رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيەتلىرى
قالدى دېگىن يۈرۈكى يارا
( يۇرتقا قايتقان دوستۇمغا)
مەندىن سالام ئىيتىپ قوي دوستۇم،
ئاتۇش دېگەن گۈزەل يۇرتۇمغا.
سېنىڭ بىلەن بار ئىدى ئۇچقۇم،
تەغدىر سالدى كىشەن بۇينۇمغا.
ۋۇجۇدۇمدا سېغىنىش ئوتى،
دىدارلاشماق ئىدى شۇ ئارمان.
قانداق قىلاي تەغدىرنىڭ سوتى،
بارما دىدى چۆشۈرۈپ پەرمان.
قالسام قالاي سالىمىم بارسۇن،
ئاتۇشتىكى بارچە خەلقىمگە.
ئەركەك قانداق يۇرتىدىن تانسۇن،
مۆھۈرلەنگەن نامى قەلبىمگە.
سەپىرىڭگە ئاق يول تېلەيمەن،
سالاملىرىم ئامانەت ساڭا.
ھەر كىم سۇرسا دىمە بىلمەيمەن،
قالدى دېگىن يۈرۈكى يارا.
رۇستەم قاراسۇ........ئاتۇش
2012....12...بۆرتالا ئالاتاۋدا يېزىلدى