مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 783|ئىنكاس: 10

مۇھەببەت ناخشىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76361
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3538
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 10:28:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇھەببەت ناخشىسى
1
ئاي ئۆزىنىڭ گىرىمسەن نۇرلىرى بىلەن ئەتراپنى يورۇتۇپ تۇرۇدۇ،يۇلتۇزلارنى بىر قەۋەت تيۇمان ئورىۋالغان،ئىشىڭ ئالدىدىكى  ئېرىقتىن ئاققان ئەگىز سۇلىرىنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرۇدۇ.
سەن شۇ تاپ ئۇخلاپ بولغانسەن،چۈشلىرىڭدە ئىككىمىز يۈرگەن چىمەنلەرنى چۈشەۋاتقانسەنمۇ؟ ياكى؟... سەن كەتكىكى ھەپتە بولماي سېنى  شۇنداق سېغىندىم دىلبىرىم! ھىجران لېرىكىلىرى يۈرىكىمدە يالقۇنجىماقتا،چەكسىز سېغىنىش  مېنى ئەسىرگە ئالدى.
2
مېنى بالىلىق تۇيغۇلىرى بىلەن خوشلاشتۇرۇپ،ياشلىق بوسۇغىسىغا قەدەم قويغۇزغان-سەن.تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز قالدۇرۇپ، سۆيگۈ لېرىكىلىرىنى توۋلاتقۇزغانمۇ-سەن! ھايات يوللىرىمدا  قايغۇ،شادلىقنىڭ شېرىن ۋە ئازاپلىق دەملىرىنى ئۆتكۈزۈشكە سەۋەپچى بولغانمۇ-سەن.
ئىللىق تەبەسسۇم،جىلۋىلەرھەم ئوتلۇق تەسەللىيلەر بىلەن ھەسرەت ئازاپلار ۋە ھايات داۋانلىرىمدىكى ئوڭۇشسىزللىقلار ئۈچۈن غەلىبە قىلىشىمغا مەدەتكار بولغانمۇ-سەن. ۋاقىت ئۆزىنىڭ كۆرۈنمەس تولپارىنى چاپتۇرۇپ كۋتىۋاتىدۇ. سەن ۋە مەن بۇ ئۇزاق ھايات يۇلىنى بىرگە باسىمىز.  سەن ماڭا يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلىشىڭغا ئىشىنىمەن دىلبىرىم!...
3
ۋايىغا يەتكەن مۇھەببەت ناخشىلىرىم بىلەن سېنى مۇپەسسەل كۈيلىسەم دەيمەن ئامرىقىم.لېكىن نېمىشقىدۇرلىرىكىلىرىم سېنى تەپسىلىي كۈيلىيەلمەي تارتىنىش ئىچىدە ماڭا ئۈمىد بىلەن تىكىلىدۇ. مەن ئۇلارغا ھەممە نەرسىنى تۆكۈپ بەرسەممۇ ،ئۇلار يەنىلا سېنى تەپسىلىي كۈيلەپ بېرەلىگىنى يوق.
ئامرىقىم ! ناخشىلىرىم سېنى مەڭگۈ كۈيىگە قېتىپ مەھىيلەپ بولالماسلىقى مۇمكىن...

گوگۇم
گوگۇم قاراڭغۇلىق  مەشرىقتىن باشلىنىپ ئاستا-ئاستا يېيىلىشقا باشلىدى. باش كۈزنىڭ سوغۇق سەل ئادەمنى ئەندىكتۈرۈپ ئۆتمەكتە .ئۆستەڭنىڭ لاي سۇلىرى تىپتېنچ ئاقماقتا. شامال  سەھرا قىزىنىڭ  كەچلىك تامىقىنىڭ مېزىلىك پۇرىقىنى دىماغلارغا ئۇرماقتا!
مەن بۇ جايدا نېمىشقا يالغۇز تۇرىمەن!؟
قاياقتىندۇر پادىچى بالىنىڭ قوي كالىلىرىنى ھەيدەپ ۋارقىرىغان ئاۋازى ،دېھقان يىگىتنىڭ ئېتىز بېشىدا ئۇقۇغان ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى.بازاردىكى ئۆيلەرنىڭ لامپىلىرى ۋىل-ۋىل قىلىپ چاقنىماقتا.يۇلتۇزلار يەنە يېڭى ناخشىلىرىنى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىپ زىمىنغا تەقدىم قىلماقتا.
مەن ئاستا قايتىمەن،مىسرالىرىمغا ئاشۇ مېھنەت ئىگىسىنى سىڭدۈرىمەن. ئۇنىڭغا بېغىشلاپ ناخشا يازىمەن....

سېنىڭ جىلۋەڭ
شۇ كۈنى سېنىڭ ئاشۇ شېرىن بىر جىلۋەڭ مېنىڭ ياشلىق تۇيغۇلىرىمنى ئويغاتتى. مەن شۇندىلا ئۆزۈمنىڭ ئاللىقاچان بالىلىق چاغلىرىمنىڭ يىراققا كەتكەنلىكىنى،ئۆزۈمنىڭ نەۋقىران يىگىتلىك دەۋرگە يەتكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم.شۇندىن بېرى سېنىڭ ئاشۇ بىر جىلۋاڭ قەلبىم تۆرىدە ساقلىنىپ قالدى.
شۇ كۈنى سېنىڭ ئاشۇ شېرىن بىر جىۋەڭ ماڭا بۇ دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى ھىس قىلدۇردى. مەن ئۇنىڭدىن بۇرۇن دوستلىرىم بىلەن  گۈللۈكلەردە كېپىنەك قوغلاپ،ئەركىن تەبىئەتتە قېيغىتىپ  ،قوغلىشىپ ئويناپ  يۈرگەن بولساممۇ ،بۇ دۇنيانىڭ شۇنچە گۈزەللىككە تولغانلىقىنى پەقەتلا ھىس قىلمىغانىدىم.شۇ كۈندىن باشلاپ دۇنيادىكى گۈزەل تۇيغۇلارنى چەكسىز شادلىققا تولغان ھالەتتە ھىس قىلىشقا باشلىدىم.
شۇ كۈنى سېنىڭ ئاشۇ چەكسىز مۇھەەبەتكە تۇيۇنغان بىر جىلۋەڭ ماڭا سۆيگۈنىڭ نېمىلىكىنى ھىس قىلدۇردى. سەن ئاشۇ بىر جىلۋە قىلىشىڭ ئارقىلىق مېنى بالىلىقتىن خوشلاشتۇردۇڭ. دۇنيانىڭ گۈزەللىكىنى،بارلىق نەرسىنىڭ مۇھەببەتكە  تۇيۇنغانلىقىنى ھىس قىلدۇردۇڭ،قەلبىمدە سۆيگۈ ئۇرىقىنى بىخلاتتىڭ.
شۇندىن بېرى سەن يۈرىكىمدىن ئورۇن ئالدىڭ ئەي قىز!...
شۇندىن بېرى نېمىشقىدۇر ناخشا-مۇزىكىنىڭ مۇڭىغا،چەكسىز خىياللارغا غەرق بولدۇم.شۇندىن بېرى مەن يالغۇزلىقنى خالايدىغان،بۇرۇنقىدەك دوستلىرىم بىلەن ئوينىمايدىغان بولدۇم.
شۇندىن بېرى سېنىڭ ئاشۇ چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان بىر جىلۋەڭ كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى....
يىراقتىكى ناخشا ئاۋازى
مەن بۇيەردە خېلى ئۇزۇندىن بېرى تۇرۋاتىمەن،مەن بۇ يەردە تەنھا ئەمەس،شەپەق ئاخىرقى نۇرلىرىنى تەقدىم قىلۋىتىپ غايىپ بولدى. يۇلتۇزلار ماڭا سىرلىرىنى ناخشا قىلىپ،نۇرلىرى ئارقىلىق ئەۋەتمەكتە. باش قىشنىڭ سوغۇق شاماللىرى پىچىرلاپ ئۆتكىنىچە كىچە قوينىغا تارقىلىپ كەتمەكتە. ئاي قاپقارا بولۇتلار ئارلىقىدىن ئاستا مارىغىنىچە ماڭا نېمىنىدۇر دېمەكچى بولغاندەك كۈلۈمسىرىمەكتە.
مەن بۇ يەردە تۇرىۋەردىم لېكىن مەن يالغۇز ئەمەس.  غۇۋا نۇر تارقاتقان  ئاي ،يۇلتۇزلار، يېرىم قۇرىغان سارغۇچ ياپراقلار ماڭا ھەمراھ.
شۇنداقتىمۇ مەن يەنە گۈزەل ئەسلىمىلەر قوينىغا چۆككىنىمچە سېنى ئويلاۋاتىمەن دىلبىرىم!
سېنىڭ ئىللىق كۈلۈمسىرەشلىرىڭ، ئەركىلەشلىرىڭ، قىيداشلىرىڭ يۈرىكىمگە سېغىنىش لىرىكىلىرىنى يازماقتا. ھىجران كۈيلىرى قەلبىمدە بىخلىماقتا!... مەن ئۇنى باش قىشنىڭ بۇ سوغۇق كېچە قوينىغا تەقدىم قىلۋىتىپ مەنزىلىم تامان ئاستا يول ئالدىم...
ئەپسوس ئاشۇ يىللىرىم ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە بىكارچىلىقتا ئۆتۈپ كېتىپتۇ،مەن ئۇيقۇمنى ئېچىپ ئەتراپقا باققىنىمدا نۇرغۇنلىغان ياىشى پۇرسەتلەرنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.
ھاياتىمنىڭ  نەۋقىران ۋاقىتلىرى ئۆتۈپ كېتەي دەپ قالدى.ھاياتىمدا نەچچىلىگەن كۈز پەسلىنىڭ ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى  بىلەمەيمەن. مانا مۇشۇ دەمدىمۇ كۈز ئۆزىنىڭ رەھىمسىزلىكى بىەلن غۇنچىلارنى،گۈل-چېچەكلەرنى ئۈششۈتۈپ قويدى.
مەن ئەمدى سەگەك بولمىسام بولمايدۇ. سارغۇچ ياپراقلار ئاجىز ئىڭىرىغىنىچە شاماللاردا مەنزىلىدىن ئايرىلىپ يىراقلارغا ئۇچۇپ كەتمەكتە.
يىراقتىن بىر ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى،ئۇ ناخشا ماڭا بەخىتلىك دەملەرنى ئەسلىتىپ مېنى ئۈمىد سەيناسىغا باشلاپ ماڭدى.
ئەسەرلەر ‹‹ تۇرپان گېزىتى›› دە ئېلان قىلىنغان
مۇھەممەدجان ئەبەيدۇللا شەپقەت
مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا بازار شەپقەت شىپاخانىسى    13899175483


ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4135
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 01:29:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنبەنى ياخشى ئەسكەرتىپسىز  ،بىراق چ چ نى قۇشۇپ  قويماپسىز .
ياخشى يېزىپسىز ھارمىغايسىز  ،

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل
panama بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 01:41:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82204
يازما سانى: 240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2340
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 289 سائەت
تىزىم: 2012-6-27
ئاخىرقى: 2013-12-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 01:44:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا بازار شەپقەت شىپاخانىسى   نەچىنجى بىنا نەچىنجى قەۋەت نەچىنجى كارۋات ...

سورۇدۇم مەن ئاسماندىن يايرىم سىنى،
بۇ مىنىڭ ساڭا بولغان سىغىنىشىم،
يۇمۇلغۇچە بۇ كۈزۈم كىتەر بولساڭ،
ئىيتار ئىدىم مەن ساڭا كەتمە يىراق.

ھايات بىر شام ئۇ

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60842
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4135
تۆھپە نۇمۇرى: 688
توردا: 432 سائەت
تىزىم: 2011-10-17
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 07:06:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
panama يوللىغان ۋاقتى  2012-12-3 01:41 AM
ئىملاغا دىققەت . ئىشتان كىيىپ،سېىرىتمىسنى ئەتمىگەنلەر ...

خەت دىگەننى مانا مۇنداق يازمامدۇ،ئىملاسى توغرا يېزىلغان خەت دىگەن باشقىچە بۇلىدۇ،
ئەمدى بىرەر ئىككى ھەرىپنىڭ ئارتۇق كەتكىننى يىساپقا  ئالمىغاندا

ئۆتكەن كۈنۈڭ  جەبرىنى،  يالغۇزلۇقنىڭ دەردىنى، مەن تاتلىقنىڭ قەدرىنى ، بىل

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3442
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2589
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1636 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 10:11:00 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەنمۇ مۇڭ لىرىكا ئىكەن~

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 19186
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7695
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 1134 سائەت
تىزىم: 2010-11-26
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 10:35:50 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
yahxi yezilgan lirka!  

غايە  يول  كۆرسەتكۇچ  نۇرلۇق چىراق!    نائىل

ماتروس ــ ئەنۋەر

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14405
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9150
تۆھپە نۇمۇرى: 644
توردا: 1424 سائەت
تىزىم: 2010-10-18
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-3 11:57:23 AM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت.  ئۆزگىچە زوق ئالدىم بۇ تېمىدىن.   
مىسرانىم مۇنبىرىگىمۇ رەھمەت....   

ئاش تەڭ، نان تەڭ، سول نىمىشقا كەڭ !؟؟؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86246
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 498
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 182 سائەت
تىزىم: 2012-10-19
ئاخىرقى: 2015-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-5 11:25:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا، ئاللا ، ئۈستىدىكى قېرىنداشلار يۇمۇرغا ئۇستىكەن ھە .... ئەسەر ئېسل چىقپتۇ، قەلىمىڭىزگە دەرت بەرمىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76361
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3538
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 49 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2015-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-6 10:08:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا بازار شەپقەت شىپاخانىسى   نەچىنجى بىنا نەچىنجى قەۋەت نەچىنجى كارۋات ...

ئاجايىپ گەپ قىلدىكەنسىزغۇ؟  پېقىر تېۋىپ بولىمەن.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش