|
|
|
|
2011-يىلى ياپونىيىدە 9 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن بىر قاتار چاتما تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى، ئالدىدا دېڭىز تاشقىنى كۆتۈرۈلدى، ئارقىدىن فۇجى تېغى(FujiSan)دا يانار تاغ پارتىلىدى. ئەگەر فۇجى تېغىدا يەنە يانار تاغ پارتىلايدىغان بولسا، ئاپەتتىن قۇتۇلالمايۋاتقان ياپونىيىگە نىسبەتەن ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك بولىدۇ. ئەمما بۇ بىر قاتار ئاپەتلەردىن، ئىنسانلار مايالىقلارنىڭ 2012-يىلى زامان ئاخىرى كېلىدۇ دېگەن ئالدىن بىلگەن پەرىزىنى ئەسكە ئالماي تۇرالمايدۇ. 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى تۈن پەردىسى چۈشكەندىن كېيىن، 12-ئاينىڭ 22-كۈنى مەڭگۈ تاڭ ئاتمايدۇ. بۇ پەرەزنىڭ چوقۇم توغرا بولۇشى ناتايىن، لېكىن ئىشەنمەيمۇ بولمايدۇ. يېقىندا ئاسترونومىيە ئالىملىرى ۋە كومپيۇتېر ئالىملىرى بىرلىكتە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، 2012-يىلىدا، يەرشارىنىڭ ماگنىت قۇتۇبىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان، يەنە جەنۇبى قۇتۇپ بىلەن شىمالى قۇتۇبىنىڭ ماگنىت مەيدانى ئۆز-ئارا ئالمىشىدىكەن، ئەگەر قوياشنىڭ ھەر 11 يىلدا بىر قېتىملىق ماگنىت قۇتۇبىنىڭ ئالمىشىشغا توغرا كىلىپ قالسا، ئۇ ۋاقىتتا ماگنىت قۇتۇپىدىكى ئېغىرلىق كۈچىدە ئۆزگىرىش ھاسىل بولۇپ، ئېغىر كەلكۈن كىلىپ، يەر قاتتىق تەۋرەيدىكەن، ئالەمدىكى سەييارىلەر يەرشارىغا سوقۇلىدىكەن.( بۇ پەرەز خالاس ).
2012.12.21 كۈنى قىيامەت كۈنى دىگەن قاراش پەقەت مايالىقلارنىڭ كالىندار كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن مەيدانغا كەلگەن . 2012.12.21 قىيامەت كۈنى دىگەن كىنومۇ شۇنىڭ ئىچىدە.
مايالىقلارنىڭ يازما خاتىرىلىرىنى ئاختۇرساق ،بۇ مىللەت ھەقىقەتەن كىشىگە بەك سىرلىق تۇيغۇ بېرىدىكەن .
بۇ توغرۇلۇق توربىكەتلىرىدىن ئاختۇرۇپ كۆرسەك بولىدۇ . بىراق ھەممە ئىنساننىڭ كېلىپ چىقىشى ئوخشاش
بۇنداق دىگەنلىك مايالىقلارنى مەلۇم ھالقىش ھاسىل قىلغانغان دىگەنلىك ئەمەس ، شەخسەن پەرىزىم !
بەيدۇ دىن 玛雅人五大预言 نى ئىزدىسەك 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى قىيامەت كۈنى دىگەن قاراشقا ئازراق چۈشىنىش ھاسىل قىلىمىز .
مايالىقلارنىڭ بەش چوڭ پەرىزىنىڭ بىرىنچىسى:
1-مايا مەدەنىيتى ئاخىرلىشىدىكەن(مايا دۆلىتى ۋەيران بولغىنىغا نەچچە ئەسىرلەر بولدى، بۇ پەرەز ئىشقا ئېشىپ بولدى)
2-مايالىقلارنىڭ بەش چوڭ پەرىزىنىڭ ئىككىنچىسى: ئاپتۇمبىل ۋە راكېتا پەيدا بولىدىكەن(بۇ پەرەز ئىشقا ئاشتى)
3-مايالىقلارنىڭ بەش چوڭ پەرىزىنىڭ ئۈچىنچىسى: قانخور ئالۋاستىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە يوقۇلۇشى ئۆلۈشى(گېتلىر كۆزدە تۇتۇلىدۇ)
4-مايالىقلارنىڭ بەش چوڭ پەرىزىنىڭ تۆتىنچىسى: جاھاننى ۋەيران قىلغان ئۇرۇشنىڭ قوزغىلىشى(يەنى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرى)
5-مايالىقلارنىڭ بەش چوڭ پەرىزىنىڭ بەشىنچىسى: 2012-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنى يەنى جۈمە كۈنى قوياشنىڭ مەڭگۈلۈك پېتىپ، قايتا چىقماسلىقى (قىيامەت قايىم بولۇش).
كۆپچىلىك قىيامەتنىڭ قاچان بولىدىغانلىقىغا ئەمەس ھەقىقىي قىيامەت كۈنىگە باش قاتتۇرايلى ! كىلىمات ھادىسىسى ،ئىكىلوگىيەلىك تەڭپۇڭسىزلىق ......تەبىئەت قوينىدا بىز بۇنىڭدىن مۇستاسنا بولۇپ بولالمايمىز ...بىراق .............
مەنبە-نۇر تورى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-4 01:28 PM
|
|
|
|
|
|