مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 648|ئىنكاس: 14

مۇھەببەت كوچىسىغا كىرسەڭ… [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45517
يازما سانى: 428
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5142
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 527 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 08:05:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت كوچىسىغا كىرسەڭ…

ئىنسانچىلىقتا ھېسسىيات گويا ئوتقا ئوخشايدۇ. ئاۋۋال «گۈر» قىلىپ يانىدۇ. بارا-بارا پەسىيىدۇ. ئېسىڭدە بولسۇنكى، ھەر بىر كۈن ھېكىم، مېغىزىنى مېغىزغا، پۇچىكىنى پۇچەككە ئاجرىتىپ بېرىدۇ.

ھېسسىيات بورىنى تىنچىغاندا تەپەككۇرۇڭ بىلەن ئوبدان كېڭەش. ئاشۇ ياقتۇرغىنىڭنى ھەرخىل ۋەزىيەتلەردە كۆزەت، باشقىلارغا سېلىشتۇر. يادىڭدا قالسۇنكى، ياقتۇرۇش ساناقسىز بولۇشى مۇمكىن. ئون بەشىڭدە بىراۋ، ئون ئالتىڭدە باشقىسى، ئون يەتتىڭدە يەنە بىرى يۈرىكىڭگە ئىز سالسا، ئۆزۈڭنى بىتەلەيلىكتە ئەيىبلىمە. چۈنكى، بۇ تېخى مۇھەببەت ئەمەس. بۇ ياقتۇرۇش ، خالاس. دىلىڭدا بۇنداق ياقتۇرۇشتىن يىگىرمىسى كەچسىمۇ مەيلى، ئەيىب ئەمەس. ئەمما، ھەرگىز تىلىڭغا چىقارما. ئاھلىرىڭنى تۆكمە! ئون سەككىز يېشىڭغىچە ئاغزىڭنى مەھكەم يۇمۇپ يېتىۋالساڭ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزۈڭنى باشقۇرىدىغان بولۇپ قالىسەن. كۆڭلى چۇشكەنلىكى كىشى بىلەن قول تۇتۇشۇپ كېتىش ــــ بۇ ھاۋايى نەپسىدۇر. ئۇ بار جايدا مۇھەببەت بولماس! شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ، نەپسىڭگە ئىخلاس قويۇپ، جەننەتتىن قوغلانغان ئادەم ئاتا قىسمىتىنى ھەمىشە يادىڭدا تۇت. ھەزرىتى ئەلىشىر نەۋائىي « بەش شىرنىڭ ۋەھىمىسى نېمە ئۇ، ئۇنى يېڭىش ھېچ گەپ ئەمەس. ئەمما نەپىس ئىتى ئەڭ قورقۇنچلۇق ۋە زىيانلىقراقتۇر. سەن ئاشۇنى يېڭىشنى بىل! شۇندىلا شىجائەتلىك سانىلىسەن» دېگەندۇر.

ياقتۇرۇش بىلەن مۇھەببەتنى پەرقلەندۈرۈشنى بىل. مۇھەببەت بىر بولىدۇ ۋە كىشىنىڭ جىسمىدا بېسىپ بولماس دولقۇن پەيدا قىلىدۇ. بىراۋنى ياقتۇردۇڭ دەيلى، شۇ دەقىقىدىن باشلاپ ئۆزۈڭ ئۆزۈڭدىن كۆڭلۈڭ تولماي قالىدۇ. بىردىن جەمئىي ئەيىبىڭ يۈزگە چىقىدۇ-دە، قاتتىق ئۇيىلىشقا چۈشىسەن. بىلگىنكى، بۇ، مۇھەببەت! ھەممە خاتايىڭنى ئۇ قىز كۆرۈپ تۇرغانغا ئوخشاش، جان ئاچچىقىڭدا ئوڭشىلىش زۆرۈرىيىتىنى سېزىسەن. شۇ، مۇھەببەت! ئىشلىرىڭدا، ئوقۇشلىرىڭدا، ئۆيدىكى لازىمەتلىكلىرىڭدە ئەۋزەللىك، سەرەمجانلىق كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. بۇ ئاشۇ قۇتلۇق ئىشقتۇر! بۇنداق پاكلىنىشلار مۇھەببەتنىڭ قەدەملىرىدۇر !

ئۇ ساڭا خۇش كەلسۇن، مۇبارەك كەلسۇن، ئوغلانىم! مۇھەببەت كۆڭۈل مۈلكىدۇر. كۆڭۈل قويغان ئادىمىنى مەن بىلەن قال دېيەلمىگەن ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىللە كېتەلمەيدىغانلار نەپىسكە بېرىلگەنلەردۇر. يۈرەككە ئىشىق چۈشۈشنىڭ ئۆزى چوڭ بەخت!  سەن ئەمدى ھېچقاچان يالغۇز قالمايسەن. دائىم باغرىڭنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدا سەن بىلەن شېرىن سۆھبەت قۇرىدىغان دەرددىشىڭ، مەھرەمى جان ــ مۇھەببەت بار! ئۇ ھەمىشە سېنى نازارەت قىلىدۇ. ھەمىشە ئۇنىڭغا ھېسسىيات بېرىسەن. ئۇنىڭغا مۇناسىپ بولۇشقا بىر ئۆمۈر ئۇرۇنۇپ ئۆتىسەن. ئۇ بىراۋنى سېغىنىش، بىراۋ  ئۈچۈن ئەفغان چېكىش، يىغلاشمۇ، ھەتتا ئارىلىقمۇ ھاياتىڭنى تولدۇرۇپ تۇرىدىغان پۈتۈنلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ھەقىقىي مۇھەببەتكە يولۇققان كىشى سۆيگىنىگە ھەمىشە ياخشىلىقلارنى تىلەپ، ئۇنىڭ تەرىپلىرىنى يۈرىكىنىڭ ئاسمانلىرىغا كۆرۈرۈپ ياشايدۇ.
ھەقىقىي ئاشىق يارىغا سەن مېنىڭكى بولۇشۇڭ شەرت دېمەيدۇ، ساڭامۇناسىپ بولۇشقا ماڭا يول بولسۇن، دەپ ئۆزىنى تۇپراق بىلەن تەڭ قويىدۇ.
مۇھەببەت كۆكسۈڭگە پاتقان قۇياش، ئۇ سېنى، پۈتۈن ئۆمرۈڭنى ئىسسىتىپ بارىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقان، ئائىلەڭگە، بالا- چاقاڭغا ھالاقىت بەرمەيدۇ. ئەكىسچە، ئۇلارغا بولىدىغان مۇناسىۋىتىڭگە ئەۋزەللىك قوشۇپ، ئۆيۈڭنى كۆڭۈللۈك، ئاۋات قىلىدۇ. شۇنداق ياخشى، بۈيۈك روھىي پاكلىقلارغا ئېرىشتۈرگۈچى ــ مۇھەببەت كەلسۇن ساڭا!

ئوغلانىم، مۇھەببەت باشقا، ئائىلە باشقا نەرسە، مۇھەببەت ئەركىن ـــ خالىساڭ ئاسمانىي پەرىشتىنى سۆي! چۈنكى، ئۇ ھېچكىمگە ھالاقىت بەرمەي يۈرىكىڭدە ياشايدۇ. ئەمما، ئۆمۈر يولداشلىق غايەت جىددىي ھېساب-كىتاب بىلەن تۈزۈلۈشى شەرت. چۈنكى، بۇ ئۆزۈڭگىچە بولغان سۇلالىنى داۋام ئەتتۈرۈش ۋە ئۆزۈڭدىن ئەۋلاد قالدۇرۇشتەك مەسئۇللۇق، جاۋابكارلىق ئىشتۇر. «تەڭ تېڭى بىلەن» دېگەن گەپكە سەل قارىما. بىزدە «ئەسلىگە تارتىپتۇ» دېگەن گەپ بار. بۇ «ئالمىنىڭ تېگىگە ئالما، بېھىنىڭ تېگىگە بېھى چۈشىدۇ» دېگەنلىكتۇر، ئوغلانىم. ئىمكان يار بەرسە ساڭا ياخشى ئەۋلادنىڭ، يەنى ھالال، پاكىزراق يېگەن، ئاتا- ئانىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى تۈزۈك، ئېنىقى، ئانىسى ياخشى قىزغا باغلىنىش نېسىپ بولسۇن. دادام رەھمەتلىكنىڭ بىر گەپلىرى قۇلىقىمغا ئورناپ قالغان: «ئاتىسى يامان ـــ بىرسى يامان، ئانىسى يامان ـــ ھەممىسى يامان.» ئەگەر سېنىڭ بالىلىرىڭدىن باشلاپ سۈپەت بەلگىسى توشۇپ كەتسە، بىلگىنكى، ئەمدى ئاتا-بوۋىلىرىڭنىڭ روھى سېنى تەقىب قىلىدۇ. ئوچۇق ئېيتسام،نەپىسكە بېرىلىدىغان پەرزەنتلەر قالدۇرۇۋاتقىنىڭ ئۈچۈن دۇنيانىڭ ئەيىپدارىغا ئايلىنىسەن!
ئائىلە ھىندى فىلىملىرىدىكىدەك چىرايلىق كىيىنىپ، قىر-ئېدىرلاردا چاپچىپ يۈرۈش، قول تۇتۇشۇپ قوشاق توقۇپ ھەمدۇسانالار ئېيتىش ئەمەس. بىر-بىرىنى چۈشىنىشنى مۇستەھكەملەش، بالا دېگەن بىر پارچە گۆشتىن ئىنسان بەرپا قىلىش، ئۆمۈرنى ئوتۇن قىلىپ، قارا قازاننى قاينىتىش دېمەكتۇر. يەنى، ئەل ئېيتقاندەك «قوش ئۆكۆز بولۇپ ئائىلىنى تارتىش» دىمەكتۇر. ئەركەك زاتىنىڭ بىر زەئىپلىكى بار ـــ ئۇ بەكمۇ سەمىمىي، بىر ئىشقا ئاسانلا ئىشىنىدۇ. ئۇنىڭغا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن بولغان ئادەم ئۇنىڭ ئايالىدۇر. «ئەرنى ئەر قىلغانمۇ، يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دېگەن نەقىلنى كۆيگەنلەر ئېيتقان! شۇ سەۋەبلىك ئوغلانىم، ئۆزىدىن كۆرە ئەقلى چىرايلىق بولغان جۈپ تىلىگىن. «ئائىلە» دېگەن زىمىستان گۆردە يېنىڭدا يۈرىكىنى يېقىپ، يولۇڭنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان سائادەتلىك، سەۋرلىك، ئەقلى-ھوشى جايىدا يار تىلىگىن!
يىگىرمە يېشىڭدا ئىنساننىڭ سەرخىلىنى ئىلغاشنى سەن قايدىن بىلىسەن؟ ئائىلىنىڭ سەن بىلمەيدىغان، ئاتا-ئاناڭ تىلغا ئالمىغان، ئېيتىپ بولمايدىغان تالاي نازۇك گەپلىرى بار. ئۆزىگە قاراڭغۇ سىناقلارنى كۆتۈرىدىغان ئادەم تاللاشنى بۇ پىشمىغان بېشىڭ قانداق ئىلغىسۇن؟ ئىنىقى، بېشىڭغا مۇھەببەت سەۋداسى چۈشكەندە شەيتان- مەلئۇن يۈرىكىڭنىڭ قېتىغا كىرىپ، سېنى ھەرخىل كويغا سېلىپ تۇرىدۇ. كۆزۈڭنى كور، قۇلىقىڭنى پاڭ قىلىپ تاشلايدۇ! مانا شۇ ئىسكەنجىدىن ئار-نومۇسۇڭنى ساقلاپ پاكىز چىقىپ كېتەلىسەڭ سەن ھەقىقىي پەرزەنتسەن، دىيانەتلىك پەرزەنتسەن. سېنىڭ پەرزەنتىڭ ئۆزۈڭدىنمۇ ئەلا بولىدۇ!
بىرەر-يېرىم يىل كىيىدىغان كىيىم، ئون يىللاپ ئىشلىتىدىغان ماشىنا ئېلىشتا، ئۈچ – تۆت يىل ئوقۇشقا كىرىشتە ئاتا-ئاناڭ بىلەن قاتتىق مەسلىھەت قىلىسەنۇ، ئۆمرۈڭنىڭ ئاخىرىغىچە ھەمراھ بولىدىغان جۈپ تاللاشنى نېمىدەپ ئۆزۈڭ يالغۇزلا ھەل قىلماقچى بولىسەن؟ ئوغۇل بالىنىڭ مېغىزى پۇچەك ياكى ئەمەسلىكى مانا شۇ مەسىلىدە بىلىنىدۇ. «ئوغلانىم، ئۆز تەقدىرىڭنى ئۆزۈڭ ھەل قىل، جۈپتۈڭنى ئۆزۈڭ تاللا» دېگەن ئاتا-ئانا خاتاغا يول قويغان بولۇپ چىقىشىمۇ مۇمكىن. بۇ مەسىلىدە پەرزەنتنى ئوتتۇرىدا ياردەمسىز قالدۇرۇش، ئۇنىىڭ تەجرىبىسىزلىكىدىن خاۋاتىرلەنمەسلىك ئۇنىڭغا نىسبەتەن نامېھرىبانلىقتۇر!  
ياكى ئاتا – ئانىلىق ئىلمىنى بىلمەسلىكتۇر! ئەگەر ئۆيۈڭدىكىلەر شۇنداق دىسە، كۆپنى كۆرگەن، مۇلاھىزىكار تاغاڭ ياكى ھامماڭ ۋە ياكى ئۇستاز قەدىردانلىرىڭغا مەسلىھەت سال.
سۈپەتسىز چىققان كىيىمنى تاشلىۋىتىشىڭ، ياقمىغان ماشىنىنى ئالماشتۇرۇشۇڭ مۇمكىن. ئەمما، ئارىدا گۆدەك پەيدا بولغاندىن كېيىن ئارقىغا قايتىش يوق ـــ جېنىڭ بالاڭغا جايلىشىپ قالىدۇ، تاشلاپ كېتەلمەيسەن! كۆرىسەنكى، ئاھىڭ ئىچىڭدە، ئارمان بىلەن ئۆتۈش قىسمىتىڭگە ئايلىنىدۇ… ئوغلانىم، «ھەزرىتى ئايال» دىگەن كىتابىمدا شۇنداق دىگەنتىم :

ئەلۋەتتە، ئۆز شەھىرىڭ، ئۆز يېزاڭ، ئىلاجى بولسا ئۆز مەھەللەڭدىن ئۆيلەن! كېيىن خۇرسەن بولىسەن! ئاڭلا :  دەيلى، سەن «ئاشىق-مەشۇق» بولۇپ باشقا جايدىن، مەسىلەن: بۇ شەھەرلىكسەنۇ، ئۇ شەھەردىن ئۆيلەندىڭ. ئۆي ئىچىلىك، ئائىلىچىلىك ـــ بۇ چۈمۈلىدەك جان بىلەن پىلنى تارتىش دېگەن گەپ. يېشىڭغا ياش قوشۇلغانسىرى قاتارغا قوشۇلۇپ، ئىشىڭ، ئىنسانىي قەرزلىرىڭ ئارتىپ بارىدۇ. بىر جېنىڭ مىڭغا بۆلۈنۈشكە باشلايدۇ، ئۆزۈڭغۇ شۇنداق كۈچەپ تارتىۋاتىسەن. ئەمما، ئۆيلىنىشىڭدىكى خاتايىڭ ئەھۋالىڭنى تېخىمۇ ئەبگا قىلىدۇ: يان بۇلۇڭدىكى كېلىنلەر ئانىسىنىڭكىگە سەھەردە كەتسە، كەچقۇرۇن قايتىپ كېلىدۇ. سېنىڭ ئايالىڭ بولسا ھەر كەتكەندە بىر ھەپتىسىز قايتىپ كېلەلمەيدۇ ۋە يىللار داۋامىدا شۇنداق بولىۋېرىدۇ. ھەممىنىڭكىگە كەلگەن مېھمان تاڭدا قۇشتەككىنى كېلىپ، تۈنگە قالماي قۇشتەككىنە قايتىدۇ. ئايالىڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولسا ئۇزاقتىن كېلىدۇ، كەم دېگەندە ئۈچ كۈن ياتماستىن كەتمەيدۇ! بۇ ھال يىل بويى داۋام ئېتىۋەرسە، چۆنتىكىڭ كۆتۈرسىمۇ كەيپىياتىڭ كۆتۈرەرمىكىن؟
ئايالىڭنىڭ ھېلى ئۇ، ھېلى بۇ ئاكا-ئۇكىسى توي قىلىۋېرىدۇ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئالەمدىن ئۆتۈۋېرىدۇ، ئىسسىق جان ـــ گاھ دادىسى ئاغرىسا، گاھ ئانىسى كېسەلخانىغا كىرىپ قالىدۇ. ئايالىڭنىڭ يۈرىكى قېرىنداشلىرىغا تىنماي تارتىپ تۇرىدۇ، يەنى بىر تەرەپتىن خەۋەر ئېلىش ئۇنىڭ بۇرچى- قەرزىدۇر. ئەمما، سېنىڭ ئالغان ئايلىقىڭ ياكى ئازغىنا كىرىمىڭ ئائىلەڭنى باقسۇنمۇ، باللىرىڭنىڭ خىراجىتىنى قامدىسۇنمۇ، يول كىراسىغا يەتسۇنمۇ، قولۇڭ قىسقىلىق قىلىپ بىرەر لازىمەتلىكنى بېرەلمىسەڭ، ئونلاپ يىللار داۋامىدا «سىزگە تەگكەچكە مۇشۇنداق كۈننى كۆرۈۋاتىمەن…» دېگەن تەنىدىن قۇتۇلالمايسەن. دىماغ قېقىش مەسىىرىلىك قاراشلارنىغۇ قويۇۋەر!
بەندىنىڭ بېشىدا ھەر ئىش بار، «پالانچى ئېغىرلىشىپ قالدى» دېگەن خەۋەر كېلىدۇ. ئاشۇ زامان ئايالىڭنى يولغا سالىسەن. ئەمما، ئۇ يەتكۈچە بىمار ئېغىرلىشىپ قالىدۇ، دەيلى، ئوقتەك ئۇچۇپ ئارقىدىن سەنمۇ يېتىسەن. بۇنداق پەيتتە يېقىن جايغا چۈشكەنلەر ئۈندىمەستىن يىغلاپ كۆرۈشسە، ئايالىڭ دىدارىنىمۇ كۆرەلمەي قالدىم» دپ داد-پەرياد سالىدۇ!
ئوتتۇزدىن ئاشقاندا ھەر ئىككىلىڭلار ئۆزۈڭلار تەرەپتىكى ئۆرپ-ئادەتلەرنى تەشەببۇس قىلىش ئاشۇ يەرگىلا خاس بولغان تائاملارنى سېغىنىش باشلىنىدۇ. ئەمدى ھەر كۈندە مانا شۇنىڭدىنمۇ جاڭجال چىقىۋېرىدۇ. ئوغلانىم، قېنى ئېيتچۇ، مانا شۇنداق ئاۋارىگەرچىلىك، گەپ-سۆز، بوغۇلۇشلىرىڭ ئىچىدە مۇھەببەت قالامدۇ؟ ئاتا-ئاناڭ مېغىزىنى ساڭا بېرىپ، ئۆزلىرى پۇچەككە ئايلىنىدۇ. ئۇلارنى بەختلىك قىلىدىغانمۇ، بەخىتسىز قىلىدىغانمۇ سەن. ئەلۋەتتە ئۇلارنى رازى قىلىپ ئىش تۇت. ئاتا-ئانا نارازىلىقى سەندىن قەدىمىگە قۇربانلىق سورايدۇ. « ئۆتكەن كۈنلەر» رومانىدىكى ئاتابېكنىڭ قىسمىتىنى ئەسلە، ئاتا-ئانىسىنى، زەينەپنى ۋە باشقىلارنى نارازى قىلغىنى ئۈچۈن كۈمۈش ئۇنىڭغا بۇيرۇلمىدى….
تۇرمۇشىدىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ كۆپچىلىكى سۆيۈشۈپ ئائىلە قۇرغانلاردۇر. خالىس باھالىغاندا ئۇلارنىڭ ھاياتى بەلكى ياخشىدۇر. ئەمما، مۇھەببەتكە تەمە ئارىلاشتۇرۇلغانلىرى ئاتا-ئانا رازىلىقىنى ھېسابقا ئالمىغانلىقى ئۈچۈن ياراتقۇچى شېرىن ھاياتلىرىنىمۇ تېتىتمايدۇ. بەخىت ئىچرە بەخىتسىزلىك ھېس قىلىۋېرىدۇ. دىللىرىدا تولا ئارمان ۋە توۋا. بۇنىڭدىن ئېغىر كۈن يوق، ئوغلانىم…
يىگىتچىلىكنىڭ ھېچ قەيىرىدە يېزىلمىغان. ئەمما ھەربىر ئەركەكنىڭ روھ چوڭقۇرىدا ياشايدىغان يەنە بىر بۇرچ باردۇر:

ئوغۇل بالا ئاتا ھويلىسىنى ساتمايدۇ! پەقەت ئوغۇل بالا ئۈچۈن ئەمەس، قىز پەرزەنت ئۈچۈنمۇ بۇنداق قىلىش غايەت ئۇياتلىقتۇر!  مەيلى، ئىشىڭ ئارقىغا كەتسۇن، مەيلى مېلىڭدىن ئايرىلىپ كەت، ئەمما ئاتاڭنىڭ ماڭلاي تەرى، ئاناڭنىڭ ئۆمرى تۆكۈلگەن، بالىلىقىڭغا بۆشۈك بولغان، مۇبارەك ئائىلەڭنى ھەرقانداق ئەھۋالدا ساتما !

”ئەي قەدىرلىك ئوغلۇم“ دىگەن كىتابتىن.


ماتروس ــ ئەنۋەر

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14405
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9618
تۆھپە نۇمۇرى: 644
توردا: 1305 سائەت
تىزىم: 2010-10-18
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 08:52:28 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېسىل قۇرلار ئىكەن.   رەھمەت سىزگە.

ئاش تەڭ، نان تەڭ، سول نىمىشقا كەڭ !؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73888
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3196
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 82 سائەت
تىزىم: 2012-1-24
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 09:03:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ، بولسا مۇشۇنداق ماقالىلارنى پات-پات يىزىپ تۇرغايسىز.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78268
يازما سانى: 2384
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1334
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1784 سائەت
تىزىم: 2012-4-1
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 09:37:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇ مۇھەببەت كوچىسىدا ھەقىقى يۈرۈپ باققۇم بار.                                                           
دىلزاتقا ئوخشاش تەكلىماكان چۆللىرىدە سۇسىز ئاشسىز قېلىپ جان تۇمشۇققا كەلگەندە يارىمنىڭ سىماسىنى ئويلىغۇم بار.                                                                                                   
يارىمنىڭ ۋىسالىنى ئىزدەپ قۇملۇق چۆللەردىن ھالقىپ ھەقىقى ۋىسال ئۇچۇن جاپا چىكىپ باققۇم بار.                                                                                                                    
تەكلىمكان قۇملۇقىدا يىقىلىپ قوپالماي يارىمنىڭ ئىسمىنى توۋلاپ يىغلاپ باققۇم بار
مازارلاردا يېتىپ قوپۇپ ھەقىقى مەجنۇن ئىشقىۋاز بولغۇم بار
ئىشىقنىڭ دەردىدىن تۈگۈشۈپ بىھۇش بولغۇم بار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaLGundi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-3 09:40 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 339
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 09:42:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بالدۇر ئېچىلغان گۈل  بالدۇر توزۇيدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87476
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2012-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 10:15:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87476
يازما سانى: 133
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 581
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 68 سائەت
تىزىم: 2012-11-20
ئاخىرقى: 2012-12-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 10:15:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يىزىلىپتۇ....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 225
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6743
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 441 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 11:06:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى  تېمىكەن .    قولىڭىزغا دەرت  كەلمىسۇن  قېرىندىشىم!!   

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

ھىچكىمدىن ئاغرىنىش ھەققىڭ يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 1776
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7586
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 02:46:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت كوچىسىغا كىرسەڭ ئىزىپ قالىسەن ياكى تىيىلىپ كىتىپ يىقىلىسەن ، يەنىلا شۇ ئاتالمىش مۇھەببەت …….

ھىچكىمدىن ئاغرىنىش ھەققىڭ يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 1776
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7586
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-4 02:49:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەزى بىر قىسىم ياش بالىلىرىمىز چوڭ مىڭىسىنى مۇھەببەت ئۈچۈن ياڭاق چاققاندەك « مەجنۇنلىرىغا » پىدا قىلىدىكەن ، ئىسىت ۋە قىيامەتلىك سۈكۈت ………. ھۈش ، نەقىل ئالماڭ ، ئاللاھ رازى بولسۇن !

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش