|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر ! ئالما تېلېفۇننىڭ كالىندارىنىڭ بىر ئىختىدارى بار .بەلكىم بىلىشىڭلار مۇمكىن ،شۇنداقتىمۇ بىلمايدىغانلار پايدىلانسۇن دەپ بۇ تېمىنى يېزىۋاتىمەن. سىز سۆيۈملۈك ئالمىڭىزنىڭ قاچان ،قايسى ۋاقىتتا قايسى سىنىپقا قانداق دەرسىڭىزنىڭ بارلىقىنى ئاپتۇماتىك ئەسكەرتىپ تۇرۇشنى ئارزۇ قىلامسىز ؟ ئۇنداق بولسا دېققىتىڭىز تېمىدا بولسۇن .
ئالدى بىلەن كالىندارنى ئېچىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى قوشۇش بەلگىسىنى بېسىڭ
ئاندىن 标题位置 دىگەن رامكىغا قاچان قايسى سىنىپقا نىمە دەرىس بارلىقىنى كىرگۈزۈڭ ھەمدە 重复 دىگەننى ئېچىپ 每周 دىگەننى تاللانى ئاندىن يەنە 开始دىگەننى ئېچىپ ۋاقىتنى بەلگىلەيسىز .ئەڭ ئاخىرىدا شۇ سائەتلىك دەرسىڭىزنى قانچە مىنۇت ئاۋال ئەسكەرتىشنى خالىسىڭىز شۇنى بەلگىلەيسىز .دىمەك موشۇ خىل ئۇسسۇلدا بىر ھەپتىلىك دەرسىڭىزنى توغرلاپ قويسىڭىز سىزنى يىل بويى دەرىس سەتكىسىگە قاراش ئاۋارچىلىقىدىن ساقلايدۇ ، پەقەت ھەر ماۋسۇمنىڭ بېشىدا شۇ ھەپتىلىك دەرىسنى يۇقارقى ئۇسسۇلدا توغرلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ . چوقۇم رازى بولىسىز ،
|
|
|
|
|
|