ئەمەس
( غەزەل )
كۆزۈڭگە سەت كۆرۈنگەننىڭ ھەممىسى دۈشمەن ئەمەس،
خاپا قىلار دوستمۇ بەزەن ۋە لىكىن ئۇ ئۆچمەن ئەمەس.
دەرت تۆككەندە بىرسى ساڭا يايرى ئۈچۈن يىغلاپ تۇرۇپ،
زاڭلىق قىلما قىنى كىملەر يار دەردىدە دەرتمەن ئەمەس؟
ھەزەر ئەيلە غەيۋەتكوردىن ياتلاشتۇرار تۇغقاننىمۇ،
كۆزدىن يوقات دەللال دىگەن ئادەتتىكى شۇمپەن ئەمەس.
قەدىرلەپ ئۆت دىھقاننى سەن قولدا بار بەخىت ئەڭگۈشتىرى،
چۈشەنسەڭ ئۇ بىر گۆھەركى ئاددىيلا بىر كەتمەن ئەمەس.
بىر ئېش قىلساڭ ئەجىر قىلغىن بەلنى باغلاپ ۋايسىماستىن،
ھەر قانداق بىر گۈزەل مۇھىت مۇشەققەتسىز كەلگەن ئەمەس.
تۇغۇلىدۇ زەردارلارمۇ ئەل قاتارى جۈپ قول بىلەن،
ئەجىر قىلىپ باي بولغاندۇر ئاللا جىق قول بەرگەن ئەمەس.
قوي باققانلار گۆش يەيدىكەن ،ئوڭدا ياتقان قۇرۇق ھاۋا،
ئەزەلدىن كىم ئازغان تىكتى ئۇ يەردىن گۈل تەرگەن ئەمەس.
ھورۇنلۇقنىڭ پاتقىقىغا پىتىپ ياتقان ئادەملەرنىڭ،
ھاياتىدا قولى تۆت تال يارماقنىمۇ كۆرگەن ئەمەس.
ئش ئەمگەكتە بەدەن ساغلام،تۇرار نىرى كىسەللىكتن،
زەئپلىكنى،مەينەتلىكنى ھىچبىر كىشى سۆيگەن ئەمەس.
ئەجىر قىلماي مۇمكىن ئەمەس ئامۇت تىلەش سۆگەتلەردىن،
بۇنى بىلگەن ئەقىللىق زات بىردەم بىكار يۈرگەن ئەمەس.
سەۋەپ قىلساڭ سۇ توختايدۇ بەزى چاغدا سىۋەتتىمۇ،
سەۋەپسېزلا قاقاس چۆلدە گۈل-گىياھلار ئۈنگەن ئەمەس.
ئىلىم ئەھلى ياقتۇرمايدۇ ئەزەلدىنلا تاماشىنى،
دانىشمەنلەر غاپىللاردەك پاراغەتلەر سۈرگەن ئەمە س.
چىقىشالماس ئالىم پەقەت ئۆز ئۆمرىدە زالىم بىلەن،
توغرا يولدا ماڭغان كىشى خاتا يولغا كۆنگەن ئەمەس.
قۇلاق سالغىن بۇ نەسىھەت ئەسقاتىدۇ ھامان بىر كۈن،
ئاقىل كىشى نەسىھەتنى قۇرۇق گەپ دەپ بىلگەن ئەمەس.
نۇر ئەھمەدجان روزى(سۇلتاننۇر) مۇڭداشقۇ :858041075
2012-يىلى 3-دىكابىر (ئۈرۈمچى)