مەن نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم كېرەك؟
مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە
(جىياڭ شىن )
ئارمان ئابدۇللا (مىسرانىم ئەزاسى Seven) تەرجىمىسى
دوستلىرىم دائىم مەندىن مۇۋاپىقىيەت ئائىلىگە بەخىت ئېلىپ كېلەلەمدۇ، دەپ سورايتتى.. ئۇ چاغلادا مەنمۇ كۆپ پۇلى بولسا، قىلغان ئىشلىرىدا نەتىجىلەر بولسا، جەمىيەتتە ئورنى بولسا ئەنە شۇ غەلبە، مۇۋاپىقىيەت دەپ قارايتتىم. لېكىن دوستلىرىمنى قايىل قىلالمايتىم. ئەمدى ئويلاپ كۆرسەم، ئەسلى بۇنىڭ ھەممىسى ئۆزۈمدە بىر تۇرغۇن نىيەتنىڭ، ئېنىق بىر نىشاننىڭ، چۇقۇم قىلىمەن دەيدىغان بىرەر ئىشنىڭمۇ يوقلىدىن ئىكەن. ئادەمدە مۇستەھكەم ئىمان بولمىسا، باشقىلار قانداقمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىپ، ئۇنىڭدىن خاتىرجەم بولالىسۇن؟ ئۆزىڭىز قىلىۋاتقان سۆزدىن ئۆزىڭىز بىر خىللا مۇجمەللىك ھىس قىلسىڭىز، باشقىلار سۆزىڭىزگە قانداق ئىشىنەلەيدۇ؟
ئۇنداقتا، مەن ئۆزۈمدىن سورىدىم، نىمىشقا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشم كېرەك؟ مېنىڭ قىممەت قارشىم نمە؟
ئالدى بىلەن ، قىممەت قاراشنى ئاددىي قىلىپ مۇنداق 6 تۈرگە بۆلگىلى بولىدىكەن﹕ (1) ئائىلە (2) كەسىپ (3) ساغلاملىق (4) ئېتقاد (5) ئوقۇ-ئوقۇتۇش (6) كۆڭۈل ئېچىش.
كومپيۇتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۆزۈمدىن سورايمەن: مەن ئۈچۈن ئالدىنقى تاللاش قايسى، كېيىنكىسىچۇ؟ ئەپسۇسلانغان ھالدا بايقاپ قالىمەن، ئەسلىدە مەن چۇقۇم بىلىمەن دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئەمما، بۇ سۇئاللارغا دۇچ كەلگەندە كاللام قۇپ-قۇرۇقلا ئىكەن. خۇددى، كشىلەر ئېيتقىنىدەك%97 ئادەم كىشىلىك قىمممەت قارشى توغۇرلۇق ئويلانمايدۇ، ھەرخىل قىممەت قاراشلىرىنىڭ قايسىنىڭ ئەڭ مۇھىملىقى توغرىسدىمۇ ئويلىنىپ باقمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئىككى خىل قىممەت قارشى ئۆز-ئارا تۇقىنىشىپ قالغاندا، ھەممىشە نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالىدۇ ياكى خاتا قارار چىقىرىدۇ. ئەمدى بىلسەم، مەنمۇ تۇنجى قەدەمدىلا ئۇتتىرىپ قويغان ئىكەنمەن. ئۇنداقتا، ئائىلىنىڭ قەلبىمدىكى ئورنى قانداق؟
بۈگۈنكىدەك يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى ئىستىماللىق جەمىئىيەتتە ياشاۋاتقان بىز ھەمىشە كەسىپ-ئىگىلىكنى تۇرمۇشنىڭ مەركىزى قىلىۋالىدىكەنمىز. ئەمما، سوغۇق قانلىق بىلەن بۇنداق تىرىشىپ ئىشلىمىز زادى نېمە ئۈچۈن ، كېم ئۈچۈن دەپ ئويلاپ كۆرمەيدىكەنمىز. بۇنداق ئىشلىشىمىز ئەجىبا ئۆزىمىز ئۈچۈنلىمۇ؟ ئائىلىمىز ئۈچۈنمۇ ياكى ئاتا-ئانىمىزنى ياخشىراق كۆتۈش ئۈچۈنمۇ؟ ۋەياكى قەلبىمىزدىن سۆيگەن مەھبۇبىمىز، كېيىنكى نەۋرە-چەرۋىلىرىمىز ۋە ياكى بىزنى سۆيىدىغان، بىزنى قوللاپ-قۇۋەتلەيدىغان ئۇرۇق-تۇققان، دوست-يارەنلىرىمىز ئۈچۈنمۇ؟
ئەگەر بىر ئادەم ئائىلە ئىللىقىدىن مەھرۇم قالسا، ئۇ ئالغا ئىلگىرلەشتىكى ئەڭ چوڭ ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئائىلە بارلىق ھىس-تۇيغىلىرىمنىڭ بولىقى؛ ئائىلە روھى دۇنيارىمىنىڭ ئۈمىدى. ناۋادا سىرتلاردا قىيىنچىلىقلارغا يولۇق قالسام، مەغلۇبىيەت مېنى قورشاۋىغا ئېلىۋالسا، ئائىلە ئېسىمگە كەلسىلا مەن ھەممىنى ئۇنتۇپ، قەلبىم ئەمىن بوپ قالىدۇ، بىر خىل بەخىت تۇيغىسىغا چۆمىمەن. ناۋادا مەن ھەممىدىن مەھرۇم قالغان تەقدىردىمۇ، قەلبىمدە ئائىلىگە بولغان مۇھاببىتىم بولسىلا يەنىلا ئۆزۈمنى بەخىتلىك، تۇرمۇشىمنى بىر خىل تاتلىق ھىس قىلىمەن، قەلبىم ئوخشاشلا خاتىرجەم بوپ قالىدۇ.
قەلبىمدە ئائىلە مۇھاببىتى بولغاچقا، قانچىلىك جاپا چىكەي يەنىلا بىر خىل ھۇزۇر ھىس قىلىمەن؛ قەلبىمدە ئائىلە مۇھاببىتى بولغاچقىلا، مەيلى قانچىلىك ھېرىپ كېتەي، يەنىلا كۈچ-قۇۋېتىمنى يىغىپ، ئىشلىرىمنى داۋاملاشتۇرالايمەن. ناۋادا بىر كۈنلەر كېلىپ مۈشكىلات ۋە مەغلۇبىيەت پۇتلىرىمغا كىشەن سېلىۋالسا، دۇنياندا مېنى سېغدۇرىدىغان باشقا بىر ئۇرۇن قالمىغان تەقدىردىمۇ،، بىر جاي بار، ئۇ ھەرۋاقىت مېنىڭ قايتىپ كېلىشىمنى كۈتىدۇ. ئەنە شۇ جاي ئائىلەم ئەمەسمۇ!!!
ئەگەر بىر ئادەم ئائىلە ئىللىقلىقىدىن ئايرىلىپ قېلىپ ئۆزى يالغۇز قالسا، ئۇ كىشىنىڭ مىجەز-خارەكتىرى باشقىچىلا بوپ قالىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ خىلدىكى ئادەملەرمۇ مۇۋاپىقىيەت قازىنالايدۇ. لېكىن، بۇ مۇۋەپپەقىيەت مەڭگۈلۈك بولالمايدۇ. ئادەم سىرتلاردا تۇرمۇش كويىدا بولىۋاتقان ۋاقىتتا، دائىم ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراپلا تۇرىدۇ. ئىشلار كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان ۋاقىتلاردا، چوڭقۇر ھاڭلارغا چۈشۈپ كەتكەن ۋاقىتلاردا ئۆيدىكىلەر غەمخورلىق قىلىپ، كۆيىنىپ، روھىغا كۈچ-قۇۋۋەت بېغىشلىمىسا، ئادەم « زادى كىملەر ئۈچۈن بۇنداق جان تىكىپ ئىشلەۋاتىمەن ؟» دىگەندەك خىياللاردا بوپ قالىدۇ. بۇ خىل كەيپىيات ئادەمنى مەيۈسلەندۈرۈپ، ئالدىغا ئىنتىلىۋاتقان قەدەملەرنى ئاستىلىتىپ قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەم نېمە قىلارنى بىلەلمەي، ھارغىلىق ۋە تەمتىرەش ئارىسدا ئايلىنىپلا يۈرىدۇ.
