ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار. ئۇزۇن بوپتۇ قول سېلىپ بىر يازما يوللىمىغلى. بۈگۈن ئولتۇرۇپ تورداشلار بىلەن مۇشۇ بۆرەك ئۇقۇقلاش دىگەن ئۇقۇمنى بىر ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. بىز دايىم ئۇچىرىتىدىغان بۇ بۆرەك ئۇرۇقلاش دىگەن زادى قانداق كىسەللىك؟ قانداق ئالامىتى بۇلىدۇ؟ ئاقىۋىتى نىمە بۇلىدۇ؟ قانداق داۋالايمىز؟ بۇلارغا قىزىقسىڭىز تۈۋەندىكى تىمىنى كۈرۈپ چىقىڭ.
*
بۆرەك ئۇرۇقلاش
*
تۇنۇش: ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بەل تېلىپ ئاغرىش، سۈيدۈك مىقدارى ئۆزگىرىش، جىنسى ئىقتىدار تۈۋەنلەش، ماغدۇرسىزلىق، قاپاق ئىششىپ كۆز ئولتۇرشۇش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان مىزاج بۇزۇلۇش خاراكتىرلىك كىسەللىك.
سەۋەبى: جىنسي ئالاقىنى كۆپ قىلىش، ئىسسىق تەبىئەتلىك دورىلارنى كۆپلەپ ئىچىپ، كۆپ سىيىش ياكى ئىچى سۈرۈش، جاپالىق ئىشلەپ چارچاشتىن بۆرەكنىڭ تەبىئى مىزاجى بۇزۇلۇپ بۇ كىسەل پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: كۆز ئولتۇرۇشۇپ كېتىش، كۆز تورلىشىش، باشنىڭ ئارقا تەرپى يەڭگىل ئاغرىش، بەل ئاغرىش، سۈيدۈك رەڭگى ئاق سۈزۈك كېلىش، سۈيدۈك ئاز ياكى كۆپ كىلىش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق، جىنسىي ئىقتىدارى ئاجىزلىشىش، ئۇيقۇسۇزلۇق، چىرايى تاتىراڭغۇ بۇلۇش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى تۈۋەنلەش، چاچ چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۈرلىدۇ.
داۋالاش: 1. ئالدى بىلەن سەۋەبىنى يۇقىتىش - جىنسى تۇرمۇشنى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش، كەيپىيات ياكى ماددا سەۋەبىدىن بولسا كەيپىيات ياكى ماددىغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بېرىش كىرەك.
2. ھەزىمنى ياخشىلاش، ئىشتاھانى ئېچىش، بۆرەك ۋە ئۇمۇمى بەدەننى قۇۋەتلەش مەقسىتىدە چارە قىلىش كىرەك.
يۇقارقى مەقسەتتە ئامىلەنۇشىدارى، جاۋارىش ئەنبەر، جاۋارىش زەر ئۇنى بىرىش بىلەن بىرگە داۋايى تەرەنجىبىن، لۇبۇبى كەبىر، لۇبۇبى سەغىر بىرىش مەنپەتلىكتۇر.
غىزاسىغا: چالا پۇشۇرۇلغان تۇخۇم، ھالۋا، بۆرەك ياغلىرىدا ئېتىلگەن شويلا، گۆش، سەۋزە، چامغۇر بىلەن شورپا سېلىپ بىرىش، قېتىق سۈزمىسىگە ھەسەل قۇشۇپ ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق بۆرەكنى سەمىرىتىش كېرەك.
پەرھىزى: ناۋات، شېكەر، چىڭسەي، تۇرۇپ، لازا، ئاچچىقسۇ، تاۋۇز قاتارلىق بەدەننى قىزىتىۋېتىدىغان ھەم بەدەندىكى ماينى ئىرىتىۋېتىدغان يىمەكلىكلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
ئاقىۋىتى: ۋاختىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كىسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەكىسچە بولغاندا جىنسى ئاجىزلىق ۋە بۆرەك زەيىپلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
مەنبە:
ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت تورى