كېچىنىڭ قوينىغا كېتەيلى سىڭىپ
ئاپتۇرى : قەلەمىي
مىڭ شۈكرى بىر كۈنىمىز بولدى تېچ تامان .
كېچىنىڭ قوينىغا كېتەيلى سىڭىپ .
ئەتىكى قوياشنى كۆرگىچە ئامان ،
كېچىنىڭ قوينىغا كېتەيلى سىڭىپ .
يۇلتۇزلار باشلاپتۇ قىززىق ھېكايە ،
ئاي قېلىپ ھەسەتتە بوپتۇ بىچارە ،
جاھاننىڭ ئىشلىرى تۈگىمەس نە چارە...
كېچىنىڭ قوينىغا كېتەيلى سىڭىپ .
ھارغىنلىق يەتمىسۇن ئالايلى ئارام ،
لاغايلاپ قىلمايلى ۋاقىتنى ھارام .
كېچدە ياتمىغان ئۆمرىدۇر تامام ..
كېچىنىڭ قوينىغا كېتەيلى سىڭىپ .
چېكەتكە تومۇزغا باشلاپ كۈيىنى .
ھوقۇشلار توۋلايدۇ ئۆزى ئۆزىنى .
كىملەردۇر تىڭشايدۇ كىملەر سۆزىنى...
كېچىنىڭ قوينىغا كېتەيلى سىڭىپ .
2012-يىلى 3-دىكابىر دۈشەنبە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kalamiy تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-3 07:46 PM