىكىلەپ قاراپ ئولتۇرۇپ،ئىنسان ھاياتىدىكى ئەسلى
ھاياتلىقنىڭ قايتا زىمىندا ئاپرىدە بولۇشىنى ئويلۇدۇم . ساپ ھاۋا،دولقۇنلۇق ھايات سەپىرى،ئىنساننىڭ حاسلىقى ئەمەسمۇ... بۇ چىرايىڭدىن بوۋا،قانچىلىك مېھىرلىك ھەم تەمكىن، ئىللىق ئاتا ئىكەنلىكىڭنى بىلىۋالدىم . قەشقىرىمنىڭ كوزىچى يار بېشىدا ئىزلىرىڭ بار ئاتا...
سېنىڭ باسقان يوللىرىڭ بار. ھالبۇكى،سەن باسقان ھاياتلىقنىڭ ئەسلى مەنىسى يوق، مېھىرلەر يوق...! ۋىييــــەي-چىرايلىق ئانا...تەبەسسۇمىڭدىن دىللىرىمنى يايرىتىۋەتتىڭ.ئىشچان قوللىرىڭدىن گۈللەر ئۈنسۇن. ئاۋۇ نەۋرەڭ، پادىلىرىڭ،گۈللىرىڭ،پاكىز ھويلاڭدىكى ئىللىقلىقتىن، كەپتەرلەرمۇ بەحت چىللاپ ھويلاڭعا كىرىپتۇ. بۇ مىھىر ئىشىكىڭدىن قەدەملىرىم كىرەلىسە ھە...!؟
مىھىرلىك ئالقانلىرىڭعا سۆيەتتىم –ئانا...!
گۈزەللىك ئالىمىنىڭ پەزىلەت بابىدا ئەخلاق مىلودىيىسىنى ياراتقان گۈزەللەرنىڭ بۇ سىمالىرىنى كىممۇ سېغىنمايدۇ؟ -ئۇيغۇرۇمنىڭ ئەتلىسى-جاھانغا مەشھۇر ئەتلىسى! ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ جۇلاسى! نىمانچە چىرايلىق لايىھە بىلەن كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ ئەمدى. پەخىرلەن زىمىن-ئۇيغۇرنىڭ بۇ شەرەپلىرىدىن پەخىرلەن..!
خوتەن-ئەزىز دىيار.
تا، ھازىرعىچە ئۆز جاھىللىقىڭ بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ئەسلى ھالىتىنى، مەدەنىيىتىنى ساقلاپ كەلگەن ئەزىزلەرگە ئاللاھنىڭ سالامى بولسۇن!
ئۇلار،دۇنيانىڭ ھىچبىر يېرىدە بولمىغان ئۇيغۇرنىڭ خاس تىبابىتى بىلەن، سەمىمىلىكنىڭ بۈيۈك ئابىدىسىنى-دۇنيانىڭ يۈرىكىگە قادىدى.
سۆرەتتىكى ھاياتلىقنىڭ ئەۋجى-مىھىرلىرىمنى ئويعۇتۇپ،بۇ زىمىنعا بولغان ھۆرمەت تۇيعۇمنى يەنە بىر قېتىم ئويغاتتى.
ئەزىزىم،قارىعىنا:بىزمۇ كېرەملىك ئاللاھتىن مانا مۇشۇنداق
قەدىناسلىقنى تىلەيلى. ئۇلارنىڭ جىسمىدىن ئىنساننىڭ بىر ئۆمرىگە يەتكۈدەك مىھىر تۆكۈلۈپ تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ قولىدىكى حەت، يۈرىكىنىڭ پارىسى ئەۋەتكەن سېغىنىش مۇڭى ئىكەن-ھە؟
بارلىق ئانىلىق مىھرىنى يىغىپ خەتنى ئوقۇۋاتقان موماينىڭ ئاۋازىغا، ئاتىلىق ۋۇجۇدى تىترەپ تۇرغان بوۋاينىڭ قۇلاق سېلىۋاتقان بۇ سىماسى يۈرۈكىمنى چېكىپ ئۆتتى.
مۇڭلۇق چىرايىڭدىن ھارعىنىڭنى سەزدىم ئاتا.
لېكىن قولۇڭدىكى گۈل ھۈنەرلىرىڭدىن پەخىرلىنىپ كەتتىم.
جاپا بولسىمۇ ھالال-مىھنىتىڭ بىلەن ھاياتلىقنىڭ شامىنى ئەجىر بىلەن يېقىپسەن . ھازىر،يوقۇلۇپ كىتەيلا دەپ قالعان بۇ ھۈنىرىڭنى روھىڭدا تىلىگىن. ساپلىق ھەم ھالاللىق ئېغىزدىن كىرىدۇ. مۈمكىن بولسىدى، ھەممە ئۆيلەرگە كىرسە- بۇ مىھىر قاچىلىرىڭ. دەردىما....
زىمىننىڭ تۆۋرىكى تاغنىڭ،غەزەپلىك تىترىشىدىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ كەتتى. مۇزلىغان بەدىنىم كۆك ئاسمانعا قاراپ،زىمىندىن ئەيمەنگەن ھالدا تېخىمۇ توڭلاشقا باشلىدى. ئوت يالقۇنى بىلەن زىمىندىكى گۇناھلارنى كۆيدۈرۋەلىگەن بولسىدى-
عەزەپلىك چاقماق بىلەن تەڭ، ياققان يامعۇرلار قەلبتىكى ئازابلارنى ھەم يۇيىۋېتەر ئىدى...
دەھشەتلىك بوران، بارلىق زىمىننىڭ يۈرىكىگە قادالغان گۇناھلارنى ئۇچۇرۇپ كېتەلىسە ئىدى...
مەن تىلەيتىم، تەبىئەتنىڭ ھەممە ھادىسىلىرىنى كۈندە تىلەيتىم .
ياراتقۇچىنىڭ بۈيۈكلىگى بىلەن قۇياشنى،تاڭلارنى، ئاي ھەم يۇلتۇزنى،بوران-شاماللارنى،قار ھەم يامعۇرلارنى،دېڭىز ھەم ئوكيانلارنى،ياپ-يېشىللىق ھەم قۇملۇقلارنى ھاياتقا تەدبىقلىدىم...
ھايات-سېنى سۆيەلىگەنلىكىم ئۈچۈن بەحىتلىكمەنكى:
غاپىللىقتىن ئويغۇنۇپ،ھايات دەملىرىمنىڭ گۈزەل پەسىللىرىگە يەتكۈزگەن تەڭرىمگە شۈكىرلىرىم بولسۇن . ئەلقىسسە-ئەزىزلەر مەن بۈگۈن مەيۈس ئولتۇرۇپ،يۇقۇرقى چىن ھاياتلىقنى سېغىنىپ، مۇڭغا چۆكۈپ كېچىنى تاڭغا ئۇلۇدۇم. ئازاپلىق يۈرىكىمدىن چىققان بۇ نىدالاردىن-دىل كۈيۈم مۇڭلىنىپ قالدى قالدى. بىر ئۈمۈد بىلەن تېمام مۇرادىغا يېتەتتى.. كىم دەپ بېرەلەركىن...؟ مەن ئۇنى دىل ئاغرىقلرىمغا شىپا قىلسام. قاراماي 2012-يىلى12-ئاينىڭ 4-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-4 11:52 AM
|