يىقىندىن بۇيان ئىنتېرنىتتا ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن،يالغاندىن ئۇيدۇرۇلغان ساختا ئادەم ئىزدەش ئېلانى كۆپىيىپ كەتتى.
بۇ رەسىم سىزگە ناتونۇش ئەمەستۇ؟يىقىندا چ چ بوشلۇقىدا ياكى مىكرو بىلوگدا بولسۇن بۇ ئادەم ئىزدەش ئېلانىنى ئۇچرىتىمىز.لىكىن بۇ قىزچاق(گۈلنىگار )بىر يىل بۇرۇنلا ئۆيىگە قايتىپ بولغان.نىمىشقا بۇنداق ساختا –يالغان ئۇچۇرلار شۇنداق ئالقىشقا ئېرىشىدۇ؟ئادەم ئىزدەش ئېلانلىرىنى كۆرگەندە ھەممىمىزنىڭ ھېسداشلىقى كىلىدۇ ئەلۋەتتە،ئۇلار ئۈچۈن بىرەرياردەم قىلغۇمىز كىلىدۇ.لىكىن بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر باشقىلارنىڭ ھىسداشلىقىدىن پايدىلىنىپ توردىكى ئاۋاتلىقىنى ئاشۇرىدۇ.ئاشۇنداق كىشىلەرگە لەنەت.ئاق كۆڭۈل كىشىلەر دائىم ساختا ئادەم ئىزدەش ئېلانىنى ئۇچرىتىۋەرسە،ئاخىرىداتوردىكى بۇ خىل ئۇچۇرلارغا ئىشەنمەس بولۇپ كىتىدۇ(راست ئۇچۇر بولسىمۇ)،ئۇنداقتابىر نارسىدىنىڭ قۇتقۇزۋىلىنىش نىسبىتى تۈۋەنلەيدۇ، بەلكىم بۇ يۈتۈپ كەتكەن نارسىدە ئادەم بىدىكلىرىنىڭ قۇلىغا چۈشۈپ كىتىشى مۇمكىن.بۇ بىر نارسىدەنىڭ ھايات-ماماتىغا تاقىلىدىغان مەسىلە بوپ قالىدۇ. شۇڭا توردا ئادەم ئىزداش ئېلانىنى كۆرگەندە تۈۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىزكېرەك: 1.ئۇچۇرنىڭ ئاستىدىكى ئنكاسلىرىغا كۆز يۈگۈرتۈپ ، بۇ يالغان ئۇچۇردەيدىغان ئىنكاسلىرىغا دىققەت قىلايلى. 2.بەيدۇ ياكى باشقا تور بىكەتلىرى ئارقىلىق شۇ ئۇچۇرنىڭ تەپسىلاتىنى تەكشۈرسەك بولىدۇ. 3.يۇقارقى ئىككى تۈرنى تەستىقلاپ بولغاندىن كىيىن بۇ ئۇچۇرنى باشقىلارغا يوللىساق بولىدۇ. يۇقارقى ئۈچ باسقۇچ پەقەت بىر مىنۇت ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىدۇ،لىكىن باشقىلارغا ياردەم بەرگىلى ھەم ساختا ئۇچۇرتارقاتقۇچىلارغا زەربە بەرگىلى بولىدۇ. مەخسۇس بىر ئۈندىدار سالونى قۇرۇلدى، بۇ يەردە چىقىرىلغان ئادەم ئىزدەش ئېلانىنىڭ راس-يالغانلىقىنى تەكشۈرۈپ ئىنىقلاپ ئاندىن يوللىنىلىدۇ.شىنجاڭنى بارلىق ئۈندىدار ئابونتىنىڭ بۇ سالونغا ئەزا بۇلىشىغا تىرىشايلى. Sergerdan_balilar بۇ ئىسىم ياكى ئاستىدىكى رەسىم ئارقىلىق ئەزا بولغىلى بۇلىدۇ
بىر ساۋاقدىشىم بۇ ئىشلارغا كۆپ كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ،بۇ ساۋابلىق ئىشلىرىغا ئاللا مەدەت بولغاي. سەۋىيەمنىڭ يىتەرسىزلىكى تۈپەيلى گەپلىرىم تاقا-تۇقا بوپ قالدى . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا دىلنازە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-2 02:46 AM
|