مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھىپىسىگە
سوۋغات
(مىكرو ھېكايە)
ئۇ ئىشىكتىن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم – دەپلا كىردى . ئىدارە باشلىقىنىڭ ئايالى ھېچقانداق تەكەللۇپسىزلا ئۇنىڭ قولىدىكى گۆشنى ئېلىپ ، ئىچكىردىكى ئۆيگە تەكلىپ قىلدى. ئىدارە باشلىقى بىرىلىپ گېزىت كۆرىۋاتقان بولۇپ ، ئۇنى كۆرۈپ سوغۇققىنە – ئولتۇرۇڭ ، دەپلا قويدى . ئۇلار بىردەم چاي ئىچكەچ تاغدىن – باغدىن پاراڭ سېلىشتى . گېزىت خەۋەرلىرىدىن ئوتتۇرا شەرىقتىكى توقۇنۇش، يەر تەۋرەش ، ئائىلە ئېلىكتىر سايماللىرىنىڭ كۆپ خىللىقى ، سىمىزلىكنىڭ زىيىنى توغرىسىدىمۇ پاراڭ بولدى . ئۇ ئاخىرىدا كېلىش مەقسىتىنى ناھايىتى تەسلىكتە ئېيتتى . ھەمدە مۇشۇ كىچىككىنە ئىشىغا ياردەم قىلېشنى ئۈتۈندى. بىراق ئۇنىڭ ئېرىشكىنى ‹‹ ھازىر خىزمەت ئىتايىن جىددىي، قىلىدىغان ئىش كۆپ ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشنى يوقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە مەلۇم قىلىپ ، مۇزاكىرىدىن ئۆتكۈزۈپ ، يوليۇرۇق ئالغاندىن كېيىن ئاندىن بىر نەرسە دېيىشكە توغرا كېلىدۇ . ›› دېگەن ناھايىتى قورقۇنۇشلۇق جاۋاپ بولدى . ئۇ ئاچچىقىدا يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى. چىقىپ كېتىۋىتىپ ، بىر نېمىلەرنى دەپ غودۇڭشىپ قويدى. بىراق نېمە دەۋاتقانلىقىنى ئۆزىمۇ ئاڭقىرالمىدى. ئۇ ناتۇنۇش ئادەملەر توپىدىن ئۆتۈپ كېتىۋىتىپ ، ھېلىقى قاسساپنى كۆرۈپ قالدى – دە ، بىر نەرسە يادىغا كەلگەندەك بولۇپ ، قېشىغا باردى .
- ھە ، گۆش ئالامسىز ؟
- ياق ، بايا گۆش ئالغاندا ئاشقان پۇلنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن .
- كەچۈرۈڭ ، چوقۇم خاتالاشتىڭىزغۇ دەيمەن . مەن سىزنى ھېچ يەردە كۆرمىدىم .
- ئۇستام بايا تېخى سىزدىن 10جىڭ گۆش ئالدىمغۇ .ئاشقان پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمەپسىز .
- نىمىنداق ئادەمگە سالجىدەك چاپلىشىۋالىسەن ئۇكام .مەن سىنى ھېچ يەردە كۆرمىدىم دېدىمغۇ .
- ھۇ تۇزكور ئالدامچى ئەبلەخ ، دەۋەتتى ئۇ ، تۇيۇقسىز كەلگەن ئاچچىقىنى باسالماي .
- نېمە دەيسەن ، ئادەم بۇزەك قىلماقچىمۇ سەن . – دەپ پىچىقىنى شىلتىپ ھەيۋە قىلدى قاسساپ .دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كۆزلىرى تۇيۇقسىىز گۆش قاچىلايدىغان سۇلياۋ خالتىدىكى ئىتنىڭ باش سۈرىتىگە چۈشتى – دە ، داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى، كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ، ھېچنىمىنى كۆرەلمەيلا قالدى .
ئەلتۇر 868
2012-يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا altur868 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-2 09:25 AM