بۇنداق ئىشلار سىزگىمۇ يۇلۇققانمۇ
خىزمىتىم ئىسمىنا بولغاچقا ئارام ئېلىشىم كۆپ ئىدى.خىزمەتتىن سىرىت بىكا قالغان چاغلارنى ئۆيدە بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتمەي دەپ،كىچىكرەك دوككان ئاچقان ئىدىم. ئەمما مەن بۇ 1-ئاينىڭ بۇيانى خىزمەت ئالدىراش بۇلۇپ قېلىپ دۇككاننى ئاچالمىدىم.بۈگۈن بىر ئۇھ،دەپ دوككاننى ئاچسام دوكنىمغا كۆنگەن ئۇيغۇر،خەنزۇ،خۇيزۇ خىرىدارلىرىم مىنى تالاپلا كەتتى.بۇلارنىڭ بۇنداق قاخشىشى ئۇرۇنلۇق ئىدى.مىنىڭ دۇككىنىمغا ئىزلەپ كەلسە دائىم تاقاق بولغاندىكىن.مەنمۇ ئۇلارغا چىرايلىق چۈشەندۈرۈپ ئۈلگۈردىم.
دۇككان ئېچىش جەريانىدا سودا قىلىشنىڭ نەقەدەر تەسلىكى ھىس قىلدىم.بۇرۇن نەرسە-كىرەك ئالسام باھا تالىشىپ ئالدىغان مەن،ھازىر بەك باھا تالاشمايمەن.بۇ دۇككان ئاچقان 4-ئاي جەريانىدا مىنىڭ چەككەن ياغلىقىمغا ھەۋەس قىلىپ، يالاڭباش كەلگەن خەنزۇلار ياغلىق ئېلىپ چەگدى.ئىچىمدە بۇلار بىردەملىك ھەۋەس چەگدىمىكىن دېسەم ،باشقا ۋاقىتتىمۇ چىگىپ يۈرگىنىنى كۆردىم.بۇلار خەنزۇ بولسىمۇ ئۇيغۇر قىزلىرنىڭ ياغلىق چەگسە چىرايلىق بۇلۇپ كىتدىغىننى بىلدىكەن.بەزىسى دىننى ئىتقاتىمىزنىمۇ چۈشەنمىسمۇ بەزىسى چۈشنىدىكەن.
بۇ يىل ماي ئېيىدا بۇغدا كۆلىگە ساياھەتكە چىققان ئىدىم.بۇ يەردە بىر خەنزۇ ئانا-بالا بىلەن تۇنۇشۇپ قالدىم.بۇلار بېيجىڭلىق بۇلۇپ شىنجاڭغا ساياھەتكە كەپتىكەن.خەنزۇ قىز ماڭا قاراپ <<سېنى رەسىمگە تارتىۋالسام بۇلامدۇ؟بەك چىرايلىقكەنسەن...؟ >>دېدى.مەن چىرايلىق چۈشەندۈرۈپ رەسىمگە تارتىشقا قۇشۇلمىدىم. ئۇ قىز مەندىن << ئايى سەن ھەقىقى مۇسلىنما؟ناماز ئۆتەمسەن ؟روزا تۇتامسەن...؟>>دەپ سورىدى.بۇ خەنزۇ قىزنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بىرىپ بۇلۇپ،شۇنداق ئويلىنىپ كەتتىم.بۇلارمۇ ياغلىق چەككەنكى ئۇيغۇرنى مۇسۇلمان دەپ قارمايدىكەن.مۇسۇلمان بۇلۇشنىڭ شەرىتلىرىنى ئاشۇ بىيجىڭلىق خەنزۇ قىزمۇ بىلدىكەن.
ئادەتتە ياغلىق چىگىپ يۈرمىگەچكە ياغلىق چىگۋالساق بۇ خەنزۇلار تۈگۈل ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمۇ <<بىرەرسى تۈگەپ كەتتىما...؟>>دەپ سورايىتتى.خۇددى خەنزۇ قىز مەندىن <<ماۋۇ ياغلىقنى ئالىمەن چىگىپ قوي>> دېسە،مەن ھەيران قېلىپ <<سەن خۇيزۇما؟>>دېگەن.كىيىن ئۈزۈممۇ خىجىللىق ھىس قىلىپ ،بىرتال ياغلىقنى سوۋغا قىلغان ئىدىم.
مانا مۇشۇنداق بەزى ئىشلار ئادەمنى ئويغا سالىدۇ.شۇڭا مىللەتنىڭ خانىم-قىزلىرى،شەيتاننىڭ پاتقىغا چۈمۈپ ئۇخلاپ ياتماي ئويغىنايلى ...اللەھنى تۇنۇپ ھىدايەت يۇلىغا قايتايلى،ھىدايەت نۇرى قەلبىمىزنى يۇرۇتۇپ چېھرىمىزگە ئىماننىڭ نۇرىنى بەرسۇن.
ھەممىمىزگە ھەمدۇ سانالار بولسۇن.اللە ھىدايەت يۇلىغا باشلىسۇن .
ئىتوتتىكدەك ئىشلارغا ئۇچراپ باققانمۇ؟
ئالدىراشلىقتا دۇككاننى بىر ئاي ئاچماي دۇككاندا تۈزۈك مالمۇ قالماپتۇ.ھېرىپ قالغىنىمغا قارىماي بۈگۈن مالغا باراي دېگەن ئىدىم.ماڭاي دەپ تۇرسام بالام مەكتەپنىڭ ئىشكىدىن كىردىغان كارتىسنى تاپالماي يىغلىغى تۇردى.ئىزدەپ تاپىمەن دەپ 20-مىنۇت ئۆتۈپ كەتتى.توپ سېتىش بازىرغا باردىغان بىرىنچى قېتىملىق ماشىنا كىتىپ قالدى.
بالامنى ماڭدۇرۇپ بۇلۇپ ئىچىمدە بۇ كارتىلار توغۇرلۇق بىرمۇنچە غودۇردۇم.خىزمەتكە بارساق دەرۋازىنىڭ ئىشىكى بۇ كارتىنى ئۇنتۇپ قالساق تېخى ئېچىلمىسا؟ بانكىنىڭ كارتىسىدىن تارتىپ سۇ-توك كارتىسىگىچە،ئەمدىلىكتە بۇ كىچىك باللارغا بېسىم قىلىپ بۇ كارتىنى بەرگىنىنى...بالام شۇڭا بەزى چاغدا ئاقسالىق قىلىپ <<ئاپا مىنىڭ خىزمەت كارتەم قېنى...>>دىيىشلىرى بار تېخى،بالامنىڭ بۇ سۆزلىرىگە بەزى كۈلۈپ سالىمەن.مۇشۇنداق غۇدراڭغۇ خىياللار بىلەن ئىككىنچى قېتىملىق ماشىنىغا ئۈلگۈرەي دەپ، ماشىنا بىكىتىگە ماڭدىم.
نەچچە قەدەم قېلشىمغا ماشىنا قوزغىلاي دەپ قالدى.فاتىمە تىز يۈگۈر دىگىنىمچە يۈگۈرۈپ ئاران ئۈلگۈردىم.ھاسىرغىنىمچە ئارقىدا بىرلا بوش ئۇرۇن باركەن بېرىپ ئولتۇردۇم.
مەن بىرىنچى قېتىملىققا ئولتۇرۇپ ،ئىككىنچى قېتىملىققا ئولتۇرۇپ باقمىغاچقا بۇ ماشىنىنىڭ مەن باردىغان يەرگە بېرىش بارماسلىقىنى بىلمەيىتتىم.شۇڭا يېنىمدا ئولتۇرغان ئۇيغۇر قىزدىن سورىماقچى بولدۇم.بۇ قىز بىلەن تۇنۇشمىساممۇ ئەمما بۇرۇن مالغا بارغاندا بىرىنچى قېتىملىق ماشىنىدا كۆرگەن ئىدىم.
تۇنمىغان ئادەمگە ئەزەلدىن گەپ قىلمايدىغان مەن.ئۇ قىزغا قاراپ شۇنداق تەستە<<ياخشىمۇسىز؟سىزدىن بىرئىشنى>>دەپ بولغۇچە ،گىپىمنىڭ بىلىگە تىپىپ ئۇ قىز مۇنداق- دېدى <<توختاپ تۇرىڭە شىنشىنى فالا قىۋېلىپ شوۋخا قىلاي...!>>دىمەمدۇ.ئاڭلاپ سەت كۈلۋەتكىلى تاسلا قالدىم.ئاران ئۆزۈمنى زورىغا بېسۋېلىپ ،ئىچىمدە يۈزمىڭ <<توۋۋا>>دېدىم.ھەم ئابدىكىرىم ئابلىزنىڭ ئىتوتى ئىسىمگە كەلدى.ئابدىكىرىم ئابلىز مانا مۇشۇنداق ئۆز ئانا تىلنى قەدىرلىمەيدىغانلار ئۈچۈن،ئۆتكۈر قامچە بولغۇدەك ئىتوت ئىشلەپتۇ.
ئابدىرىكىم ئابلىزنىڭ شۇ چۈشەنمىدىم دېگەن ئىتوتىنى كۆرۈپ،ئائىيلىدە بىزمۇ ئىسلىھات ئەپ بارغان ئىدۇق. ئائىيلىدە قايسىمىز ئەبجەش سۆزلىسەك ھەر بىر ئېغىز سۆز ئۈچۈن 10كوي تۆلەيدىغان بولغان ئىدۇق.بۇ پىكىرنى ئوتتۇرغا قۇيغىچىمۇ بالام بولدى.يولدۇشۇممۇ شۇنداق دىققەت قىلىپ،تاماق جەريانىدا تېلفۇن كەلگەنتى،بالامغا <<ئوغلۇم شۇجىينى ئەكىلۋېتىڭە >>دېدى.بالام بۇ بىر ئېغىز خەنزۇچە سۆزنى تۇتۋېلىپ دادىستىن 10 كوينى ئالدى.
ئەمما مەن بەك دىققەت قىلغاچقا ،مىنى ئارلاش سۆزلىتەلمىگەن بالام،مەكتەپ كارتىسنى ئەكىلىپ <<ئاپا بۇنى ئۇقۇپ بېقىڭە نېمە دەپ يېزىپتۇ..؟>>دېدى.مەنمۇ دىققەت قىلمايلا خەنزۇچە ئۇقۇپتىمەن.خەنزۇچە ئۇقۇغىنىمنى ئاڭلاپ <<ئاپا سىزمۇ خەنزۇچە سۆزلىدىڭىز...؟قېنى چىقىرىڭ جەرىمانىنى >>دېمەمدۇ.يولدۇشۇم ئىككىمىز <<يامانلىقنى بۇ بالنىڭ >>دەپ كۈلۈپ كىتىپتۇق.
مانا مۇشۇنداق تۈزۈملەر ئاستىدا جەرىمانە تۆلمەكلىك تەس كىلىپ ئەبجەش سۆزلىمەيدىغان بولدۇق.كىچىك بالىلار يەنىلا بەك چىچەن كىلدىكەن.يولدۇشۇم ئىككىمىز سۆزلەپ سېلىپ تۆلەپتۇق.ئەمما قوش تىللىقتا ئۇقۇيدىغان ھەممە كىتاپلىرى خەنزۇچە تۇرۇپ، بالام شۇنداق رىئايە قىلىپ بىر ئېغىزمۇ سۆزلەپ سالمىدى.
بايىقى قىزنىڭ ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىشى مېنى گەپ قىلغانغا پۇشايمان قىلۋەتكەن ئىدى.ئىچىمدە <<ئىسىت سورمىساملا بۇپتىكەن، ئۈرۈمچىنى بىلمەيدىغان ئادەمدەك سوراپتىمەن >>دەپ ئۆزۈمنى ئەيىپلىگەچ ماشىنا ئەينىكىدىن سىرىتقا قاراپ تۇرسام،ئۇچۇرنى يوللاپ بولغان قىزچاق ماڭا قاراپ <<نېمە گەپتى ئەمدى دەڭە>>دەيدۇ.مەن ئۇ قىزغا <<سىزگە رەھمەت سۇئالىمغا جاۋاپ تېپىپ بولدۇم>>دېدىم.
مەنبە قەلىمىم
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا fatima تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-2 12:48 AM