مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 601|ئىنكاس: 1

قانائەتلىك بول ، دوستۇم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ھايا قىلمىساڭ خالىغىنىڭنى قىل

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74747
يازما سانى: 800
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6257
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 621 سائەت
تىزىم: 2012-2-4
ئاخىرقى: 2015-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 07:49:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                       قانائەتلىك بول ، دوستۇم

     ئەي ، قەدىرلىك دوستۇم ساڭا نېمە بولدى ؟ تېخى تۈنۈگۈنلا ساپساق ، تېمەن ئىدىڭغۇ ؟ سېنىڭ قاقىلداپ كۈلۈشلىرىڭ نەگە كەتتى ؟ ئۆيگە قايتىش يولىدا ئۇچرىغان ھېلىقى پۇتى ئاجىز قىزنى مەسخىرە قىلىپ دوراپ ماڭغان ئاشۇ ساغلام بىر جۈپ پۇتۇڭ قېنى ؟ ئويناقلاپ ، توختىماي چىمچىقلىتىپ تۇرىدىغان قاپقارا كۆزلىرىڭنىڭ رەڭگى قېنى ؟ تۈنۈگۈنلا مەكتەپتىن بىللە قايتقانىدۇق  ئەمما بۈگۈن مېنى يالغۇز تاشلاپ قويدۇڭ ، كارىۋاتتىن زادى چۈشكىلى ئۇنىمايۋاتىسەن ، بۇ زادى نېمە ئۈچۈن ؟
     ئېسىڭدىمۇ ؟ مەن ساڭا قانچە قېتىملاپ دېگەن ، ئۆزۈڭدە بارىنى قەدىرلە ، يوقتىن ئاغرىنما . بۈگۈن ئىگە بولغان نەرسەڭدىن ئەتە ئايرىلىپ قېلىشىڭ مۇمكىن ، ياكى بۈگۈن ئېرىشەلمىگەنگە ئەتە ئېرىشىپ قىلىشىڭ مۇمكىن .
     ئەي ، كۈلگۈنچەك دوستۇم ، سەن دائىم ئاجىزەلەرنى كۆرۈپ ئۇلارنى دوراپ ھەرىكەت قىلغىنىڭدا ئۇلارنى مازاق قىلماسلىققا چاقىردىم ، زېرىكمىدىم ، داۋاملىق ئۇ جەھەتتىن سېنى توسۇپ كەلدىم ، ئەمما سەن پەرۋا قىلمىدىڭ .
     دوستۇم ، ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟ شۇ ئاجىزىلەردە كۆڭۈل يوقمىدۇ ؟ ئۇلاردا بېجىرىم كىشىلەرگە ئوخشاش ھايات پەيزىنى سۈرۈش ئىستىكى يوقمىدۇ ؟ ياق ، ياق ، ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارمۇ ساڭا ۋە ماڭا ئوخشاش يورۇقلۇقنى كۆرەلەيدىغان بىر جۈپ كۆزى ، يۈگرەپ - تاقلاپ ئوينىيالايدىغان بىر جۈپ پۇتى ، قەلەم تۇتۇپ خەت يازالايدىغان بىر جۈپ قولى ، پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن " دادا ، ئاپا " دېيەلەيدىغان ئېغىزى ، قۇشلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرىنى ئاڭلىيالايدىغان قۇلىقى بولىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ . ئۇلار ئەنە شۇنىڭغا تەلپۈنىدۇ . ئەمما ئۇلار ھاياتلىقتىن ئىبارەت ئاللاھ بەرگەن بۇ قىممەتلىك ۋە ئازابلىق بۇ سوۋغىدىن ھەرگىزمۇ ئاغرىنمايدۇ . ئەكسىچە تەبەسسۇم بىلەن قۇبۇل قىلىپ مەڭگۈ قەدىرلەيدۇ . قارا ، ئۇلار نېمىدىگەن قانائەتچان ، كەمتەر _ ھە !
     سەن بەزىدە تېرەڭنىڭ ئاپئاق بولمىغىنىدىن ، چېچىڭنىڭ پارقىرىمىغانلىقىدىن ، ئالىمەن دېگىنىڭنى ئالالمىغانلىقىڭدىن ئاغرىنىسەن ، ئەنە شۇ چاغدا ھال كۈنى ئاران ئۆتىۋاتقان كەمبەغەل بالىلارنى ، ماڭالمايدىغان ، كۆرەلمەيدىغان ، تۇتالمايدىغان ، ئاڭلىيالمايدىغان ، سۆزلىيەلمەيدىغا ئاشۇ بىزگە ئوخشاش كىشىلەرنى ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟ ياق ، سەن ئويلاشنى بىلمەيسەن . چۈنكى سەندە ھەممە تولۇق ، شۇڭا سەن ئورۇنسىز ئۆزۈڭدىن ئاغرىنىسەن .
     دوستۇم ، ئۆزۈڭدە بارىنى قەدىرلە ، كۆز ئالدىڭدىكىلەرگە سەپسېلىپ قارىغىن ، ئۆزۈڭگە تەقلىد قىل ، شۈكرى - قانائەت قىلىشنى بىل ، يوقتىن ئاغرىنما ، پەقەت يوقنى بار قىلىش ئۈچۈن تىرىشقىن ، چۈنكى سەن بېجىرىم بىر ھايات ئادەم .

    مەنبە : ئۆز قەلىمىم

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sargarda + 200 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

بىزلەر خەقلىشىپ ، خەقلەر بىزلىشىپ ... !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86957
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 223
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 38 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-2 02:55:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللادىن سەۋېر تىلەيمەن!!!!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش