سىرتتىن بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ كەلگەنلەرنى توسىقۇچىلار تۇنجى قېتىم جىنايى جازاغا ھۆكۈم قىلىنىپ
قارا زىندانلار تىترىدى
تەرجىماننىڭ ئېلاۋىسى: دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ 37 – ماددىسىدا؛ جۇڭغىۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ جىسمانىي ھوقۇقى دەخلىسىزدۇر.......پۇقرالار تەپتىشنىڭ بۇيرۇقى، سوتنىڭ قارارىسىز قولغا ئېلىنماىيدۇ..، قانۇنسىز قامالمايدۇ....،ئاختۇرۇلمايدۇ....،دەپ بەلگىلەنگەن. 41 – ماددىسىدا: پۇقرالار دۆلەت ئورۇنلىرى ۋە خادىملىرىنىڭ قىلمىشىغا قارىتا تەكلىپ ۋە نەنقىد بېرىش، ئېترار بىلدۈرۈش، شىكايەت قىلىش، پاش قىلىش ......ھوقۇقى بار دەپ بەلگىلەنگەن. ئاساسىي قانۇنىمىزدا يوقارقىدەك بەلگىلىمىلەر ۋە ھوقۇقلار بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىملار بۇ ھەق – ھوقۇقلىرىمىزنى نومۇسسىزلىق بىلەن تارتىۋالماقتا، يوقارقى دېلو مۇشۇ نومۇسسىزلىقلارغا بېرىلگەن سېگىنال، ئاساسىي قانۇن ئىززىتىنىڭ كۈچلۈك تەستىكىدۇر، بۇ تەستەك نۇرغۇن قارا زىندانلارنى تىترەتتى، يەنە كىملەرنى تىترىتەر.....
يېقىندا بېيجىڭ چاۋياڭ رايونلۇق سوت ئەرز قىلغۇچىلارنى توسىغان خېنەن چاڭگې شەھىرىلىك ئون نەپەر توسارمەننى قانۇنسىز قاماش جىنايىتى شەكىللەندۈرگەن دەپ، ئۇلارغا جازا ھۆكۈم قىلدى. ئاساسىي جىنايەتچىگە بىر يېرىم يىللىق، قالغان توققۇز كىشىگە ئايرىم ھالدا بىر نەچچە ئايدىن ئوخشاش بولمىغان مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى. ئىگىلىنىشچە، بۇ يىل 5 – ئايدا بېيجىڭ ساقچى تەرەپ خېنەن يەرلىك ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا تەسىس قىلغان ئەرز قىلىپ كەلگەنلەرنى توسۇش نوقتىسىنى ئېنىقلىغان، ھەم ئون نەپەر توسارمەننى قولغا چۈشۈرگەن.
مۇخپىرنىڭ ئىگەللىشىچە، 9 – ئاينىڭ 24 – كۈنى چاۋياڭ رايونلۇق سوت بىرىنچى سوتتا بۇ دېلونى سوتلىغان، 11 – ئاينىڭ 27 – كۈنى چاۋياڭ رايونى ۋاڭسىيىڭ سوتى ئىككىنچى قېتىم سوت ئېچىپ،، مەزكۇر دېلودىكى 3 نەپەر ئۆسمۈر جىنايەتچىنى سوتلىغان، 11 – ئاينىڭ 28 – كۈنى چاۋياڭ رايونى ۋېنيۈخې سوتى ئۈچىنچى قېتىم سوت ئېچىپ، مەزكۇر دېلودىكى 7 نەپەر قۇرامىغا يەتكەن جىنايەتچىنى سوتلىغان. شۇ كۈنى سوت ھۆكۈم ئېلان قىلدى، ئون نەپەر گۇماندارنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز قاماش جىنايىتى بىلەن جازاغا ھۆكۈم قىلىندى. ئاساسىي جىنايەتچىگە بىر يېرىم يىللىق، قالغان توققۇز كىشىگە ئايرىم ھالدا بىر نەچچە ئايدىن ئوخشاش بولمىغان مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلدى.جەمئىي ئون نەپەر ئەرز قىلىپ كەلگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سوتقا كېلىپ ھۆكۈمنى ياندىن ئاڭلىدى.
بۇ يىل 4 – ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئەرز قىلىپ كەلگۈچىلەر توسارمەنلەر تەرىپىدىن بېيجىڭ چاۋياڭ رايونى شۇاڭغى كەنتىدىكى بىر ھويلىغا ئېلىپ بېرىلىپ قامالغان. ئەرز قىلىپ كەلگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، توسارمەنلەر خېنەن ئۆلكىسى چاڭگې شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى دېگەن كېنىشكە ئېسىۋالغان، قامالغان ئورۇن بولسا خېنەن ئۆلكىلىك يەرلىك ھۆكۈمىتى بېيجىڭدا تەسىس قىلغان ئەرز قىلىپ كەلگەنلەرنى توسۇش نوقتىسى ئىكەن.
ئىگەللىنىشچە، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ئۈچ ساقچى ماشىنىسى ئاجرىتىپ، قاماش نوقتىسىدىكى توسارمەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتكەن. جەمئىي 14 نەپەر توسارمەن قولغان چۈشكەن، ئەمما ئۇلارنىڭ ئاتامانى قېچىپ كەتكەن. 12 نەپەر ئەرز قىلىپ كەلگۈچى قاماقتىن بوشىتىلغان. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار تاياق يېگەن ھەم كۆپ قېتىم تەھدىتكە ئۇچرىغان.
مەزكۇر دىلونىڭ ئەيىپلەشنامىسىدە ئېيتىلىشىچە، توسارمەنلەر 2012 – يىل 2 – ئايدىن باشلاپ، بېجىڭ شەھرى چاۋياڭ رايونى ۋاڭسىيىڭ يېزىسى شۇاڭخې كەنتى 126 – ۋە 102 – نومۇرلۇق قورۇنى ئىجارىگە ئالغان. خەۋەردار كىشىلەر ئۇلارنىڭ 20 نەچچە ئادەم ياللاپ، مەخسۇس ئەرز قىلىپ كەلگۈچىلەرنى قانۇنسىز قامايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان،
كەسپىي خادىملارنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر دىلونىڭ روشەن ئاكتىپ ئەھمىيىتى بولۇپ، يەرلىك ھۆكىمەت ئەرز قىلغۇچىلارنى توسۇش نامىدا بىشەملىك بىلەن كىشىلەرنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان قىلمىشىغا «ياق» دەپ خىتاپ قىلىپ، بېيجىڭدىكى قارا زىندانلارنى تىترىتىشتە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.
مەنبەسى: http://news.qq.com/a/20121202/000469.htm?qq=0&ADUIN=1443438101&ADSESSION=1354414947&ADTAG=CLIENT.QQ.4735_.0?
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-3 04:42 PM