خارىپ (High Frequency Active Auroral Research Program,HAARP) نىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ تولۇق ئاتىلىشى- يۇقۇرى چاستوتالىق ئاكتىپ قۇتۇپ نۇرى تەتقىقات پىلانى. خارىپ(HAARP) پىلانى بولسا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دېڭىز-ھاۋا ئارمىيەسى يېتەكچىلىكى ئاستىدا بارلىققا كەلگەن پىلان بولۇپ، بازىسى ئالىياسكا شىتاتىنىڭ گاكونا (Gakona) ھەربىي بازىسىغا جايلاشقان. بازا ئىچىگە 180 ئانتىنا ئورۇنتىلغان بولۇپ ھەربىر ئانتىنا ئون نەچچە مىتىر ئېگىزلىككە ئىگە بولۇپ يەر مەيدانى 200 مو ئەتراپىدا بولغان ھەيۋەتلىك كۇۋادىراتلىق ماترىسا مەنزىرىسى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئانتىنا قاتارى يۇقۇرى ئىنىرگىيەلىك يۇقۇرى چاستوتالىق دولقۇنىدىن پايدىلىنىپ يەرشارى ئىئون قەۋىتىنى ئىسسىتىپ تەقلىدى قۇياش ھاسىل قىلىدۇ ۋە تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق مەلۇم ئېنىق بولغان رايوندا ئىئون قەۋىتىنىڭ قۇرۇلمىسىدا ئۆزگەرتىش پەيدا قىلالايدۇ(دىمەك سۈنئىي ئاپەتلەرنى پەيدا قىلالىشى مۇمكىن-تەرجىماندىن) ! ئېگىلەشلەرگە قارىغاندا دۇنيادا 5 ئورۇندا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان قۇرۇلما بار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە ئالىياسكادىكىسى ئەڭ كۈچلۈكى ھېسابلىنىدىكەن.
خارىپ(HAARP) نىڭ جەمئىي 360 گېنراتورى بار بولۇپ 3مىلىيون 600مىڭ ۋات قۇۋۋەتكە ئىگە غايەت زور سىگنال تارقىتالايدۇ، فازىلىق كونتىرول قىلىش (Phase Array) ئۇسۇلىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق سىگنالنى يىغىپ ئىئون قەۋىتىنىڭ بەلگىلەنگەن ئورنىغا قارىتىپ قويۇپ بېرىدۇ. خارىپ (HAARP) نىڭ قۇۋۋىتى غايەت زور بولۇپ ناھايىتى كەمدىن-كەم ئۇچرايدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئۇنىڭ قۇۋۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سودا رادىيو ئىستانىسىنىڭ قۇۋۋىتىنىڭ 72مىڭ ھەسسىسىگە باراۋەر كېلىدۇ. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ئاللا بۇرۇن ئۇنىڭ سىگنال قويۇپ بېرىش قۇۋۋىتىنى 100مىلىيارد ۋاتقا كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
نەچچە يىلدىن بېرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خارىپ (HAARP) تەتقىقاتى توغرىسىدا ھەرخىل چۈشەندۈرۈشلەرنى بېرىپ ئۆتكەن بولۇپ دەسلىپىدە ئاسماندىكى ئوزۇن قەۋىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئۇسۇلىنى تېپىشقا ئىشلىتىلىدۇ دېگەن، كېيىن سىمسىز ئالاقىنى ياخشىلاپ يادرو سۇ ئاستى كېمىسىنىڭ ئالاقىلىشىشىنىڭ يېڭى ئۇسۇلىنى تەتقىق قىلىشتا ئىشلىتىلىدۇ دېگەن. بىراق ياۋروپا ۋە روسىيە مېدىيا ۋاستىلىرى خارىپ (HAARP) سېستىمىسىنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان تەھلىكىسىنى ۋە غايەت زور بۇزغۇنچىلىقىنى قايتا قايتا كۆرسىتىپ ئۆتۈپ خارىپ (HAARP) سېستىمىسى بولسا ئامېرىكىنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك مۇداپىئە پىلانىنىڭ ئىچىدىكى ھازىرغىچە ئاشكارلىمىغان ئىستىراتىگىيەلىك قورال سېستىمىسى دەپ قاراپ كەلگەن.
