كەلدىڭ
ئەي جانان خۇشبۇ بېغىمغا ئۇماققىنا كۈلۈپ كەلدىڭ ،
ئۆزۈڭ بىلەن شەرمى-ھايا ھەم پەزىلەت ئېلىپ كەلدىڭ .
ئىشقى ئوتۇل يامان ئىكەن چەكتى يۈرەك زىل تارىنى ،
يۈرەك ئەمەس ھۇجۇدۇمغا ئىشقى ئوتى سېلىپ كەلدىڭ .
قاراقاشىڭ بولدى خەنجەر يۈرەگىمگە ئېتىپ كەلدىڭ ،
ھۆرپەرىدۇر ھۆسنىڭ گويا يۈرەك بىھۇش قىلىپ كەلدىڭ .
كەلگىن جانان شۇ بېغىمدا ئەيلسۇن ھەم بۇلبۇل ناۋا ،
چۇنكى سەن تىنچ قەلىبكە ئوتلۇق ھېسلار سېلىپ كەلدىڭ .
تىنچ ئىدى سەبى يۈرەك سەن تارىنى چىكىپ كەلدىڭ ،
ۋولقان كەبى ئشقىڭ بىلەن يۈرەكلەرنى پۇچىلاپ كەلدىڭ .
پۇچىلاندى بۇ يۈرەگىم ئىزلەر سەندىن داۋاسىنى ،
چۇنكى سەن چاڭقاق قەلىبكە ئابى كەۋسەر ئېلىپ كەلدىڭ .
مەنبە: ئۆزۇم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-3 02:40 PM