ئائىلە كەسىپ-ئىگىلىكنىڭ تۈپ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى. نۇرغۇنلىرىمىز ئائىلىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ماددىي تۇرمۇشتىن بەھىرلەندۈرۈش ئۈچۈن كۈن بويى سىرتلاردا قاتراپ يۈرۈيمىز، ئەمما ئەسىلىدە ئۆيدىكىلەر بىلەن ئۆتكىزىشكە تېگىشلىك بولغان ۋاقىتلارنى قۇربانلىق قىلىۋېتىپ بارىمىز. كەچلىرى ئۆيدىكىلەر ئۇخلاپ قېتىپ قالغاندا ئىشتىن قايتىمىز، ئەتىگىنى ئۇلار ئورنىدىن تۇرماستىلا يەنە ئۆزىمىز سىرتقا ئاتىمىز. خۇددى مۇز تاغدىن كەلگەن مىھمان فىلىمىدىكى قىزدەك بىر ھەپتىدە ئاتا-ئانىمىزنىڭ قارىسىنى بىر قېتىممۇ كۆرمەيمىز. ئەسلىدە ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ تىرىش خىزمەت قىلىمىز-يۇ، ئاخىردا بۇ تېرىشچانلىقنىڭ ئەسلى قىممىتى ۋە مەنىسىنى يوقىتىپ قويىۋاتىمىز. بۇ دەل ھەرخىل قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىدىن كىلىپ چىققان تىپىك مىسال. بىز ئائىلىدىكى ئىشلارنى سودا سارايلىرىغا، ئىش ئورۇنلىمىزغا ئېلىپ بارالمىغىنىمزغا ئوخشاش خىزمەتنى ھەم ئۆيگە ئېلىپ كېتەلمەيمىز. باشقىچە ئىيتقاندا، ئەسلى ئائىلىمىزدىكىلەر بىلەن يىغىلىپ بىرگە ئۆتكىزىدىغان ۋاقىتلارغا خىزمەتنى باھانە قىلىپ دەخلى قىلساق بولمايدۇ. ئىشلەيدىغان ۋاقىتتا ئىشلىشىمىز، ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقىتتا چۇقۇم ئۆيگە قايتىىپ، ئۇلار بىلەن خۇشال-خۇرام بىرگە بولىشىمىز كېرەك.
ئۇنداقتا، مۇھىملىق تەرتىپىنى چىقىش قىلىپ ئويلىغاندا، ئائىلە كەسىپ-ئىگىلىكتىن مۇھىم ئورۇندا. ئائىلە خاتىرجەم بولغاندىلا ئاندىن ئارام خۇدا تىرىكچىلىك قىلغىلى بولىدۇ. دېمەك، قىممەت قارشىمىنىڭ ئىنىقلىما تەرتىپى: ئائىلە ئالدىنىقى ئۇرۇندا، كەسىپ ئىككىنچى ئورۇندا.
ئۇنداق بولسا، تەن ساقلىقچۇ؟ ساغلاملىقنى قايسى ئورۇنغا تىزىش كېرەك؟ ناۋادا بىر ئادەمدە ساغلام تەن بولمايدىكەن، باشقا ھېچنىمىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئادەمنىڭ ساغلاملىقىدىن بىرەر مەسىلە چىقسا پۈتۈن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ كۆڭلى غەش بولىدۇ. شۇڭا، تەن ساقلىق ئائىلىنىڭ ئالدىغا تىزىلىشى كېرەك. ئۇنداقتا ھازىرقى تەرتىپ: تەن ساقلىق، ئائىلە، كەسىپ بولدى دېگەن گەپ.
ئەمدى ئېتىقادچۇ ؟ ئېتىقاد ھاياتلىقنىڭ مەسلىكى. ئادەمنىڭ ئېتىقاد-ئەقىدىسى ئوخشىمىسا، ئۇلارنىڭ قىممەت قارشىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ ھەمدە ئەدەپ-ئەخلاق چۈشەنچىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەم قانداق ئېتىقاد-ئىمانغا ئىگە بولسا، ئۇنىڭ تۇرمۇشى شۇ خىل شەكىلدە بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئېتىقاد ئەڭ بېشىغا قويىلىشى كېرەك.
ئەمدى قاراپ باقسام، ئۇلارنىڭ تەرتىپى: ئېتىقاد، تەن ساقلىق، ئائىلە، كەسىپ بولدى..
ھەي،،، بولدى يازمايچۇ. ئەسلى ھەممە ئىش بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق ئىكەنغۇ!
ئادەمنىڭ ئېتىقادى ئىنقسىز، خىرە بولسا، ئاقىلانە تەدبىرمۇ بولمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئادەمنى كەلگۈسىگە نىسپەتەن خۈدۈكسىرەي، گاڭگىراش تۇيغۇسى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالىدىكەن. تۇرمۇش لايىھەلىرىمۇ تەۋرەپ كېتىدىكەن. ئالدىن پىلانلىۋالغان ئىشلار، ئاخىرغا كەلگەندە ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن.ئادەمدە ئىشەنچ قالمايدىكەن. مۇھىمى ئىناق ئائىلىمۇ بولمايدىكەن. قەيەرگە قارىسا تۆگىمەيدىغان تايىنى يوق ئائىلە مەسىلىرى.. ئادەمنىڭ كەيپىايتى چۈشكىنلىشىپ، ئۆزىنىڭ كېلەچىكىدىن تېخىمۇ ئۈمدىسىزلىنىدىكەن-دە، ئائىلىنىمۇ، ئۆزىنىمۇ ئازابلاپ قويىدىكەن.
ھەي، مۇشىلارنى ئويلىسام، شۇ ئۇنداقتى، مۇنداقتى دەپ باھانە كۆرسەتكۈم كېلىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى يۈزىنى قېلىن قېلىپ ئۆزىنى قاچۇرۇشلا ئىكەن. ئەسلىدە، ئۆزۈم مۇۋاپىق ۋاقىت ئىچىدە ئىشلىرىمىنى ئۇرۇندالمايۋاتقان ئىكەنمەن. كۆڭلۈمدە بىر غول پىلان لېنىسيى بولمىغاچقا، ھېلى ئۇنى، ھېلى بۇنى قىلىپ باقىدىكەنمەن. نەتىجىدە ئىشلىرىم چالا قېلىپ قالغان، ئىش ئۈنىمى تۆۋەنلەپ بېرىۋاتقان... ئىشلىشىمىغۇ ئىشلىگەن، لېكىن يەنىلا بىر خىل ئىسكەنجىرەش،، كەلگۈسىنى ئويلىساملا ئىچىم تىتىلداپ، باشقىلانىڭ كەيپىياتىنمۇ ئۇچۇرىۋەتكەن..باشقىلارنى سۆيەي، ئۇلارغا مۇھاببەت بېرەي دەپ ئويلايمەن-يۇ، لېكىن ئۆزۈمدىكى بىرقاتار مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ئۇلارنى ئازاپلاپ قويىۋاتقان،،ھەي...
مانا ئەمدى نېمىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم كېرەكلىكىنى بىلىپ يېتىۋاتىمەن. نۇقۇل كەسىپ-ئىگىلىكنى كۆزلەپلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئىمان-ئېتىقاد، تەن-ساقلىق، ئائىلە ئۈچۈن مەن غەلبە قازىنىشىم كېرەك.
ئەلۋەتتە، تەلىم-تەربىيەمۇ ناھايتى مۇھىم. مەن مائارىپنى 5-ئورۇنغا تىزدىم. چۈنكى كەسىپ-ئىگىلىكتىكى يۈكسىلىش، تۇرمۇشنى ھەرتەپتىن تېخىمۇ تويۇندۇرۇش ئۈچۈن كۆپ خىل كەسپى ۋە ئاممىباپ بېلىملەرنى ئۈزلىكىسىز تولۇقلاپ تۇرۇشۇم كېرەك-تە. مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن كەسىپ ۋە تۇرمۇشتىكى ھەخىل مەسىلىلەرنى توغرا بىرتەرەپ قېلالايدىكەنمەن.
كۆڭۈل ئېچىشنى بولسا 6- ئورۇنغا قويۇپ قويدۇم. بۇنداق قىلىشىم كۆڭۈل ئېچىش مۇھىم ئەمەس دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى باشقا جەھەتلەردىكى يۈكسىلىش دەم ئېلىش قاتلاملىرىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغانلىقىدىن. بىزنىڭ بۇنداق تىرىشىپ-تىرمىشىپ، جان تىكىپ ئىشلىشىمىز ئاخىردا خۇشال-خۇرام، باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسقۇ. ھەئە، خۇشاللىق بىزنىڭ ئاداققى نىشانىمىز، ياشاشتىكى بىردىن-بىر قوغلىشىدىغان ئۈمىدىمىز.
ئەلۋەتتە، قىممەت قاراشنى ئاددىيغىنا ئالتە سۆزگە يېغىنچاقلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئۇنىڭ يەنە باشقا مەنىلىرىمۇ بار. ماڭا كېرەكلىكى ئىمان-ئېتىقاد، تەن ساقلىقمۇ ياكى ئائىلە، كەسىپمۇ؟ ئەگەر ئېمان ياكى ئائىلە.... بولسا، ئۇنداقتا بۇ نېمە سەۋەپتىن؟ بۇ يەنىلا بۇ قىممەت قاراشلىرىنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن ھېس-تۇيغۇلاردىن-دە.
1. ئىمان-ئېتىقاد ماڭا بىر خىل ئۈمىد، ئىشەنىچ ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىدۇ؛
2. تەن ساقلىق مېنى باشقىچە تېتىكلەشتۈرۈپ، روھىمنى ئورغىتىدۇ؛
3. ئائىلە مېنى چەكسىز بەخىت تۇيغۇسىغا چۆمدۈرىدۇ؛
4. كەسىپ ئېگىلىك مەندە مۇۋاپىقىيەت تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ؛
5. تەلىم-تەربىيە ماڭا مەنىۋىي ئۇزۇق بېغىشلاپ، ئەقىل كۆزلىرىمىنى ئاچىدۇ؛
6. كۆڭۈل ئېچىش جىسمىم ۋە روھىمنى باشقىچە يىنىكلىتىپ، مېنى خۇشاللىق قوينىغا باشلايدۇ؛
مۇشۇ سەۋەپلەردىن مەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېنتىلىدىكەنمەن. تۇرمۇشتى ھامان يەكۈن چىقىرلىشى كېرەكقۇ. ناۋادا يەكۈنلىمىسىڭىز، ئۆزۈڭىزچە بەخىت تۇيغىسى دەپ ئويلىغانلىرىڭىز ئەسىلدە ھەپتە ئاخىرلىرىنىڭ قايسىدۇ بۇلۇپ-پۇچقاقلىرىدا چېچىلىپ ياتقان بىر نەرسە بولۇپ چىقىدىكەن. تۇرمۇشىڭىزمۇ بىر خىللا چېچىلاڭغۇ، خۇددى مېنىڭكىگە ئوخشاش، بوپ قالىدىكەن.
ئۇنداقتا، قىممەت-قاراشنىڭ ئېنىقلىسمى نېمىدۇ؟ كىشىلەر ھەمىشە ئۇنى بەك مۇرەككەپ ۋە ئىلمىي ئويلىۋالىدىكەن. ئەمىلىيەتتە، قىممەت قاراش ھەركۈنى قېلالايدىغان دەرىجىدە ئاددىي، باشقىلار ماسلىشىپ بەرمىسىمۇ ئۆزلىكىدىن قىلالايدىغان بولىشى كىرەككەن.
نېمىشقا باشقىلارنىڭ ماسلىشىپ بېرىشى ھاجاتسىز دەپ ئېىيتىمىز ؟ ماۋۇ مىسالنى ئۇقۇپ باقايلى : بىر دوستۇم بولىدىغان، ئۇ تۇرۇپلا مەن بەك خۇشال دېسە، تۇرۇپلا كۆڭلۈم بەك يېرىم دەيتتى. ئۇنىڭدىن :« سىزچە خۇشاللىق دېگەن نېمە؟ » دەپ سورۇدۇم. ئۇ :« ئوغۇل دوستۇم ماڭا ئۆزلىكىدىن تېلفۇن قىلسا، شۇنداق خۇشال بولىمەن؛ ئەگەر تېلفۇن قىلماي قالسا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ.» دەپ جاۋاپ بەردى. ئەسلىدە، ئۇنىڭ خۇشاللىققا بولغان پوزىتسىيسى چۇقۇم باشقىلارنىڭ ماسلىشىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدىكەن. ئەلۋەتتە، ئادەم بەزى ۋاقىتلاردا كۆڭلى يېرىم بولىدۇ. باشقىچە پەەرز قىلىپ باقايلى،. ناۋادا ئۇ :« ھەركۈنى ئوغۇل دوستۇمغا تېلفۇن قىلسام كۆڭلۈم باشقىچىلا ئېچىلىپ قالىدۇ.» دېگەن بولسا، ئىشلار ئاسانلىشىپ كېتەتتى ئەمەسمۇ. خۇشاللىققا ئەسلى ئۆزىمىز خالىساقلا ئېرىشكىلى بولاتتى ئەمەسمۇ. شۇڭىلاشقا قىممەت قاراشلىرىنىڭ شەرتلىرىنى چوقۇم ئۆزىمىز كونترول قىلىشمىز كېرەك. نۇرغۇن كىشىلەر ھەمىشە كۆڭلى يېرىم، يەنە نۇرغۇن ئادەملەر قاچانلا قارىسىڭىز ئىچى پۇشۇق.. ئەمىليەتتە،ئۇلارنىڭ قىممەت قارشى مەلۇم كىشىلەرنىڭ ماسلىشى ئارقىلىق ئاندىن ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغانلىق سەۋەبىدىن ئۇلار قاچانلا قارىسىڭىز ئاشۇنداق كۆڭلى يېرىم، تىتىلداپلا يۈرىيدۇ.
تۆۋەندىكىسى مۇۋاپىقىيەت ئىلىمنىڭ قىممەت قاراش توغۇرلۇق بىر قاتار تەۋسىيەلىرى. بىز ھەركۈنى 3 تۈرنى داۋامملىق قىلالىساقلا بەخىت، ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان كۆڭۈللۈك تۇرمۇش بىزدىن يىراقتا ئەمەس. راستىنى ئېيتسام، مەن ئازۇ قىلغان بەخىت زادى نەدە، ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. ئەمما، شۇنىڭغا ئىشىنىمەن، ئۇلار ھەرگىز يېراقتا ئەمەس. چۈنكى مەن نۇرغۇن كىشىلەرنى چەكسىز بەخىتكە ئېلىپ بارغان يولنى بويلاپ مېڭىۋاتىمەن. مەن چۇقۇم غەلبە قازىنىمەن. يەنە كېلىپ، خۇدا بۇيرىسا، مەن ھەركۈنى 3 تۈرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمەن.
☺ھەركۈنى ئەتىنى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلاڭ، قەلبىڭىزددە ئىشەنچ، ئۈمىت بولسۇن، ھەردائىم ئۆزىڭىزنى ئىلھاملاندۇرۇپ تۇرۇڭ؛
☺ھەركۈنى ياخشى كىتاپ ئۇقۇپ روھىڭىزنى ئۇزاقلاندۇرۇپ تۇرۇڭ؛
يۈرىكىڭىز بىلەن سىردىشىپ بېقىڭ. غايە-ئارزۇلىرىڭىز، دىلخەستىلىرىڭىز ۋە قايغۇ-ھەسرەتلىرىڭىزنى ئۆز ئالدىڭىز تۆكۈپ، نېمە ئۈچۈنلىكىنى ئېنىقلىغاندىن كېيىن ھەل قىلىش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ چىقىڭ.
☂تەن ساقلىق توغرىسىدا
☺ھەركۈنى ئەتتىگەن 60-40 مىنۇت ئەتراپىدا ئاستا يۈگۈرۈپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، ھۈجەيرىلىرىڭىزنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ تۇرۇڭ؛
☺سەھەرلەردە، چۈشلىكلىرى، كەچلىكى 10 مىنۇت ئەتراپىدا چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ، ئۆپكىڭىزنى ئوكسىگىن بىلەن تولدۇرۇپ، كۆڭلىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇپ، ھاردۇقىڭىزنى چىقىرىڭ.
☺مۇمكىن بولسا، ھەركۈنى 60-40 مىنۇت ئەتراپىدا سۇ ئۈزۈش ئارقىلىق نەپەسلىنىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، چوڭ مىڭە نىرۋىلىرىنى بوشاشتۇرۇپ، ئوكسىگىنلىق ھەركەت قىلىپ بېرىڭ؛
قاقاقلاپ كۈلۈڭ، شۇ ئارقىلىق تۇرمۇش بېسىملىرىنى يېنىكلىتىپ، كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ تۇرۇڭ؛
☂ئائىلە توغرىسىدا
☺ھەر كۈنى ئازدېگەندە يېرىم سائەت ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ ئۆيدىكىلەر بېلەن بىرگە بولۇڭ، ئاتا-ئانىڭىزغا كۆيىنىڭ، ئۇلار بېلەن سىردىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ. ئۇلار لازىملىق نەرسىلەر بولسا ۋاقتىدا ئەكىلىپ بېرىڭ؛
☺پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ماختاپ ئۇلارغا ئىلھام بېرىڭ. يېرىم سائەت ۋاقتىڭىزنى ئۇلار بېلەن سىردىشىشقا ئاجرىتىپ، ئۇلارغا ئېھتىياجىلىق نەرسىلىرىنى تەل قىلىپ بېرىپ ئۇلارنى قوللاڭ؛
ھەر كۈنى ئۆمۈر قولدىشىڭىزنى قۇچاقلاپ قويۇڭ، ئۇنىڭ بېلەن مۇڭدىشىڭ. جورىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىدىن ھوزۇر ئېلىشنى بېلىڭ. ئۇنىڭ ھېسلىرىغا دىققەت قىلىپ، كۆڭلى تارتقان ئىشلىرىنى قىلىپ بېرىڭ ياكى تۇيۇقسىز خۇشال قىلىپ تۇرۇڭ؛
☂كەسىپ-ئىگىلىك توغرىسىدا
☺ھەر كۈنى بىر يېڭى دوست تۇتۇڭ، ياكى كونا دوست-يارەنلەر بېلەن ئالقىلىشىپ تۇرۇڭ؛
☺ھەر كۈنى خاتىرە يىزىپ تۇرۇڭ؛
☺ھەر كۈنى كەچتا يېرىم سائەت جىمجىت ئولتۇرۇپ ئەتىكى نىشان ۋە پىلانلىرىڭىز ئۈستىدە ئويلىنىڭ؛
☺ھەر كۈنى ئۆزىڭىزنىڭ ئاساسىي نىشانىڭىزنى 20 قېتىم يىزىپ چىقىڭ؛
☺ھەر كۈنى ئالاقىدار تېلفۇنلارغا 10 قېتىم ئەتراپىدا تېلفۇن قىلىپ، كەسىپ-ئىگىلىكىڭىزنى كېڭەيتىشنىڭ پۇرسىتى توغرىسىدا ئىزدىنىڭ، ياكى دوستلىرىڭىز بېلەن ھېس-تۇيغۇلىرىڭىزنى ھەمبەھىرلىنىڭ؛ (يەنى،سۇ ئىچىشتىن بۇرۇن قۇددۇقنى ياخشى قېزىڭ
☂تەلىم-تەربىيە بارىسىدا
☺ھەر كۈنى ئىزچىل كەسپى كېتاپلارنى كۆرۈپ، يېڭى بىلىملەردىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇڭ؛
☺ھەر كۈنى 60-30 مىنۇت ئەتراپىدا تەلىم-تەربىيە توغرسىدىكى ئاۋازلىق ئەسەرلەرنى ئاڭلاپ بىرىڭ؛
☺ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئۆزىڭىز مۇۋاپىقىيەت قازاندى دەپ قارىغان كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ؛
☺ئۆگەنگەن بىلىملەرنى ئەمەلىي ھەركىتىڭىزگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ھەر كۈنى ئازراق كىتاپ ئوقۇش خاتىرىسى يېزىپ تۇرۇڭ؛
☂كۆڭۈل ئېچىش توغرىسىدا
☺ھەر كۈنى ئازراق مۇزىكا ئاڭلاپ بىرىڭ. بىر نەچچە مىنۇت بولسىمۇ بۇنى ئۆزىڭىزگە ئادەت قىلىۋېلىڭ؛
☺ھەر كۈنى 60-30 مېنىۇت ئەتراپىدا ئۆزىڭىز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو ياكى تېلۋىزىيە نۇمۇرلارنى كۆرۈپ، دۇنيانى چۈشىنىشكە تېرىشىڭ، ئەتراپىڭىزدىكى جەمئىيەتكە دىققەت نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ؛
☺ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن 30 مىنۇت ئەترەپىدا ئايلىنىپ، بىركۈنلۈك جىددىي كەيپىياتلىرىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇڭ؛
☺ھەر كۈنى سىرداش دوستىڭىز بىلەن ئۆز-ئارا ھال-مۇڭۇڭ تۆكۈشىپ، كەيپىياتىڭىزنى تەڭشەپ تۇرۇڭ ياكى ئوي-خىيال، تەسىراتلىرڭىزنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ؛
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-5 01:32 PM