مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2271|ئىنكاس: 60

نـــاماز ئوقـــۇش(تەۋىسىيلىك تېما)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئاللاھ ماڭا يار بولغىن ~!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1729
يازما سانى: 1144
نادىر تېمىسى: 10
مۇنبەر پۇلى : 119402
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 2587 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-12-5
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار تور ئارلاۋېتىپ مۇنۇ تېمىنى ئۇچرىتىپ قېلىپ تەڭ بەھىرلىنەيلى دەپ يوللاپ قويدۇم . پايدىلىنىش ۋە تەربىيۋىي ئەھمىيىتى بار تېما ئىكەن . قېنى دوستۇم سىزمۇ تەۋسىيە قىلىڭ ... ئاللاھ سىزدىن رازى بولسۇن !




نـــاماز ئوقـــۇش

دېسەك ئىسلام بىر بىنا،
ناماز دىننىڭ تۈۋرىكى.
كاپىر، مۇئمىن پەرقى شۇ،
لازىم ھەركىم بىلمىكى.



بىر كۈندە بار بەش ناماز،
بىرىنچىسى بامداتتۇر.
باشتا سۈننەت ئاندىن پەرز،
ئىككىدىن تۆت رەكئەتتۇر.


چۈش بولغاندا پىشىن بار،
سۈننەت تۆت ھەم پەرز تۆت.
ئاخىرىدا ئىككى رەكئەت،
سۈننىتى بار ئەسلەپ ئۆت.


ئەسىر بىلسەڭ تۆت رەكىئەت،
جىكىلەنگەن قۇرئاندا.
ئوتتۇردىكى ناماز ئۇ ،
قوغدا، يۈرمەي ھەر ياندا.


شام نامىزى مۇئمىنگە،
كەچكە تەۋە ئامانەت.
پەرزى ئۈچ، سۈننەت ئىككى،
ۋاقتى قىسقا ئىبادەت.



خۇفتەن پەرزى تۆت رەكىئەت،
ئاندىن ئىككى رەكئەت سۈننەت.
ئاڭا قوشۇپ ئۈچ رەكىئەت،
ۋىتىر ئوقۇپ ئۇخلاپ كەت.


بىر كۈندىكى بەش قىتىملىق ناماز ۋە ئۇنىڭ ۋاختىلرى قايسىلار؟


بامدات ۋاختى تاڭ يورۇپ،
تاكى قۇياش تۇققىچە.
پىشىن بولۇر چىڭ چۈشتىن،
سايە ئىككى پۈتكىچە.



ئەسىر ۋاقتى پىشىندىن،
تاكى قۇياش پاتقىچە.
ناماز شامدۇر كۈن پىتىپ،
قىزىل تولۇق يۈتكىچە.


ناماز شامدىن ئۆتسىلا،
خۇپتەن بولۇر تاڭغىچە.
ئادا قىلغىن ۋىتىرنى،
تاڭ ئاتمىسۇن ئاڭغچە.


ئىسلام دىينىدا جەمى قانچە خىل ناماز بار؟

دىينىمىزدا قانچە خىل،
ناماز باركىن بىلەمسىز؟.
ياكى مۇشۇ ياشتىمۇ،
بىلمەي بىخۇت يۈرەمسىز؟.



ھەركۈنى بەش ۋاخ ناماز،
ھەپتىدە بىر جۈمە بار،
كەچتە ۋىتىر، تەھەججۈد،
كۈن چىققاندا زۇھا بار.


مەسلىھەتچى ھەيرانغا،
ھاجەت ناماز، ئىستىخار.
ئىلىپ كىلەر ئاراملىق،
بىزگە ناماز ئىستىغفار.


خەۋىپ ناماز جەڭلەردە،
مەسىجىد ئۈچۈن تەھىييات.
يامغۇر تىلەپ ئىستىسقا،
ئىككى ھىيتتا ۋاجىبات.


كۈن ۋە ئاي تۇتۇلغاندا،
دەرت غەمدىن قۇتۇلغاندا.
ھەجگە بارسا كەئىبىنى،
تاۋاپ قىلىپ بولغاندا.


ئۇندىن باشقا مۇساپىر،
قەسىر قىلار نامازنى.
كىسەل قىلار ئىشارەت،
سېلىپ يىتىپ پالازنى.



نەفلە ئوقۇپ خالىساڭ،
تاپقىن رەببىم رىزاسى.
ساۋاپ ئالغىن قاتنىشىپ،
كەلسە مىيت نامازى.


نامازنىڭ شەرتلىرى(تىشىدىكى پەرىزلەر) قايسىلار؟



ناماز شەرتىى تاھارەت،
پاكىز يەر تاپ، ئەۋرەت ياپ.
قىبلىنى بىل، نىيەت قىل،
ۋاقتىنى بىل دەرھال چاپ.



نامازنىڭ رۇكنىلىرى(ئىچىدىكى پەرزلەر) قايسىلار؟

تەكبىر بىلەن باشلايسەن،
ئاندىن قىيام، قىرائەت،
رۇكۇ، سەجدە، قەئدە دە.
تۈگەر پەرىز ئىبادەت.



نامازنى بۇزغۇچى ئامىللار قايسى؟

ناماز پاسىد بولىدۇ،
سادىر بولسا كۆپ ھەركەت.
قەستەن تاشلاپ قويۇلسا،
بىرەر رۇكنى يا رەكئەت.


كىم نامازدا گەپ قلىسا،
ئەۋرەتلىرى ئىچىلسا.
يىسە ئىچسە يا كۈلسە،
ۋاجىپ تەرك قىلىنسا.


ئاھ ۋاھ دىسە ئىنجىقلاپ،
سالامغا جاۋاپ بەرسە.
ئىغىپ كەتسە قىبلىدىن،
ياكى يالغان يۆتەلسە.


تەيەممۇملۇق نامازخان،
ئارلىقتا سۇ كۆرسە.
سەجدە قىلغان ھالەتتە،
ئىككى پۇتنى كۆتەرسە.


ئاياللارنىڭ ئارقىدا،
ئەرلەر نامازغا تۇرسا.
ئايالدا ھەيىز باشلانسا،
يا تاھارەت بۇزۇلسا.


نامازدىكى سەجدە سەھۋە ئورۇنلىرى قايسىلار؟

سالام بەرسە نامازدا،
ئېسىدە يوق ئالدىراپ.
ئارتۇق قىلسا ۋە ياكى،
كەمدىن چەكسە ئىزتىراپ.




كىچىكتۈرسە بىر ۋاجىپ،
تاشلاپ قويسا بىر رۇكنى.
ئوتتۇرانچى تەشەھھۇد،
ۋىتىردىكى قونۇتنى.


قىلىپ قالسا پاتىھە،
ياكى سۈرە ئۇنتۇلسا.
تۆت رەكىئەتلىك نامازدا،
بەشىنچى رەكىئەتكە تۇرسا.


مەخپى يەردە ئاشكارا،
ياكى قىلسا ئەكسىنى.
سالام بىرىپ ئوڭ يانغا،
قىلىسۇن ئىككى سەجىدنى.


سادىر بولسا ئىمامدىن،
بىللە قىلار جامائەت.
جامائەتلەر ئازغاشسا،
سەجدە قىلىش بىھاجەت.


قانداق ھاللاردا نامازنى جەمى قىلىمىز؟


جەمئى قىلغىن نامازنى،
ھەجگە بارغان چاغلاردا.
مۇزدەلىپە، ئارافات،
دىگەن ئۇلۇغ تاغلاردا.



سەپەرلەرگە يول ئالساڭ،
كېسەللىكتىن زارلانساڭ.
توختىماستىن سۈيدۈكۈڭ،
تاھارەتتىن قىينالساڭ.



بوۋاق باققان ئانىلار،
قار يامغۇردا قالغانلار.
توختىماستىن خۇن كىلىپ،
كۆپ قىينالغان ئاياللار.


جەمئى قىلسۇن پىشىننى،
ئەسر بىلەن جۈپ قىلىپ.
شام خۇپتەننى جەملەيمىز،
تەرتىپ بىلەن زىچ قىلىپ.


ئسلامدا ئەر ئايالنىڭ ئەۋرىىتى قەيەر؟

ئەۋرەت ئەرگە كىندىكتىن،
تىزنى تولۇق ياپقۇچە.
ئۇزۇن كيىم مۇستەھەب،
ئەيىپ ئەمەس تاپقۇچە.


ئاياللارغا يۈز، ئالقان،
تاپىنىدىن باشقىسى.
گۆدەك، دەلدۈش، قىرىدىن،
باشقىدىن يۈز ياپقۇسى.


دىنىمىزنىڭ بەلگىسى،
ئىپپەت-نومۇس، ھايادۇر.
نومۇس قىلماس سالتاڭلار،
ئوت، ئازاپقا تويادۇر.



تاھارەتنىڭ پەرزلىرى قايسىلار؟


تاھارەتتە پەرىز تۆت،
بۇنى چوقۇم قىلىمىز.
يۈزدىن كىين ئىككى قول،
جەينەككىچە يۈيىمىز.



ئۆلچەپ باشنى توتتە بىر،
سىيپاپ مەسىھ قىلىمىز.
ھوشۇققىچە پۇتلارنى،
ئاق قالدۇرماي يۇيىمىز.





تاھارەتنىڭ سۈننەتلىرى قايسىلار؟

ئون ئىككىدۇر سۈننىتى،
لازىم ھەركىم بىلمىكى.
پەقەت ئازراق تالاشتا،
گەردەنگە قول سۈرمىكى.


بىسمىللاھ دەپ باشلىسۇن،
قول ھەم بىلەك قالمىسۇن.
مىسۋاك سىلىپ چىشلارغا،
ئىغىزنى ئۈچ چايقىسۇن.



بۇرۇننى ھەم ئۈچ قىتىم،
بارماقلارنى ئارچىلاپ.
ھەر ئەزانى ئۈچ قىتىم،
يۇيسۇن قايتا قايتىلاپ.


تەرتىۋىنى ساقلىسۇن،
قولنى تىقسۇن قۇلاققا.
ئوڭدىن باشلاپ نىيەتنى،
قىلسۇن پاكىز بولماققا.


تاھارەتنى سۇندۇرغۇچى ئامىللار قايسىلار؟


تاھارەتنى سۇندۇرار،
سىيمەك، چىچماق، ئوسۇرماق.
چىقسا تەندىن قان، يىرىڭ،
قۇسسا ئىغىز تولدۇرماق.


مەنى، مەزى، ئىھتىلام،
ئەر-ئايال بىرگە بولسا.
تولۇق بىخۇد ئۇخلىسا،
ھۇشسىزلانسا مەس بولسا.


غۇسلىنىڭ پەرزى قايسىلار؟

دىنىمىزدا پاكىزلىق،
ئاساسلارنىڭ ئاساسى.
جۇنۇپ بولۇپ يۇيۇنماي،
يۈرگەنلەر بولۇر ئاسى.


ئىغىزىڭنى چايقىغىن،
بۇرنۇڭغا ھەم سۇ ئالغىن.
پۈتۈن بەدەننى يۇساڭ،
پەرىز پۈتتى ئاتلانغىن.


غۇسلىنىڭ سۈننەتلىرى قايسىلار؟

نىيەت قىلش سۈننەت ھەم،
بىسمىللاھ دەپ باشلىماق.
بىغىشقىچە قول يۇيۇپ،
نىجاسەتنى قاشلىماق.


پاكىز يۈيۈپ ئەۋرەتنى،
ئىلىپ كىچىك تاھارەت.
ئۈچتىن يۇيساق بەدەننى،
پەرز، سۈننەتتە كامالەت.


غۇسلى قىلىشنى ۋاجىپ قىلىدىغان سەۋەپلەر قايسىلار؟


ۋاجىپ بولۇر يۇيۇنماق،
ئەر ئايال بىرگە بولسا.
ئىككى ئەۋرەت بىر كىلىپ،
خەتنىگاھ غائىپ بولسا.



مەنى كەلسە لەززەتلىك،
نىپاس، ھەيزدىن پاك بولسا.
كاپىر بولۇپ مۇسۇلمان،
ئاللاھقا چىن قۇل بولسا.


جۈمە ئۈچۈن، ھەم يەنە،
ئىھىرام باغلاشتىن بۇرۇن.
ئەراپاتتاتتىن يانغاندا،
زاۋال ۋاختى كەچقۇرۇن.




تەيەممۇم دىگەن نىمە؟ ئۇ قانداق قىلىندۇ؟

تەيەممۇمدۇر نىيەت قىپ،
تۇپراققا قول ئۇرغىنىڭ.
يۈزگە بىر ھەم قولغا بىر،
باشتىن ئاياق سۈرگىنىڭ.


لازىم بولۇر تەيەممۇم،
سۇ بولمىغان ئەھۋالدا.
سۇ بولسىمۇ ئىشلىتىش،
مۈمكىن ئەمەس بولغاندا.




يىراق بولسا مەنزىلدىن،
ئىشلەتسە ئۇسسىز قالسا.
زىيان قىلسا ۋە ياكى،
ئارتۇقچە قىممەت بولسا.





سەن تاھارەتسىز ئەمما،
جىنازە، ھېيت، تەل بولسا.
سۇ بار جايلار سەن ئۈچۈن،
ھاياتقا خەتەر بولسا.





تەيەممۇم قىپ رەبىبىڭنىڭ،
رەھمىتىدىن سۆيۈنگىن.
ئىسراپ قىلما تامچە سۇ،
قەدىرلىگىن كۆيۈنگىن.



ھەيز نىپاس دىگەن نىمە؟ ئۇلارغا قانداق ھۆكۈم بار؟

ئاياللاردىن ھەر ئايدا،
كەلگەن قاننى ھەيز دەيمىز.
ئەڭ ئاز بولسا ئۈچ كۈنلۈك،
ئون كۈن ئۆتسە پاك دەيمىز.


نىپاس دىگەن توغۇتتا،
كەلگەن قاندۇر شەك يوقتۇر.
ئۇزۇن بولسا قىرىق كۈن،
قىسقىسىغا چەك يوقتۇر.


بۇلار جىنسى تورمۇش ۋە،
روزا، ناماز چەكلەيدۇ.
قۇرئان تۇتماس، ئوقۇماس،
مەسجىدلەرگە كىرمەيدۇ.






فىترەت (ئىنسان تەبىئىتى) بولغان ئون سۈننەت قايسىلار؟

پاكىزلىقتا ئون ئىش بار،
ئۇ ئىنسانى خىسلەتتۇر.
رەسۇلۇللاھ بۇيرىدى،
دېمەك بىزگە سۈننەتتۇر.


ساقال قويۇپ، خەتنە قىپ،
ئىجرا قىلغىن سۈننەتنى.
ئۇۋلاپ يۇيغىن بارماقنى،
سۇدا يۇيغىن ئەۋرەتنى.


بۇرۇت تىرناق، ئەۋرەت تۈك،
ئۆسسە تىغ سال، قايچىلا.
ئىغىز چايقا، بۇرۇنغا،
سۇ ماڭدۇرۇپ قايتىلا.


قولتۇق تۈكى يۇلۇنسۇن،
چىش مىسۋاكتا يۇيۇلسۇن.
ئەمەللىرىڭ مۇبارەڭ،
تاڭلا قوبۇل قىلىنسۇن.






مەنبە:مەن توردىن ساقلىۋالغان يازما .
ئۇلۇغ ئاللاھ مۇشۇ شېئىرىنى يېزىپ قالدۇرغان مۇئەللىپتىن رازى بولسۇن. . .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   suzuk-ay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-3 06:35 PM  


ھازىرغىچە 7 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Eltekin + 99 ئەجرىڭىزگە رەھمەت ! يا.
katran + 49 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
╰︶ ̄原地守候 + 126 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
QALIB + 59 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
musilina + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
seven + 30 تەپەككۇرى كۈچلۈك
kixan + 30 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 593   باھا خاتىرىسى

غــــەيرەت قىـل ئــاي !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87830
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 479
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي.رەھمەت

دۇنياداسەن بىرلىمۇ قىينما جنم

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45524
يازما سانى: 1357
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6875
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 193 سائەت
تىزىم: 2011-6-24
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما

سىزنىڭ تېخى ھىلىقى ئىشلار ۋاقتىغا يەتمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنى تەقدىم قىلغان پەيتىڭىز دەل ئۇنىڭ قەلبىدە قىممىتىڭىزنىڭ كۇرسى چۈشكەن ۋاقتىدۇر. ئەگەر سىز بارلىقىڭىزنى ئوغۇل دوستىڭىزغا ھەدىيە قىلىۋەتسىڭىز، ئۇنداقتا بولغۇسى ئېرىڭىزگە  زادى نېمىڭىزنى بىرىسز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85909
يازما سانى: 245
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 439
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 250 سائەت
تىزىم: 2012-10-10
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساقلاپ يادىلۋالغۇدەك تېما ئىكەن .  رەھمەت ..  ئاللاھ قولڭىزغا دەرىت بەرمىسۇن .

كۆكلەي دېسەڭ ئۇيغۇرۇم ، سۇ بولايمۇ يىلتىز مۇ  !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 406
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8112
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 369 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەھمىيەتلىك تىما ئىكەن...........تولىمۇ ئەھمىيەتلىك، شېئىرنى مۇقەددەس مەزمۇندا يازسىمۇ ئېسىل بولىدىكەن.
مەن قىسمەن يوللىغان شېئىرلىرىمغا قاراپ خىجىل بولىۋاتىمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lawa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-3 08:11 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 273
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قېرىندىشىم   

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4826
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  يادلىۋالسام ئەڭ ياخشى بولغۇدەك ......

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85738
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 208
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 63 سائەت
تىزىم: 2012-10-5
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە~~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82720
يازما سانى: 440
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3467
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 174 سائەت
تىزىم: 2012-7-10
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن ، ساقلىۋالدىم

بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوقت

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68426
يازما سانى: 841
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8107
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 686 سائەت
تىزىم: 2011-12-4
ئاخىرقى: 2012-12-4
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ  ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .

كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ  ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش