ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەداشلار دىدار غەنىمەت سىلەر بىلەن بۇ مەھھۇم دۇنيادا يەنە بىر قېتىم
دىدارلىشىالىغانلىقىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن .
ئاچچىقىڭ كەلسىمۇ بەزى چاغلاردا ،
ئەقىلنىڭ كۈچىدە چىڭ تۇت ئۆزۈڭنى .
ئويلاپ قىل ھەر ئىشنى نادان ئەمەسسەن ،
سەن ئۆزۈڭ ساقلىغىن ئابروي_يۈزۈڭنى .
ئابرويغا ئىرىشىش ئىناۋەت تېپىش ،
ئابروينى ساقلاشتىن ئاسانراق ئىشتۇر .
ئابرويى تۇرۇقلۇق ئۆزى تۆككەنلەر ،
ئۇلارغا باھار ئەمدى زىمىستان قىشتۇر .
***************************************
سۆيگۈنۈم
سۆيگۈنۈم مۇھەببەت كۈتتۈم بەك ئۇزاق ،
ئىشەنگىن مەن ساڭا قۇرمۇدۇم تۇزاق .
يۈرىكىم بىئارام دورىسى ۋىسال ،
ۋىسالسىز تەنھالىق يالغۇزلۇق دوزاق .
كۈن-تۈنۈم ئازاپتا ئۆتەر مۇشۇنداق .
ئۇنتاي دەپمۇ ئۇنتالمىسام قىلىمەن قانداق ،
سەن مىنىڭ قەلبىمدە ئېچىلغان گۈلسەن .
مەن سىنىڭ كۆڭلۈڭدە بولساممۇ يانتاق .
گۇناھمۇ ئەي جانان ساڭا كۆيىنىش ،
يەتمەسمۇ سىنىڭدىن ماڭا سۆيىنىش .
ئىشەنگىن ھەممىنىڭ تۇتار خارلىقى ،
ئۇۋالكەن كۆيۈنۈپ دۈشمەن كۆرۈنۈش .
******************************************
يۈرىكىمدە زەرداپ بار
يىتەلمىگەچ ۋىسالغا يۈرىكىمدە زەرداپ بار ،
بۇلۇپ ئۆتكەچ مۇساپىر يۈرىكىمدە زەرداپ بار .
ياخشىلىقنى قىلاي ياخشى سۆزلەر قىلغاندا ،
ئاڭلىغاچقا يامان گەپ يۈرىكىمدە زەرداپ بار .
يىتىملىكنىڭ رەڭگىدىن يۈرىكىمدە زەرداپ بار .
دوستلار ئارا بەك ئۇزۇن ئىزدەشمىگەچ كۆرۈشمەي ،
كەتتۇققۇ بىز پەقەتلا ھالىڭ نىچۈك بىلىشمەي .
ئۇچرىغاندا تۇيۇقسىز بىرەر گەپ-سۆز دىيىشمەي ،
ئالتە كۈنلۈك ئالەمدە يۈرەمدۇق بىز كىلىشمەي .
سەبىي دوستنى ئويلىسام يۈرىكىمدە زەرداپ بار .
تۇققانلار جەم بۇلالماي ئايەمدە ھەم بولالماي،
ياتلىشىشتىن تۇققاندىن قىلچىلىكمۇ ئۇيالماي .
شەھەرنىڭ دۇت ئىسىغا كۈندە شوراپ تۇيالماي ،
مەنپەئەتنى تۇققاندىن زىنھار ئۈستۈن قۇيالماي .
شۇنداقلارنى ئويلىسام يۈرىكىمدە زەراداپ بار .
كىلىپ شۇنچە يىراقتىن قالسا ئانا پىراقتىن ،
ئىستىقبالنى ئىزدىگەن دىبادىكى چىراقتىن .
تاشلاپ شەرمى-ھايانى ئىزەپ مودا پۇراقتىن ،
سوقۇشتۇرۇپ رومكىنى بەخىت ئىزدەپ ھاراقتىن .
يۈرگەنلەرنى ئويلىسام يۈرىكىمدە زەرداپ بار .
جان بالام دەپ يىراقتا قالسا ئانا چۆل تاغدا ،
ئانىسىنى ئويلىماي يۈرۈپ ئۈزى گۈل باغدا .
تۇيالمايدۇ بىرەر ۋاخ ئانىغا يوق نان زاغرا،
رېستۇرانمۇ -رېستۇران ئۆزى تويۇپ گۆش ياغدا.
شۇ ياشلارنى ئويلىسام يۈرىكىمدە زەرداپ بار .
مېڭىشلىرى يات قەۋىم چىقىرىپ تېخى ساغرا ،
بىر نان تاپسا داپ چېلىپ يەتمەي چالىدۇ ناغرا .
دەپ يۈرەر شۇ ھالىغا ئەجدادىم مىنىڭ بۇغرا ،
ئىزدەپ يۈرەر ھەممىسى پايدا نەدىنمۇ ئۇچرا .
ئۇنداقلارنى ئويلىسام يۈرىكىمدە زەرداپ بار .
پايدا چىقماس جىدەلگە كۈندە ئىزدەپ ئارلىشىپ ،
قېرىندىشى تۇرۇپمۇ دەسسەپ - پۇلاپ قانلىشىپ .
ۋىجدان سېتىپ نان تېپىپ ھاياتىىنى قامدىشىپ ،
ئورا كولاش كويىدا كىچە-كۈندۈز چامدىشىپ .
يۈرگەنلەرنى ئويلىسام يۈرىكىمدە زەرداپ بار .
بىلىم ئېلىش نىيەتتە كەلگەن تۇرۇپ ئۆزلىرى ،
ئويناپ يۈرەر تاماشا كىتاب كۆرمەس كۆزلىرى .
ئاتار پونى باج ئالماس بەك يوغاندۇر سۆزلىرى ،
قىلسىمۇ گەر يامان ئىش قىزارمايدۇ يۈزىلىرى .
شۇ دوسلارنى ئويلىسام يۈرىكىمدە زەرداپ بار .
ئاپتۇرى:مۇھەممەتئەلىجان.چۇڭقۇرچاق
قېرىنداشلىرىمنىڭ كۆپرەك قوللاپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئۆزۈم ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان <<مەن ئۆلەرمەن>>دىگەن
ناخشىنى سىلەرگە كۆڭۈل سوۋغىسى قىلىمەن .
(يانفۇندا ئاۋازغا ئالغان )
گىتتاردا:نۇرئەلىجان ئۆمەر
ناخشىدا:مۇھەممەتئەلىجان.چۇڭقۇرچاق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barquk8 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-3 01:51 PM