رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيەتلىرى
كىلىن قىزنى سىلكىمەڭ ئانا
( ئاز بىر قىسىم ئانىلارغا )
كىلىن قىزنى سىلكىمەڭ ئانا،
كىلىن قىزمۇ سىزنىڭ بالىڭىز.
ئاجىزە ئۇ بولۇڭ باشپانا،
مېھىر بەرسۇن يۈرەك باغرىڭىز.
قىزىل گۈلدەك گۈل ئىدى بىر چاغ،
قۇلىقىغا قىستى ئوغلىڭىز.
پاك قەلبىنى قىلىپ يۈرمەڭ داغ،
مېھىر بولسۇن بەرگەن سوۋغىڭىز.
ئەتىۋارلىق ئىدى ئۆيىدە،
خۇددى سىزنىڭ قىزلىرىڭىزدەك.
پەگا ئەمەس تۇرسۇن تۆرىدە،
پەرۋىش قىلغان گۈللىرىڭىزدەك.
تەمتىرەيدۇ ئالدىڭىزدا ئۇ،
ئۆي تۇتۇشتا ئەمەس سىزچىلىك.
كۆپ ئىشلاردا ئارقىڭىزدا ئۇ،
كەڭ قورساق بوپ قېلىڭ كەڭچىلىك.
خۇدا بەرسە پەرزەنتلىك بولۇپ،
دىمەك ئانا بولىدۇ سىزدەك.
ئىناق بولغان ئائىلە قۇرۇپ،
ئۆي تۇتىدۇ بىر كۈنى گۈلدەك.
رۇستەم قاراسۇ.........ئاتۇش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-2 09:11 PM