پەرزەنتلەرنىڭ يىتىم بۇلۇشى شۇنچىلىك ئاسانمۇ؟
ئىچكىردىكى ئۆلكىلەرنىڭ شىنجاڭغا نوقتىلىق ياردەم بېرىش تۈرى باشلانغاندىن كىيىن، ئىچكىردىكى ھەرقايسى ئالى مەكتەپلەرمۇ تەربىيلىنىشكە كەلگەن شىنجاڭلىق ئۇقۇغۇچىلارنى كۈتىۋىلىشقا باشلىدى.بىزنىڭ مەكتەپكىمۇ بۇ يىل يۈزدەك ئوقۇغۇچى كەلگەنىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمدىلا ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ يېڭىدىن خىزمەتكە چىققانلارمۇ، ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ بىرنەچچە يىل خىزمەت ئىزدەپ يۈرگەنلەرمۇ، توي قىلىپ بالىلىق بولغان خېلى چوڭ ياشتىكىلەرمۇ بار ئىدى.بېشىدا ئارىمىزدا ئازراق يېتىرقاش بولغاندەك بولدى، كىيىن ئۆز-ئارا تۇنۇشۇپ يېقىن دوستلاردىن بۇلۇپ كەتتۇق، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىنى ھېساپقا ئالمىغاندا كۆپىنچىسى تىرىشچان، پۇرسەتنى چىڭ تۇتىدىغان، مەكتەپنىڭ قائىدە تۈزۈملىرىگە بۇيسۇنىدىغان ئەخلاقلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ئىدى. تۈۋەندە مەن ھېكايەقىلماقچى بولغىنى شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر دوستۇمنىڭ ئازراق كەچۈرمىشى، ھەقىقى بولغان ۋەقەلىك ئاساسىدا يېزىپ چىقىلدى. بىر كۈنى ياتاقتا ئولتۇراتتىم، دوستۇم ئەلىدىن تېلىفۇن كەلدى:
[/- ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم ئاداش، قانداق ئەھۋالىڭلا؟
-ئاللاھقا شۈكرى يامان ئەمەس، ئاداش مەن بىردەم كومپۇتىرىڭلىنى ئىشلىتىپ تۇراي دىگەن، ھازىر بولامۇ؟
-بولىدۇ ئاداش، مەنمۇ ياتاقتا باشقا ئىشىم يوق، ئەمىسە بىردەمدىن كىيىن ياتاقتا كۆرۈشەيلى.
- بولىدۇ ئاداش، خوش.
ئۇزاق ئۆتمەي دوستۇم ياتىقىمغا كىرىپ كەلدى:
-ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،ئاداش مەن كومپۇتىرداخوتۇن بالام بىلەن كۆرىشىۋالاي دىگەن.
-بولىدۇ ئاداش،ئەمىسە مەن چ چ نى ئېچىپ بىرەي. مەن شۇنداق دەپلا كومپىيۇتىرىمنى قوزغىتىپ چ چ نى ئېچىپ بەردىم. دوستۇم ئايالىنىڭ تورغا چىقىشىنى كۈتكەچ مەن بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇردى.
توي قىلىپ بىر يىل بولغاندا ئاللاھ بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلدى،ئاللاھقا سانسىز شۈكۈرلەر بولسۇن، ئوغلۇم ھازىر تېمەن، ساغلام چوڭ بۇلىۋاتىدۇ، ئايالىممۇ ئۆيدە يوقلۇقۇمنى چاندۇرماي بالىنى بەك ياخشى بېقىۋاتىدۇ، ئوغلۇمنى كۆرگۈم كىلىپ كۆزۈم تۆت بولدى، تىزراق تەتىل كەلسىكەن.
-ئاللاھ خالىسا ئۇ كۈنلەرگىمۇ ئاز قالدى،ئاللاھ ساق-سالامەت كۆرۈشىشكە نىسىپ قىلغاي.
