بانان كالي مىقدارى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەرگە تەۋە ،كالينىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ناترىغا نىسبەتەن توسۇش رولى بار،شۇنىڭ ئۈچۈن باناننى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك قان تومۇر كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتىلىشچە ،ھەر كۈندە ئىككى دانە بانان ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ،قان بېسىمنى 10%تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن .
بانان خەلىققە تولىمۇ ماس كەلگەن ئىسسسىق تىپىدىكى يىمەكلىك .باھاسى ئەرزان ۋە يېيىشلىك .ئۇ يۈرەك قان تومۇر بىمارلىرىغا ئىنتايىن پايدىلىق ،ئۇنداقتا باناننىڭ زادى قانچىلىك ئوزۇقلۇق قىممىتى بار ؟نىمە ئۈچۈن يۈرەك قان تومۇر كىسىلىگە پايدىلىق دەيمىز ؟قايسىسى كىشىلەرنىڭ يېيىشىگە ماس كېلىدۇ ؟
1.باناندا مىكرۇ مىقدارلىق ئېلمىنتلار ۋە ۋېتامىنلار مول
بانان يۇقىرى ئېنىرگىيىلىك مېۋىگە تەۋە بولۇپ ،ئانالىزلارغا ئاساسلانغاندا ،ھەر 100گرام بانان مېۋىسىنىڭ ئىسسىقلىق چېقىرىش مىقدارى 91چوڭ كالورنىيە .بەزىبىر ئىسسىق بەلباغ رايونلىرىدا بانان ئاساسلىق ئاشلىق بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.باناننىڭ ئوزۇقلۇق تەركىبى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ ،ھەر 100گرامدا كاربون سۇ بىرىكمىسى 20گرامنى ،ئاقسىل 1.2گىرامنى ،ياغ 0.6گىرامنى ئىگەللەيدىكەن .بۇنىڭدىن باشقا ،ئۇنىڭدا مىكرو ئېلمىنتلار ۋە ۋىتامىىن مول .باناننىڭ تەركىبىدىكى ۋېتامىن يېتىلىشنى تېزلىتىپ ،كىسەللىككە قارشى ئېممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ ،ئۇنورمال كۆپىيىش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى زۆرۈر شەرتتۇر .ئۇنىڭ تەركىبىدىكى تىئامىن پۇت پۇراش كسىلىگە قارشى تۇرىدۇ شۇنداقلا ئىشتاھانى ئېچىپ ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدۇ ۋە نېرۋا سېستىمىسىنى ياخشىلايدۇ.
2.بانان تەركىبىدە كالي مول بولۇپ قان تومۇر كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ
بانان كالي مىقدارى يۇقىرى بولغان يىمەكلىكلەرگە تەۋە ،كالينىڭ ئادەم بەدىنىدىكى ناترىغا نىسبەتەن توسۇش رولى بار،شۇنىڭ ئۈچۈن باناننى كۆپ ئىستىمال قىلغاندا قان بېسىمنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە يۇقىرى قان بېسىم ۋە يۈرەك قان تومۇر كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .تەتقىقاتلاردىن كۆرسىتىلىشچە ،ھەر كۈندە ئىككى دانە بانان ئىستىمال قىلىپ بەرگەندە ،قان بېسىمنى 10%تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن .ئۇنىڭدىن باشقا بانان ئۇيقۇسىزلىق ۋە كەيپىيات جىددىيلىشىش قاتارلىقلارغا نىسبەتەن داۋالاش ئۈنۈمى يۇقىرى ،چۈنكى باناندىكى ئاقسىل تەركىبىدە ئامىنۇ كېسلاتاسى بولۇپ مېڭىنى تىنىچلاندۇرۇش رولى بار ،شۇڭا ئۇخلاشتىن بۇرۇن بانان يېيىش پايدىلىق .
3.تېز ياكى ئاستا خارەكتىرلىك بۆرەك ياللۇغى ياكى بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەر بانان ئىستىمال قىلسا بولمايدۇ
باناندا كالي يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن تېز ياكى ئاستا خارەكتىرلىك بۆرەك ياللۇغى ياكى بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىز كىشىلەر بانان ئىستىمال قىلسا بولمايدۇ،ئەگەر بۇ خىل بىمارلارھەر كۈنى ئەڭ كۆپ بولغاندا يىرىم باناننى ئىستىمال قىلسا بولىدۇ .باناندا قەنىت مىقدارى يۇقىرى بولۇپ ،قەنىت سىيىش كىسىلى بارلارمۇ ئىستىمال قىلماسلىقى كېرەك.دېھقەت قىلىشقا تىگىشلىك يېرى شۇكى ،باناننى ھەرگىزمۇ ئاش قورساققا يىمەسلىك كېرەك ،چۈنكى باناندا ماگنىي مىقدارى يۇقىرى بولۇپ ،ماگنىي يۈرەك ئىقتىدارىغا تەسىر قىلغۇچى .ئەگەر ئاش قورساق بانان يىگەندە ئادەم بەدىنىنىڭ قان تەركىبىدىكى ماگنىي كالتىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ ،يۈرەك قان تومۇرغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ .ئاشقازاندا مەسىلە بارلارمۇ باناننى كۆپ يىمەسلىك كېرەك ،چۈنكى باناننىڭ ھەزىم بولىشى ئاستا .
4.ياخشى پىشمىغان بانان قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ
ئادەتتە كىشىلەر باناننى ئۈچەي يولىنى راۋانلاشتۇرىدۇ ،قەۋزىيەت بولۇپ قالغاندا بانان يېيىش كېرەك دەپ قارايدۇ ،ئەمەلىيەتتە ھەممە بانان بۇنداق بولىۋەرمەيدۇ ،پەقەت ياخشى پىشقان باناننىڭلا شۇنداق رولى بار ،ئەگەر پىشمىغان باناننى كۆپ يىگەندە قەۋزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرىۋىتىدۇ .پىشمىغان باناندا تاننىك كېسلاتا كۆپ بولۇپ ،ئۇھەزىم قىلىش يولىنى قورۇپ ،ئاشقازان ئۈچەي سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجىرلىشىنى توسۇپ ،ئاشقازان ۋە ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى قېيىنلاشتۇرىدۇ .مەنبە خەۋەر تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aa0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-2 12:56 PM