3-پارچە خەت
ئۇزاق يىللار ئاشىقلىق ھەسرىتىدە مۇڭ چەكتىم،
كۆز يېشىمغا ھىچكىممۇ بېرەلمىدى تەسەللى.
شۇنداقتىمۇ ئىستىكىم پاكلىق بولدى پاك بولدى،
ئۇچرىغانغا باقمىدىم گۈزەل بولسۇن ھەتتاكى.
ئىرادەمگە مۇخالىپ ۋىجدانىمغا ھاقارەت،
كەلتۈرمىدىم بەدەلگە ئاتاپ ھامان جېنىمنى.
ئازاپ دىگەن تۈتەكتەك غايىپ بولسا ئىزنا يوق،
پۇشايمانغا قالماي دەپ ئالداپ كەلدىم ئۆزەمنى.
ئاچچىق ئۇزاق كەچمىشتە خورلانسىمۇ ئەقىدەم،
ماتەم تۇتتۇم ئىچىمدە ئاڭلاتمىدىم نالەمنى.
راست بىلمەيمەن سۆيگىنىم مەن كىملەرنىڭ ھەمدىمى،
دەڭسىيەلمەي يۈرۈيمەن تېخىغىچە ئالەمنى.
شۇڭا بەزەن غەلىتە ئوركىستىرسىز كۈي توۋلاپ،
يۈرگەندىمەن گۆگۈمنىڭ قۇچىغىدا چۆلسىرەپ.
يۇلتۇزلاردىن ھېيىقىپ سىرلىرىمنى تۆكەلمەي،
قولۇمدىكى نېنىمنى كۆز يېشىمغا مىلەپ يەپ.
ئىللىققىنە تەبەسسۇم چۈشۈمگىلا مۇجەسسەم،
ماڭا قاراپ كۈلگەن كۆپ مەن كۈلمىدىم تېخىلا.
بەلكىم گۇمان قىلماسمەن قورقىنىشلىق ئۆلۈمدىن،
كىشى يوقتەك ئالەمدە كۈتۈپ تۇرسام سېنىلا.
ئادەملەرگە ئادەمچە خىسلەت كېرەك ئەمەسمۇ،
قانداقلارچە ئازاپقا قول كۆتىرەي تەسلىمچە.
ۋەسلىم يىراق بولسىمۇ خۇرسىنىشقا رايىم يوق،
سۆيۈلىمەن بىر كۈنى ئاھ ساڭىمۇ ئەسلىمچە.
ئۆتۈپ كېتەر ساناقلىق بۇ كۆڭۈلسىز كۈنلەرمۇ،
قەھرىلىك قىش ئورنىغا كەلگەندەك ياز ئاخىرى.
مەن ئەشۇنداق ئۈمۈتتە ياشىماقچى بىر ئۆمۈر،
ئادەم دىگەن تۇترۇقسىز يار بولمىسا تەخىرى.....
مەنبە:لاۋا0998(ئىجادىيەتلىرى)دىن.
(كونا خاتىرلەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-3 08:42 PM