مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 394|ئىنكاس: 15

مېھىر-مۇھەببەت ياشىسۇن! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33990
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4626
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2011-3-15
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 12:15:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن ماتېرىيال كۆرىۋىتىپ مۇنداق بىر ھېكمەتلىك ھېكايەتنى ئوقۇپ قالدىمدە، ئۆزۈم ئاجايىپ تەسىرلىنىپ كەتتىم، شۇڭا بۇنداق ياخشى ھېكايەتتىن بارچە تورداشلارنى ھەمبەھرىمان قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە ئىلىپ كىردىم، تالانتلىق شائىرىمىز ھەم ھۆرمەت تۆرىدىكى ئاكىمىز مۇختەر بۇغرا قايسىدۇر بىر شئېرىدا << مېھىر-مۇھەببەت ئىنسانغا قانات >> دەپ ھەقىقەتەن ياخشى ئېيتقان ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئەتراپىمىزدىكى بولۇۋاتقان ھەر تۈرلۈك ئىشلار مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئۇلۇغ كۈچىدىن يارىتىلىۋاتقانلىقى ھەمىمىزگە ئايان، مەن مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ھەقىقەتەن ئۇلۇغلۇقىنى ھەم كۈچلۈكلۈكىنى رەيھان ئاپپاي باشچىلىقىدىكى <<مېھىرىبان ئانىلار>> سىماسىدىن ھەققىي ھېس قىلدىم، مېھىر-مۇھەببەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ياقا يۇرتلاردا كۆرگەن يۇرتدىشىم ھەم قېرىندىشىم چېھىرىدىن ھەققىي ھېس قىلدىم.
2009-يىلى  11-ئايدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە قىلغان ساياھىتىمدە،  شاڭخەي پويېز ئىستانسىدا ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر قېرىندىشىمنى كۆرۈپ، ھاياجىنىمنى باسالماي<< ۋاي ئۇيغۇرلار ئىكەن>> دەپ توۋلاپ سالدىمدە-ئالدىغا يۈگۈرۈپ بىرىپ مېھىر-مۇھەببەت سالىمىنى يەتكۈزدۈم، ھەمدە ئۇلار بىلەن ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم بىلەن كۆرۈشكەندەك كۆرۈشۈپ، ھال-مۇڭداشتىم، ئۇيغۇر تىنىقىدا ھەمسۆھبەت بولدۇق، ئۇلارنىڭ ئېيتىشچە:<< 90-يىللاردا خوتەندىن ئۈرۈمچىگە ئىش-ئوقەت قىلىش ئۈچۈن بارغاندا ئۈرۈمچىدىكى ئۆز قېرىنداشلىرىمىز، ئۆز دىنداشلىرىمىز بۇلارنى ئالتەشەلىك سېسىقلار دەپ بازارغا پاتۇرمىغان ئىكەن، ئۈرۈمچىگە پاتمىغان ئۇيغۇر، ئۆز بېشىنى ئىلىپ تۇرمۇشنىڭ ئۇرۇندى-سوقۇندىلىرىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى ئايلىنىپ، مەن كۆرگەن مۇشۇ شاڭخەيگە ماكانلىشىپ قاپتۇ، مانا ھازىر كۈنلىرى يامان ئەمەس ئىكەن، بىرەسى ئۇيان ئۆت، بۇياققا ماڭ دېمەيدىكەن، بازار ھەققى تاپشۇرىدىكەن، ئىككەيلەن كاۋاپچىلىق قىلىدىكەن، يەنە بىرەيلەن گۈلە-قاق، ياڭاق-كىشمىش ساتىدىكەن (مېنىڭ كۆرگىنىم) ، ئۇلار كۈنلىرىنىڭ قانداق ئۆتىۋاتقانلىقى ۋە شەھەرنىڭ ئەھۋاللىرىنى بەس-بەستە سۆزلەپ كەتتى.>> بۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن بۇرۇنراق ئۆز قېرىندىشىنى قوغلىغان قېرىنداشلارغا بەك ئىچىم قاينىدى، بەس........

ئىنسانلار توغۇلۇشىدا تەپمۇ-تەڭ، ھەممىسى باراۋەر ئىكەن، بىراق موھىت، ئىقتساد، مەدەنىيەت ئۇلارنى يۇقىرى-تۆۋەن، باي-كەمبەغەل دەپ ئايرىيىدىكەن، ھاۋا ھەم قۇياشتىن تەڭ بەھرىلەنسىمۇ ، ئىنسانلار ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەتتىن كۆڭلى سۇ ئىچمەي تالاي قېرىنداشلىرىمىز بۇلۇڭ-پۇچقاقلاردا بويۇن  قىسىپ قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا بۈگۈنكىدەك قورسىقىمىز توق، كىيمىمىز پۈتۈن، ماددىي مەئىشەتلىرىمىز  ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلىنۋاتقان كۈنلەردە مېھىر-مۇھەببەتكە تەشنا قېرىنداشلىرىمىزغا ھەققىي مېھىر-مۇھەببىتىمىز بىلەن كۆڭلىمىزنى بەرسەك دەيمەن ....

جەمئىيتىمىز ھەقىقەتەن ياخشى بىر كەيپىياتتا راۋاجلىنۋاتىدۇ، بىراق چوڭ-كىچىك دەرەخلەر سۇنى تەڭ ئىچىپ، ھاۋانى تەڭ سۈمۈرۈپ ياشىيالىغان بىلەن چوڭ-كىچىك قېرىنداشلىرىمىز ئۇنداق بولمايىۋاتىدۇ، خۇددى بۇغرا ئاكىمىز ئېيتقاندەك--- بەزەن قېرىنداشلىرىمىز دوزاققا تۇتۇرۇق بولغىدەك يامانلىقلار ئۈستىدىن چۈشەلمەي، ھەتتا يېتىمىنىڭ رىسقىغىمۇ چاڭ سىلىۋاتىدۇ، بەزەنلىرىمىز دانكوغا ئوخشاش ئۆز يۈرىكىنى باشقىلارغا بىرىۋاتىدۇ، ھەي، ھەممەيلەن ئىللىق بىر مېھىر-مۇھەببەتكە ھەم ھەقىقىي خوشھاللىققا مۇھتاج، دۇتار بىلەن ئۇسۇل تېخى بىزنى باي قىلالمىدى، يەنە شۇ تەقدىر شۇنداق دەپ <<ئاچچىق>> كۈلدۈق. دىللىرىمىز مېھىر-مۇھەببەتتىن سۇ ئىچكىندىن بۇرۇنراق، قەلبىمىز ئىچ-ئىچىدىن سېسىشقا باشلىدى،  ھەمىمىز ئىنسانىي مېھىر-مۇھەببەتكە مۇھتاج، بۇ ھايات مېھىر-مۇھەببەتكە تولسۇن، غەيۋەت-نەپرەت بىزدىن يىراق تۇرسۇن.................

شۇنداق بۇ ھېكمەتلىك ھېكايەتنى ئەمدى سىزگە سۆزلەپ بىرەي دوستۇم....

چەت ئەلدىكى بىر سېستىرالىق مەكتىپىدە، پروفېسور ئوقۇغۇچىلاردىن تۇيۇقسىز كىچىك سىناق ئاپتۇ. ئىمتىھان سۇئالىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سۇئال مۇنداق ئىكەن:<< ھەر كۈنى مەكتەپ قورۇسىنى سۈپۈرىدىغان ئايالنىڭ ئىسمى نېمە؟>>
بۇ سۇئالغا قاراپ ئوقۇغۇچىلار پروفېسورنىڭ نېمىشقا بۇنداق سۇئال چىقارغانلىقىدىن ھەيران قاپتۇ.
ئۇلار مەكتەپ تازىلىقىنى قىلدىغان ئايالنى كۈندە كۆرۈپ تۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئىسمىنى ھېچكىم سوراپ باقمىغانىكەن. دەرستىن چۈشىدىغان چاغدا بىر ئوقۇغۇچى پروفېسوردىن : << ئەڭ ئاخىرقى سۇئالغىمۇ  نومۇر قويامسىز ؟>> دەپ سورىغانىكەن، پروفېسور : << ئەلۋەتتە نومۇر قويىمەن. سىلەر كەسپىي ھاياتىڭلاردا نۇرغۇن كىشلەر بىلەن ئۇچرىشىسلەر، ئۇنىڭ ھەمىمىسى سىلەر ئۈچۈن مۇھىم، ئۇلارنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ دىققەت قىلىشىڭلارغا، كۆيۈنىشىڭلارغا ئەرزىيدۇ، ھىچ بولمىغاندا ئۇلارغا كۈلۈمسىرەپ قويۇڭلار، ئۇلاردىن ئەھۋال سوراپ قويۇڭلار>> دەپتۇ.
ئوقۇغۇچىلار : << بۇ بىر سائەتلىك دەرس بىزگە ناھايىتى چوڭقۇر تەسىر قىلدى>> دىيىشىپتۇ.

                                ---------تەرسائىي     (قەدىمى قىزىل كۈرە  27-نويابىر )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-3 01:13 AM  


ھەرۋاقىت مىللەتنىڭ  كەلگۈسىگۈسىگە كۆڭۈل بۆلەيلى !!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45827
يازما سانى: 560
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6914
تۆھپە نۇمۇرى: 538
توردا: 1472 سائەت
تىزىم: 2011-6-27
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 01:40:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇنداق......
دۇنيا مىھىر-مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر!

سەن خاتا قىلغىنىڭنى ھىس قىلغان ۋاختىڭدا،مەن ئالىقاچان تۇرمۇش يولۇمنى تېپىپ بولىمەن...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84762
يازما سانى: 303
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1125
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-9-6
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 01:45:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇ ئىچكىرىدە يۈرگەن ھەممە كىشى ئۇنداق بولمايدىكەن ، مەن ئالدىنقى يىلى  چىڭدۇ پويىز ئىستانىسىسىنىڭ ئالدىدىكى  2-يول كوچا ئاپتۇۋۇزىدا  ئوندىن كۆپرەك ئويغۇرنى ئۇچراتتىم . ئۇلاردىن بىر ياشقا چوڭراق ئادەمگە  تىشلىقمۇ ئاكا يۇرتتىن ھازىر چىقتىڭلارمۇ دەپ سورىسام  بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلماي تەتۈر قاراپ ئولتۇرىدۇ ،باشقىللىرىدىن بىرەرسى گەپ قىلىدىغاندەك ئەمەس  توۋا دىدىم ، يا ئۇيەردىن  قىزغىنىۋاتامدۇ ،    شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ گەپ قىلماي ئولتۇردۇم.

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم  دوسلار ياخشىمۇسىلەر

ھىچكىمدىن ئاغرىنىش ھەققىڭ يوق

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 1776
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7586
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 694 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 01:56:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھازىر كىشىلەردە ئۆز - ئارا مىھىربانلىق كۆتۈرىلىپ كىتىپ بارىدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87830
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 625
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 40 سائەت
تىزىم: 2012-11-28
ئاخىرقى: 2012-12-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 02:13:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مېنىڭچە بۇ زاماندا بىر بىرسىگە .ئىشنىپ كەتكۈلى بولمايدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87795
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 55
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 12 سائەت
تىزىم: 2012-11-27
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 07:55:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 1147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14453
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1422 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 07:55:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسانلار بىر-بىرى بىلەن بولغان مىھرى-مۇھەببىتىنىلا ئەمەس بەلكىم تەبىئەت دۇنياسىغا بولغان مىھرى-مۇھەببىتىنىمۇ ئىپادىلىشى كىرەك.چۈنكى؛مال سېتىۋالماقچى بولغاندا يۈز يىۋەنلىك پۇل بەك چىرايلىق ھەم رولى چوڭ.ئەمما خالاغا  كىرىپ ھاجەت قىلغاندا بەش موچەنلىك تازىلىق قەغىزى بەك چىرايلىق ھەم بەك موھىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86790
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 238
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 09:23:10 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيا مىھرى-مۇھەببەت بىلەن گۇزالدۇر

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3008
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2840
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1530 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 10:09:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ھەقىقەتەنمۇ مىھرى - مۇھەببەتكە مۇھتاج .
لېكىن ھازىر پۇل ... تۇققاننى ياتقىلىپ ياتنى تۇققاندىن ئەزىز قىلىۋىتىپ بارىدۇ ئەمەسمۇ ؟
مەنپىئەت ھەممىدىن ئۈستۈن بولۇپ قىلىۋاتىدۇ .

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

مەسئولىيەتچان بۇلايلى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 2919
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19325
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 5985 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 10:14:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشىلەر ھازىر ماددى مەنپەئەتنىلا كۆرىدىغان بولۇپ كېتىۋاتىدۇ،مىھىر -مۇھەببەتنى كىشىلەر ئارىسىدىن كۆرۈش تەس بولۇپ كېتىۋاتىدۇ...ئەگەر ئاللانى ھەقىقىي تۇنىغان بولسىدى ھەرگىز بۇنداق بولمايتتى........ئەگەر شۇ سۈرئەتتە كافىرلار يولىدا كېتىۋېرىدىغان بولسا ،بۇ جاھان بىر-بىرىنى قىرغىن قىلىپ ،جاھاندا سوغۇق جۇد دەۋىر سۈرىدۇ...بۇنداق جاھاندا قانداقمۇ ياشىغىلى بولسۇن...ئاللانىڭ قىيامىتى بالدۇر كېلىپ قېلىشى مۇمكىن..........ئاللامۇ مېھىرلىك كىشىلەرنى ،ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنى ،ياخشى ئەمەللەرنى قىلغۇچىلارنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ......ئاللا ھەممىمىزنى ھىدايەتكە باشلىغاي.....
تېمىلىرىڭىز مۇنبەردىن ئۈزۈلمىگەي.

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش