مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 820|ئىنكاس: 8

كېلىچەك ئۈچۈن پىلان تۈزۈشكە بولامدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 688
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16749
تۆھپە نۇمۇرى: 2055
توردا: 1046 سائەت
تىزىم: 2010-5-25
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 09:41:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كېلىچەك ئۈچۈن پىلان تۈزۈشكە بولامدۇ؟

2012- يىل 11- نويابىر admin ئەقىدە ، ئىمان ، تەۋھىد, 0

كېلىچەك ئۈچۈن پىلان تۈزۈشكە بولامدۇ؟
8630-نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
كېلىچەك ئۈچۈن پىلان تۈزۈشكە بولامدۇ؟ مەسىلەن بىراۋ ئەتە شۇنداق قىلىمەن، كېلىدىغان ئايدا شۇنداق قىلىمەن، كېلەر يىلدا شۇنداق قىلىمەن دېگەنگە ئوخشاش پىلانلارنى تۈزىدۇ. بۇ دىنىمىزدا توغرىمۇ؟
جاۋاب:
بۇنىڭدا ھېچقانداق چەكلىمە يوق. ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلىدىغان ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، كېلىچەك ئۈچۈن پىلان تۈزسە بولىدۇ. لېكىن شۇنى دېگەندە ئاللاھ خالىسا شۇنداق قىلىمەن دېگەننى ئۇنتۇماسلىقى لازىم. ئاللاھ بىزگە تەلىم بېرىپ:« سەن بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولساڭ، «ئەتە ئۇ ئىشنى چوقۇم قىلىمەن» دېمەي، «ئاللاھ خالىسا» دېگەن سۆزنى قوشۇپ دېگىن (يەنى ئاللاھ خالىسا قىلىمەن دېگىن)» (كەھف سۈرىسى 24- ئايەت).
ئىنساننىڭ كېلەچەكتە قىلماقچى بولغان ئىشىنى نىيەت قىلىشى، بەل باغلىشى، پىلانلىشى پەقەت ئۈمىت ئارزۇغا يۆلەنگەن بىر ئىش بولۇپ، ئارزۇ نىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئىشلەشكە باغلىقتۇر. لېكىن مۇسۇلمان ئادەم بۇ ھاياتلىقتا ئۆزىنىڭ دىنىغا، دۇنيالىقىغا پايدىلىق بولغان ئىشلارغا قىزىقىدۇ، سەۋەب قىلىدۇ ۋە ئاللاھقا تەۋەككۇل قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن ياردەم سورايدۇ، ئۇنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى ئۈچۈن تىرىشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام « ساڭا پايدىلىق ئىشلارغا تىرىشقىن، ئاللاھتىن ياردەم سورىغىن» دەپ تەلىم بەرگەن. ئاللاھ قۇرئاندا:« ئاللاھقا ئىبادەت قىل ۋە ئۇنىڭغا تەۋەككۇل قىل» دەپ كۆرسەتكەن. ئەمما كاپىر ياكى غاپىل كىشى سەۋەبلەرگىلا يۆلىنىپ، ھەممە ئىش باشقۇرۇشىدا ۋە ئىلكىدە بولغان پەرۋەردىگارىنى ئۇنتۇيدۇ.
دۇنيادا ھېچقانداق ئىش ئاللاھنىڭ ئىرادىسىدىن تاشقىرى بولمايدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىستىگىنىگە يېتەلمەسلىك، زىيانغا ئۇچراش ۋە باشقىلار قاتارلىق ئىشلارنى ئويلىغىنىدا بىلىدۇكى، ئۇ بۇ ھاياتلىق ئالىمىدە پەقەت ئارزۇ ۋە ئۈمىد بىلەنلا ياشىيالايدۇ. ئارزۇ ئارمان ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ئىشلەشكە قىزىقتۇرىدۇ. لېكىن مۇسۇلمان ئادەم ھىممىتىنى دۇنياغىلا بېغىشلىماسلىقى بەلكى ئاخىرەتنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇشى لازىم. ئاللاھتىن ياردەم سوراپ، سەۋەب قىلىشنىمۇ قولدىن بەرمەسلىكى لازىم.
ئاللاھ ھەممىدىن ياخشى بىلگۇچى زاتتۇر
مەنبە؛--------------------http://www.islamhouse.com/p/162786



