گۈلەن ۋە ئۆزباش ئېقىمى
ئەرك ئوغلان غۇلام
راستىنى دىسەم ئۇزۇندىن بېرى ئۇيغۇريېزىقچىلقىمىزدا ئۆزۈم زوقلانغىدە بىرەر ئەسەرنىڭ مەيدانغا كەلمەيۋاتىقىنى ئىچىمنىپۇشۇرۇپ يۈرەتتى.نىمىشقىدۇر دەپ ئويلاپمۇ كېتەتتىم.لىكىن قانائەتلەنگىدەك جاۋاپ تاپالماي قىينىلاتتىم. بەزىدە دوس_يارەنلەر بىلەن مۇنازىرلىشىپ قالاتتۇق.ئۇچىرايدىغان مۇئامىلەم"سەن تېخى بىرەر پارچە ئىلتىماسنى جايلاپ يازالمايسەن،باشقىلارنىڭ مىڭ بىر جاپادا ۋۇجۇدقا چىقارغان ئەسەرلىرنى ئۇنداق،مۇنداق دىيىشكە سالاھىتىڭ توشمايدۇ" دىگەن گەپلەر بولاتتى.ئويلاپ باقسام بىر كەملەردە يالقۇن رۇزى ئاكىمىزنىڭ مەمىتىمىن ھوشۇر،زۇردۇن سابىر...بىر قاتار كىشىلەرنىڭ ئەسەرلىرگە يازغان ئوبزۇرلىرىنى ئۈرۈمچى مەتبۇئاتلىرى باسقىلى ئۇنماي،قۇمۇل ئەدەبىياتى ژورنىلدا نەشىر قىلىنغانلىقى مەلۇم. مۇشۇ يېزىقچىلىق توغرىسىدا گەپ بولۇپ قالسائەتىراپىمدىكى دوسلۇرۇمنىڭ يالقۇن رۇزىنى"پۇتاقچى،قۇسۇرچى" دىيىشلىرى ئوغامنى قاينىتاتتى.بۇلارغۇ مەيلى،ئۈرۈمچىدىكى ئاشۇ مەتبۇئات ئورۇنلىرنىڭ ئوبزۇرچىلىققا ئىلىمى پوزىتسىيەدە بولماي يەكلىگەنلىكىنى قانداق چۈشەنگۈلۈك؟!ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاقارتقۇچىللىرى،يەتەكلىگۈچىسى ھېسسابلىندىغان يازغۇچىللىرمىزنىڭ ئىللىمى پوزۇتسىيەدە بولمىغانلىقىنى قانداق چۈشەنگۈلۈك؟!مەن سۆيۈنگىدەك ئەسەرلەرنىڭ نىمىشقا مەيدانغا چىقمايدىغانلىقىنى مەن لۈشۈننىڭئ اۋۋال"چوقان" ئاندىن "تېڭىرقاش" دىگەن ئىككى كەلىمىگەيىغىنچاقلايتىم.ئەمما بۇنى گۈلەن" ھازىرقى يازغۇچىللىرمىز يەتمىش يىل ئاۋالقى لۈشۈننىڭ كاللىسىدا ئەسەر يېزىۋاتىدۇ" دەپ ئىنتايىن چۈشۈنىشلىك ئىپادىلەپ بەردى. يالقۇن رۇزى "مەن نىمىشقا ئوبزۇر يازىمەن" دىگەن ئوبزۇرلارتوپلىمىدا،ئوبزۇرچىنى دوختۇرغا،ئوبزۇرچىلىقنى كېسەل داۋالاشقا ئوخشاتتى.شۇنىڭدەئەدەبىي ئەسەرلىرمىزگە بىرقاتار دىئاگۈنىزلارنى قويۇپ ئۆتتى. بۇ بىر تەرەپتىىن مېنىڭ گۈڭگا سۇئاللىرىمنى يېشىۋىلشىمغا ياردەم بەرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىلھام،كۈچ بەردى.ئەلۋەتتە مەن ئوبزۇرچى ئەمەس.مەن ئۇقۇرمەن، زوقلانغۇچى،ئەڭ موھىمى مەن مىللىتىمنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بولگۈچى،ۋە بۇ يولدا ئىزدەنگۈچى،تەپەككۈرقىلغۇچى.شۇ ۋەجىدىن يازغۇچىللىرمىزنىڭ ئەسەرلىرنى ئالدىراپ ئوقۇيمەن ھەم ياقتۇراي-ياقتۇرماي ئۆزۈمنىڭ كۆز-قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇشقا ھەقلىق دەپ قارايمەن. بۇ مىسالى تاماق ئېتىشنى بىلمىگەن ئادەمنىڭمۇ تاماقنى "ئوخشىماپتۇ"،"يامان ئەمەس"،"ئوخشاپتۇ" دىگەندەك باھالارنى بەرگىنىگە ئوخشاش.بۇنىڭغابىز تەم سەزگۈمىزگە ئاساسەن شۇنداق باھالايمىز.ھەممە ئەدەم كىنو ئىشلىيەلمەيدۇيۇ،ئىشلەنگەن كىنونى" ياخشى-يامان ئىشلىنىپتۇ" دەپ ئايرىيالايدۇ.بۇمۇبىزنىڭ ئالغان زۇقۇمىزغا ئاساسەن بېرىلگەن باھا. ئۇلارنىڭ ئىنچىكە تەرەپلىرگەدىققەت قىلمايمىز ھەم قانداق دىققەت قىلىشنى بىلمەيمىز.ئۇنىڭ ئۇستىگە ھەربىرئادەمنىڭ زوقلىنىش نوقتىسى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەمما بىر ئاشپەز تاماقنى باھالىشىخۇرۇچلىردىن تارتىپ دەملىنىشكىچە بولغان ئۇششاق تەپىسىلاتردىن باھالايدۇ. مانا بۇئوقۇرمەننىڭ باھاسى بىلەن ئوبزۇرچىنىڭ باھاسىدا پەرىق رۇشەن ئايرىغانلىقنىڭ مىسالى.
مەقسەتتكە ئۆتۈشتىن ئاۋال بەزى داڭلىق يازغۇچىللىرمىنىڭ ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئالغان تەسىراتىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتۈشنى مۇۋاپىق كۆردۇم. بۇ مېنىڭ ئەسەرلەرگە بەگەن باھايىمنى يۇرىتىش ئۈچۈن ئەمەس، ئەڭ موھىمى ھازىرقى زامان يازغۇچىللىرىمىزۋە يېزىلدىغان ئەسەرلەدىن كۈتىدىغان ئۈمۈدىمنى بىلدۈرۈش.
بىرىنجى خىلدىكىسى مىللى ھېسداشلىققا تاينىپ قىممەت يارتىدىغان ئەسەرلەر
(مۇشۇ خىلدىكى پۈچەك ئەسەر يېزىۋاتقان بەزى ئۇششاق يازغۇچى ۋە تور چاممىللىرنىڭ ئەسەرلىرى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ دەپ قارايمەن).
بۇخىلدىكى ئەسەرلەر مىللىتىمىزنىڭ مىللى پىسخىكىسدىكى ئاقكۆڭۈللۈك،مېھرىبانلىق،ئاسان ھاياجانلىنىدىغان پىسخىكىسنى تۇتقاقىلدىغان ئەسەرلەر. يەنى پاجىئەنى ئەسەرنىڭ قىممەت نوقتىسى يارتىدىغانئەسەرلەر.ھەممىمىزگە مەلۇمكى،بىز بىراۋغا ياردەم بېرىشنى ئەلا بىلدىغان،بىراۋ تالاپەتكە ئۇچرىسا ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلىش،ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئازاپلىنىشتەك ئورتاقلىشىش پىسخىكىسىغا ئىگە مىللەت.بۇ خىل ئەسەرلەر نەق مۇشۇ ھېسسى نوقتىمىزنى تۇتقا قىلىپ بىزنىڭ سۆيشىمىزگە، ياقتۇرۇپ ئوقۇشىمىزغا نائىل بولىدۇ. قىسقىسىبىزنىىڭ مۇشۇ خىل ھېسسى ئامىلىمىزنى غىدىقلاش ئارقىلىق قىممەت يارتىدۇ.لىكىن ئەھمىيتى سۇس،ياكى يوق دىيەرلىك. بۇخىل ئەسەرلەر ئەگرى-توقاي ئازاپلىق،ئېچىنىشلىق تۇرمۇشنى تەسۋىلەشنى ئاساسى گەۋدە قىلغان بولۇپ، بۇ خىل ئەسەرلەرنى يازدىغان يازغۇچىلارنىڭ ئىككى ئەسىرنى ئوقىسىڭىزئۈچىنجى ئەسىرنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولدىغانلىقىغا يەكۈن چىقىرالايسىز. بۇ خۇددى ئۇيغۇر كىنوچىلقىمىزنىڭ نەتىجىسگە ئوخشاش. شۇنداق گۈزەل باشلىندۇ ئاخىرغا بېرىپ باش پۇرسىناژ يا ئۆلىدۇ،يا ساقايماس كېسەل بولۇپ تۈگەيدۇ.ياكى تۇرۇپلا ئەگرى-توقاي تۇرمۇشقا تاشلىنىپ باشلىندۇ.ئاخىرغا بېرىپ مىڭ بىر جاپادا قەددىنى رۇسلاپ،ئەمدى ئۇھ دەي دىگەندە ،يەنە شۇ كېسەل ياكى ئۆلۈم!
ئىككىنجى خىلدىكىسى بولسا تارىخى نوقتىنىيۇرىتىشنى ئاساس قىلغان ئەدەبى ئەسەرلەر.
بۇ ئەسەرلەر يوقىلۋاتقان ئەجدات روھىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئەۋلاتلارغا يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئۆزىگە مەقسەت ۋە مەسئۇليەت قىلغانئەسەرلەر. بۇ ئەسەرنىڭ مەقسىدى ۋە مەسئۇلىيتىلا مېنىڭ ۋە خەلقىمنىڭ،مىللىتىمنىڭ تۇيۇنماي كېلىۋاتقان تەلپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن،ھەربىر زاتنىڭ ئىلھام،مەدەت ۋە قوللاش بېرش تەقەززاسىنى رۇشەن ئىپادىلەپ بېردۇ.بۇ ئەڭ كۆپ توختىلىشقا تېگىشلىك نوقتابولسىمۇ. چامىمنىڭ چەكلىكلىكىدىن توختىلالمىدىم.
ئۈچۈنجىسى لۈشۈن ئېقىمىدىكى ھازىرقى زامان لۈشۈنچىلەرنىڭ "چوقانلىرى"
بۇللار ئاساسلىقى مىللەتنى سۆكۈش،مىللەتنى كەمسىتىشنى ئەسەر يېزىشنىڭ دەسمايىسى قىلپ ئەسەر يازدىغانلار.بۇلار مۇشۇ خىل مەزمۇندا ئەسەريېزىپ،ئەدىبىياتچىلىقنى جان بېقىشنىڭ يولى قىلۋالغانلار.بۇلار" ئەدىبىيات تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەنئەكىس ئەتتۈرۈشنى مەقسەت قىلدۇ" دەيدىغان ئاتالمىش "چوقانچى"لاردۇر.بۇلار ئەدبىياتنىڭ دانكودەك بىر قۇتقازغىنى، باشلامچىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىسمۇ بولدىغانلىقىنى،ئەدەبىياتنىڭ باشلامچىلىق ،ئاقارتىشچانىلىق، ھەتتابىر مىللەتنىڭ ئىجدىمائى كەيپىياتىدا كېچە بىلەن كۈندۈزدەك پەرىق ھاسىل قىلالايدىغان تەرپىنى نەزەردىن ساقىت قىلغۇچىلاردۇر. بۇلارنى قانداق تەسۋىرلەشنى بىلمىدىم، مۇنداقچىلا ئېيىتسام ، بىرى قورسۇقىنى تۇتۇپ بۇ يېرىم ئاغرىۋاتىدۇ دىسە،يەنە بىرى قوپۇپ قورسۇقۇڭ ئاغرىۋېتىپتۇ دىگۈچى بىلەن ئوخشاش. شۇڭا بۇلارنى ئەدەبىياتچى دەپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ. ئەگەرچەندە دوختۇر بولسا،ئاغرىش ئالامەتلىدىن ئۇنىڭ قانداق دورا يىيىشنى تەۋسىيە قىلغان بولىدۇ. يازغۇچىللىرمىزمۇ دوختۇركەبى ئاغرىق ئازاۋىدا ئىڭراۋاتقان خەلقىمىزگە دورا سۈپەت ئەسەرلەرنى سۇنسا ئاندىن قىممىتى بۈيۈكلىككە يېتىدۇ. كېسەلنى ھازىر ھەممە ئادەم دەپ بېرەلەيدىغان بوپ كېتتى.بۇلارنىڭ ئەڭ قورقۇنۇچلۇق تەرپى شۇ بولدىكى،يەككىلىك ئۈستىدىكى ئىللەتلەرنى مىللەت ئۈستىگە يۈكلەپ، مىللىتىمىزنى ئۆز-ئارا يىرگىندىغان، قاچىدىغان،ئىشەنمەيدىغان ۋەھاكازالار....ھالەتكە كېلتۈرۈپ قويۋاتىدۇ. بۇنى گۈلەن يازمىسىدىكى ئەمىلى مىساللاردىن كۆرۋالسىڭىز بولىدۇ.بۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ مېنىڭ نەزىرىمدە سېرىق چاقىچىلىك قىمىمتىمۇ ئەھمىيتىمۇ يوق!
تۆتىنجى خىلدىكىسى بولسا گۈلەن ۋە ئۆزباش ئېقىمىدىكىلەر
بۇ ماۋزۇ بەلكىم سىلەر قىززىق تۇيۇلغاندۇ. لىكىن بۇ ئېھتىياجنىڭ زۆرۈر ۋە تەخىرسىزلىكىدىن ئوتتۇرغا چىققان ئېقىم. مەنمۇ تىللىسام،سۆكسەم مىللەتنى،سىزمۇ تىللىسىڭزى،سۆكسىڭىز مىللەتنى، دىخانمۇ،كادىرمۇ تىللىسا،سۆكسەمىللەتنى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى،زىيالى-ھۆنەرۋەنمۇ تىللىسا،سۆكسە بۇ مىللەتنى . كىم ماختايدۇ؟ كىم بىزگە ئىشەن –ئۈمۈد بەخىش ئېتىدۇ؟ كىم بىزگە توغرا يولنى كۆكۈستىپ بېرىدۇ؟يېتەكلەپ ماڭدۇ؟ مۇشۇئېھتىياج گۈلەن ۋە ئۆزباشتىن ئىبارەت سەگەك زىيالىلارنى ئوتتۇرغا چىقىرۋىدى،ئەگەشكۈچىلەر بۇ ئىككى باشنى "ئاق تاغلىق"ۋە"قارا تاغلىق " قىلىپ ئىككى ئېقىمغا بولىۋالدۇق.ئەمىليەتتەخەلقىمىزنى تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئېقىۋاتقان بىرلا ئېقىن ئىدى،ئۆستەڭ چېپىپ ئىككىگە بۆلىۋالدۇق.بىرىنى يەنە بىرىنىڭ سۈينى ئىچكۈچىلەر تۇزلۇق دەپ قوپتۇق. تامام،مەقسەدكەيوتكەلسەك، بۇ ئېقىم زىيالى قاتلىمىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئويغۇنىشنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردۇر. ئەڭ موھىمى بىزنىڭ قىلالايدىغانلىرمىزنى كۆرسۈتۈپ بېرىش ۋە قىلشقاھەركەت،جۇرئەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىشتىن ئىبارەت. تېخىمۇ موھىمۇ ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك قەدىرى-قىممىتىمىزنى تونۇتۇش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلشىمىز كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشتۇر.مەسلەن ئۆزباش"سەگەك زىيالىلارغا يېڭى يىللىق ئوچۇق خەت" دىگەن ئەسىردە"مەن ئۆزۈم قۇربىتىم يېتىدىغان دائىردە خەلقىم ئۈچۈن يەنە نىمە ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرەلىشىم مومكىن؟ مەن ۋەتەننى،خەلىقنى سۆيۈش ئۇسۇلىدا ئويلىنىشىم كېرەكمۇ يوق؟"دىگەن سۇئالنى ئويلىنىپ بېقىشنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن باشلايدۇ ۋە گۈلەن دەل قانداق تەپپككۈر قىلىش،نىمىلەرنى قىلىشنى كونكىرىت كۆرسىتىپ بەرگىچىدۇر. "...خىرىسلىق بىر دەۋىردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئىجدىمائى پەن زىيالىلىرنىڭ تار ئىمكانىيەت ئىچىدە يەنە قانداق ئىلمى ئەمگەكلەرنى قىلالايدىغانلىقى ۋە قىلشى كېرەكلىكى ھەققىدە سەمىمى دەۋەت بار، پىكىريولنى ۋە ئىز دىنىش يولنى ئىسلاھ قىلىش،مۇنازىرگە،تەنقىدكە،ئىلمى ئەمگەككە،تەخىرسىز ئىجدىمائي مەسىللەرگە تۇتقان پوزۇتسىيسىمىزنى دەڭسەپ كۆرۈش ھەققىدەچاقىرىق بار" دەپ بىزنى ئىجدىمائى مەسىللەرگە ئىللمى پوزۇتسىيە تۇتىش بىلەن بىرگە ئەمىليەتچان بولۇشقا دەۋەت قىلدۇ.بۇ يەردىكى تار دائىردىكى قىلالايدىغان ۋەقىلشىمىز زۆرۈر بولغان مەسسىللەر ،گۈللەن ئەسىردىكى "بىزنىڭ ھەق ھوقۇقلىرمىز"نى تونۇپ يېتىشىمىز ۋە تەلەپ قىشىمىز بىلەن بىردەك. يەنى ئۆزباش بولسا"مۇختەرمەخسۇت،ئابدىراخمان ئەبەي،،پولات ھېزۋۇللاھ،رىياسەتچى ئابلەت ئابدۇرېھىم،نەشىرياتسودىگىرى ئەركىن ئىبراھىم" قاتار جەميەتنىڭ بولۇپمۇ مىللىتىمىزنىڭ ئىجدىمائىي ئاڭ ساپاسىنىڭ ئۆزگۈرشىدە تۈرۈتكىلىك رول ئوينايدىغان كىشىلەرنىڭ مىللى مەسئۇلىيتىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن ئۇلارغا خەت يېزىشنى چاقىرىق قىلىدۇ. ئەلۋەتتەبۇ بىر ياكى ئىككى ئادەمنىڭ پىكىر بېرشى بىلەن پۈتىدىغان ئىش بولسا بۇيەردە تىلغائېلىپ ئولتۇرمايتى. بۇ بىر ئۇزۇن مەزگىللىك جامائەت ئاۋازىنىڭ توپلىنىشى داۋاملىشىشى بىلەن بارلىققا كېلدىغان ئىجدىمائىي سىياسى ھوقۇق!بىر كويچەنگە كونۋىرتبىلەن ماركا ئەپ ئاشۇلارغا خەت يېزىشىڭىز، بىر يەرگە كېلۋىلىپ مىللەتنىسۆكىنىڭىزدىن مىڭ ئەۋزەل.قۇرۇق پاراڭ سالغىلىمۇ ئادەم لازىم،شۇندىمۇ سۆزلەپبولۇپلا كىچىككىنە ئەمىلىي ھەركەت قىلىپ قويۇڭ.ھەممىمىزنىڭ تامچىسى نوپۇزلۇق كىشلەرنىڭ كۆلىگە قۇيۇلسا تولۇپ تاشىدۇ!
ئۆزباش ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگۈچىلەر بولسا يۆسۈپ ئىلياسنىڭ"ئېغىر تىنىقلار" دىگەن تارىخى رومانىدىكى" قۇللۇقتا تۇغۇلغان ئەۋلاتلارغا شۇ قۇللۇقنىڭ ئۆزى ئادەم ھاياتىدىكى تەبئىي ئەھۋالدەك سېزىشى مومكىن ۋە ئۇنى ئۇلارنىڭ ھېچقاچان قولدىن چىقارغۇسى كەلمەيدۇ " دىگەن جۈملىسى بىلەن ئىپادىلەش مومكىن. چۈنكى بىز تېخى يەرلىك ئېكىسپالاتسىيەدىن قۇتۇلغىنىمىزيوق. دولىتىمىز بەرگەن ئاپتۇنۇمىيە ھوقۇقى ئەمىلەشتۈرۈلگىنى يوق."ھوقۇقۇقخۇداچىلىق" ئېڭىدىن ھالقىغىنىمىز يوق!يەنە بىر سەۋەب،ئۇزۇن مەزگىل دىننى ئۆزنەپسانىيتىنىڭ قورالى قىلۋالغان نەپسانىيەتچىلەرنىڭ قالدۇرغان" دىننى"تەسىرى. بۇ دىنىمىزدىن تانغانلىقمۇ ئەمەس، دىن بىزنى مۇشۇ ھالغا قويدى دىمەكچىمۇئەمەس. دىن بىلەن پەننى توقۇنۇشتۇرۇپ تەپەككۇر قىلدىغان ھېسسى دىننى ئاڭغا ئىگەشەخىسلەرنى بىلدۈرمەكچى. بۇ خىلدىكى كىشىلەر گۈلەن تەشەببۇس قىلۋاتقان ئەركىنلىكنىدىنسىزلىق،يەرلىك ئادالەتسىزلىكنى تۈگىتىشنى سەۋرىسىزلىك دەپ قارايدۇ. ئۇلارچەبولغاندا،بىزنىڭ بۇ تەلەپلىرمىز ھازىرىقى سىياسەتنى تېخىمۇ چىڭتىۋىتىشى،ھازىرئېرشىۋاتقانلىرمىزنى يۈتتۈرىشىدىن دېرەك بېردۇ. ئەمما ئۆزباش تەكىتلەۋاتقان"چەكلىك دائىردە قىلالايدىغانلىرىم " بىلەن گۈلەننىڭ مەقسەت بىردەكلىكىنى ئىنكارقىلدۇ. بۇ يەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى،ھەق-ھوقۇقلىرمىزنى تەلەپ قىلىشنى تەشەببۇس قىلۋاتقان ۋە چاقىرىق قىلۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇستىمىزدىن سىياسەت يۈرگىزىۋاتقان سىياسى ھۆكۈمداردىن،يەنى سوتسىيالىستىك كومپارتىيەرەھبەرلىكىدىكى جوڭگۇ ھۆكىمىتىمىز رەھبەرلىردىن تەلەپ قىلۋاتىمىز. بۇتەشەببۇسچىلارنىڭ ھېچقانداق سىياسى ئايرىمچىلىق تېرغىنى ئەمەسلىكىنىڭ پولاتتەكپاكىتى! بىز ھۆكۈمىتىمىزدىن، ئادالەتسىز يۈرگۈزلىۋاتقان يەرلىك ھۆكۈمدارلىق ئۇستىدىن ئادەلەت تەلەپ قىلشىقا ھەقلىق!يەنى ھۆكىمىتىمىزنىڭ ئادالىتىنى دەپسەندەقىلغان يەرلىك ھوقۇق پەرەسلەرنىڭ ئۈستىدىن قىلىنغان شىكايەت! شۇڭا بىز ئىدىيەقۇلچىلىقىمىزنى تۈگىتىشىمىز كېرەك.
گۈلەن بولسا ئىنسان ئەركىنى ئاساسى گەۋدە قىلغان ھالدا،ئاۋالئۆزنىڭ بىر قىممىتى بار ئىنسان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىشقا تىشىدۇ ۋە بۇ خىلمەيدانىنى ئۆزىمىزنى كەمسىتمەسلىك،مىللەتتىن زارلىماسسىلىقنى تەشەببۇس قىلىش بىلەنبىرگە خاھىشىڭ بويۇنچە ياشا، ئەممائۆكۈنمەيدىغان خاھىش تىكلىشىڭىنى تەشەببۇس قىلىش ئارقىلىق ئىپادىلەيدۇ.يەنى مىللىئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئويغۇتىش ئۈچۈن كۈچەيدۇ.بۇ خىل ئىپتىخارلىق بىزنىئى شەنمەسلىكتىن ئىشەنچكە،ئىتپاقلىشالماسلىقتىن ئىتپاقلىشىشقا،ئۈمۈدسىزلىكتىن ئۈمۈدكە،قىلالماسلىقتىن قىلىشقا قادىر قىلىدۇ.ھالبۇكى،جەميەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ئۆكسۈنىش، زارلاش قاقشاش سادالىرى بۇ ھۆر جەميەت قۇرۇش چاقىرىقلىرنىى بېسىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ناھايىتى ئۇزۇن مەزگەىللىك تىرشىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.
گۈلەن ئېقىمىنى شەكىلندۈرگەنلەرنىڭ سەۋەب-ئامىلى بولسا دىندىن ئاغرىنىش،مۇسۇلماندىكى تارتىۋاتقان زۇلۇمنى دىننى سەۋەبتىن دەپ چۈشىنىشىدە. يەنى نادانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق ئامىل دىننى چەكلىمە دەپ قارشتۇر. بۇنۇ يۇقىردا دىيىلگەندەك دىن بىلەن پەننى توقۇنۇشتۇرۋېلىش ئېڭىنىڭ جۈملىسىدىندۇر. پەرقى دىننى پەندىن ئايرىۋىتىشنى مەنزىل قىلدۇ.(بۇ يەردە ئۆزباش بىلەن گۈلەننى دىمەكچى ئەمەسمەن، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ ئىككى ئېقىم ھاسىل قىلىپ ئىنكاسيېزىشىنى نەزەردە تۇتىۋاتىمەن).يەنە بىر سەۋەب بولسا ناھەقچىلىكنى تونۇپ يەتتى،ئەمما چىقىرالماي تۇرغىنىدا گۈلەننىڭ دادىللىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىشى، بۇئېقىمدىكىلەرگە خۇددى ئىزدەۋاتقان نەرسىسىنى تاپقاندەك تۇيغۇ بەردى. بۇنىڭغا دەل گۈلەننىڭ ئەركىنلىك تەشەببۇسى،كىشىلىك قەدرى قىممەت ئەركىلىك شۇئارى گۇۋاھ بولدۇ.
ئومۇمەن مەقسەت –مۇددا بىر ئېقىننى ئىككىگەبولۋىتىش ئاقىلانىلىك ئەمەس.
مەنبە:قەلمىم
2012-يىلى12-ئاينىڭ 2-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zvmrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-2 10:23 PM