|
|
|
|
گۈل
گۈل بەرگىدەك توزۇپ كېتىمەن،
ئىسىملىرىم ئۆچكەندە يولدا.
نەرگىز گۈلى ئۆچىدۇ مەيۈس،
سۈيى سۆيگۈ كۆلنىڭ بويىدا.
ياپراقلىرىم تىترىسە يەنە،
گۈل بەرگىدەك توزۇپ كېتىمەن.
قىروۋ چىرماپ ئالسىمۇ مەيلى،
نەۋ باھارنى مەڭگۈ كۈتىمەن.
يامغۇرلارغا سىڭىشىپ كەتتىم،
قايتىلاندى يەنىلا ئۆتمۈش،
گۈل بەرگىدەك توزۇپ كېتىمەن.
يۈرەكلەرنى قىينىسا ئۆكسۈش.
جۇدۇنلاردا تۆكۈلسەم مەيلى ،
باھار بىلەن يەنە كىلىمەن.
تەبەسسۇمدىن ئايرىساڭ ئەمما .
گۈل بەرگىدەك توزۇپ كېتىمەن.
تۇنجى قار
تۇنجى قاردا قەلىبلەر مىسكىن،
ئۆتمۈشلەردە تولغۇنار ھىسلار،
يىراقلاردا قالىدۇ مەيۈس،
ئاق يوللارغا بىسىلغان ئىزلار.
مەجنۇنتاللار شىېخىدا قاغا،
شۇملۇق بىلەن قاقىلدار ئەنسىز.
تۇنجى قاردا كەتتىڭ كەلمىدىڭ،
مۇز تۇتماقتا يۈرەكلەر سەنسىز.
تەۋرەپ كىلەر ئاچچىق ئەسلىمە،
چىرماپ ئالار ئازاپلىق پىغان.
چۈشكۈنلۈك قوينىدا،سۈكۈت ئىچىدە،
يىگانە يۈرۈكۈم ياتىدۇ پىنھان.
دەرەخلەرنى تاشلىسا ياپراق،
چۆمكەپ ئالار لەپىلدىگەن قار.
لەۋلىرىمگە قونۇپ كېپىنەك.
يەنە قاچان كېلىسەن باھار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kukhelal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-2 12:28 AM
|
|
|
|
|
|