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83298
يازما سانى: 751
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11735
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 880 سائەت
تىزىم: 2012-8-1
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 11:59:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ناھايتى مۇھىم بىلدۇگىلەر  ئاۋامغا يەتكۈزۈلىشنىڭ ئورنىغا ھازىرقى بىر قىسىم ئاقساقاللىرىمىز -چېكىنى ئىزاھلىمىغان ھالدا سەۋىرنى تەشەببۇس قىلىش،
يوققا سەۋەپ قىلىشنى تەكىتلەشنىڭ ئورنىغا بارغا شۇكرى قىلىشنى كۈچەپ تەرغىبات قىلىشتەك ‹‹ياڭزىڭشىڭ››لارچە چۈشكۈنلىكنى ئىسلامىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك شۇئارى قىلىپ ئاۋامنى بىخۇتلۇققا ئۈندىمەكتە.

قىلىچنىڭ قارا دەستىسىنى تۇتۇشنى خالىمىساڭ، ئۇنىڭ ئۆتكۈر بىسىغا دۇچار بولىسەن!
(ئۇيغۇر خەلىق ماقال-تەمسىللىرى)دىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82272
يازما سانى: 904
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4343
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 296 سائەت
تىزىم: 2012-6-29
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 12:13:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋالدىم تەشەككۇر

ئامالسىز قالغاندا سۈكۈت ئەڭ ياخشى جاۋاپ،سۈكۈت دەل سەۋىر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6030
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 368 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 12:34:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز چوقۇم ئاخىرەتلىك ئېشلارنى ۋە كەلگۇسى ئۈچۈن بولدىغان ئېشلار ئۈچۈن ئويلنۇپ قويۇشقا ..
تېگىشلىك مەسلە ئېكەن

ئالتۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 3339
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 12303
تۆھپە نۇمۇرى: 1125
توردا: 1445 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2013-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 02:54:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھقا   تەۋەككۇك  قىلىمىز  ،  ئىرادە   قىلىپ   ،  تېرىشىمىز  .   تەقدىرىم  شۇنداق
ئوخشايدۇ   دەپ   ياشىمايمىز  .  
‹‹  ئىنساننىڭ   تېرىشچانلىقىغا   لايىق  نەتىجە  باردۇر . ››    ‹‹ئايەت›› تىن  .

چەكلىك ھاياتنى قانداق قىلغاندا مەنىلىك ئۆتكۈزگىلى بولىدۇ ؟

نېمىلەرنى ئويلا

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12654
يازما سانى: 2628
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15232
تۆھپە نۇمۇرى: 341
توردا: 3258 سائەت
تىزىم: 2010-10-4
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 07:23:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز قېرىندىشىم ، اللە ئىلىمىڭىزنى زىيادە قىلسۇن ، ئامىن !
اللە خالىسا  ، مۇشۇنداق ئىسىل يازمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز .

ئىنسان ئىمان بىلەن  بەخىتلىكتۇر .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41919
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3021
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 105 سائەت
تىزىم: 2011-5-24
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 05:15:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنسان شۈكرى قىلىش كېرەك ،لېكىن قانەئەت قىلماسلىق كېرەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91213
يازما سانى: 43
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 207
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-2-5
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 05:33:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمىشقا ؟؟؟؟؟؟      ،لېكىن قانەئەت قىلماسلىق كېرەك!  ئاللاھنىڭ بەرگىنىگە  قانائەت قىلىشىمىز كىرەققۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 192
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 50 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2013-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-7 06:48:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
不بۇ تېمدىكى ‹قانائەت قىلش› دېگەن سۆزنى قانداق چۇشنمز

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش