مىسرانىم -مىھرى
تۈمەنلەپ مۇنبەرداش جەملەپ قوينىڭدا،
،ئائىلە مىھرىنى بەردىڭ ھەممىگە.
.قانچىلىك قەلەمكەش يىتىلدى سەندە،
چۈشۈردىڭ قەلەمنى پات-پات بەيگىگە.
چىن دوسلۇق رىشتىلەر باغلاندى سەندە،
.دوسلۇقتىن چىچەكلەر ھايات باغلىرى.
،بولساقمۇ يۇرۇت-يۇرۇتتىن ئىناقمىز شۇنچە،
،يوقالماس باغرىڭدىن باھار ھىسلىرى.
ھەممىنىڭ مەڭزىدە جىلۋىگەر كۈلكە،
چاخچاقلار ئەۋجىگە چىقىپتۇ قايناپ.
.مەشرەپ ھەم بەزمىلەر قىزىپتۇ راسا،
چاڭقاق ھەر قەلىپكە تۇرۇپسەن قايناپ.
مەنمۇ ھەم شەيدامەن مىسرانىم ساڭا،
.بارچە دىل سىنىڭدىن تاپىدۇ شاتلىق.
.ئىنتىرنىت كۆكىدە پەرۋاز قىل ھامان
،بىز بىلەن مەڭگۈگە بولغىن قاناتلىق!
مەنبە:قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا barnakiz886 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-2 11:32 PM