كېچە
خىلۋەت كېچە پايانسىز ئاسمان،
جىمىرلىشار ساناقسىز يۇلتۇز.
تولۇن ئايمۇ چىقىپتۇ كۈلۈپ،
جىلۋە قىلىپ تەبەسسۇمنى ئۇز.
غۇر-غۇر شامال ئالماستىن ئارام،
كېزىپ كېرەر گاھى خانەمگە.
سۆيۈپ قويۇپ مەڭزىمگە يەڭگىل،
كېتەر يەنە باشقا ئايەمگە.
چاقنىشىدۇ كۆكتە يۇلتۇزلار،
تەنھا بىر تاغ ياتار سوزۇلۇپ.
يالتىرايدۇ چولپان يۇلتۇزمۇ،
زەپمۇ ئىگىز چوققىغا قونۇپ.
تىمتاس كېچە ھەممە ئۇيقۇدا،
لېكىن بىر قىز سۈرمەكتە خىيال.
ئاشىقىغا تەلپۈنەر قەلبى،
شىرېن سەزگۈ يۈرەگىدە بال.
زەپمۇ تاتلېق بوۋاق ئۇيقۇسى،
ئۇخلاپ قاپتۇ ئانا قوينىدا.
بۇ جۇۋانمۇ باغرىغا بېسىپ
-بوۋىقىنى كەتكەن ئۇيقۇغا.
تەنھا يىگت دەريا بويىدا ،
غەرق بولغان چوڭقۇر خىيالغا.
چۈنكى ئاشىق ئۇزۇندىن بېرى،
دىل بەرمىگەن ئوماق قىزچاققا.
******
تىمتاس كېچە ئەجەپمۇ سوغۇق،
قېلىن قارغا چۈمكەلگەن زىمىن.
كېتىپ بارار كوچىدا بىر قىز،
تتېرگنىچە تاپماستىن تىنىم.
توساتتىنلا كەتتى مۈدۈرۈپ،
يېقىلغانچە باقمىدى تۇرۇپ.
قىلغان ئىدى باقىغا سەپەر،
جاپالاردىن ئەمدى قۇتۇلۇپ.
ئوچۇق كەتكەن قارا كۆزلىرى،
ئاھ! ئەجەپمۇ خۇمارلىق كۆزكەن.
ئېسىت ئەجەل ئىپ كەتتى ئۇنى،
ئۇ سەرەڭگە ساتقۇچى قىزكەن.
******
خىلۋەت كېچە تەلۋە ماتىرۇس،
ھەيدىمەكتە كىچىك كېمىنى.
يىڭى قۇرۇقلۇق تېپىش كويىدا،
كولۇمبودەك چاغلاپ ئۆزىنى.
ئىكېسپدىتسيچى شىمالى قۇتۇپتا،
كۆزەتمەكتە قۇتۇپ كۈندۇزىنى.
ئاپپاراتىنى بەتلەپ يىراققا،
تارتماقتا سىرلىق مەنزىرىنى.
خىيال سۈرەر ھۇجرىدا بىر قىز،
پىتىپ كەتكەن چوڭقۇر ئويلارغا.
ئەتە ئۇنىڭ تويى بولىدۇ،
كۆچۈپ كېتەر يىراق قىشلاققا.
******
خىلۋەت كېچە ھەم سىرلىق كېچە،
بولغان ئىدى ئاجايىپ ۋەقە.
رۇسسى ۋە جىكنىڭ مۇھاببەت گۈلى،
ئېچىلغاندى مۇشۇ كېچىدە.
ئېسىت، چۆكۈپ كەتتى تىتانىك،
ھەممىنى ئارماندا قويۇپ بۇ كېچە.
تەقدىر ھەسەت قىلدىمۇ ياكى،
ئىككى ياشنىڭ پاك مۇھاببىتىگە.
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا katran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-3 04:41 PM