مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3209|ئىنكاس: 36

يىلان نىمە ئۈچۈن ئۆزتىنىدىكى زەھىرىدە زەھەرلىنىپ قالمايدۇ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74767
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4557
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2013-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 08:36:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يىلان نىمە ئۈچۈن ئۆزتىنىدىكى زەھىرىدە زەھەرلىنىپ قالمايدۇ

(مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە )


  ئوتتۇرا مەكتىپىمنىڭ تىل-ئەدەبىيات گۇرپىسىنىڭ  غوللوق ئوقۇتقوچىلىرىدىن بىرسى بولغان بۇرۇتسىز ئوقۇتقوچۇمنىڭ :‹‹ئەسەر يېزىشتىن بۇرۇن ئاۋۋال تېما بەلگىلەپ ئاندىن يېزىش كېرەك›› دەپ دەرس ئۆتكىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە. بىر ساۋاقدىشىم :‹‹ئەسەرنى يېزىپ بولۇپ تېما بەلگىلىسەك بولمامدۇ؟›› دەپ سوئال سورىسا،ئوقۇتقۇچىمىز:‹‹مەن نېمىنى ئۈگەتسەم شۇنى ئۈگىنىڭلار،بولمىسا ئالى مەكتەپ ئىنتىھانىدا ياخشى نەتىجە ئالالمايسىلەر ››دېگىنى خۇددى ھازىر دېگەندەكلا قۇلاق تۈۋۈمدە تۇرۇپتۇ.دېمىسىمۇ ئۇ ئوقۇتقوچىمىزنىڭ ئالى مەكتەپ ئىنتىھانىنىڭ تىل-ئەدەبىيات ئىنتىھانىدا ئوقۇغۇچىلارنى يۇقىرى نومۇر  ئالغۇزالايدىغان‹‹ھۈنىرى››بار ئىدى. مۇئەللىمنىڭ دېگىنى بويىچە تەكرار قىلىدىغانلا بولساق، 120نۇمۇر دىن ئاشۇرۇپ ئېلىشنىڭ تەس ئەمەس ئىكەنلىكىنى مەن باشقىلاردىنمۇ كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم.ئۇ مۇئەللىم ھەر قىتىملىق باھالاشتا ئىلغار بولۇپ باھالاندى .لىكىن ھازىر مىنىڭ تىل-ئەدەبىياتتا يوقاتقىنىم ئېرىشكىنىمدىن كۆپ بوپتۇ...

  ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق،پۇتۈن ئەتراپنى سوغۇق قاپلىغان.شىنجاڭ ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنىڭ ھازىرقى ھاۋاسى ئادەمنى سەسكەندۈرگىدەك دەرىجىدە سوغۇق.بۇرۇن بۇنداق سوغۇقلاركۆپ بولغان، لىكىن سوغۇقنىڭ كېلىش ۋاستىسى ئوخشىمىغان. يەرلىكلەر بۇنداق سوغۇقلارغا چىدىغان،ھازىرمۇ چىدايدۇ.ئادەم نىمىگە بەرداشلىق بەرمەيدۇ دەيسىلەر،مەنمۇ بەرداشلىق بېرىۋاتىمەن.ئەگەردە تىنىمنىڭ ئىمۇنىت كۈچى ئۆز كونتۇرۇللۇقىنى يوقىتىپ سۇغا چۈشكەن لايدەك بولۇپ قالىدىغان بولسا ئاقىۋەتنى تەسەۋۇر قىلماق تەس.بەلكىم بۇ دۇنيادىن پۈتۈنلەي يوقۇلۇپ كېتىشىم مومكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن چىداش لازىم.

  سىنىپ ئىچى سىرتقا قارىغاندا سەل ئىسسىق،ئەسلى نەزەريە جەھەتتە ناھايىتى ئىسسىق بولىشى كېرەك ئىدى.چۈنكى ئىسسىتىش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تولۇق،ھەممىسىنى دېگۈدەك ئالماشتۇرغان.لىكىن ئامال يوق.كىملەدۇر ئەيتاۋۇر بىرلىرى تۇرۇپ-تۇرۇپ ھاۋانى ئالماشتۇرۇشنى باھانە قىلىپ سىنىپنى مۇشۇنداق مۇزلىتىۋەتكەن،يا سىنىپ باشلىقىمىزنىڭ كارى بولمىغان يا ئۈگىنىش باشلىقىمىزنىڭ.ئۇلار ئۆز مەنپەئىتى بىلەن ئالدىراش.ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى تىلىفۇن ئۇينىماقتا،دەرس خوش ياقمىغان بولغاندىن كىيىن ئۆزىگە خوش ياقىدىغان ئىشنى قىلماي نە ئىلاج. ئوقۇتقوچىلارمۇ قىززىق،ھە دېسىلا سىلەر ئۇنداق سىلەر مۇنداق دەپلا كايىيدۇ.ھەممىنى ئوقۇغۇچىلاردىن كۆرگىلى بولامتى؟ كىمنىڭ تىرىشقىسى يوق دەيسىلەر. دۇنيادا ئېسىل ياشىغان ئوغۇزنىڭ ئەۋلادى تۇرۇپ تىرىشىش ھۆجەيرىسى يوق دېسە كىمنىڭ ئەقلىدىن ئۆتىدۇ.‹‹ئاQ››بولسا:‹‹ئەجدادىم سىلەرنىڭكىدىن ئېسىل ئىدى››دەپ ماختانسا بۇ خىل روھنى ‹‹ئاQ››چە روھ دەپ مەسخىرە قىلىپ ئۈگەنگەن ئىدىم.لىكىن مەنچە بولغاندا ئەجداتلاردىن پەخىرلىنىش ياخشى ئىش. ھازىر‹‹ مەھمۇد كاشغەرى››،‹‹يۈسۈپ خاس ھاجىپ››،‹‹ئابدۇخالىق ئۇيغۇر››،‹‹لوتپوللا مۇتەللىپ››،‹‹ئەخمەتجان قاسىمى››،‹‹سەيپىدىن ئەزىزى››قاتارلىقلارنى ھەقىقى تۈردە  بىلىدىغانلار زادى قانچىلىك بۇنىسى ماڭا نامەلۇم. مىنىڭ بىلىدىغىنىم بولسا شىنجاڭ ئونۋىرسىتىتىنىڭ ئېسىل كەسىپلىرىگە بىر نەچچە يىل ئىلگىرى قوبول قىلىنغان ئىنى-سىڭىللىرىمنىڭ  كۆپىنچىسىنڭ بىلمەيدىغانلىقى.ئۇلارنىڭ تىل- ئەدەبىيات ئىنتىھانىدا ئالغان نەتىجىسى بولسا 120 دىن تۆۋەن ئەمەس. مانا بۇ بىزنىڭ زىيالىرىمىز.ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن كىملىك ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىر ئۆمۇر بىلمەي ئۆتۈپ كېتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.بەلكىم ئوقۇرمەنلەر سەن زادى قانچىلىك نىمە ئېدىڭ، مىللەتنى ئۇنداق بۇنداق دەيدىغان دېيىشى مومكىن،مەن بىر ئاددى ئادەم،ئاددى بولغاندىمۇ ناھايىتى ئاددى.لىكىن مەندە مىللەتنىڭ خىيالى بار.مىللىتىمنى ھەر ۋاقىت سۆيەلەيمەن.لىكىن تىرىشىمەن-تىرىشىمەن قىردىن ئاشالمايمەن.بۇنى مەن مائارىپتىن كۆرىمەن. ماڭا ماس كەلمىگەن مائارىپ مىنى مەن قىززىقمايدىغان نەرسىلەرنى ئۈگىنىشكە زورلاۋاتىدۇ.دۆلەت نىمە كويدا بىزنىڭ مىللى مائارىپىمىز نىمە كويدا.مائارىپنى مائارىپ چۈشەنمەيدىغانلار ئۆز قولىغا ئېلىۋالسا شۇنداق بولامدىكىن تاڭ.

