نامازنى كېم ئۈچۈن ئوقۇيمىز؟
(مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە)
بىر-نەچچە كۈندىن،بۇيان سوغۇقنىڭ تەسىرىدىنمۇ؟ئاشخانامنىڭ سودىسى سەل پەسلەپ قالدى.شۇڭا ئاشخانامنىڭ،سودىسىنىڭ بوش،ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ كۆرۈشمىگىنىمگە،بىر-نەچچە ئاي بولغان،مەندىن ئانچە،يىراق بولمىغان،باشقا شەھەردە،قىيىن ئاكىسى بىلەن بىللە ئاشخانا،ئاچىدىغان يېقىن،ئاغىنەم پەرھاتقا،تېلىفۇن قىلىپ،ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەچ،ئۇ يەردە بىر-نەچچە كۈن تۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم.ئۇمۇ بۇ گېپىمدىن خوش بولۇپ،بولسا ئەتىلا كېلىشىمنى،قاتناشقا ئالدىمغا چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى،ئېيتىپ خوشلۇشۇپ،تېلفۇننى قويدى.ئۇنىڭ گېپى بويىچە،مەن ئەتىسى سەھەرلا،ئورنۇمدىن تۇرۇپ،بۇ يەرنىڭ ئىشلىرىنى بالىلارغا تاپشۇرۇپ،يولغا چىقتىم.دېگەندەك ئۇ قاتناشقا،ئالدىمغا چىقىپ تۇرۇپتۇ.ئۇنىڭ بىلەن،قىزغىن سالاملىشىپ،كۆرۈشكەندىن كېيىن،ئاۋۋال ئاشخانىغا بېرىپ،تاماق يەپ،ئاندىن ئايلانغاچ،كاۋاپتانلارنى چۆگىلەيدىغان بولدۇق.ئۇ گەپ بىلەن ماڭغاچ،يانچۇقىدىن تاماكىسىنى ئالدىدە،-ماڭا تەڭلىدى.
-مەن تاماكا تاشلىغىلى،خېلى بولدى.ئاداش!نامازنى باشلىغاندىن بىرى،چەكمىدىم.ھە راس،-سەنمۇ ناماز باشلىدىم.دەۋاتاتتىڭ،ھەجەپ تاماكىنى تاشلىماپسەنغۇ؟ ئۇ ماڭا قاراپ مىيىققىدە،كۈلدىدە:
-نامازنى باشلىشىمغۇ،باشلىدىم.لېكىن ماۋۇ تاماكا،دېگەن.-نەرسە بىلەن ئۇزۇن يىللىق،ئەر-خوتۇنلاردەك،بولۇپ كېتىپتىمەنكەن،دېگىنە پەقەتلا تاشلىيالمىدىم.
ئۇنىڭ بۇ گېپى ئۆزىگە،قىززىقارلىق بىلىندى،-بولغاي،كۈلۈپ كەتتى.ۋە يانچۇقىدىن ئالغان تاماكىسىدىن،بىر تالنى سۇغۇرۇپ،ئوت ياقتىدە.-قاتتىق شوراپ:
-مەنلا ئەمەس ئاداش!ھېلى كۆرىسەن،بۇ يەردىكى ئاشپەز،كاۋاپچى،بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك،تاماكا چېكىدۇ.يەنە نامازمۇ ئوقۇيدۇ.
بىز شۇنداق گەپلەر،بىلەن ئاشخانىغىمۇ،كىلىپ قاپتۇق.ئاشخانىنىڭ ئالدىدا،ئاغىنەمنىڭ قىيىن ئاكىسى،ئەكرەم ھاجىم،كاۋاپچى ۋە باشقىلار،بولۇپ.بىر-نەچچەيلەن،تۇراتتى.مەن ئۇلار بىلەن،بىرمۇ-بىر قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەندىن،كېيىن.ئاشخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەتتىم.بۇ مىللىي پاسۇندا بېزەلگەن،يورۇق،پاكىز،ئازادە،ئاشخانا ئىدى.ئاشخانا خوجايىنى،ئاغىنەمنىڭ قىيىن ئاكىسى ئەكرەم ھاجىممۇ،نامازخان،تەقۋا،مۇلايىم،كىشى ئىدى.ئۇمۇ كەينىمىزدىن ئاشخانىغا كىرىپ كەلدىدە،-ماڭا قاراپ.-
-ھە،ئۇكام.ئاشخاناڭنىڭ بازىرى قانداقراق؟
-سوغۇق چۈشكەننىڭ ياقى،بازار بوشراق،ھاجىمكا.سىلەنىڭ بازالاچۇ؟
-بىزنىڭمۇ،بازا بوشاپ كەتتى.شۇڭا ئاشخانىنى سېتىۋىتىپ،ياكى ئاغىنەڭگە،ئۆتكۈزۈپ بېرىپ.يۇرتقا چىقىپ،باشقا ئىش قىلايمىكىن دەيمەن.ئۆزۈڭ بىلىسەن،ئۇكام.بۇ خەق پىجۇ-ھاراق ساتمىساڭ،تاماق يېمىگەن.ساتاي دېسەڭ،بىزنىڭ شەرىئەتكە توغرا كەلمىگەن.پۇل تاپىمەن دەپ،گۇناھكار بولۇپ،كېتىدىغان ئوخشايدۇ،-ئادەم بۇيەردە.
ئۆزۈم ئاشخانامدا،پېجۇ ساتقاچقىمۇ؟ئۇنىڭ گەپلىرىدىن ئۆزۈمنى،گۇناھكاردەك،ھېس قىلىپ خىجالەت بولدۇم.پاراڭ بىلەن ئولتۇرۇپ،ھاجىمكام سائىتىگە قارىدى.ۋە پىشىن ۋاقتى،بولۇپ قاپتۇ.تاھارەت ئېلىپ ناماز ئوقۇيلى،دېدى.بىز بىر-بىرلەپ تاھارەت ئېلىپ نامازغا،تەييارلىق قىلدۇق.ھاجىمكام بىزگە ئېمام بولۇپ،نامازنىمۇ ئوقۇۋالدۇق.نامازدىن بىكار بولۇپ،پەرھات بىلەن سىرتنى،كاۋاپتانلارنى ئايلىنىپ كېلىش،ئۈچۈن.ھاجىمكامغا دەپ قويۇپ،سېرتقا ماڭدۇق.سېرتقا چىقىپ ئازراق ماڭغاندىن،كېيىن.پەرھات،-
-ئاداش!يۈرە ئاشخانىنىڭ،كەينىدىكى كوچىدىن ماڭغاچ،بىر تال چېكىۋالاي.دەپ،-مېنى ئاشخانىنىڭ ئارقىسىدىكى كوچىغا باشلاپ ماڭدى.
-نېمىنداق قىلىدىغانسە؟دەيمەن.ھازىر ناماز ئوقۇپ،يەنە تاماكا چېكىمەن،دەيسەن.
شۇنداق دەپ،ئۇنىڭغا ئاچچىقلاپ.ئالدىمىزغا ئازراق مېڭىشىمىزغا،بايا بىز بىلەن بىللە ناماز ئوقۇغان،بالىلاردىن ئىككىسى،پاراڭلاشقاچ تاماكا چېكىشىپ تۇرۇپتۇ.ئۇلار بىزنى كۆرۈپ،مىيىققىدە كۈلدىدە.-يانچۇقلىرىدىن تاماكا چىقىرىپ،بىزگە تەڭلىدى.مەن تاماكا،چەكمەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ،ئۇلارنىڭ قوللىرىنى قايتۇردۇم.پەرھات ئۇلار تەڭلىگەن،تاماكىدىن بىرنى ئېلىپ،ئاغزىغا ئېلىشىغا،بالىلارنىڭ بىرسى،يېنىدىن چاقمىقىنى،چىقاردىدە.-ئۇنىڭ تاماكىسىغا ئوت يېقىپ بەردى.پەرھات تاماكىنى بىر شورىدىدە،ئىسىنى پۈۋلىۋىتىپ،بالىلارغا قاراپ:-
-تاماكاڭلارنى چاققانراق چېكىپ،بالدۇرراق ئاشخانىغا كىرىپ كېتىڭلار.ھاجىمكام كۆرۈپ،قالمىسۇن.دېدىدە،-مېنى مېڭىشقا شەرەت قىلدى.
مەن ماڭغاچ ئۇنىڭدىن گەپ سورۇدۇم.
-ئاداش!ئاشخانىغا يوغۇن قىلىپ،<<ئاشخانىدا تاماكا چېكىشكە،ھاراق ئېچىشكە بولمايدۇ>>.دەپ يېزىپ قويۇپسىلەر.لېكىن ئۆزۈڭلار چېكىدىكەنسىلەر.بۇ قانداق گەپ،ئەمدى؟
-ۋاي-ۋۇي،ئاداش!ئۇ دېگەن ئاشخانىنىڭ ئىچىدە،چېكىشكە بولمايدۇ.دېگەن گەپ.
-مەيلى سىلەر،تاماكىنى ئاشخانىنىڭ ئىچىدە چېكىڭلار،ياكى سېرتىدا چېكىڭلار.سىلەرنىڭ تاماكا چېكىۋاتقىنىڭلارنى،كۆرگەن خەنزۇلار ئاشخاناڭلارغا<<تاماكا چېكىشكە،ھاراق ئېچىشكە بولمايدۇ>>.دەپ،يېزىپ قويۇپ ئۆزۈڭلار چېكىدىكەنسىلەرغۇ؟دىسە.نېمە دەپ جاۋاب بېرىسىلەر؟ياكى بايا سەن دېگەندەك،ئۇ دېگەن ئاشخانىنىڭ ئىچىدە،چەكمەڭلار دېگەن گەپ.سىرتىدا چەكسەك بولېۋىرىدۇ.دەمسىلەر؟ياكى خەنزۇلار سىلەردىن،ئۇنداق سوئال،سوراپ باقمىدىمۇ؟
-سورىدى.
ئەمسە،ئۇلارغا نېمە دېدىڭ؟
-ئۆزۈڭ بىلىسەن ئاداش!ئۇلار بىزنى،مات قىلىدىغان،كوكۇلىمىزنى تۇتىۋالىدىغان،گەپلەرنى قىلسا،ھېچنىمە بىلمەس بولىۋالىمىز.يەنى<<تېڭ بۇدۇڭ>>دەپلا گەپنى تۈگىتىمىز.
ئۇنىڭ بۇ گېپىدىن كۈلگۈم شۇنداق،كەلگەن بولسىمۇ،ئۆزۈمنى تەستە بېسىپ،يەنە سورۇدۇم.
-بايا ئاۋۇ بالىلارغا،تاماكاڭلارنى چاققانراق،چېكىپ ئاشخانىغا كىرىپ كېتىڭلار.ھاجىمكام كۆرۈپ قالمىسۇن،-دېدىڭ.ھاجىمكام كۆرۈپ قالسا،نېمە بولىدۇ؟
نېمە بولاتتى،ئاداش!ھاجىمكام خاپا بولىدۇ.
-نېمىشكە،خاپا بولىدۇ؟
-تاماكا چەككىنىمىزگە خاپا بولىدۇ.
-تاماكا چەككىنىڭلارغا،نېمىشكە خاپا بولىدۇ؟
-بولدى قىلە،ئاداش!كىچىك باللاردەك،سوئاللارنى سورىماي.تاماكا دېگەن زېيانلىق.ئادەمنى زەھەرلەيدىغان نەرسە بولغاچقا،خاپا بولمامدۇ.نەدىكى بىر سوئاللارنى سورايدىكەنسەن.ئۇنىڭ ئاچچىغى كەلگەندەك قىلاتتى.
شۇنداقتىمۇ،ئۇنىڭدىن يەنە سورۇدۇم.
-تاماكا زېيانلىق،ئادەمنى زەھەرلەيدىغان نەرسە.بۇنى بېلىدىكەنسەن.ئەمسە بىلىپ تۇرۇپ،نېمىشكە چېكىسە؟ئۇ ئۈندىمىدى.
مەن ئۇنىڭ چىشىغا تېگىش ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى ئۇنىڭ تاماكىنى بۇندىن كېيىن،چەكمەسلىكىنى ئۆمۈد قىلىپ،قەستەن شۇنداق سوئاللارنى سوراۋاتاتتىم.
-ئاچچىغىڭ كەلسىمۇ،سەندىن ئەڭ ئاخىرقى،بىر سوئالىمنى سوراپ باقاي.تاماكىنى زەھەر دېدىڭ،توغرا.ئۇدېگەن زەھەر.ئەمسە نېمىشكە؟شۇ زەھەرنى چېكىپ،ئېغىزىڭلارنى سېسىق پۇرۇتۇپ.يەنە ناماز ئوقۇيسىلەر؟ئۇ ماڭا بىر قارىۋەتتىدە:
-ساڭا دېسەم،ئاداش!بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك،ھاجىمكامدىن تەپ تارتىپ،قورقۇپ ناماز ئوقۇيدۇ.بەزىللىرى تېخى،ھاجىمكام بىرەر ئىش بىلەن،ئۇياق-بۇياقلارغا كېتىپ.بىر-نەچچە كۈن قايتىپ كېلەلمىسە،ھاجىمكامنى يوق دەپ،-نامازمۇ ئوقۇمايدۇ.
گەرچە مەن،بۇ مىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى سوئالىم،دېگەن بولساممۇ.-ئۇنىڭ بۇ گەپلىرى،مېنى يەنە سوئال سوراشقا مەجبۇرلىدى.
-نامازنى سېلەر كېم ئۈچۈن،ئوقۇيسىلەر؟ئۆزۈڭلار ئۈچۈنمۇ؟ياكى ھاجىمكام ئۈچۈنمۇ؟سېلەر،-نامازنى بىزگە پەرىز قىلغان ئۇلۇغ رەببىمىز،اللەدىن قورقۇپ ئوقۇماي،بىر بەندىدىن ھاجىمكامدىن قورقۇپ،ئوقۇمسىلەر؟سېلەردەك نامازنى،اللەدىن ئەمەس،بەلكى ھاجىم ئاكىللىرىدىن،ھاجىم دادىللىرىدىن،ھاجىم بۇۋىللىرىدىن......قورقۇپ،ئۇلاردىن تەپ تارتىپ،ئوقۇۋاتقانلاردىن،ئارىمىزدا يەنە قانچىلىكى باردۇر؟بۇنداق ئوقۇغان،نامېزىڭلار سېلەرگە،قانچىلىك پايدا ئېلىپ كېلەر؟گەپنىڭ سەتىنى قىلسام.-ئاداش!خۇدادىن ئەمەس،بەندىدىن قورقۇپ.قوڭاڭلارنى بەش قېتىم يۇيۇپ،جەينەمازغا بەش قېتىم ئۈسسۈپ،ئوقۇغان بۇنداق نامازنىڭ ھېچقانداق،ئەھمىيىتى ۋە پايدىسى يوق.بۇنداق قىلىپ،خۇدانى،ھاجىم ئاكىللىرىڭلارنى،ھاجىم دادىلىرىڭلارنى،.....ئالدېمايسىلەر،بەلكى ئۆزۈڭلارنى-ئۆزۈڭلار ئالدايسىلەر،خالاس.نېمىش قىلاسىلەر؟ئۆزۈڭلارنى-ئۆزۈڭلار ئالداپ،بۇنداق ناماز ئوقۇپ.ئاچچىغىم بەكلا كەلدى.-بولغاي،ئۇنىڭغا قايناپلا كەتتىم.
-قاينىما ئاداش!اللە خالىسا،بىزمۇ تاماكا،ھاراق دېگەنلەرنى تاشلاپ،نامازنى چىن_ئېخلاسىمىز بىلەن ئوقامىز.
-چىن_ئېخلاسىمىز بىلەن ئوقامىز؟قاچان؟ئۆلگەندىمۇ؟ياكى قېرىپ،ئىككى پۇتىمىز گۆرگە ساڭگىلغاندىمۇ؟ھازىر نېمە ئۈچۈن،نامازنى چىن-ئېخلاسىمىز بىلەن ئوقۇيالمايمىز؟
-اللە خالىسا،دېدىمغۇ.-ئاداش!يەنە نېمە دەيمەن؟
-اللە خالىسا،اللە خالىسا،قېنى دەپ باقە.-اللە بىزنىڭ تاماكا چەكمەسلىكىمىزنى خالىماسمۇ؟ھاراق ئېچمەسلىكىمىزنى خالىماسمۇ؟نامازنى ھەقىقى،چىن-ئېخلاسىمىز بىلەن ئوقۇشىمىزنى خالىماسمۇ؟ساڭا دېسەم ئاداش!ئۇلۇغ اللە شۇنداق قىلىشىمىزنى خالىغاچقا،بۇنىڭدىن 1400يىل بۇرۇن،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم(اللەنىڭ سالامى بولسۇن)ئارقىلىق بىزگە تەلىم بېرىپ،زەھەردىن يېراق تۇرۇڭلار،ھاراق ئېچمەڭلار،زىنا قىلماڭلار،ئوغۇرلۇق-ئالدامچىلىق قىلماڭلار،قېمار ئوينىماڭلار،.......اللەنىڭ بۇيرىغان ئىبادەتلىرىنى چىن-ئېخلاسىڭلار بىلەن قىلىڭلار،دەپ ئۇلۇغ قۇرئاننى بىزگە چۈشۈرگەن.شۇڭا ئاداش! اللە خالىسا دەپ،قۇرۇق شۇئار توۋلىغاندىن،بىر كۈن بولسىمۇ بالدۇرراق،ئەمەلىي ئىش قىلغىنىمز ياخشى.
ئۇ گەپلىرىمگە،قايىل بولدى.-بولغاي،ماڭا قاراپ،مەمنۇنلۇق كۈلكىسى بىلەن:
ئاداش!بولسا بۇيەردىكى،بالىلارنىڭ ھەممىسىنى يېغققان بولسام،ماڭا قىلغان شۇ گەپلىرىڭنى ئۇلارغىمۇ،بىر قىلغان بولساڭ،ئۇلارمۇ ئاڭلىغان بولسا ھە؟
-ئۇنىڭغىمۇ اللە نىسىپ،قىلسا پۇرسەت بولۇپ قالا.-ئاداش!دېدىم مەن ئۇنىڭغا.
ئۇ قولۇمنى چېڭ سىقىپ،يېقىشلىق قىلىپ:
-ھەقىقەتەن ئېسىل،ياخشى،ئاغىنەمدە سەن.ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق،ياخشى گەپلەرنى ئاڭلىمىغانغا.رەھمەت ساڭا!دېدىدە.مۆرەمگە يېنىڭ بىرنى ئۇرۇپ قويدى.
سەمىمىي ئەسكەرتىش:سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولىشىغا،قارىماي بۇھېكايىنى يىزىپ چىقتىم.دوسلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر-تەكلىپلەرنى بېرىشىنى،مېنى قوللاپ،قۇۋۋەتلىشىنى چىن قەلبىمدىن ئۆمۈد قىلىمەن.
ئابدۇجاپپار ئابدۇراخمان(ئويچان0999)
2012-يىلى12-ئاينىڭ2-كۈنى(سەنشىدا يېزىلدى)