|
|
|
|
گۈلۈم دىمە...
گۈلۈم دىمە مىنى ئەزىزەم،
تۇزۇغۇم يوق گۈللەدەك بۇرۇن.
ئېچىلغاندا ھەممە ئەزىزلەپ،
قىش كەلگەندە قىسقۇم يوق بويۇن.
گۈلۈم دىمە مىنى ئەزىزەم،
پۇراق چاچقۇم يوقتۇر ئۆزگىگە،
بىر ساڭىلا تەئەللۇق بارىم،
يۈرەك چاڭقاق ئاشۇ سۆيگۈگە.
گۈلۈم دىمە مىنى ئەزىزەم،
بەك قورقىمەن خازان بولۇشتىن.
ئېچىلسام گەر باھاردا گۈزەل،
شۇم نىيەتلەر ئۈزۈپ سېلىشتىن.
گۈلۈم دىمە مىنى ئەزىزەم،
سەن ئۈچۈنلا بىر چىنار بولاي.
ئاپتاپ چۈشسە بېشىڭغا بىر كۈن،
شەكلەنمەيلا سايەمنى سالاي!
مەنبە:بەرنا قىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barnakiz886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-3 05:25 PM
|
|
|
|
|
|