  ئالى مەكتەپكە يېڭى كەلگەن چېغىمدا بىزنىڭ سىنىپتا تىرىشمايدىغان بالىلار ئاساسەن يوق ئىدى.كۆپ قىسمى ناھايىتى تىرىشاتتى، بىلىمگە ئىنتىلاتتى.ھەممىسى دەرىسلەرنى پۈتۈن دېققىتى بىلەن ئاڭلايتتى.لىكىن بارا-بارا زېرىكىشلىك،بىر رېتىمدىكى،ساختىلىققا تولغان مەكتەپ موھىتى بىزنى مۇشۇنداق مىخانىزىملاشتۇرۇپ زېرىكىش تەرەپلە قاراپ سىلجىتتى. مۇئەللىم نىمىلەرنى سۆزلەۋاتىدۇ بىلگىلى بولمايدۇ.بىلىشكە شۇنچە تىرىشساقمۇ ھەممىسى قۇرۇق گەپ،نەزەريەگە تولغان.ئوقۇتقوچىلارنىڭ كىتاپتىن قۇتۇلۇپ چىقىش ئويى يوق،ھە دېسىلا،بىر نەچچە ئادەمنىڭ كاللىسى بىلەنلا تۈزۈپ قويولغان كىتاپقا ئېسىلىۋالغان.ئۆز كۆز قارىشى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يېڭى-يېڭى نەرسىلەرنى سۆزلىمەيدۇ. ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسىلا ئىنىستوتنىڭ بىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنى مۇشۇ دەپلا قۇتىلىدۇ.رېتىم يەنە ئۆز خائىشى بىلەن ماڭىۋىرىدۇ.بۇنداق بولسا بىز زېرىكمەي كىم زېرىكىدۇ. مەنمۇ زېرىكتىم. بىردەم يېنىمدا ئولتۇرغان قىز بىلەن پاراڭ سىلىپ ۋاقىت ئۆتكۈزگۈم كەلدى.

-دەرس ئاڭلىماي ناخشا ئاڭلاۋاتىسىزغۇ؟

-بۇ دەرىسنىڭ نەرىنى ئاڭلىغۇسى كېلىدۇ.

-بۇرۇن بەك تىرىشاتتىڭىزغۇ؟

-تىرىشىپ ھاردىم،تىرىشمىساممۇ ئوخشاشكەن،ئىنتىھاندىن ئۆتسەكلا بولمىدىمۇ.

راس دەيدۇ ئالى مەكتەپنىڭ ئىنتىھانىدىن ئۆتمەك ئۇنچىۋالامۇ تەس ئەمەس.ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ GDPسى دۇنيادا 2-ئورۇندا تۇرۋاتقانلىقىنى خەۋەرلەردىن ئاڭلاپ قالىمىز.لىكىن GDPسى 2-ئورۇندا تۇرۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىدىكى ئالى مەكتەپلەر زادى قانداق ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ؟بۇنىسى ھەممىمىزگە ئايان.سۇغا چۈشمەي تۇرۇپ سۇنىڭ قانچىلىك چوڭقۇر ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ.بۇنىڭدىن بىرنەچچە يىل بۇرۇن مىنىڭ بىر تونۇشۇم ئالى مەكتەپنىڭ پۇتتۇرۇش يىلىغا قەدەم قويدى.ئۇ ئالى مەكتەپ ھاياتىدا بىرەر قېتىممۇ پەندىن قېلىپ باققان ئوقۇغۇچى ئەمەس،لىكىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى جىددى ئۆيگە قايتىدىغان بولۇپ قېلىپ ‹‹ئالى ماتىماتىكا››ئىنتىھانىنى بېرىدىغان چاغدا ئۆيگە كىتىپ قالدى.شۇ ئىنتىھانغا قاتناشمىغان پىتى تا پۇتتەرگىچە بۇ ئىنتىھاننى بەرمىگەن ئىكەن.پۈتتۈردىغان يىلى بەرسە مۇئەللىمى ئۆتكۈزمەپتۇ.7،8پەندىن قالغانلار ئىنتىھانلاردىن ‹‹مۇۋاپىقىيەتلىك››ئۆتۈپ ئالى گۇۋانامىسىنى ئېلىپ كەتتىيۇ، تونۇشۇم ئوقۇش پۇتتۇرۈش كىنىشكىسىنى ۋاقتىدا ئالالماي بەك ھار ھېس قىلدى.تونۇش مۇئەللىملىرىنى ئىزدىسە، يەرلىك مەھسۇلاتلارنى ئېلىپ ئۆيىگە بېرىپ بېقىڭ دەپتۇ.ھازىر مەسئولىيەتچان ئوقۇتقوچىلارنى تەستە ئۇچرىتىدىغان بولۇپ قالدۇق،كۆپىنچىسى مەسئولىيەتتىن قاچىدۇ.سوتسىيالىزىم دۆلىتىنىڭ نېنىنى يەپ تۇرۇپ شەخسى مەنپەئەتنى جان مەنپەئەت دەپ بىلىدۇ.ھەي بىچارە ئوقۇتقۇچىلار .خۇدايىم ساقلىسۇن ئۇنداق ئوقۇنقۇچىلاردىن بولۇپ قېلىشتىن.تونۇشۇم يەنە بىر يىلى يەنە بەردى،يەنە ئۆتكۈزمەپتۇ.ئۇ تۈگۈشۈپ كەتتى.ھەر قىتىملىق ئوقۇتقۇچى تولۇقلاش،مەمۇرلۇق ئىنتىھانلىرىنىڭ يازما قىسمىدىن ئۆتۈپ ئەمەلىيىتىگە كىرەلمەسلىك نىمە دېگەن ئېچىنارلىق ئىش ھە؟ تەلىيىگە يارىشا خەنزۇچە سەۋىيىسى خېلى ياخشى ئىدى،بىر شىركەتتە 4000نەچچە يۈز يۇەن مائاش ئېلىپ ئىشلەۋاتىدۇ.ئىنتىھان دېسە بېشى ئاغرىيدىغان بولۇپ قاپتۇ.مەكتەپنىڭ بوسوغۇسىدىن پۇتىنى ئالغۇسى يوق ئىكەن.كېنىشكىسىنى تېخى ئالماپتۇ.مىللى ئوقۇتقۇچى مىللى ئۇقۇغۇچىنى ۋەيران قىلدى دېگەن گەپقۇ بۇ.

  ئۈرۈمچىدە ئوقۇۋاتقان دوستلورۇمنىڭ كۆپىنچىسى كىيىن بالىلىرىنى ئۈرۈمچىدە ئوقۇتۇش نېيىتىنىڭ يوقلققىنى،ئوقۇتماسلىققا رازىكىن بۇ يەرگە ھەرگىز ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېتتى.ھەي ئۈرۈمچى!بىچارە ئۈرۈمچى،سەن بۇرۇنمۇ مۇشۇنداق بىچارىمىتىڭ؟

  -مۇئەللىمدىن بىر سوئال سوراپ باقامسىز؟دېدى ھېلىقى قىز ساۋاقدىشىم.

-نىمە ئۈچۈن؟دېدىم مەن.

-سورامسىز سورىمامسىز؟

مەن ئادەتتە سىنىپتا ئوقۇتقوچىلىرىمدىن كۆپ سوئاللارنى سوراپ تۇرىۋالاتتىم.لىكىن كۆپ سانلارسا سورىغان سوئالىمنىڭ جاۋابى مەن سورىغان سوئال بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ بىلىنەتتى.ئىككى گەپنىڭ بىرسى بولسىلا ‹‹سىز سورىغان سوئالنى يەنە بىر نەچچە سائەتلىك دەرستىن كىيىن ئۆتىمىز دەپلا قوياتتى.بىرنەچچەسائەت دەرس ئەمەس بىرنەچچە ئون سائەت سائەت دەرس ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ سوئالىمغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر جاۋابى بار مەزمۇن بار يەرلىرى ئۇچرىمايتتى.

-سوراي. دېدىم مەن.

بىئولوگىيەلىك موھىت دېگەن دەرس ئۆتىلىۋاتاتتى.بايام مۇئەللىم يىلان توغۇرلۇق بىرمۇنچە نىمىلەرنى كىتاپتىكىگە ئوخشاش قىلىپ سۆزلىگەن ئىدى.

-نىمە ئۈچۈن يىلان ئۆز تىنىدىكى زەھەردە زەھەرلىنىپ ئۆلمەيدۇ؟دەپ سوراڭ دېدى ئۇقىز.

ھاڭ-تاڭ قالدىم .بۇ سوئالغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىشنى دەماللىققابىلەلمىدىم . ئىچىمدە مۇئەللىم بەلكىم ‹‹چۈنكى يىلاننىڭ تېنى زەھەرگە تاقابىل تۇرالايدىغان دەرىجىدە تەرەققى قىلغان››دەيدۇ دەپ ئويلىدىم.

قولۇمنى كۆتۈرۈپ مۇئەللىمدىن سورىدىم.لىكىن مۇئەللىمنىڭ جاۋابى مېنىڭ ئويلىغىنىم بىلەن ئوخشاش چىقمىدى.بەرگەن جاۋابى  مىنى قايىل قىلالمىدى.

  ھازىر ئالى مەكتەپلەردە ئوخشاش ئىش ئورنىدا ئىشلەپ تۇرۇپ ئوخشىمىغان مائاش ئالىدىغانلار ئاز ئەمەس.تۆۋىنى 2000يۇەن يۇقىرى ئون نەچچە مىڭ يۇەنگىچە.بۇنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟

ئالى مەكتەپ ئوقۇتقوچىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياخشى ئەمەس دېگىنىم ئەمەس.نې ياخشى ئوقۇتقۇچىلار بار.ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ھەممە دەرس ۋاقتىدا ئويناپ ئولتۇرىدىغان ئەھۋال بىزنىڭ سىنىپتا يوق.چۈنكى بەزى دەرىسلەرگە شۇنچىلىك كىرىشىپ كىتىمىزكى ۋاقىتنىڭ قانداق ئۆتكەنلىكىنى بىلمەيلا قالىمىز.سىنىپتىكى كەيپىيات شۇنچىلىك قىزغىن،ئاشۇ دەرسنى ئۈگىنىش ئىستىكى شۇنچىلىك كۈچلۈك.چۈنكى ئۇ ئەقىللىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆتكەن دېرىسىدە.ئوقۇغۇچىلار ئەقىللىق دەپ ئايرىلسا بولىدىكەنۇيو ،ئوقۇتقۇچىلارغا ئەقىللىق دەپ باھا بېرىلسە بولمامدىكەن؟ئۇلارخىزمەتكە ئورۇنلىشالىغانلىقى ئۈچۈنلا ھەممىسى ئەقىللىق بولۇپ كەتمەيدىدە.

  مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مۇنداق دەپ سورىغىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە:‹‹بىزنىڭ نىمە ئۈچۈن مۇشۇنداق جاپالىق خىزمەتنى شەرەپ دەپ قىلىدىغانلىقىمىزنى بىلەمسىلەر؟››ھەممىمىز مائاشى ياخشىدە دېدۇق.ئوقۇتقۇچىمىز‹‹مائاش؟مائاشىمنى سىلەرگە دېسەم ھەيران قالىسىلەر سەۋەبى شۇكى مەن ئەۋلاتلارنى تەربىيەلەۋاتىمەن،ئەۋلاتلارنى ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەش ساۋاپلىق ئىش...››دەپ جاۋاب بەردى.بىز ھەممىمىز سۆيۈندۇق.

  بىزنىڭ سىنىپتا دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا سىرتتىن ئۆز لايىقىدا ئىش تىپىپ پۇل تاپىدىغانلار خېلى بار.ئۇلارنىڭ تۆۋىنى ئېيىغا500-600يۈەن،يۇقىرى بىرەر مىڭ سوم مائاش ئېلىپ ئىشلەيدۇ.لىكىن تاپقان پۇلىنىڭ بەركىتى يوق.مەنمۇ ئىشلەپ باقتىم،گەرچە ئۆيدىن كەلگەن پۇل ئايدىن-ئايغا يېتەرلىك يەتسىمۇ،ئىشلەش قارارىغا كەلگەن ئىدىم.ئەسلى بىز شۇنچە يىراق يوللارنى بېسىپ ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەن بولغاندىن كىيىن،مەنچە بولغاندا ئىشلەش تازا دۇرۇس ئەمەس.بۇ دېگىنىم ئىشلىسە بولمايدۇ دېگىنىم ئەمەس.مەن ئىشلەش جەريانىدا ھارغۇنلىق ھېس قىلىدىغان بولۇپ قاندىم.زىرىكىشلىك دەرسلەر تېخىمۇ تېتىماس بولدى،ئۇخلىغىملا كېلىدىغان بولۇپ قالدىم.شۇڭا ئىشلەشنى توختاتتىم.ئۈرۈمچى دېگەن قىززىق جايكەن.ئىشلەيدىغان ئورۇن جىق،لىكىن پۇلنىڭ بەركىتى يوق.پۇل يىغىپ باقتىم،ئۇ  ئولتۇرۇش،بۇيىغىلىش،ئۇتاماققا،بۇ تاماققا دېگەن باھانىلەر بىلەن شۇ پۇلمۇ تۈگەيدىكەن.مىنىڭ كەمچىللىكىم يىنىمدا پۇل بولسا بەك ئاسان تۈگىتىۋىتىمەن.شۇڭا ئاپام مەندىن بەك ئەنسىرەيدۇ.لىكىن پۇل دەپ جىدەل قىلمايمەن،بۇيەرىمدىن خوشال.

  دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا مەلۇم بىر ئورۇندا ئىشلەۋاتقان ساۋاقدىشىم ،مەلۇم بىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ مەلۇم بىركۈنى ئايرىمخانىدا مەلۇم بىرسىنىڭ قۇچىقىغا چىقىپ ئاپپاق-چاپپاق بولۇپ كەتكىنىنى كۆرۈپ قاپتۇ.بۇگەپنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم.ئۆز قۇلقۇمغا ئېشەنمەيلا قالدىم.

  ئىشپيۇنلىق دېگەن بۇ ئاتالغۇنى ھەممىمىز بىلىمىز.ئۇنداقلارنى كېنۇلاردا تولا ئۇچرىتىمىز.ئاڭلاشلارغا قارىغاندامەلۇم بىر ‹‹باشلىق›› مەلۇم بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئالدىغا 2000يۈەندىن كۆپ پۇلنى قويۇپ، ئۆزىگە ئىشپىيۇنلىققا سالماقچى بوپتۇ.ئۇ ئەقىللىق ئوقۇغۇچى بولغاچقا ئۇنىماي مەكتەپ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپتۇ...

  جىق نەرسىلەرنى يازغۇم باتتى،لىكىن ئوقۇرمەنلەرنى زېرىكتۈرۈپ قويماي دېدىم.بەلكىم يازغانلىرىم سىلەرگە ياقمىغاندۇ؟لىكىن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ دېڭشاۋپىڭچە روھنى جارى قىلدىم.




  


  

  

     




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qidax تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-3 09:06 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
othor + 111 ماختاشقا تېگىشلىك
uytag + 99 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 210   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87830
يازما سانى: 330
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1230
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 96 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2013-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 09:00:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گەرچە مەزمۇنى چىچىلاڭغۇ بولسىمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ كۆرگەنلىرىڭىزنى يىزىپسىز،

ئەسسلامۇ -ئەلەيكوم تاۋباۋ توردۇكىمىزدىن تېلىفۇنغا پۇل قاچىلسڭىز ئىشەنچىلىك. چ چ  مۇلازىمەت ۋە 穿越火线cfمۇلازىمەت كەسپلىرى بارcolor] m]كارتون تور دۇكىنى مەرھەمەت،كارتون توردۇكنى مەرھەمەت مىنى چىكىڭ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87376
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 856
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 35 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-1-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 12:33:40 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ۋاھ يەنەبىر مۈكاپاتلىق .ئەسەر پائالىتىگە
ئۈتۈق تىلەيمەن

مۇنبەردە قالايمىقان پۈچەك ئىنكاس يازماڭ !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5251
يازما سانى: 849
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 91636
تۆھپە نۇمۇرى: 2105
توردا: 1225 سائەت
تىزىم: 2010-7-31
ئاخىرقى: 2013-3-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 01:50:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يامان ئەمەس يېزىلىپتۇ ...  يازغان ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتلىق  ئەسەر پائالىيەتكە تاللىنىشقا تىلەكداشمەن ....... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   GLADIATOR تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-4 01:53 AM  


ھەددىدىن زىيادە ئاق كۆڭۈل ئادەم ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايدۇ ،

قەدىرلىگىن سىنى

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26265
يازما سانى: 821
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11364
تۆھپە نۇمۇرى: 567
توردا: 7372 سائەت
تىزىم: 2011-1-15
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 02:05:47 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلگەن ئادەمگە خېلى ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز. گەرچە ئۈزىڭىزنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن رىئال تۇرمۇشىمىزدا مەۋجۇت بۇلۇۋاتقان نۇرغۇن ئەمىلى مەسىللەرنى ئوتۇرۇغا قويغان بولسىڭىزمۇ يەنىلا « ئىدىيىدە ئازات بۇلۇش »تىن ئىبارەت رىئال بىر مەسىلىنى ئۇستۇلۇق بىلەن يۇرۇتۇپ بىرىشكە تىرىشىپسىز؟ رەخمەت سىزگە ۋاقىت شارائىتىڭىز يار بەرسە مۇشۇنداق ئىسىل تىمىللىرىڭىز  مۇنبەردىن ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن !

كۇكۇيۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7254
يازما سانى: 6784
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 79394
تۆھپە نۇمۇرى: 2683
توردا: 7583 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 05:34:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئالدى بىلەن بۇنىڭغا جاۋاپ بېرەي.
يىلان نىمە ئۈچۈن ئۆزتىنىدىكى زەھىرىدە زەھەرلىنىپ قالمايدۇ؟
-ئۇ تۇغۇلۇپلا نۇرغۇن زەھەرنى يۈدۈپ،ئۆزى زەھەرلىنىپ قالغۇدەك ھالەتتە چۈشمەيدۇ.

ئۇ، ئۆز ئىھتىياجلىق بولغاندا بەدىنى ئارقىلىق ئىشلەپ چىقىرىدۇ.

ھەرگىز بەدىنىدە ساقلاپ،لازىم بولغاندا ئىشلەتمەيدۇ.
تېمىڭىزنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن شۇ تەكلىپنى بەرگۈم كەلدى.
باشقىلارنىڭ نىمە قىلىشى،ئوقۇتقۇچىنىڭ نىمە قىلىشى،ۋەھاكازلار سىزنى مەكتەپ

ھاياتىدىن زېرىكتۈرۈپ قويغان سەۋەپلىك،چۈشكۈنلۈك يۈز بېرىپ بولدىلا دەپ

ئاتىڭىز ھەم ئانىڭىزنىڭ سىزنى ئەجىر قىلىپ باققان جاپالىرى

بىلەنمۇ كارىڭىز بولماي ئۆزىڭىزنى قەدىرسىز پاتقاققا تاشلاپ قويۇپسىز.

بۇ ئەرزىمدۇ؟! سىزنى ياراتقان تەڭرى ھەم ئاتا-ئانا،قېرىنداشلار ئالدىدا!

جەمئىيەت ھەقىقەتەن شۇنداق،لېكىن قۇياشنىڭ پارلىغىنىنى خۇددى سىز كۆرمەيۋاتامسىز. ئالدىڭىزغا قاراپ مېڭىڭ...!

سىنىپقا كىرىڭدە-ئۇستازلىرىڭىزنى ھەم تەڭتۈش،ساۋاقداشلىرىڭىزنى تاڭ قالدۇرۇپ ئۆزىنىڭىزنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسى بىلەن ئۆزىڭىزنى كۈچەيتىپ كەلگۈسىڭىزنى

نۇرلۇق يۈزلىرىڭىز بىلەن كۈتىۋېلىڭ.
ئىرادىڭىز سۇنسا-ئىرادىسىزلەر بىلەن سۆزلەشمەڭ ياكى بەسلەشمەڭ.
ئارقىڭىزدىكى ئەمەس ئالدىڭىزدىكى ئىرادىلىك كىشىلەر بىلەن مۇڭدىشىڭ ھەم ئۇلارغا ئۈگۈنۈش جېڭى ئېلان قىلىڭ.
-ئەزىز ئىنىم بىز تارخنى سىلەردەك بىلىم خۇمار ئەزىزلەرنىڭ قولىغا تۇتقۇزايلى!
كوچىلاردا تارخنى قولىغا ئالالىغىدەك پەرزەنتلەرنى تاپالماي كۆزلىرىمىز ياشلانمىسۇن!
ئۇيغۇرنىڭ كۆزى ياشلانمىسۇن......!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   zulayha تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-4 05:40 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39371
يازما سانى: 416
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4702
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1533 سائەت
تىزىم: 2011-5-1
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 11:53:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

   يىلاننىڭ سۈرى بەك قورقۇنۇشلۇق.ئىشقىلىپ بەك قورقىمەن،

مەن ئۇلارغا ھېسدشلىق قىلمايمەن،بەلكىم ئۇلارنىڭ ھاياتىغا ئېچىنمەن !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 56995
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3003
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2011-9-18
ئاخىرقى: 2012-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 12:07:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىپسىز ،تېمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىسۇن،سىزگە تەكلىپىم ئوقۇتقۇچىدىن زارلانماي تىرىشىپ ئۆگىنىڭ،سىزمۇ گەلگۈسىدە ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ قالسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟ئوقۇتقۇچى بولغاندا چۈشىنىپ قالىسىز........................

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82336
يازما سانى: 411
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3334
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 177 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 12:22:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ.   ئەسىرىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.   بىراق مىنىڭچە تىمىدىن سەل چەتنەپ كەتتىمۇ نىمە؟    مەن   ‹يىلان نىمە ئۈچۈن ئۆز تىنىدىكى زەھەردە زەھەرلىنىپ قالمايدۇ ›  دىگەننىڭ جاۋانىنى تاپالمىدىم.   

القدس لنا ...!!!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79844
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3520
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-5-7
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 01:34:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يىلان ئەسلى بەدەنلىرىدە مەرۋايىت _ مارجان بىلەن بىزەلگەن. شەكلى تۆگىگە ئوخشايدىغان ناھايتى چىرايلىق ھايۋان ئىكەنتۇق. شەيتان ئەلەيھى لەئىنە ھەزرتى ئادەم ئاتىمىزنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن جەننەتكە كىردىغاندا ، شۇ يىلاننىڭ قارنىغا كىرىپ ،ئاندىن كىرىپتىكەن جەننەتكە. شۇ گۇناھى ئۈچۈن تېرسى تەتۈر سۇيۇلۇپ ئاغزىدىن زەھەر قۇيۇلغان ھالدا زىمىنغا چۈشكەن دەپ ئۇقۇغان ئىدىم.
بەلكىم بۇ رىۋايەت بولىشىمۇ مۇمكىن. توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۈچى

ئىمان ئىنساننى ئىنسان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سۇلتان قىلىدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش