*
ياخشىلىقنى يار تۇتساڭ
* *
ياخشى ئىش ياخشى، يامان قىلماق قىلۇر پەيدا يامان،
ئارپىدىن ئارپا ۋە بۇغدايدىن ئۈنەر بۇغداي ھامان.
* *
ياخشىلارنىڭ كۆڭلى بىلسەڭ، ئەينى بىر مۇنبەت ئېكىن،
تۇپرىقى مۇنبەت زىمىندىن چىقىدۇ ئاز خەس-سامان.
* *
ياخشىلىقنى جارى قىلساڭ،ئىشلىرىڭ تاپقاي روناق،
مەنزىلىڭ بەكمۇ يېقىندۇر، تۈزلىنىپ دوقال-داۋان.
* *
كىم ئەگەركى كۆزلىبان نەپ، شۇ ئۈچۈن قىلسا كۈرەش،
باققۇسى تەتۈر پەلەك، ھەم ھىچ ئىشى بەرمەس ھايان!
* *
قىلسا گەر ھەركىمكى كۆزلەپ ياخشىلىقنى نەپ ئۈچۈن،
كۆرسىتەر ئەكسىنى ئەينەك بوپ،ئۇنى دەيمىز نادان!
* *
بۇ ھاياتتا تەدبىرى گەر بولسا كىمنىڭ ياخشىلىق،
ئالغۇسى كاتتا مۇكاپات تەقدىرىدىن بەك ئاسان!
* *
ياخشىلىق پۈتمەس ئېقىندۇر، قىشۇ-يازى ئۆكسىمەس،
بۇ مۇھەممەت ئارزۇسىدۇر، ياخشىلار بولسۇن ئامان!
* *
مەنبە: ئۆزۈم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-3 02:58 PM