شۇنداق دىدىمدە ئىچىمدە دوستۇمغا ۋە ئائىلىسىگە ھەۋىسىم كەلدى.شۇنداق قىلىپ كەچلىك تاماق ۋاقتىمۇ بۇلۇپ قالدى،ئەلى ئايالىنىڭ تورغا چىقىشىنى كۈتۈپ ياتاقتا قالدى، مەن ئەلىگىمۇ تاماق ئالغاچ كىرىدىغان بۇلۇپ تاماققا چىقىپ كەتتىم.
تاماقتىن قايتىپ كىرسەم ئەلى ئايالى بىلەن سۈرەتلىك پاراڭلىشىۋاتاتتى، مەن تاماقنى ھازىر يەۋالامسە دىگەن ئىشارەتتە ئەلىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدۇم.ئەلى ماڭا قاراپ:
-بولدى ئاداش پاراڭلىشىپ بوپ يەي.- دىدى ۋە ئايالىغاقاراپ:
-ياتاققا ئاغىنىلىرىم كىردى، ماسكىڭىزنى تاقىۋىلىڭ .-دىدى.
ئەلىنىڭ ئايالى بەك ئىرەن قىلىپ كەتمىدىمۇ ئەلى ئارقىدىنلا يەنە:
-ماسكىڭىزنى تاقىۋىلىڭ دەۋاتىمەن، ياتاقتا باشقادوستلۇرۇم بار، نامەھرەم بولىدۇ.
-ۋاي-ۋۇي،نىمانداق قىپ كىتىسىز، مەن بىر نەسەيەۋاتقان يەپ بوپ تاقايچۇ، بىردەملىككە نىم بولاتتى.
-مەن كىمگە گەپ قىلدىم؟ ماسكىڭىزنى تاقاڭ دىسەم نىمە دەپ تاقىمايسىز؟ يەنە مەن بىلەن گەپ تالىشىسىزغۇ، مەن ئەر، سىز خوتۇن، ئاچچىقىم كىلىپ بولغۇچە تىز ماسكىڭىزنى تاقىۋىلىڭ، نامەھرەم بولىدۇ.
-ماڭا نىمە ۋاقىرايسىز؟ ئېغىر كەلگەن ئوخشىمامدىمەن؟ بىر بالىنى تۇغۇپ بېقىش ئاسانمىكەن، سىزگە يۈك بولمايمەن ئېغىر كەلگەن بولسام ئۇچۇق دەڭ، ۋاقىرماي.
-.........
بۇلارنىڭ پارىڭى مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مەن تېلىفۇنۇمنى ئالدىم دە ‹‹تېلىفۇن سۆزلىشىپ كىرەي ›› دەپ قويۇپ سىرتقا چىقىپ كەتتىىم ،ئالى مىنىڭ ئالدىمدا ئايالىنىڭ گەپ ياندۇرغانلىقىدىن بەك خىجىل بولغانىدى، چىرايىدىن ئاچچىقى كەلگەنلىكى چىقىپ تۇراتتى.(مەن مۇشۇ يەرگە كەلگەندەچىقىپ كەتتىم، تۈۋەندىكىسى ۋەقەدىن كىيىن ئەلىنىڭ ماڭا دەپ بەرگىنى).
-خوتۇن نىمانداق قىلىسەن ،ياتاقتا دوسلۇرۇم باردىگەندىكىن ماسكاڭنى تاقىۋالساڭ بولمامدۇ؟ نامەھرەم، گۇناھ بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ماڭا گەپ ياندۇرغىنىڭ بولمىدى.
-مەنمۇ شۇ بىردەمدىن كىين تاقاي دىدىمغۇ، نىمەماڭا ۋاقىرايسىز؟ مەن سىزنىڭ ۋاقىرىشىڭىزنى كۆتۈرمەيمەن ،يۈك بوپ قالغان بولسام ئۇچۇق دەپ خېتىمنى بىرىۋىتىڭ، ھەرگىز سىزگە يۈك بولىۋالمايمەن.
-بۇ نىمە دىگىنىڭ؟مەن گىپىمنى ئاڭلا دەۋاتىمەن،گۇناھ بولمىسۇن دىدىم شۇ. مەن ئاجرىشايلى دىدىممۇ؟ نىمانداق ساراڭلىق قىلىسەن؟ دوسلۇرۇمنىڭ ئالدىدا يۈزۈمنىمۇ قويمۇدۇڭ، نىمە دەپ چىشىمغا تىگىدىغانسە بۇگۈن؟
-مەن شۇنداق ساراڭ، ئىچكىرگە بېرىۋىلىپ بەك ياخشىلارنى تاپقان ئوخشايسىز، شۇ ياخشىلار بىلەن ئۆتىۋىلىڭ، ھازىرلا خېتىمنى بىرىۋەتسىڭىز ھەرگىز خاپا بولمايمەن.
-ھېلى دىگىنىڭگە پۇشايمان قىپ قالىسە،
-پۇشايمەن قىلمايمە،نوچى بولساڭ ھازىرلا خېتىمنى بەر.
بۈگۈندىن باشلاپ ئاناڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئولتۇر،سەندەك گەپ ئاڭلىمايدىغان بىشەم خوتۇنۇم يوق، ھەممە يىرىڭنى ئېچىپ قويۇپ يۈرسەڭمۇ گەپ قىلمايدىغان ئەردىن بىرسى چىقار ساڭىمۇ......
-ئىسىت سەن بىلەن توي قىلىپ ئۆي تۇتقىنىم، ئىسىت ساڭا بالا تۇغۇپ بەرگىنىم،ئىسىت............
دەل مۇشۇ چاغدا ئەلىنىڭ قېيىن ئانىسى ئۆيگەكىرىپ كەلدى ۋە قىزىنىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى،ئەلىنىڭ ئايالى پىلىموتتەك سۆزلەۋاتاتتى،قېيىن ئانا قىزىغا گەپمۇ قىلمىدى، ئۇرۇشماڭلار دەپ نەسىھەتمۇ قىلمىدى،قىزىنىڭ كارامىتىدىن پەخىرلەنگەندەك قاراپ ئولتۇراتتى. ئەلى ئاچچىقىغاچىدىماي كومپۇتىرنى ئۆچۈرۋەتتى.
-ئاداش،سەل ئىتتىكلىك قىلىپ قويدۇڭلارمۇ قانداق؟ نىمىلا دىگەن بىلەن ئوغلۇڭلار بار ئەمەسمىدى؟-دىدىم مەن ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن .
-ئاداش،-دەپ گەپ باشلىدى ئەلى :
-قارىمامسىلە مەن بىلەن تەڭ تۇرۇپ گەپ تالىشىۋاتقىننى، يەنە گەپ ياندۇردى، بىر چىرايلىق تەربىيە قىلسام ئاڭلىمىدى،نامەھرەم بولىدۇ، گۇناھ بولىدۇ دىسەم پىسەنت قىلىپ قويمىدى ،بۇنداق ئازراقمۇ گۇناھ تۇيغۇسى يوق خوتۇن بىلەن قانداقمۇ ئۆي تۇتاي؟ بالىلىرىم مۇشۇنداق ئانىنىڭ قولىدا چوڭ بولسا قانداق ئادەم بولۇپ چىقىدۇ؟ بۈگۈن-ئەتە ئاللاھ قىز پەرزەنت ئاتا قىلسا ،قىزىمنى قانچىلىك تەربىيلىمەكچى؟ ئانا ئۆزىنىڭ ئەخلاقى،بىلىمى بىلەن پەرزەنتتە چوڭقۇر تەسىرقالدۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ قانداق ئادەم بۇلۇشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بالىلىرىمنى بۇنداق ئانىنىڭ قولىغا قويۇشتىن ئەنسىرەۋاتىمەن. ئاللاھ نىسىپ قىلسا پەرزەنتلىرىمنى بىزنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى ياخشى چۈشىىنىدىغان، ھەقىقى ئۇيغۇر،ھەقىقى مۇسۇلمان قىلىپ تەربىيلەپ چىقىمەن..........
ئەلىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ بۇلۇپ ئۇزاققىچە خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ كەتتىم.
مەنبە:ئۆزۈم . شەھىرى گۇاڭجۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-3 11:26 PM