مەيلى كېلىماتنى ياخشىلاش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارسۇن ياكى قورال سېستىمىسى سىنىقى ئېلىپ بارسۇن خارىپ (HAARP) سېستىمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇسۇلى ناھايىتى خەۋىپلىك ھېسابلىنىدۇ! ئۇنىڭ ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىغا ئېلىپ كېلىدىغان بۇزغۇنچىلىقىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار خارىپ (HAARP) سېستىمىسى توغرىسىدا سۆز قىلغاندا ئۇنىڭ مۇھىتقا بولغان ئەكىس تەسىرىنى غايەت زور دەپ قارىغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق بولغان نەزىرىيەلەر كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ:
ئېلىكتىرو ماگىنىتلىق قوراللار
خارىپ (HAARP) سېستىمىسىنىڭ قويۇپ بېرىش ئۈسكىنىسى غايەت زور سىمسىز سېگنالنى يىغىپ يادرو قورالى پارتىلىغاندىكى ئېنىرگىيەدىنمۇ چوڭ بولغان بىر دەستە كۈچلۈك سېگىنالنى ھاسىل قىلىپ ئۇنى دەل ۋە يۇقىرى ئېنىرگىيە بىلەن ئىئون قەۋىتىنىڭ مەلۇم بىر يېرىگە قويۇپ بېرىپ ئىئون قەۋىتىنى يېرىپ تاشلاپ يوغان زور كامار ھاسىل قىلىپ دۈشمەنگە رايون خاراكتېرلىك ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.
يەر ماگىنىت مەيدانىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يەر تەۋرەش ھاسىل قىلىش
تەبىئىي يەر تەۋرەش ئىئون قەۋىتى ۋە ماگىنىت قەۋىتىدە ئۆزگۈرۈش ھاسىل قىلالايدۇ، بۇنىڭ ئەكسىچە خارىپ (HAARP) ئىئون قەۋىتى ۋە ماگىنىت قەۋىتىدە ئۆزگۈرۈش قوزغۇتۇپ تەبىئىي يەر تەۋرەش ھاسىل قىلالايدۇ. بۇ دەل تىسلا ئىفىكتىدىن(ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكىسىدىكى تىسلا ئېسىڭىزدىمۇ؟ تىسلا چوڭقۇر قۇدۇق كولاپ قۇدۇق ئىچىگە پولاتتىن فازاداش سىگنال يولى ياسىغان، ئۇ قۇدۇق ئېغىزىنى ھىم ئەتكەندىن كېيىن قۇدۇق ئىچىگە ئوخشىمىغان چاستوتىدا تەۋرىنىش بەرگەن. ھەيران قالارلىقى بولسا مەلۇم چاستوتىغا يەتكەن ۋاقىتتا يەر ئاستىدا كۈچلۈك يەر تەۋرەش ھاسىل بولغان ۋە ئەتراپتىكى ئۆيلەرنى ئۆرىۋەتكەن) پايدىلىنىپ يەر تەۋرىنىشنى كونتىرول قىلىش!
ئىنتايىن تۆۋەن چاستوتالىق ماگىنىت مەيدانى قويۇپ بېرىش ئارقىلىق ئادەم مېڭىسىنى كونتىرول قىلىش
ئېلىكتىرو ئىستاتىك ئېقىم (Electrojet) بولسا ئىئون قەۋىتىدە تەكشى يۆلىنىشتە ئاقىدىغان ئېلىكتىر ئېقىمى بولۇپ ئۇ ھەرقانداق پاراللىل گىرادۇسلۇق بەلباغدىمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. قۇتۇپ رايونىنىڭ ئېلىكتىرو ئىستاتىك ئېقىمى قۇتۇپ نۇرى ئېلىكتىرو ئىستاتىك ئېقىمى (Auroral Electrojet) دەپ ئاتىلىدۇ ئۇ قۇتۇپ نۇرى شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ.
يەر يۈزىدە ئىنتايىن تۆۋەن چاستوتالىق ئېلىكتىرو ماگىنىت دولقۇنى قويۇپ بېرىش ئىنتايىن قېيىن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى قويۇپ بېرىش ئانتىناسى چوقۇم قويۇپ بەرمەكچى بولغان ئېلىكتىرو ماگىنىت دولقۇنىنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقىغا ماس كېلىشى كېرەك. ئەگەر 30 گېرتىسلىق ئېلىكتىرو ماگېنىتلىق دولقۇن قويۇپ بېرىشكە توغرا كەلسە كېرەك بولىدىغان ئانتىنانىڭ ئۇزۇنلىقى 1000 كىلومىتىر بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق ئۇزۇن ئانتىنانى ياساش مۇمكىن بولمايدۇ. بىراق كۈچلۈك بولغان قۇتۇپ نۇرى ئېلىكتىرو ئىستاتىك ئېقىمى ئارقىلىق مەۋھۇم ئانتىنا ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ. قۇتۇپ نۇرى بولسا بىر خىل ھەركەتتىكى سىزىقسىز دىئېلىكتىرىك مۇھىت بولۇپ ئۇنىڭ ئاساسلىق ئېنىرگىيىسى 2.8-10 مىگا گېرتىسقا يىغىلىدۇ، بۇ خارىپ (HAARP) نىڭ خىزمەت چاستوتىسى بىلەن بىردەك. خارىپ (HAARP) يۈكلىمە دولقۇن (ئۇنىڭ چاستوتا دائىرىسى 2.9-10 مىگا گېرتىس) ئارقىلىق ئۇنىڭ قويۇپ بېرىش چاستوتىسىغا (تۆۋەن چاستوتا ياكى يۇقىرى چاستوتا) مودىلىياتسىيەلەش ئېلىپ بېرىپ ئاخىرىدا ئۇنى ئوزۇن قەۋىتىگە قويۇپ بېرىدۇ. ئەگەر خارىپ (HAARP) نىڭ چاستوتىسى قۇتۇپ نۇرى ئېلىكتىرو ئىسىتاتىك ئېقىمى رىزونانىس ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالىسا ئۇ ھالدا قۇتۇپ نۇرى ئېلىكتىرو ئىستاتىك ئېقىمىنى بىر مەۋھۇم ئانتىناغا ئايلاندۇرالايدۇ. بۇ ئارقىلىق غايەت زور ئېنىرگىيەگە ئىگە ئېلىكتىرو ماگىنىت دولقۇنى قويۇپ بېرەلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى چاستوتىسىنى نەچچە مىلىيون گېرتىسقا، تۆۋەن چاستوتىسىنى 0-1000 گېرتىسقا يەتكۈزەلەيدۇ.
خارىپ (HAARP) سېستىمىسى ئىئون قەۋىتىگە قارىتىپ قويۇپ بەرگەن ئېلىكتىرو ماگىنىت چاستوتا سىپېكتىرى يەر يۈزىگە قايتىپ كېلىپ يەر يۈزىنى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ. ھەمدە بۇ دولقۇن دەستىسى رادىئاتسىيە رايونى دائىرىسىدىكى ھايۋانلاتلار ياكى ئادەملەرنىڭ چوڭ مېڭىسىگە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ نوقتا مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار تەرىپىدىن ئامېرىكا ھەربىي دائىرلىرىنىڭ بۇ تەتقىقاتنى يۈرگۈزىشىدىكى پىلانلىرىنىڭ بىرى دەپ كۆرسەتمەكتە.تۆۋەن چاستوتىلىق دولقۇننى چوڭ مىڭىنىڭ خىزمەت چاستوتىسى (0.5-40 گېرتىس) بىلەن ئوخشاش قىلغىلى بولىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئاڭنى كونتىرول قىلغىلى بولىدۇ. ئادەمنىڭ چوڭ مېڭە دولقۇنىنى 4 گورۇپپىغا ئايرىغىلى بولىدۇ: 13-35 گېرتىس دائىرە ئادەمنىڭ نورمال پائالىيىتىنى كونتىرول قىلىدۇ، 8-12 گېرتىس دائىرە ئادەمنىڭ ئۆگۈنۈش ۋە دىققىتىنى كونتىرول قىلىدۇ، 4-7 گېرتىس دائىرە ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىش كۈچىنى كونتىرول قىلىدۇ، 0.5-3 گېرتىس ئادەمنىڭ ئۇيقۇسىنى كونتىرول قىلىدۇ. قۇتۇپ نۇرى ئېلىكتىرو ئىستاتىك ئېقىمىدىن كەلگەن كەلگەن كۈچلۈك بولغان ئىنتايىن تۆۋەن چاستوتىلىق ئېلىكتىرو ماگىنىت دولقىنى چوڭ مېڭىگە كىرگەندىن كېيىن ئاڭنى كونتىرول قىلىش، تەپەككۇرغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا كۈچلۈك بولغان 60 گېرتىسلىق چاستوتا DNA غا بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلەلەيدۇ! يۇقارقى تۆۋەن چاستوتىلىق ئېلىكتىرو ماگىنىتلىق قوراللار بىلەن پايدىلىنىپ ئۇرۇش قىلغاندا تېزلا دۈشمەننىڭ ھاياتلىق كۈچىنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ جەڭ قىلمايلا يەڭگىلى بولىدۇ.
تەبىئىي ئالەم بوشلۇقى قالقىنى بەرپا قىلىش
تەڭ ئىئونلىق جىسىم بولسا كۆپ مىقداردىكى ئەركىن ئىئونلار ۋە ئىئوندىن تەركىپ تاپىدۇ، شۇنداقلا نىترال ئىئونلۇق گاز ھالەتنى ئىپادىلەيدۇ. ئۇ ئىسسىقلىقتىن ئىئونلىنىش، گازنىڭ زەرەت قويۇپ بېرىشى، يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك ئىئونلۇق بومباردىمان قىلىش، رادىي ئېماناتسىيىسىدە يورۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق گاز جىسىمنىڭ ئىئونىنى تەڭ ئېئونلىق جىسىم (پىلازما)غا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. تەڭ ئىئونلۇق جىسىمنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسىغا ئىگە. پەقەت سىرىتقى ئېلىكتىر ماگىنىت دولقۇنى تەڭ ئىئونلۇق جىسىمنىڭ كوللىكتىپ تەۋرىنىش چاستوتىسىدىن چوڭ بولغان ۋاقىتتىلا ئاندىن تەڭ ئىئونلۇق جىسىمدىن تېشىپ ئۆتەلەيدۇ ۋە تارقىلالايدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن ئېلىكتىر ماگىنىت دولقىنى تەڭ ئىئونلۇق جىسىمنىڭ يۈزىدە قايتىش ھادىسىسى (خۇددى نۇرنىڭ قايتىشىغا ئوخشاش) يۈز بىرىدۇ. ناۋادا تەڭ ئىئونلۇق جىسىمنى شەكىللەندۈرگىلى بولسا، ئۇ ھالدا ئالەم بوشلۇقىدا قالقان (توسۇق) ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.
خارىپ (HAARP) يەر يۈزىنىڭ مەلۇم بىر نوقتىسىدا ياكى بىر قانچە نوقتىدا ئايلانما تەۋرىنىش قىزدۇرۇشىنى ھاسىل قىلسا، يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك ئىئوننى شۇ يەرنىڭ يەر ماگىنىت كۈچ سىزىقىنى بويلاپ ئاقتۇرۇپ ۋە بەلگىلىك چاستوتا بىلەن قويۇپ بەرسە، ئىئون ئايلانما ئايلانما تەۋرىنىش قىزدۇرۇش جەريانىدا ئۇنىڭ سۈرئىتى بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ، تېمپۇراتورىسى بارغانسېرى يۇقىرىلايدۇ، ئاخىرىدا گاز جىسىمنى ئىئونلاشتۇرىدۇ. زەرەتلەنگەن ئىئونلۇق جىسىمنىڭ زىچلىقى بەلگىلىك دەرىجىگە يەتكەندە (مەسىلەن، ئادەتتىكى گاز جىسىمدا %0.1 گاز ئىئونى بولىدۇ) تەڭ ئىئونلىق جىسىمغا ئايلىنىدۇ. ئىئوننى بومباردىمان قىلىش سۈرئىتى ئېشىپ بارسا ئايلانما تەۋرىنىش قىزدۇرىشى شەكىللەندۈرگەن زەرەتلەنگەن ئىئونلۇق جىسىمنىڭ زىچلىقىمۇ ئېشىپ بارىدۇ. نەتىجىدە ئوخشىمىغان ئېگىزلىكتىكى ۋە ئوخشىمىغان ئالاھېدىلىككە ئىگە تەڭ ئىئونلۇق جىسىم شەكىللىنىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق تەڭ ئىئونلۇق جىسىم بولغاندا ئالەم بوشلۇقىدا ھەر خىل تەبىئىي قالقانلارنى شەكىللەندۈرگىلى بولىدۇ دېگەن گەپ. بۇ تەبىئىي قالقان ئارقىلىق دۈشمەننىڭ خەۋەرلىشىشىگە توسالغۇ، كاشىلا ۋە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىپ ئۆزىنىڭ خەۋەرلىشىشىنى قوغدىغىلى بولىدۇ. ھەمدە ئالەم بوشلۇقىدا تەڭ ئىئونلار توپى ھاسىل قىلىپ يۇقىرى ئىئونلاشقان ھاۋا بۇلۇتى شەكىللەندۈرۈپ بۇنى كۈچلۈك قورال قىلغىلى بولىدۇ ۋە ئۇنى دۈشمەننىڭ ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا، سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىق نىشانلارغا قويۇپ بېرىپ نىشاننى غايەت زور بېسىم پەرىقى ۋە ئېنىرىتسىيە تەسىرى ئاستىدا ۋەيران قىلىۋېتەلەيدۇ. بارلىق جەريانلار ئۈچۈن پەقەت 0.1 سىكونت كېتىدۇ.
روسىيەلىك سىياسىيونلار ئامېرىكىنىڭ مىترولوگىيىلىك قوراللىرى توغرىسىدا غەۋغا قىلىۋاتقان پەيىتتە بەلكىم ئۇلار روسىيەنىڭمۇ ئۇزۇندىن بېرى ئۆزلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ‹‹خارىپ (HAARP)››قا ئوخشاش ئەسىلىھەسىنى قۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئىسمى ‹‹Sura›› بولۇپ ‹‹خارىپ (HAARP)›› ئوخشاش كۈچلۈك. ئۇ روسىيەنىڭ مەركىزى بەلباغقا جايلاشقان بولۇپ، نوۋگورود (Novgorod) شەھىرىنىڭ ئالاھىزەل 150 كىلومېتىر نېرىسىدىكى بىر خىلۋەت جايدا ئىكەن. بۇ سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ بىر مۇھىم پەن-تېخنىكا تەتقىقات ئورگىنىنىڭ بىرى بولۇپ ‹‹رادىئاتسىيە فىزىكا تەتقىقات ئورگىنى›› دا بۇ ئەسىلىھە ھازىرلانغان ئىكەن.
بۇ ئورگاننىڭ مۇدىرى نىگلا سىنىجىلوف (尼古拉•斯尼吉雷夫) نۆۋەتتە دۇنيادا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئۈچ ئەسلىھە بار. ئۇنىڭ بىرسى ئامېرىكانىڭ ئالىياسكا شىتاتىدا بولۇپ ئىسمى ‹‹خارىپ (HAARP)››، يەنە بىرسى نورۋىگىيەدە، يەنە بىرسى بولسا روسىيەدە دىگەن (بۇ 2007-يىلىدىكى بايان).
ئەمدى بۇ قوراللارنىڭ مىدىيا ۋاستىلىرىدىكى سايىلىرىگە دىققەت قىلىپ باقايلى
ئامېرىكا مېدىيا ۋاستىلىرى: ساندى بورىنى ئوباما ئويدۇرۇپ چىقارغان مىترولوگىيىلىك قورال
روس ئەمەلدارىنىڭ قىززىققانلىق قىلىپ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ مەخپىيەتلىرىنى ئاشكارلىشى
ئەجىبا بۇ روسىيەنىڭ <<خارىپ (HAARP)>>قا ئوخشاش قورالى سۇرا (Sura)مۇ؟
نىكولا تېسلانىڭ ئىجادىيەتلىرى- بۇ فىلىم سىزگە ئۆزگىچە ھوزۇر ئاتا قىلىدۇ، ئوبرازلىق لېكسىيە دېيىشكە بولىدۇ.
چەۋەندازلار- ساراي سۆھبەتلىرى ئۈزۈندىسى