ئۇيغۇردەك ياشىغىن ئۇيغۇرنىڭ قىزى
كوچىدا يۈرىيسەن يېرىم يالىڭاچ،
ئەجداتلار روھىنى دىگۈزۈپ ۋاي دات،
ئەنئەنە پايخاندۇر پاستى مۈشكىلات،
ئۇيغۇردەك ياشىغىن ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
كۆزلىرىڭ،قاشلىرىڭ نازلىق ئوينايدۇ،
ئەسلىڭگە،بەختىڭگە زاۋال چىللىيدۇ،
قىلىقىڭ،تۇرقىڭدىن شەيتان يايرايدۇ،
ئۇيغۇردەك ياشىغىن ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
كاساڭنى ياپالماس كەيگەن يوپكاڭمۇ،
نىمانچە نىپىز ھەي كەيگەن كوپتاڭمۇ؟
يېرىمى ئوچۇقلا تۇرار ‹‹بوقچاڭ››مۇ،
ئۇيغۇردەك ياشىغىن ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
ئۇيادلىق يەرلىرىڭ مانا مەن دەيدۇ،
ئاھ،ئاپئاق يوتاڭدا شەھۋەت كىشنەيدۇ،
كۆزلىرىڭ توختىماي ھەمرا ئىزدەيدۇ،
ئۇيغۇردەك ياشىغىن ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
ئەسلىڭدىن ئايناقلاپ كەتتىڭ نىمانچە،
پات-پاتلا كېچىسى كىرمەيسەن ئۆيگە،
ئوۋ ئوۋلاپ،ئوۋ بولۇپ يۈرىيسەن نەدە؟..
ئۇيغۇردەك ياشىغىن ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
بىرىگە ئاشناسەن ،بىرىگە خوتۇن،
بەزىدە ئاھۇ سەن،بەزىدە مۇلۇن،
بەزىدە پەرىشتە ،بەزىدە مەلئۇن،
ئۇيغۇردەك ياشىغىن ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
قىلىسەن پاھىشە،چىكىسەن نىشە،
خۇمارسەن خىروئىن،ھاراق ئىچىشكە،
ئون سەككىز مىڭ ئالەم قىلىدۇ نالە،
ئۇيغۇردەك ياشىغىن ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
پاسىقلار ھەر جايدا رەسۋا،خارۇ-زار،
ئۇلاردىن ئەل-يۇرتقا كېلەر بالالار،
ئۇلارغا ئەگەشكەن ئاسىي گۇناھكار،
ئۇيغۇردەك ياشىغىن ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
ناپاكلار ھامىنى قالار خورلۇقتا،
ئادەمنىڭ قىممىتى ئاشار پاكلىقتا،
ئازغۇنلۇق ئادەمنى تىقار پاتقاققا،
ئۇيغۇردەك ياشىغىن ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
شەھۋەتلەر يامرىسا ئەلگە كۆپ كۈلپەت،
تۇپراقتىن،مىللەتتىن كېتىدۇ نۇسرەت،
ھەر ئىككى دۇنيادا بولار ئازاپ،دەرد،
ئۇيغۇردەك ياشىغىن ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
قىزلىرى بۇزۇلغان ئەلگە ئاپەت بار،
زىمىنغا ئاھانەت ئەرگە كۈلپەت بار،
ناپاككا،ئازغۇنغا نەدە نۇسرەت بار،
ئۇيغۇردەك ياشىغىن ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
ئاناڭنىڭ كۆڭلىنى ئۇرمىغىن يەرگە،
داداڭنىڭ يۈرىكى تولمىسۇن دەردكە،
پاكلىقنى مۇقەددەس بىلىپ ھەمىشە،
ئۇيغۇردەك ياشىغىن ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
كىيىمىڭ يۆگىسۇن تىنىڭنى تولۇق،
بىل ھايا،پەدىشەپ ئۆچمەس يۇرۇقلۇق،
ئەخلاقنى مىزان قىل،قىلماي پوخۇرلۇق،
ئۇيغۇردەك ياشىغىن ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
ھالال،پاك ياشىغىن ساتماي ۋىجداننى،
جان تىكىپ قوغدىغىن ۋىجدان ئىماننى،
ھەق ئىگەم كەچۈرمەس قايتا ئازغاننى،
ئۇيغۇردەك ياشىغىن ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
بۇلغىماي ئەجداتنىڭ ئۇلۇغ نامىنى،
ياشىغىن ئايرىپ سەن ھالال،ھارامنى،
قوغدىماق پەرزدۇر نۇمۇسنى،ئارنى،
ئۇيغۇردەك ياشىغىن ئۇيغۇرنىڭ قىزى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شورلۇق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-3 04:29 PM