مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3379|ئىنكاس: 37

ئەر دىگەن مۇشۇنداق بولامدۇ ؟(مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

www.1miskal.com

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 81329
يازما سانى: 376
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5139
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2012-6-9
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 08:36:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

(مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە)



تۆۋەندە بايان قىلدىغىنىم ئۆزۈمنىڭ بىشىدىن ئۆتكەن ئەمەلى ۋەقە .
بۇ يازمىنى مىسرانىم مۇنبىرىگە بىر قىتىم يوللىغان بولساممۇ جەمىيتىمىزدە مانا مۇشۇنداق خوتۇن ئىلىشنى ، بالا تىپىشنى بىلگەن بىلەن ئەملىيەتتە قانداق ياشاش، شۇ تاپقان پەرزەنىتلەرگە قانداق ئۈلگە بولۇشنى بىلمەي ئۆزىنىڭ خۇشلۇقى ، ھەۋىسنى دەپلا ياشايدىغان ئائىلىسى پەرزەنىتلىرى بىلەن كارى بولماي تىخى ئۆينىڭ ياكى ئايالىنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىنى سىتىپ خەجلەيدىغان ھايۋانسىمان ئەرلىرىمىزنىڭ ھازىرمۇ يوق ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ يازمىنى تىخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ ، كىڭەيتىپ يىزىپ يوللۇدۇم .
مەقسەت ؛ شۇنداق ناكەس ئەرلەرنىڭ تۈزىلىشىنى ئەردەك ياشاپ ئوماق پەرزەنتى ئۈچۈن ياخشى ئاتا ، مىھرىبان ئايالى ئۈچۈن چىن ئىنسانى مۇھەببەتكە تويۇنغان ئەر ، جەمىيەت ئۈچۈن ۋىجدانلىق بىر ئەر بولۇپ ئەرگە خاس بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ياششىنى ئۇمىت قىلىپ يازدىم .

بىر ھەپتىنىڭ ئالدىدا مەلۇم ناھىيگە تۇققان يوقلاش ئۈچۈن بېرىپ قايتاشىمدا ناھىيگە كىرىپ مەلۇم ئالتۇن زىبۇ-زىننەت دۇكىندىكى تونۇشۇم بىلەن كۆرۈشۈپ كىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ دۇكىنىغا كىردىم .
بۇ تونۇشۇم بىلەن ھال-ئەھۋال سورۇشۇپ ئولتۇرساق يىشى 45 ياشتىن ھالقىغان بىر خىرىدار دۇكانغا سالامنىڭ چوڭىنى بىرىپ كىرىپ كەلدى .
بىز سالامغا جاۋاپ قايتۇرغاندىن كىيىن ئۇ --ئۇستام ، ئايالىم دوختۇرخانىدا بولۇپ قىلىپ پۇل لازىم بولۇپ قىلىپ بۇ ئۈزۈكنى ساتقىلى كىردىم .ئۇرۇق تۇققانلاردىن بىر قاتار قەرىز سوراپمۇ بولدۇم .يەنە سوراۋىرىشتىن نۇمۇس قىلدىم . شۇڭا بۇ ئۈزۈكنى مۇۋاپىق باھادا ئىلىپ قالغان بولسىلىرى دىدى .
تونۇشۇم بۇ ئۈزۈكنى ئۆلچەپ كۆرىۋىدى 3.6 گىرام كەلدى . --ئاكا ئۈزۈكلىرى بىر مىسقالكەن . ئالتۇنىمۇ دىگەندەك ياخشى ئەمەسكەن . 1100 يۈەن بەرسەم بولارما دىدى .
خىرىدار ؛--سەل ئاز بولۇپ قالدى.  بىشمىزغا كۈن چۈشمىگەن بولسا ساتىدىغان نەرسە ئەمەستى بۇ .
تونۇشۇم ؛--ھازىر ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ كەتتى ،سىلمۇ ئاڭلىغانلا ،ھازىر بىزگىمۇ تاغاردا بىر زىيان بار دىسلە دىدى.
مەن خىرىداردىن ؛--ئاكا  ئاياللىرى نىمە كىسەلكەن ؟دەپ سورىدۇم .
ئۇ چىرايىغا بىر خىل غەمكىن تۈس بىرىپ ؛--قان ئازلىق ، يۈرەك تىقىلمىسى قاتارلىق ئەگەشمە كىسەللىرى باركەن . شۇنچە داۋالاتتىم ھىچ پايدىسى بولمايدىغۇ ؟ دىدى ھەسرەتلەنگەن ھالدا .
مەن تۇنۇشۇمغا ؛--ئاداش  يەنە بىر ھىساپلاپ بىقىڭلار . بۇ ئاكىمىزغىمۇ تەس بوپتۇ دىدىم . دوستۇم يەنە بىر ھىساپلاپ كۆرۈپ ؛--بۇ ئاغىنىمىز دەپ قالدى .1200 يۈەن بىرەي . ئەگەر بۇنىڭغىمۇ ياق دىسلىرى باشقا دۇكانغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ باقسىلا دىدى.
خىرىدار ؛--بولدى پۇل بەرسىلە ،سىلگە كۆپ رەخمەت . 10 يىلنىڭ ئالدىدا 290 يۇەنگە ئالغانتىم . دىدى خىرىدار پۇلنى ساناپ بولغاندىن كىيىن ؛--ئالتۇن دىگەننى ئىلىپ قويسا بولىدىغان نەرسىكەن جۇما دەپ چىقىپ كەتتى .
مەن دوستۇمغا ؛--سوداڭلىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويمىغاندىمەن دىدىم . ئۇ ؛-  سەل ئەرزانراق ئالغان بولسام بولاتتى ،ھازىر بۇ بازار نەرقى بولۇپ قالدى دىدى.
مەن ؛-- بىشىغا كۈن چۈشمەيدىغان كىم بار ؟ ساۋاپلىق ئىشلار ھەر دائىم ئەتراپىمىزدىلا بار .گەپ ئۇنى پەرق ئىتەلىشىمىزدە .
مەن بۇ دوستۇم بىلەن بىردەم ھال -مۇڭ بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن خوشلۇشۇپ بىكەتكە كەلدىم .
قەشقەرگە مىڭىشقا تەمشىلىۋاتقان تاكسىنىڭ ئالدى ئورنىغا چىقتىم . كەينى ئورۇندا باياتىن ئۈزۈك ساتقان خىرىدار بىلەن ئىككى ئادەم ئولتۇراتتى .
ئۇ ئازراق ئىچىۋالغانمۇ قانداق يۇزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ ئازراق كەيىپتەك كۇرنەتتى . مەن ؛--ھوي ئاكا شەھەرگە ماڭغان ئوخشىمامسىز ؟ئايىلىڭىز كىرەمباغ دوختۇرخانسىدا ئوخشىمامدۇ ؟دەپ سورىدۇم . ئۇ سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا ؛--ھەئە دەپ بىشىنى لىڭشىتتى .
ئاڭغىچە يىنىدا ئولتۇرغان چوقۇر يۈز بىرسى ؛--ئادوش سىنىڭ قانچە خوتۇنۇڭ بار ؟ئايىلىڭ بايا تىخى ئىتىزدا كىۋەز تىرىپ قالغانتىغۇ دەپ سەت ھىجايدى .مەن بۇ گەپكە ھەيران بولۇپ تۇرسام ئۇ ماڭا قاراپ ؛--ئۇكام راستىنى ئيېتسام ئايىلىم ساق . ئىتىزدا كىۋەز تىرىپ قالدى .ئەمدى شۇنداق دىمىسەك بىزدىن ئەرزان ئىلىۋالارسىلەر ھەقاچان دىمەسمۇ ؟
مەن ئاچچىقىمىدا بىر نەرسە دەي دەپ بولغۇچە شوپۇر ئۇستام ؛--ھە قاسىمجان بۇ ئۈچىڭلار نەگە ماڭدىڭلار كەچ بولغاندا ؟دەپ سوراپ قالدى .
--ئۆتكەندە دەپ گەپ باشلىدى .--قاسىمجان ئىسىملىك ھىلقى خىرىدار  --بۇ ئاغىنەم مىنى شەھەرگە ئاپرىپ رەڭلىك سورۇنلاردا بىر نەچچە كۈن ئويناتتى ،ئالى ياتاقلاردا ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈردۇق دىگىنە ، شۇڭا بۈگۈن مەنمۇ پۇلنىڭ يولىنى قىلىپ شەھەرگە بىرىپ تازا بىر ئويناپ كىلىلى دەپ ماڭدۇق دىدى. شوپۇر ؛--بۈگۈن كىچە ياشايدىكەنمىزدە دەپ سەت ھىجايدى .
مەن ھىلقى قاسىمغا قاراپ ئاچچىقىمدا ؛---ھەي ئاكا نۇمۇس قىلسىڭىز بولمامدۇ ؟ ياش بىر يەرگە بارغاندا يالغان سۆزلەشتىن ،باياتىنقى گەپلىرىڭىزگە ئىشىنىپلا كىتىپتىمەن .ئايىلىڭىز ئىتىزلاردا كىۋەز تىرىپ يۇرسە سىز نۇمۇس قىلماي خوتۇنىڭىزنىڭ نەرسىنى ئىچقىپ سىتىپ شەھەرگە كىرىپ ئەيىش -ئىشرەت قىلسىڭىز توغرا بولاما؟؟ دىيشىمگە ، ئۇ  تاماكىسىنى بىر شورۇۋىتىپ ؛--سىنڭ نىمە كارىڭ ؟ ساتسام ئۆزەمنىڭ خۇتۇننىڭ نەرسىنى ساتتىم . مۇشۇنداق ۋاقىتلىرىمىزدا ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرۋالمىساق ياش بىر يەرگە بارغاندا ئوينايلى دىسەكمۇ ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە خوتۇنمۇ كونىراپ پەيزىمۇ قالمىدى دەپ سەت ھىجايماسمۇ؟؟
مەن ئاچچىقىمدا ؛ سەن ئەسلى ھايۋانكەنسەن . بايا دۇكانغا سالام قىلىپ كىرسەڭ ئادەم ئوخشايدۇ دەپتىكەنمەن ..ھازىر ئوينىۋالمىساق ياش بىر يەرگە بارغاندا ئوينىيالمايمىز دەيسىنا ! سەن ھازىر بەك ياش ئوخشىمامسەن ؟؟دىيشىمگە ئۇمۇ تىل سالدى .شۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز توۋلىشىپ قالدۇق .شوپۇر مىنى تارتىپ ئولتۇرغۇزۇپ ؛--بولدى قىلىڭ .ئۇلار بىلەن تەڭ بولماي . ئۇلارغا قانچە دىسىڭىز بىكار ، نىمە قىلسىز كايىپ ؟ دىدى.
مەن بۇلارغا ئارتۇق گەپنىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىگىنى بىلىپ ئالدىمغا قاراپ ئولتۇردۇم .
شوپۇر ئۇلارغا قاراپ ؛--بولدى جۇما ئەمدى ، يەنە جىدەل قىلساڭلار ماشىنىدىن چۈشۈرۋېتىمەن دىدى.
ماشىنا بىر خىل تىزلىك بىلەن كىتىۋاتىدۇ .مەن بىرخىل كۆڭلۈم غەش بولغان ھالدا سىرىتلارغا قاراپ ئاچچىق خىياللارغا ئىلكىدە كىتىۋاتىمەن . توۋا!!! مۇنداقمۇ ئادەملەر باركىنا ، ئىسىت مىڭ ئىسىت!!! سەنلەرنىڭ ئەر بولۇپ تۇغۇلۇپ قالغىنىڭغا ،
كەينى تەرىپىمدىن بۇ مەخلۇقلارنىڭ پاراڭلىرى قۇلقىمغا كىرگىلى تۇردى .
---ھەي قاسىم ئاداش دىدى بىرسى  ؛--ئاران بىر تال ئۈزۈك ئىچقالىدىڭمۇ ئۆيۈڭدىن ؟ بۇنىڭ پۇلى بۇگۈن كىچە ئوينىشىمىزغا ئاران يىتەمىكى ؟  --بۇ ئۈزۈكنىمۇ خوتۇن ئۆيدە يوق ۋاقىتتا ساندۇقنىڭ بىر يەرلىرىدىن ئاران تاپتىم . يىتىشىچە خەجلەپ تۇرمامدۇق ئاغىنىلەر دىدى قاسىم .
خىقىراق ئاۋازلىق بىرسى ؛--ھەي ئاۋۇت ئۆتكەندە سەن خۇتۇنۇڭنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى سىتىپ بىزنى ئويناتقانتىڭ ،خوتۇنۇڭ جىدەل قىلمىدىمۇ ؟ دەپ سورىدى .
---مەن دىگەن كىما ؟دىدى ئاۋۇت ئىسىملىك ھىجىيىپ تۇرۇپ ؛--مەن ئۇنىڭغا ئامال ئىشلەتتىم .--قانداق ئامال ئاداش دىدى بىرسى .
---مەن خوتۇنۇمنىڭ زىبۇ -زىننەتلىرىنى ئىلىپ چىقىپ شەھەرگە بىرىپ يىڭبازارغا كىرىپ ئالدى بىلەن شۇنىڭغا ئوخشاش جا زىبۇ -زىننەتلەرنى ئالدىم . ئاندىن ئايىلىمنىڭ زىبۇ-زىننەتلىرىنى ساتتىم . شۇ پۇللارغا سىلەر بىلەن تاماششا قىلىپ بولغاندىن كىيىن كونا زىبۇ-زىننەتلەرنىڭ قۇتىسىغا ھىلقى جا زىبۇ-زىننەتلەرنى سىلىپ خوتۇنغا چاندۇرماي ساندۇقنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويدۇم . خوتۇن ئۇنىڭ جالىقىنى بىر نەچچە يىلدىن كىيىن بىلسىمۇ مەندىن گۇمان قىلمايدۇ . شۇ زىبۇ -زىننەتلەرنى ئالغان زەگارنى تىللاپ قاغايدۇ خالاس .
بۇنى ئاڭلاپ ئىككىسى ھىجىيىپ كىتىشتى .    شوپۇر  ؛--توۋا بۇ جاھان نىمە بولۇپ كەتتى  ھە ! دەپ بىشىنى چايقاپ قويدى .
توۋا!!! دىدىم ئىچىمدە ، ئەسلى بۇ نىملەر ئادەم ئەمەس ھايۋانكەن ئەمەسمۇ ؟؟ قىنى بۇ نىملەردىكى ئەرلىك ؟؟ قىنى بۇ نىملەردىكى غورۇر  ۋىجدان ؟؟؟
مۇشۇنداق ناجىنىسلارچە ، خۇمسىلارچە ياشاپ ئائىلسىنى ، خوتۇن ، باللىرىنى ئويلاپمۇ قويمايدىغان ، پەقەت ئۆزىنىڭ شاتلىقى ، ھايۋانى ھەۋىسى ئۈچۈن ناكەسلەرچە ياشاۋاتقان مۇنۇ ھايۋانلارغا نىمە دىگۈلۈك ؟؟؟

ئەر دىگەن ئائىلنىڭ تۈۋرۈگى ، ھاياتلىقنىڭ جان تونۇرى . مۇنداق ۋىجدان غۇرۇرى قالمىغان ،ئەرلىك تەبىئەتتىن مەھرۇم بولغان ئائىلە ۋە جەمىيەتتىن بەخىت -سائادەت تۆت پۇتلاپ قاچىدۇ .شىنجاڭ مەدىنىيىتىنىڭ مەلۇم سانىدا << يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەزىمەت ، كىر يۇيۇۋاتقان ئەر >> دەپ بىر تىمىنى ئوقۇغانلىقىم ئىسىمدە . بەلكىم بۇ تىمىنى دوسىتلارمۇ ئوقىغاندۇ . بۇ تىمىدا ھازىر ياشاۋاتقان بىر يىگىتنىڭ بوۋىسىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بەكلا باتۇر ، جەسۇرلۇقى بايان قىلىنىپ ،ئۇنىڭ يۇرت -مەھەللە بىشىغا ھەرقانداق خەۋىپ-خەتەر يەتسە شۇئانلا كۆكرەك كىرىپ چىقىدىغانلىقى ھەتتا شۇ يۇرتقا خەۋىپ ئىلىپ كەلگەن يولۋاسنىمۇ ئۆز -ھاياتىنىڭ خەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي يوقاتقانلىقى تەسۋىرلىنىپ ئەرلىك مەسئۇلىيەتنىڭ ئىغىرلىقى ئىچىپ بىرىلگەن .شۇ بوۋاينىڭ نەۋرىسى بولمىش ھازىرقى شارائىتتا ياشاۋاتقان جۈرئەتنىڭ ئايالى قاتار چايغا كەتسە ئۆيدە كىر يۇيۇپ ، بالا بىقىپ ئولتۇرغانلىقىدەك رىئاللىق ئىچىپ بىرىلىپ ئەرلىكنىڭ تەدىرجى پۈچەكلىشىپ مىڭىۋاتقانلىقىنى ئىچىپ بەرگەن .

شۇئان ئىسىمگە نۇر مۇھەممەت ئۇچقۇنىنىڭ << كۆزۈڭنى ئاچ ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر >> دىگەن كىتاپتىكى مۇنۇ قۇرلار كەلدى .
زىمىنغا تۇنجى ئاپىرىدە قىلىنغان ئىنسان --ئادەم ئاتا يەنى ئەر بولدى . ياراتقۇچىنىڭ ئۇنى زاتى ئىنساننىڭ بىردىنبىر ئاتا يىلتىزى قىلىپ يارتىشىدا ۋەھەتتا پەرىشتىلەرنىمۇ ئۇنىڭغا سەجدە قىلدۇرشىدا بەلكىم كارامەت ھىكمەتلەر يۇشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن .
ياراتقۇچىنىڭ زىمىنغا بولغان مەسئۇلىيەت ، ھوقۇق،يەنى يۈكسەك ئەقىل -پاراسەت ،ئائىلە جەمىيەت تۈزۈشتىكى يادىرولۇق ئامىل بولمىش ئايال ۋە قەلبلەرنى بىر -بىرىگە چەمبەرچەس باغلاپ تۇرغۇچى مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى ئەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشتا ئەرگە بولغان ئىشەنىچنىڭ قانچىلىك بۆيۈكلىگى چىقىپ تۇرىدۇ .

ھازىر جەمىيتىمىزدە شىئىردا ئىپادىلەنگەندەك خىنىم مىجەز ياشلار ئاۋۇپ قىلىۋاتىدۇ . بەزىسى بوينىغا زەنجىر يەنە بەزىسى قۇلقىغا ھالقا سىلىۋالغانلارنىمۇ ئۇچرۇتۇپ قالدۇق . بۇلار ئۆزىنىڭ ئەر بوپ قالغىنىدىن پۇشمان قىلىپ قالغانلارمۇ بۇنى ئۇقمۇدۇم . لىكىن شۇلار بىلسە ئەرلىك ئاللانىڭ شۇ ئىنسانغا بەرگەن ئەڭ چوڭ بۆيۈك سوۋغىسى .
شۇڭا ئەرلەر ئائىلدىكى  جەمىيەتتىكى مەسئۇلىيتنى تولۇق تونۇپ ھەقىقى ئەردەك يەنى بىزنى تاپقان دادىمىزدەك ، بوۋىمىزدەك ياشايلى . باللىرىمىزغا ئۈلگە بولغىدەك ، باللىرىمىز پەخىرلەنگۈدەك ياشايلى !!!!

دىمىسىمۇ ئەر ، ئايالنىڭ باشپاناھى .ئائلنىڭ تۈۋرۈگى .جەمىيەتنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى .ئەرلەر جۇشقۇن جەمىيەتتىن شاتلىق سادالىرى ئۈزۈلمەيدۇ .
زەيپانە ، لايغەزەل ئەرلەر قاپلىغان جەمىيەت مەنىۋى ئەخلاقى ئىقتىسادى كىرزىسىنىڭ پاتقىقىدا قالىدۇ .
ئەرلەر لايغەزەللەشكەن ،پەرۋاسىز .شەخسىيەتچى بولۇۋالغان جەمىيەتتىن سائادەت تۆت پۇتلاپ قاچىدۇ .
قۇلاق تۇۋىمدە مۇنۇ دىئالۇگ ياڭرىماقتا .
دۇنيا بار ئاۋازى بىلەن <<ئەر >> دەپ ۋاقىرىماقتا . ئەقىدە ،ئەخلاق ئەرلەر ئۈچۈن ئاھسىنماقتا . قىز -ئاياللار جان -جەھلى بىلەن <<ئەركەكلەر قىنى سىلەر ؟؟>> دەپ ئاچچىق سۈرەن سالماقتا .
بالىلار << دادىلار سىلەر نەدە ؟؟>> دەپ تىنەپ -تەمتىرەپ يۈرمەكتە .
ئەرلەر ، زاتى ئەركەكلەر قىنى سىلەر ؟؟؟ جاھانغا ئەردەك ئەر كىرەك !!!!!!!!!!!!!!مۇشۇ دىئالوگلارغا ئەسىر بولۇپ قەشقەرگە كەلگىنىمنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن .
ئېسىمگە كەلسەم ھىلقى ئۇچ ھايۋان تاكسىدىن چۈشۈپ شوپۇرغا ھەق تۆلەپ ئىگىز-پەس دەسسىگىنىچە يەنە بىر تاكسى توساشقا ئۈلگۈرگەن ئىدى .
مەن تاكسىدىن چۈشۈپ ئاچچىق بىر ھەسرەتتە ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن قاراپ قالدىم . ۋە ---لەنەت سەنلەرگە !!!!!!!!دەپ ۋارقىرىدىم .

مەنبە ؛؛ئۆزەم .  ئىبراھىمجان ئىرپانى



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84508
يازما سانى: 342
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3219
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 538 سائەت
تىزىم: 2012-8-30
ئاخىرقى: 2013-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 09:16:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تېمىڭىزنى   مەن  بۇرۇن يوللىغىنىڭىزدا   ئوقۇغان،  

ئۆتمۈشكە رەخمەت ، بىزگە دۈشمەن

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 1877
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20068
تۆھپە نۇمۇرى: 2246
توردا: 7426 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 09:40:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇكاپاتقا ئىرشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن . غەيرەت قىلىڭ .

ئەقىلسىز دوستۇڭدىن ئەقىللىق دۈشمىنىڭ ياخشى ،

جاپا ئىچىدە ھالاۋەت

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25429
يازما سانى: 951
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8822
تۆھپە نۇمۇرى: 753
توردا: 4737 سائەت
تىزىم: 2011-1-8
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 09:41:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمسە مەن قايتا  بىر كۈرۈپ باقاي

ئەجىرگە تۇشلۇق نەتىجە چىقىدۇ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2099
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18000
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1758 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 09:42:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جەمىيەتكە ۋە ئائىلىگە نىسبىتەن ئەرنىڭ ۋە دادىنىڭ مەسئۇلىيەت،مەجبۇرىيتى يۇقۇرى بولىدۇ،ئەرلىك ۋە دادىلىق مەجبۇرىيتىنى تولوق ئادا قىلالمىغان ئەرلەرنى ناجىنىس دىسە بولىدۇ.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ماخمۇتجان

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87588
يازما سانى: 492
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1012
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 144 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 09:43:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  بۇرۇن  ئوقىغان  بەك  ياخشى يىزىپسىز

ئىنساندىكى ھۆسىن ۋە لاتاپەت ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر،ھاياسىز يۈز جانسىز جەسسەتكە ئوخشايدۇ.

ئىنساننى ياراتقۇچى بىر ئاللا !

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26107
يازما سانى: 1724
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13930
تۆھپە نۇمۇرى: 682
توردا: 7857 سائەت
تىزىم: 2011-1-13
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 10:06:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن ئىشىنىشلىق ۋەقەكەن . ھازىر كىر يۇيدىغان ، تاماق ئىتىدىغان ، ئۆي تازلايدىغان ئەرلەر كۆپىيىپ كەتتى . بۇ ئىشلار تىخى ئاياللارنى ھۆرمەتلىگەنلىك ئاياللارغا ياردەمدە بولغانلىق بولارمىش . قولى چولاق مىيىپ ئاجىزلاغا ياردەم قىلىش شەرەپ لىكىن ساق ئادەمگە ياردەم قىلىش نومۇس . يەنى يامان كۆندۈرۈپ قويىمىز . بۇ ئىنسان تەبىيتى .
ئەركەك تۆرىلىشىدىن قاتتىق ئايال يۇمشاق ،  ئايال كىشى ئەر كىشىنىڭ قوۋۇرغىسى ، ئەر كىشىنىڭ ئەركىن نەپەس ئىلىشى ھەممە ئىشلىرىنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشى ھەممە ئەزانىڭ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغىنىدەك ئەرئايالمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدرۇش كىرەك .
قۇلاق گەپ قىلىپ ئىغىز ئاڭلاپ كۆز پۇراپ بۇرۇن كۆرۈپ يۇرسە بۇ قانداق نەرسە دەيمىز دە .
ئاللاھتىن كۆڭلىگە ئىنساپ تىلەيمىز خالاس

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 84276
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 45
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-8-23
ئاخىرقى: 2012-12-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 10:15:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇنى ئوقۇپ قايسى كۇنى چ چ بوشلىقىدىكى ‹‹ ئاياللار ھىيىققۇدەك ئەرلەر قالمىغاچقا ، ئاياللار ھايا پەردىللىرنى يىرتىپ تاشلىماقتا ›› دىگەننى قايتا چۇشەنگەندەك قىلمەن .
     

مەسئولىيەتچان بۇلايلى

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 3050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18738
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6112 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 10:39:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا بارلىق ئەرلىرىمىزگە ئىمان ،ئىنساب ئاتا قىلسۇن،ھىدايەتكە باشلىسۇن....بۇ تېمىڭىز بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلىرىمىز ئېسىنى بىلىۋالسا ئەجەپ ئەمەس.

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەردەمئاي

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41612
يازما سانى: 811
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8552
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 703 سائەت
تىزىم: 2011-5-21
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 10:49:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر ئوغۇل دۇنياغا كۆز ئاچقان ۋاقىتتا پۈتۈن زىمىن خۇشاللىقىدىن مېنى كۆكەرتىدىغان ئەركەك دۇنياغا كۆز ئاچتى دەپ لەرزىگە كېلەرمىش،ئەمما ماددىي مەئىشەتلەر بىلەن روھلار كىشەنلىنىۋاتقان ئۇشبۇ جەمئىيىتىمىزدە ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنى ئايدىڭلاشتۇرالماي يۈرگەنلەرمۇ يوق ئەمەس،باشتىن ئاخىرى ھەق يولدا مېڭىپ بىر ئائىلىسىنى گۈللىتىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس!!سەۋەپ ھەربىر ئادەمنىڭ كىشلىك ئەخلاقى ۋە ساپاسىغا باغلىق~~~

ھەربىر قەلب گۈزەل بولغاندىلا پۈتكۈل ھاياتلىق گۈزەللىككە تولىدۇ! مېھرى مۇھەببەت بىلەن تولسۇن كەڭ ئالەم!!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش