دەريانىڭ ئۈچىنجى قىرغىقى
若昂·吉马朗埃斯·罗萨(بىرازىلىيە)
دادام تىرىشچان،مەسئۇلىيەتچان،سەمىمىي ئادەم ئىدى.ئېسىمدە قېلىشىچە،ئۆي ئانامنىڭ باشقۇرىشىدا ئىدى.
بىراق بىركۈنى مۇنداق ئىش يۈز بەردى:دادام ئۆزىچىلا بىرقېيىق زاكاس قىلىپ قويغانىدى.
دادامنىڭ قېيىققا بولغان تەلىپى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى.قېيىق مىموزا ياغىچىدىن ياسالغان ،پۇختىلىقىدىن سۇدا يىگىرمە-ئوتتۇز يىل بەرداشلىق بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك ئىدى.ئانام قايناپلا كەتتى،دادام بولساھېچنەرسە دېمىدى.
دادام قېيىقنى ئەكەلگەن كۈننى ھەرگىزمۇ ئۇنتىيالمايمەن.دادامدا ھېچقانداق ئالاھىدە ئىپادە كۆرۈلمىدى.ئادەتتىكىگە ئوخشاشلا بىزگە خوش دەپ قويۇپلا ئىشىككە قاراپ ماڭدى،يىمەكلىكمۇ، باشقانەرسىمۇ ئېلىۋالمىدى.ئاپامنىڭ يۈزلىرى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى،ئۇدادامغا<<ئەگەر چىقىپ كەتسەڭ سىرتتا يۈر،ئۆيگە ئىككىنچىلەپ قايتىپ كەلمە.>>دېدى.
دادام شۇندىن كېيىن قايتىپ كەلمىدى.ئەمەلىيەتتە ھېچ يەرگىمۇ بارمىغان ئىدى،ئۇ ئاشۇ دەريادا ئۇياندىن-بۇيانغا ئۈزۈپ،لەيلەپ يۈرەتتى.ھەممە ئادەم قورقۇپ كەتتى.ئەزەلدىن يۈز بېرىپ باقمىغان ھەم يۈز بېرىشى مۇمكىن بولمايدىغان ئىش يۈز بەرگەنىدى.
ھەر بىر ئادەم دادامنى ساراڭ بوپتۇ دەپ ئويلاپ قالدى.ئاپام نومۇس ھېس قىلاتتى-يۇ بىراق ھېچ نەرسە دىمەييتى،ئامال بار تەمكىنلىكنى ساقلايتتى.
دەريادىن كېچىپ ئۆتىدىغانلار بولسۇن ۋە ياكى دەريانىڭ ئىككى قىرغىقىدا ئولتۇراقلاشقان ئادەم بولسۇن،دادامنىڭ قىرغاققا دەسسىگىنىنى كۈندۈزدىمۇ،كېچىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى دېيىشەتتى.ئۇ تاشلىۋېتىلگەن قېيىققا ئوخشاش دەريادا نىشانسىز،يالغۇز لەيلەپ يۈرەتتى.كىشىلەر ئىزچىل ھالدا دادامغا نىسبەتەن يىمەكلىك چوڭ بىر مەسىلە،ھامان دەريادىن ئايرىلىپ ئۆيىگە قاتىدۇ دەپ ئويلىشاتتى.
بىراق كىشىلەر ئېغىر خاتالاشقانىدى.دادامنىڭ بىر مەخپىي ئامبىرى بار ئىدى،ئۇ بولسىمۇ دەل مەن ئىدىم.مەن ھەر كۈنى يىمەكلىك ئوغرىلاپ دادامغا يەتكۈزۈپ بېرەتتىم.دادام ئۆيدىن ئايرىلغان كۈنى بىز بىر ئائىلىلىك كىشىلىرى قىرغاقتا گۈلخان يېقىپ تەڭرىگە دۇئا قىلدۇق،دادامغا قاراپ توۋلىدۇق.مەن قاتتىق ئازاپلاندىم،دادام ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلىدىم.
ئىككىنچى كۈنى مەن بىر زاغرا،بىر ساپاق بانان،ئازراق كەمپۈت ئېلىپ دەريا بويىغا كەلدىم.تىت-تىت ھەم ئەندىشچىلىكتە بەك ئۇزاق ساقلىدىم.ئاخىر مەن ئۇ قولۋاقنى كۆردۈم،دادام ئۈستىدە ئولتۇراتتى.ئۇ مېنى كۆردى،بىراق بۇياققا كەلمىدى،ھەم ھېچقانداق ئىشارەتمۇ قىلمىدى.مەن يىمەكلىكنى يىراقتىن ئۇنىڭغا كۆرسىتىپ شۇ يەردىكى تاشنىڭ كامىرىغا قويۇپ قويدۇم.شۇنىڭدى بۇيان ھەر كۈنى شۇنداق قىلدىم.
كېيىن ماڭا بىر نەرسە غەلىتە تۇيۇلدى،ئاپام ئەسلىدەقىلغان ئىشىمنىڭ ھەممىنى بىلدىكەن،ھەم يىمەكلىكنى ھەمىشە مەن ئاسان ئالالايدىغان يەرگە قويۇپ قويىدىكەن.
كۈن ئاينى قوغلىشىپ،ئاي يىلنى قوغلىشىپ ئۆتىۋەردى،ھەدەممۇبىر ئوغۇل تۇغدى،ھەم دادامغا نەۋرىسىنى كۆرسىتىمەن دەپ ناھايىتى چىڭ تۇرىۋالدى.بىزدەيا بويىغا كەلگەن كۈنى ھاۋا ئىنتايىن ياخشى ئىدى.ھەدەم بوۋاقنى ئېگىزكۆتۈرۋالغانىدى،يولدىشى بولسا ئۇلار ئۈچۈن كۈنلۈك تۇتۇپ بېرەتتى.بىزتوۋلىدۇق،ۋارقىرىدۇق،بىراق دادام كۆرۈنمەيتتى.ھەدەم يىغلىدى،بىزمۇ تەڭ يىغلاپكەتتۇق.
كېيىن،ھەدەم يولدىشى بىلەن بىللە يىراققا كۆچۈپ كەتتى،ئاكاممۇ شەھەرگە كۆچۈپ كەتتى.دەۋرمۇ تۇيدۇرماستىلا ئۆزگىرىپ كەتتى.ئاپاممۇكەتتى،ئۇ ياشانغانىدى،قىزى بىلەن بىرگە تۇرمۇش كەچۈرگىلى كەتتى.پەقەت مەن بىرئادەملا قېلىپ قالدىم.
مەن توي قىلىشنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىدىم.مەن قېپقېلىپ ھاياتتىكى ھەرخىل قىيىنچىلىقلارغا تەنھا يۈزلەندىم.دادام---دەريادايالغۇز لەيلەپ يۈرگەن دادام ماڭا موھتاج.ئۇ ھېچقاچان ماڭا بۇنداق دەپ باقمىغان تەقدىردىمۇ ئۇنىڭ ماڭا موھتاجلىقىنى بىلىمەن.مەيلى قانداق بولشىدىن قەتئىينەزەر مەن بۇنى دادامدىن كۆرمەيمەن.
چېچىم ئاستا-ئاستا ئاقىرىشقا باشلىدى،كېسەل بىلەن ئۆلۈمنى بارغانسېرى كۆپ سۆلەيدىغان بوپقالدىم.ئۇچۇ؟نېمىشقا بۇنداق قىلىدۇ؟يەنىلاجاۋاپ يوق.ئاخىر بىر كۈنى ئۇ ھېرىپ ھالىدىن كېتىدۇ،ئاندىن قولۋاقنى ئۆرىۋېتىدۇ،ياكى بولمىسا قولۋاقنى دەريا سۈيىنىڭ ئېقىتىشىغا قويۋېتىدۇ،ئاخىردا كېمىگە سۇ يىغىلىپ چۆكۈپ كېتىدۇ.ئاھ،تەڭرىم!
مەن كۈتۈۋاتىمەن،كۈتۈۋاتىمەن.ئاخىرى ئۇ يىراقتاكۆرۈندى،ئۇ يەردە،ئەنە ئۇيەردە.مەن ئىچىمدىن قەسەم بەردىم،بار ئاۋازىم بىلەن توۋلاشقا باشلىدىم:
<<دادا!دەريا ئۈستىدە بەك ئۇزۇن تۇرۇپ كەتتىڭ! سەن قېرىدىڭ،قايتىپ كەلگىن!سەن بۇنداق قىلمىساڭ قەتئىي بولمايدىغان بولمىغاندىكىن،قايتىپ كەلگىن،مەن سېنىڭ ئورنۇڭنى ئالاي،ھازىرلا،سەن خالىساڭ مەن قولۋىقىڭغا چىقىپ سېنىڭ ئورنۇڭنى ئالاي!>>
ئۇ ئاڭلىدى،ئورنىدىن تۇرۇپ پالىقىنى تەۋرەتكىنىچە مەن تەرەپكە ئۈزۈپ كەلدى.ئۇ مېنىڭ تەلىپىمنى قوبۇل قىلدى.
شۇ تاپتا مېنىڭ پۈتۈن بەدىمنى تىترەك باستى.چۈنكى ئۇ قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ماڭا ئىشارەت قىلۋاتاتتى،شۇنچە يىلدىن بۇيان بۇ بىرىنجى قېتىملىقى ئىدى.مەن بەرداشلىق بېرەلمىدىم.......مەن بەك قورقۇپ كەتتىم،چاچلىرىممۇ تىكلەشكەن،ساراڭ بولغاندەكلا قېچىپ كەتتىم،چۈنكى ئۇ باشقا بىر دۇنيادىن كەلگەن ئادەمگە ئوخشايتتى.مەن بىر تەرەپتىن يۈگۈرگەچ يەنە بىر تەرەپتىن تەڭرىنىڭ ماڭا كەڭرىچىلىك قىلىشىنى تىلەيتتىم.
قاتتىق قورقۇش مەندە بىرخىل سوغۇق سېزىم پەيدا قىلدى،مەن ئاغرىپ يېتىپ قالدىم.
شۇندىن كېيىن ھېچقانداق ئادەم ئۇنى كۆرۈپ باقمىدى.شۇندىن كېيىن مەن يەنەبىر ئەركەكمۇ؟مەن ئۇنداق قىلماسلىقىم كېرەك ئىدى،جىمجىتلىقنى ساقلىشىم كېرەك ئىدى.بىراق مەن بۇنى چۈشەنگىنىمدە بەك كېچىككەنىدىم.مەن ئەمدى قەلبىمنىڭ پايانسىزچۆلىدە ياشىماي ئامالىم يوق ئىدى.ئېھتىمال ئۆمرۈم ئۇزۇنغا بارمايدىغان بولدى.مەن جان ئۈزىدىغان چېغىمدا،باشقىلارغا مېنى كىچىك قېيىققا سېلىپ،دەرياغا ئېقىتىۋېتىشنى ئېيتىمەن،ئاندىن دەريادا غايىپ بولۇپ دەريا تەكتىگە چۆكۈپ كېتىمەن.