مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5774|ئىنكاس: 36

سىگانلارنى ئانچە-مۇنچە ئاقلاپ قوياي [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87970
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-12-1
ئاخىرقى: 2012-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 10:39:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سىگانلارنى ناخشا –ئۇسسۇل ئۈچۈن سەرگەردان بولغان مىللەت دەپ كەمسۇندۇرۇش پوزىتسىيىدە تىلغا ئېلىش زىيالىيلاردا قاچان پەيدا بولغان ،،ئۇلار بۇنداق دىيىشتە نېمىنى، ،قايسى مەنبەنى ئاساس قىلغان بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ ،لېكىن ئىيتىشقا بولىدۇكى ،بۇنىڭ بىزدىكى تەسىرى ئىنتايىن ئېغىر بولدى ،كىشىلەر ھېلىھەم ماقالىلىرىدە ،گەپ سۆزلىرىدە ،ھەم مۇنبەرلەر دائىم سىگانلارنى مىسالغا ئېلىشقا,ئۇ ئارقىلىق ناخشا ئۇسسۇلنىڭ بىر مىللەتنى سەرگەردان خار زارقىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە ئامراق،ناخشا ئۇسسۇل راستنلا بىر پۈتۈن سۈرۈك مىللەتنى خار زار ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويامدۇ ئۇنى ئايرىم ئويلىنىش كېرەك ،لېكىن بۇنىڭغا سىگان مىللىتىنىڭ ئىبرەت مىسالى بولۇپ قالغانلىقى توغرا ئەمەس .ئادەتتە بىزنىڭ سىگان مىللىتىنى  چۈشىنش پۇرسىتمىزيوق دىيەرلىك ،بىز ئۆگەنگەن  تارىخ كىتابلىرىدا سىگانلار توغرۇلۇق مەلۇماتلار پۈتۈنلەي يوق دېسىمۇ بولىدۇ ، ،كۆپىنچە كىشىلەرگە ئۇلارنى چۈشىنىش پۇرسىتىمۇ يوق،بىزنىڭ ئۇلارغا بولغان بىردىنبىر تەسراتىمىز ئۇيغۇرلار زىيالىيلىرى ماقالىلىرىدە كۆپ تىلغا ئالىدىغان «ناخشا ئۇسسۇل سەۋەبىدىن سەرگەردان بولغان مىللەت سىگانلار»ھەم بىرنەچچە يىل ئىلگىرى خەلقئارا خەۋەرلەردە كۆپ بېرىپ كەتكەن سىگانلارنىڭ فىرانسىيەدىن قوغلىنىشىدىن ئىبارەت.

مەن ئىلگىرى مىللەتلەر دەرسىدە  سىگان مىللىتى ۋە  ئۇلارنىڭ خار بولۇشى تارىخى توغرىسىدا مەخسۇس ماقالە يازغان ،شۇ جەرياندا ئۇلار توغرۇلۇق جىق ماتىرىيال كۆردۈم ،ئىشقىلىپ ھازىركۇتۇپخانىلاردىكى سىگانلارغا دائىر مەخسۇس كىتابلارنى خېلى كۆپىنى   بىرەر قۇر كۆرۈپ چىقتىم دېسەممۇ بولىدۇ .،مەنمۇ ئىلگىرى پارچە پۇرات ماقالىلەردىن  كۆرۈۋالغىنىم بويىچە سىگانلارنى ناخشا ئۇسسۇل ساراڭى بولغان مىللەت  دەپ خۇلاسە چىقىرىۋەتكەنىدىم لېكىن ئۇلار بىلەن تەپسلىي تونۇشۇش جەريانىدا بۇ قارىشىم ئۆزگەردى .مەن بۇ ماقالىنى بىرەر  يىلبۇرۇن يازغان  ئېنىق سانلىق مەلۇمات دېگەندەك نەرسىلەر ئېسىمدە قالماپتۇ .شۇنداق بولسىمۇ ئېسىمدە قالغانلىرى بويىچە  بۇ مىللەتنى  بىر ئاقلاپ قوياي.

سىگان مىللىتى ئەسلىدە ھېندىستاننىڭ شىمالىدا ياشايدىغان بولۇپ  مىلادى 10-ئەسردە ئۇلار   بىرقانچە يولغا بۆلۈنۈپ تەرەپ تەرەپكە كۆچمەن بولغان ،بىرقانچە يۆنىلىش ئارقىلىق 16-ئەسرلەر ئەتراپىدا  ياۋروپاغا كىرگەن . سىگانلار شۇنداق  بىر بەخىتسز مىللەتكى ئۇلار بىلەن ئوخشاش سەرگەردان مىللەت يەھۇدىيلار ھەرھالدا ئۇششۇقلۇق قىلىپ بولسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئانا ماكانىغا قايتىپ بارالايدۇ ھەم ئۇيەردە ئەجدادلىرىنىڭ ئىزىنى تاپالايدۇ ،لېكىن ھېندىستان ھۆكۈمىتى ھەم خەلقى  ھېچقاچان سىگانلارنى ئۆزلىرىنىڭ مىڭ يىللار ئىلگىرى ئايرىلىپ كەتكەن قېرىنداشلىرى دەپ تونىمايدۇ،ئۇلارغا باشقا دۆلەتلەرگە قارىغاندا ياخشى مۇئامىلە تۇتۇپ كەتمەيدۇ ،سىگانلارئۆزىمۇ ھېندىستاننى ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنى دەپ قارىمايدۇ.يۇرت دېگەندىمۇ ھېندىستانغا قارىغاندا ۋىنگرىيە ياكى رومنىيەنى بەكەرەك  ئۆزلىرىنىڭ يۇرتى دەپ بىلىشى مۇمكىن .

سىگانلار ناخشا-ئۇسسۇل سەۋەبىدىن سەرگەردانلىققا مەجبۇر بولغان ئەمەس بۇ سەرگەردانلىق يولىنى ئۇلار ئۆزلىرى تاللىغان .

سىگانلارنىڭ كەمسىتىلىشكە  ئۇچرىشىشىنىڭ  ئاساسلىق سەۋەب بىرىنچدىن ،دىن،سىگانلار دىنسىز مىللەت يەنى  ،سىگان مىللىتى بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىدە ئورتاق بىر دىنغا ئىتقاد قىلمايدۇ ،قەيەردە ياشىسا شۇ يەردىكى ئاساسىي ئىقىم بولغان دىنغا ئىتقاد قىلىپ قويىدۇ يۇ،دىنىي ئىتقادى ئانچە كۈچلۈك ئەمەس ئۇلار ياۋروپاغا كەلگەن ئوتتۇرا ئەسردە دىنى ئىتقادى  بولماسلىق قۇبۇل قىلغىلى، تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئىدى ،شۇنىڭ ئۈچۈن دىيىشكە بولىدۇ سىگانلار دەسلىپىدىلا  ياۋروپالىقلارغا ناچار تەسر قالدۇرغان

ئىككىنچى،سىگانلار ئۆز مەدەنىيىتىگە بەكلا سادىق، .سىگانلار ياۋروپادا مىڭ يىللاپ تۇرۇپ،شۇ يەرلىك مىللەتلەرگە قېتىلماي ئۆزىنىڭ ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قالغان ،مۇنداق دىيشكە بولىدۇكى ،سىگانلار بەش-ئالتە يۈز يىل ئىلگىرى ياۋروپاغا بارغاندا قانداق بولسا ھازىرمۇ شۇ پىتى.

دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى،ياۋروپا دۆلەتلىرى ئامېرىكا ھەم ئاۋسترالىيەدەك ساپ كۆچمەن ئەللەرگە ئوخشىمايدۇ،ئۇلار ئۆز دۆلىتىگە كۆچمەن بولۇپ بارغانلارنىڭ شۇ دۆلەتنىڭ مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كىرىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ھەتتا مەجبۇرلايدۇ،تېخى يېقىندا ئەنگىلىيە پەقەت ئۆز مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدىلا  ياشايدىغان كۆچمەنلەرنى قارشى ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ،ھازىرقى زاماندىكى تەدبىر سىياسەتمۇ شۇنداق بولغاندىكىن بۇنىڭدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى  بۇرۇنقى سىياسەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ

ئەنئەنىگە جاھىلىق بىلەن يامىشىش سىگانلارنىڭ  بىرمىللەت سۈپىتىدە ئۆزىنى يوقاتماي تۇرىشىنىڭ سەۋەبى لېكىن ئۇ ھەم بىر ۋاقتتاياۋروپادىكى ئەللەرنىڭ ئۇلارنى يامان كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى.بۇ بىر ئېچىنىشلىق تاللاش ئۇلار بىر توپ ۋەتەنسىز  كىشىلەر ،ئۇلار ئۆز ئەنئەنىسىگە چىڭ يېپىشىش بىلەن شۇ ۋاقتتىكى ياۋروپادا ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدۇ.بۇ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى بىر مىللەت سۈپىتىدە ساقلاپ قېلىشى ، ياشىشنىڭ ئاساسى  لېكىن ئۇلار بارغان دۆلەتتىكى كىشىلەر ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئۇلارنىڭ تۇرقىنى ،تىلىنى،ياشاش ئۇسۇلىنى ياقتۇرمايدۇ ئۇلاردىن ئۇنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىدۇ ،ئۇلار ياكى ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ياشىشى كېرەك.ياكى ئۆزى بارغان توپقا سىڭىپ كېتىشى كېرەك .سىگانلار بىرىنچى تاللاشنى قۇبۇل قىلدى .بۇنىڭ ئاقىۋىتى شۇ  دەرىجىدە بولدىكى،ئۇلار ئۆزلىرى بارغان دۆلەتتە كەمستىلىشگە ئۇچراپ قالماي،ھەتتا ئۆزلىرى بىلەن  بىر تيىنلىق مۇناسىۋىتى يوق ئۇيغۇرلارمۇ ئۇلارنى تۆۋەن كۆرۈپ يۈردى.

ئۈچىنچىدىن ،سىگانلار ھۆكۈمەتنى ئىتراپ قىلدۇرمايدۇ ،ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى قۇبۇل قىلمايدۇ ،بۇنى ئۇلارنىڭ سەرگەردانلىق خاراكتىرى بەلگىلىگەن . ،ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرىنى بۇ سەرگەردان كىشىلەرنى باشقۇرۇپ بېقىپ باشقۇرۇپمۇ بولالماي،ئامال قىلالمىغاندا ئاخىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتكەن ،بۇنىڭ بىلەن يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش يۈز بەرگەن .سىگانلارنىڭ كۈنى تېخىمۇ يامانلىشىپ ئۇلار جەمىيەتنىڭ تېخىمۇ قاراڭغۇبۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا كېتىپ قالغان ،ھالى تېخىمۇ خارابلىشىپ كىشىلەرنىڭ كۆزىگە تېخىمۇ سەت كۆرۈنۈشكە باشلىغان،ھۆكۈمەتمۇ ئۇلارنى تېخىمۇ يامان كۆرگەن . شۇنىڭبىلەن ئۇلارنى چەتكە قېقىشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن .......

تۆتىنچى ،سىگانلار پال،پىرە ئوينايدۇ،بىز سىگانلار بىلمەي تۇرۇپ شۇنچە تىللىغانغا چۇشلۇق ئۇلارنىڭ بىرەرناخشىسىنى ئاڭلىمىغان ،بىرەرناخشىچىسى ياكى ئۇسسۇلچىسىنى كۆرمىگەن بولساقمۇ   ئۇلارنىڭ  بىرىنچى ئالاھىدىلىكىنى ناخشا ئۇسسۇل دەپ قارايمىز لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۇلار توغرۇلۇق يېزىلغان ماتىرىياللاردا ئۇلارنىڭ پىر،سىھرىگەرلىكىنى ئۇلارنىڭ ئەڭ  گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى سۈپىتىدە تىلغا ئالىدۇ .بىر مىللەتتە  ئانچە-مۇنچە پروخون ياكى پالچىنىڭ بولۇشى نورمال ئەھۋال ،لېكىن بىر مىللەت پۈتۈن بىر مىللەت بويىچە پروخون بولۇشى راستىنلا قۇبۇل قىلىش تەس ئەمەلىيەت .ياۋروپالىقلار ئۇلارنى پىرىخون  ھەم شۇنداق ۋەھىمىلىك  نەرسىلەر  بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغاچقا ئۇلاردىن ئۆزىنى تارتقان.

ئىچكى  سەۋەبنى سۆزلىسەك  سىگانلار ئۆزىدىمۇ كەمچىللىكلەر ئاز ئەمەس،ئۇلار ئوغرىلىقنى نومۇس دەپ قارىمايدۇ .بۇ ئەلۋەتتە ئۇلار تۇرۇشلۇق جايدىكى كىشلەرنىڭ ئۇلارنى ئۆچ كۆرۈشىدىكى سەۋەب..

ھازىرقى دەۋردىمۇ   ئۇلاريەنىلا ئويغانماي مائارىپقا دىگەندەك  ئەھمىيەت بەرمىگەن  ،(ئەلۋەتتە ئۇلاردىنمۇ بەزىبىر  ئىلىم ئەھلىنىڭ چىققانلىقى ئېنىق ،لېكىن بۇ بۇدەۋردە يېتەرلىك ئەمەس ،بولۇپمۇ ئاساسىي گەۋدىسى ياۋروپادا ياشايدىغان مىللەت ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس)  ساۋاتسىزلىق،قالاقلىق سەۋەبىدىن ئۇلار ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ئىشسىزلار سانى ئەڭ كۆپ توپلارنىڭ بىرسىگەئايلانغان  ،ھۆكۈمەتكە ۋە جەمىيەتگە ئېغىربېسىم ئېلىپ كەلگەن

سىگانلار يەنە ئۆزىنىڭ ئەنئەنسىدە چىڭ تۇرۇشتا ئاشۇرىۋەتكەن تەرەپلەر بار.سىگانلارنىڭمۇ يامان قىلىقلىرى،ئىللەتلىرى بار ،بۇ ئەنئەنە ئەمەس ،پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشكە تىگىشلىك ئىللەت .لېكىنئۇلار كەمچىللىكلىرىنى تۈزىتىش،يوقىتىش  ئورنىغا بۇنىمۇ ئەنئەنە دەپ ھېسابلاپ يېپىشپتۇرغان ،ئەسلىدە ئۇلار ئۆزىنى ئۆزگەرتىشى ،كىينكى مەزگىلدە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا باشلامچى ياۋروپا ،شىمالىي ئامېرىكىدا كەڭ تارقالغان مىللەت بولغاندىن كېيىن بىلىمگە ،تەرەققىياتقا  ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك ئىدى.تەقدىرداش يەھۇدىيلاردىن ئۈلگە ئېلىشى كېرەك ئىدى،لېكىن ئۇلار ئۇنداق قىلىمىدى  ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۆزىنىڭ كوناياشاش ئۇسۇلىدا ياشاپ كەلدى .


ئاجىز مىللەتلەر دائىم مۇشۇنداق خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، كۈچلۈك مىللەتلەرنىڭ ئاسمىلاتسىيە خىرسى ئالدىدائۆزىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىدۇ لېكىن دائىم چەكتىن ئاشۇرۇۋىتىدۇ،ھەتتا نورمال بىلىم ،نورمال تەسرنىمۇ ئۆزىگە خىرس دەپ بىلىدۇ ، ئۆزىنى تېخىمۇ ناچار ئەھۋالغاچۈشۈرۈپ قويىدۇ.يەنى  ئۆزىدىكى ھەممەنەرسىنى يۆگەشتۈرۈپ ئەنئەنە ،مەدەنىيەت دەپ قاراپ ،جاھىلىق بىلەن يېپىشىدۇ ،  ئۆزىنىڭ نامراتلىقىغا ،ئەمەلىيەتگە پىسەنت قىلمايدۇ.ئۆزىنى ساقلاش مۇھىم ،لېكىن تارىخ ئالغا قاراپ ماڭىدۇ ،تەرەققىياتداۋامىدا ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك .قەدىمدىن قالغاننىڭ ھەممىسى گۆھەر ئەمەس.

ئۇنىڭدىن  باشقا  بۇنىڭدا سىگانلارنىڭ كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆچ كۆرۈلۈشىدە كۆچمەنلەرنى ئۆچ كۆرۈش پىسىخىكىسىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان ،كۆچمەنلەر مەيلى ئەقىللىق يەھۇدىيلار ياكى قۇلىقى يۇمشاق ئاسيالىقلار بولسۇن خەقنىڭ يۇرتىدا ياشىغاندىن كېيىن تىلى قىسقا ، ،ئادەتتە سەرگەردانلار كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سىغىپ كەتمەيدۇ ، ،بۇ كىشىلەردە تەبئىي بولىدىغان ئىنكاس ..شۇڭا ئەگەر بىر توپ باشقىلارنىڭ زىمىنىدا ياشايمەن دەيدىكەن ،پەقەت بىر نەچچە خىل يول بولۇش مۇمكىن ،بىرىنچ ىيەھۇدىيلارنىڭ يولى ،يەنى ئاددەتتىكىدىن تاشقىرى تىرىشچان ،ئادەتتىكىدىن تاشقىرى ئەقىللىق بولۇش ،ئەپسۇس بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ناھايىتىمۇ مۈشكۈل ،ئىككىنچى ،ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدىكى مەدەنىيەتكە پۈتۈنلەي سىڭىپ كېتىش . ئۈچىنچى ،سىگانلارنىڭ يولى،بەكمۇ تىرىشچان بولماسلىق ،ئادەتتىكى تۇرمۇشتا ياشاش ،ئۆزىنى ئاجايىپ جاھىللىقبىلەن ساقلاپ قېلىش ،ھەم خەقنىڭ ھاقارىتىگە چىداش .

ئەڭ ئاخىرىغا بوپتۇ ناخشا –مۇزىكىنى تىزىپ قوياي،سىگانلار ياۋروپا سەنئىتىگە نۇرغۇن تۆھپىلەرنى قوشقان ،ئۇلارنىڭ بۇئالاھىدىلىكى كەڭ  ئىتراپ قىلىشقا ئېرىشكەن،مەن ئېنىق بىر يەردە بۇنى كەمچىللىك دېگىنى كۆرمىدىم  لېكىن  شۇنداق بولسىمۇ سازەندىلىك ،ئۇسسۇل  ئۇلارنىڭ كەمسىتىلىشىگە ئاز تولا سەۋەب بولغانلىقىنى پۈتۈنلەي چەتكە قېقىۋەتسىمۇ بولمايدۇ .

ئاق-قارىنى سۈرۈشتۈرمەي ئەل ئۆمرىدە بىزگەزىيىنى تەگمىگەن ھەم تەگمەيدىغان  بۇمىللەتنى  تىللاپلا يۈرسەك، كەمسىتىش پوزىتسىيسىدە تىلغا ئالساق پەقەت قاملاشمايدۇ

سىگانلارغاقانداق پوزىتسىيە تۇتۇش توغرىسىدا، بىزغۇ ئۇلار بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلمايمىز،لېكىن ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ ماقالىلىرىدە كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان ئوبېيكىتلارنىڭ بىرى ،شۇڭا ئۇلارغا بولغان پوزىتسىيەنى توغرىلاش ،ھەققانىي مۇئامىلە تۇتۇش  مۇھىم بىر ئىش.(بىزمۇ بەزى چاغدا كىشىلەرنىڭ بىزگە بولغان  خاتا چۈشىنچىسىنىڭ تەسىرىگەئۇچرايدىغان مىللەت ،شۇڭا بىز بۇنى باشقىلارغا قىلساق بولمايدۇ ) .مەن بايقىسام خەنزۇچە مەنبەلەردە سىگانلارغا نىسبەتەن ئۇلارنىڭ سەنئىتىدىن زوقلىنىش ،تەقدىرىگە ئېچنىش ،ئومۇمەن بىر ھېسداشلىق بولغان ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدىكەن ،ئەگەرسىگانلارنىڭ سەنئىتىدىن زوقلىنىش دېسەم نۇرغۇن كىشى ئۆكتە قوپىشى مۇمكىن ،ئۇلارنىڭ سەنئىتىدىن زوقلىنىپ كەتمىسەكمۇ ئۆزىمىزچە ئۇلارنى كەمسىتمىسەكلا ،يىرگىنىش سۈپىتىدە تىلغا ئالمىساقلا بولىدۇ. .ياۋروپالىقلارنىڭ ئۇلارنىڭ كەمسىتىشىدە گەرچە بەزى ئادالەتسىزلىكلەر بولىسمۇ ،لېكىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى سىگانلارنىڭ تەسىرىگەئۇچرىغاچقا ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق سەۋەبى بار،لېكىن بىز  قارىغۇلارچە خەقگە ئەگەشسەك قاملاشمىغىنى

بىز يەنە ھەم  سىگانلارنى  كەمسىتكىدەك ھالدىمۇ ئەمەس ،ئۇلارنىڭمۇ بىزئۆگىنىشكە تىگىشلىك يەرلىرى بار ،مەسلەن ئۇلار ئەنئەنسىگە ناھايىتى يېپىشقاق،،مەن شەخسەن ئۇلارنى بۇ تەرەپتە سەل پەل ئېشىپ كېتىپ قاپتۇ دەپ قارىساممۇ  ،لېكىن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتگە يېپىشقاقلىقىنىڭ  ئاساسى ئۈلگە قىلىشقا ئەرزىيدۇ . .مىللەت ئاساسىي گەۋدىسى ئۆز يۇرتىدا ياشاپ تۇرۇپ تىل يوقىلىشى ھەم باشقا يوقىلىشلاردىنئاشكارا غەم يەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سىگانلارنى تىللايدىغان كۆپمۇ سالاھىيىتىمىزيوق. سىگان مىللىتى تارقاق تارقاق قەبىلىلەرگە بۆلۈنگەن لېكىن  شۇنداق بولسىمۇ ئارىلاش قانلىق مىللەت ئەمەس ،بۇتەتقىقاتتىمۇ ئىسپاتلانغان  ،بۇ مىللەت ئۆزماكانىدىن ئايرىلىپ ئەسىرلەر ئۆتسىمۇ قانداق قىلىپ بولمىسۇن ئۆزىنى ساقلاپ قالالىدى،بۇ ھۆرمەتلەشكە ئەرزىيدۇ .


بۇلارنىڭ سەنئىتى توغرۇلۇق  ئۇيغۇرچە مەنبەلەردەخېلى گەپ بولۇنغان ،لېكىن كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپ باقمىغان بولۇشى مۇمكىن . .ئامېرىكا thevoice مۇسابىقىسىگەقاتناشقان بىر سىگان قىز بار ،گەرچە ئۇ سىگان تىلىدا ناخشا ئيتمىغان بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ تەقى –تۇرقى باشقىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ ،ئۇ ھەم مەن بۇمۇسابىقىنى كۆرگەندە ئەڭ ياخشى كۆرگەن ماھىرلارنىڭ بىرى .ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ باقساڭلار بولىدۇ .ۋىدىئودىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ .

http://v.youku.com/v_show/id_XMzc1NjEyNDA0.html

سىگانلار ئىجاد قىلغان فىلامىنگو ئۇسۇلى

http://v.youku.com/v_show/id_XNjgwNzI0MzI=.html

http://v.youku.com/v_show/id_XODc5MjM2OTI=.html

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   -monsoon تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-2 12:14 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87795
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 89
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-11-27
ئاخىرقى: 2012-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 12:06:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەشەككۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80808
يازما سانى: 2578
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11565
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-1-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 12:08:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىگىنلارغا يان بىسىشنىڭ ھاجىتى يوق ، دىنسىز مىللەت ھامىنى شۇلاردەك خار - زەبۇن بولۇپ تارىخ تەرىپىدىن شۇنداق پەس نام بىلەن پىچەتلىنىپ كىتىدۇ خالاس !

Made in Answer

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72226
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3097
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 01:37:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەگەردە سېگانلار يەھۇدىلاردەك جەمەتى زەگەر،نەسەبى بانكىر، دوختۇر،تەتقىقاتچىلار كۆپ بولغان بولسا ھىندىستان ئاپتونۇم رايون كىسىپ بېرىپ بولسۇمۇ يالاپ ئېلىپ كېلىۋالىتى ئەپسۇس...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24820
يازما سانى: 1521
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20572
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 4073 سائەت
تىزىم: 2011-1-2
ئاخىرقى: 2014-1-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 01:39:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنىڭ بۇ تېمىڭىزنى ئەمەلىيەتتە سىگانلار توغرىسىدىكى ئىلمى مۇھاكىمە دېيىشكە بولىدىكەن.ئەتراپلىق ئىزدىنىپ،ياخشى پىكىر يۈرگۈزۈپسىز،خېلى ئورۇنلۇق ئەمەلى پاكىت،دەلىللەر كۆرسىتىپىسىز.مەيلى بۇ تېما باشقىلارغا يارىسۇن ياكى يارىمىسۇن،ئۇنىسى مۇھىم ئەمەس،مۇھىمى بىزنىڭ ئارىمىزدىنمۇ سىزدەك مەلۇم بىرتەرەپلىمە مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىلمى مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق،مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى ئېىچشقا ئورۇنىدىغان،ئىزدىنىدىغانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىغىدا بولۇپ،كىشىلەرنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان ئوخشاش خىلدىكى مەسىلىلەردە،يەڭگىلتەكلىك بىلەن يەكۈن چىقارماسلىقنى،ھەر بىر مەسىلىنى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن مۇلاھىزە قىلىشنى ئۈگۈنۈش،بىرتەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنىشتا ياخشى ماتېريال بولالايدىكەن.سىزگە رەخمەت!

بىلمىگەننى بىلدىم ، كۆرمىگەننى كۆردۇم، ئاڭلىمىغاننى ئاڭلىدىم دېمە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1298
يازما سانى: 2050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10635
تۆھپە نۇمۇرى: 630
توردا: 4765 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 01:50:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلارنىڭ ئۇ كۈنگە قىلىشغا نوقۇللا ناخشا مۇزىكا سەۋەپچى دىسەك تازا توغرا بولماسمىكىن ،بۇلارنى بەك تىرىشمايدىغان خيالى خەخمىكىن دەيمەن ،نوقۇل بىر ئىشتا توختىمىغاندىكىن ئىشى راۋاج تاپمايدۇ ،ئۇلى ياخشى تىزىلمىغان بىر ئۆي ،تورۇسىمۇ يوق دىگەندەك

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 53836
يازما سانى: 1360
نادىر تېمىسى: 13
مۇنبەر پۇلى : 51044
تۆھپە نۇمۇرى: 1889
توردا: 9861 سائەت
تىزىم: 2011-8-30
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 01:56:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
‹‹مېنىڭ كۆرەشلىرىم››دېگەن كىتابتا ئادلۇف گېتلىر سىگانلارنى بەكلا سۆككەن،گېتلىرنىڭ كۈچلۈك مىللەتچىلىك ئىدىيىسى بىلەن يازغان نامى دۇنياغا پۇر كەتكەن ئەسىرىدىكى بايانلار خەلقئاراغا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن.
ئۇيغۇر زىيالىيلىرى سىگانلار توغۇرلۇق ئۆز ئەسەرلىرىدە كۆز-قاراشلىرىنى بايان قىلغان،ئابدۇقادىر جالالىدىن،ئەسەت سۇلايمان ئەسەرلىرىدە سىگانلار توغۇرسىدا ئاز-تولا بايانلار بار.
بىر كىتابتا،سىگانلارنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن كۆرۈنۈش بار:ئىككى سىگان مىللىتى ئاپتۇزغا چىقىپ تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ ئايىقىغا دەسسىۋالسا،ئۇرۇشۇپ قان بوپ كېتىدۇ دېگەندەك بايانلار بار.ئەگەر بىر سىگاننىڭ پۇتىغا بىر گىرمان دەسسەپ قويسا،سىگان ئەپۇ سوراپ ئاياقلىرىنى سۈرتۈپ كېتىدۇ ....
ئاپتۇرنىڭ يۇقۇرقى ماقالىسى تارىخىي نۇقتىنەزەرگە توغرا كۆز قاراش بىلەن ئەتراپلىق يۇرۇتۇلۇپ بېرىپتۇ.مەن بۇ ماقالىنى ئوقۇپ سىگانلارنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئۇزاق مۇساپىلىك كەچۈرمىشلىرىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12264
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8228
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 2918 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2014-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 01:58:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىگانلارنى خەنزۇچە ھەم ىنگىلىزچە نىمە دەيدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12264
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8228
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 2918 سائەت
تىزىم: 2010-9-30
ئاخىرقى: 2014-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 01:58:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىگانلارنى خەنزۇچە ھەم ىنگىلىزچە نىمە دەيدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72226
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3097
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2011-12-29
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 02:07:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
(Romani people (Gypsie

(茨冈人(吉普赛

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش