شەرقنىڭ كۆزى - فارابى ھەققىدە ھېكايە
ئاپتۇر — باتۇر روزى
مىلادى 870 - يىلى كەچكى قۇياشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىزغۇچ نۇرلىرى سىر دەرياسىنىڭ شىمالىدىكى بالاساغۇنغا قاراشلىق فاراب قەلئەسىنىڭ خاڭ بىلەن قاڭدالغان ئېگىز - ئېگىز سېپىللىرىنى سۇس يورۇتۇپ تۇراتتى. غۇر - غۇر شامال شەھەر ئەتراپىدىكى بوستانلىقلارنىڭ ئارامبەخش نەم ھاۋاسىنى ئۇچۇرۇپ كەلمەكتە ئىدى. كۈندۈزى قۇياش تەپتىدە تونۇردەك قىزىپ كەتكەن شەھەر كوچىلىرى گۇگۇم چۈشۈپ، ھاۋا تەدرىجىي سوۋۇشقا باشلىشى بىلەنلا ئۇياقتىن - بۇياققا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرغان ئادەملەر بىلەن قايتىدىن جانلىنىشقا باشلىدى...
سېپىل ئۈستىدىكى لەشكەرلەر ئەتراپتىكى شەپىلەرگە سەزگۈرلۈك بىلەن قۇلاق سېلىپ، قىلىچ ۋە ئايپالتىلىرىنى چىڭ قۇچاقلىغان ھالدا سۈرلۈك قىياپەتتە تۇرۇشماقتا. سېپىل ئەتراپىدىكى لىق سۇ توشقۇزۇۋېتىلگەن خەندەكلەر كۈمۈش يىلاندەك سوزۇلۇپ سېپىلنى يۆگەپ ئايلىنىپ، ئەتراپقا ۋەھىمە تارقىتىپ تۇراتتى. ئادەتتە سېپىل ئاستىدىكى خەندەكلەرگە ئارتىلدۇرۇپ قويۇلىدىغان ئاسما كۆۋرۈكلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك يىغىۋېلىنغانىدى. شەھەر قوۋۇقلىرىمۇ ھىم ئېتىۋېتىلگەنىدى. بۇلار شەھەرنىڭ يېقىندىن بۇيانقى مۇداپىئە ئەھۋالىنىڭ قاتتىق كۈچىيىپ كەتكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى.
ئاي نەيزە بويى ئۆرلىگەن مەھەل. شەھەرنىڭ كۈنچىقىش تەرەپتىكى قوۋۇقى قىيا ئېچىلىپ،ئېتىنى بولۇشىغا چاپتۇرغىنىچە ئۇچقاندەك يېتىپ كەلگەن بىر كۆزەتچى لەشكەر كىرىپ كەتكەندىن كېيىن، يەنە جۇۋازدەك غىچىلداپ ئاۋاز چىقىرىپ يېپىلىپ قالدى...
مۇھەممەت تارخان كېڭەشتىن قايتىپ چىلانتورۇق ئېتىغا سەكرەپ مىندى - دە، ئۇنى ئۇچقاندەك چاپتۇرۇپ ھەش - پەش دېگۈچە قەلئەنىڭ كۈنچىقىش تەرىپىگە جايلاشقان قورۇ - جايىغا يېتىپ كېلىپ ئاتتىن چۈشتى.
تېخىچە ئۇخلىماي خوجايىنىنى ساقلاپ تۇرغان ئاتباقار يۈگۈرۈپ چىقىپ ئاتنىڭ چۇلۋۇرىنى قولىدىن ئالدى.
مۇھەممەت تارخان ئايالى يۇلدۇزئايىمنىڭ ھۇجرىسىغا كىرىپ بەخىرامان ئۇيقۇغا كەتكەن تۆت ياشلىق ئوغلى ئەبۇنەسىرنىڭ پېشانىسىگە چوككىدە بىرنى سۆيۈپ قويۇپ چىقىپ كېتەي دەپ تۇرۇشىغا، بالا ئويغىنىپ «دادا» دەپ چاقىردى. مۇھەممەت تارخان بالىنى يوتقاندىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ بىرھازا ئەركىلەتتى.
- سېنى ئويغىتىۋەتتىم - ھە، بۆرەم؟
- مېنىڭ ئۇيقۇ بىلەن خوشۇم يوق. ئاپام پەپىلەپ يۈرۈپ ئۇخلىتىپ قويۇپتۇ. ئەسلى سىز كەلگەندە ئاندىن ئۇخلىماقچى ئىدىم.
- بوپتۇ، بالا چېغىڭدا قېنىپ ئۇخلىۋال، بۆرەم. چوڭ بولغانسېرى غەم - ئەندىشەڭ كۆپىيىدۇ، ئويلايدىغان، باش قاتۇرىدىغان ئىشلىرىڭ ئاۋۇپ كېتىدۇ. ئۇ چاغدا داداڭغا ئوخشاش ئۇخلايمەن دېسەڭمۇ ئۇخلىيالماي، تاڭلارنى كىرپىك قاقماي ئاتقۇزىسەن.
كىچىك ئەبۇنەسىر ئۇنىڭ گەپلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ھاڭۋېقىپ قاراپ قالدى.
- كىچىك بالىغا نەدىكى چۈشەنمەيدىغان گەپلەرنى قىلىپ ... -دەپ كايىدى يۇلدۇزئايىم.
- توغرا، بالىلار بىلەن ئۇلار قوبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدە سۆزلىشىش كېرەك ئىدى. مەن بۇ شاكىچىك بۆرەمنى خۇددى چوپچوڭ بولۇپ قالغان ئادەمدەك ھېس قىلىپ قاپتىمەن ئەمەسمۇ؟بىراق ئۇنىڭمۇ كىچىك تۇرۇپ «ئۇيقۇ بىلەن خوشۇم يوق» دېگىنى قالتىس گەپ بولدى - دە.
مۇھەممەت تارخان بالىنىڭ مەڭزىگە ئاخىرقى قېتىم بىرنى سۆيۈپ قويۇپ ئۆز ھۇجرىسىغا چىقىپ كەتتى.
2
كىچىك ئەبۇنەسىر ھەش - پەش دېگۈچە يەتتە ياشقا كىرىپ قالدى. بۇ چاغلاردا ئۇ ئۆز زامانىسىدىكى خېلى مەلۇماتلىق، كۆپنى كۆرگەن كىشىلەردىن ھېسابلىنىدىغان ئاتىسى مۇھەممەت تارخاندىن ئۆز يۇرتىنىڭ ۋە قوشنا ئەللەرنىڭ تارىخى، ئۆرپ - ئادىتى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت نۇرغۇن قىسسە ۋە رىۋايەتلەرنى ئاڭلاپ «قۇلاق موللىسى» بولۇپ قالغانىدى. ئەينى چاغلاردا قاراخانىيلار تەۋەلىكىدىكى يۇقىرى تەبىقە ئاقسۆڭەكلىرى ئارىسىدا ئۆز ئىسمىنىڭ كەينىگە ئۆزى تۇغۇلغان يۇرتنىڭ نامىنى قوشۇپ ئاتاش مودا بولۇپ قالغانىدى. بۇنداق مودا بولۇۋاتقان ئىشلارغا كەلگەندە ناھايىتى سەزگۈر مۇھەممەت تارخان ئۆز ئوغلى ئەبۇنەسىرنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگىمۇ ئۇ تۇغۇلغان كىچىك شەھەرنىڭ نامىنى قوشۇپ، ئۇنى «ئەبۇنەسىر فارابى» دەپ ئاتاشقا باشلىدى. ئۇزاققا بارماي بۇ نام كىچىك ئەبۇنەسىرنىڭ دېمەتلىكلىرى ئارىسىدا تېزلا ئومۇملىشىپ كەتتى.
قاراخانىيلار خاندانلىقى رەسمىي ئىسلام دىنىغا كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 300 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، بىراق ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ تەسىرى قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى پۇقرالار ئارىسىدا بۇرۇنلا باشلانغانىدى. كىچىك ئەبۇنەسىرنىڭ بوۋىسى ئۇزلۇق سېپى ئۆزىدىن فارابلىق تۈركلەردىن ئىدى. ئۇنىڭ ئۇزلۇق دېگەن ئىسمىمۇ تىپىك قارلۇقچە ئىسىم ئىدى. ئۇ «گۈزەل، چىرايلىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرەتتى. ئۇزلۇق بوۋايدىن كېيىنكى زامانلارغا كەلگەندە قاراخانىيلار تەۋەسىدىكى يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى ئارىسىدا ئەرەبچە ئىسىم قويۇش ئادىتى شەكىللەندى. شۇڭا ئەبۇنەسىرنىڭ دادىسىغا ئۇزلۇق بوۋاي «مۇھەممەت» دەپ ئىسىم قويغانىدى. ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ئەرەبچە ئىسىم قويۇش ئادىتىنىڭ ئەمدىلا شەكىللىنىۋاتقان مەزگىلىگە توغرا كەلگەن بىر زاماندا تۇغۇلغان مۇھەممەت تارخانمۇ ئۆز ئوغلىغا يەنىلا ئەرەبچە «ئەبۇنەسىر» دەپ ئىسىم قويغانىدى.
70 مىڭ قوشۇن جايلاشقان فارابنى ئانچە كىچىك شەھەر دېگىلى بولمايتتى. ھەربىي قەلئە ۋە رابات، سودا بازارلىرىدىن تەركىب تاپقان بۇ شەھەر ئوترار بوستانلىقىغا جايلاشقان تالاس، بالاساغۇن، قەشقەرنى تۇتاشتۇرغان قەدىمكى كارۋان يولىنىڭ مۇھىم بىر تۈگۈنى بولۇپ قالغانىدى.
چۇ، تالاس ۋە سىر دەريا ۋادىسىدا شەھەر ھاياتىنى مەركەز قىلغان گۈللىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن ئەينى يىللاردا فاراب شەھىرى قەشقەرگە يېقىن بالاساغۇنغا قاراشلىق شەھەر بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىگە يارىشا چىرايلىق ئىدى. 9 - ئەسىردىكى فاراب شەھىرى مانى دىنىدىكى ئۇيغۇر قارلۇقلىرىنىڭ ئىسلامىيەتتىن مۇداپىئەلىنىش لىنىيىسىنىڭ ئالدىنقى قاراۋۇلىدا تۇرغاچقا، «قاراچۇق» دەپمۇ ئاتىلاتتى. سۇلتان بىلگەكۆل باھادىر قىدىرخان بىلەن سامانلار خانى نوھ ئىبنى ئەسئەت ئارىسىدا ئىسپىجاپنى تالىشىش ئۇرۇشى يۈز بەرگەندە، ئەبۇنەسىر فارابىنىڭ بوۋىسى ئۇزلۇق بىلگەكۆل باھادىر قىدىرخاننىڭ قول ئاستىدىكى ھەربىي ئەمەلدار ئىدى. ئۇ ئۇرۇشتا خىزمەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن باج - سېلىقتىن خالىي قىلىنغان كىشىگە بېرىلىدىغان «تارخان» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئىگە بولغانىدى.
سامانىيلار خانى ئىسمائىل ئىبنى ئەخمەت ئۆز قېرىندىشى ناسىر ئىبنى ئەخمەتتىن زورلۇق بىلەن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن، قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈش ئۈچۈن سېپىل سوقتۇرۇپ، كېيىن قاراخانىيلارغا قارشى غازات قىلىشنى باشلىدى. ئىسمائىل سامانى 893 - يىلى باھاردا تالاس، بالاساغۇنلارغا كەڭ كۆلەمدە ھۇجۇم قوزغىدى. نەتىجىدە ئوغۇلچاق قىدىرخان بالاساغۇندىن «ئوردۇ كەنت» (قەشقەر)گە چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى. ئىسمائىل سامانى سىر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى ئىستراتېگىيىلىك جاي تالاستىن تاكى غەربتىكى چۇ دەرياسىنىڭ ئاياغ ئېقىمىغىچە بولغان ئارىلىقنى، جۈملىدىن مۇھاسىرىدە قالغان تاراز شەھىرىنى قولغا ئالدى. مۇشۇ ئۇرۇشتا مۇھەممەت تارخان قاتارلىق ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ جان تىكىپ ئېلىشقىنىغا قارىماي فاراب شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئوترار بوستانلىقى سامانىيلار قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. بۇ جايلاردىكى 15 مىڭ كىشى ئەسىرگە چۈشۈپ ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئوتراردىكى مانى چېركاۋلىرىنىڭ ئورنىغا ئارقا - ئارقىدىن مەسچىتلەر بەرپا قىلىندى. بۇرۇتلىرى خەت تارتىپ قىران بىر يىگىتكە ئايلىنىپ قالغان ئەبۇنەسىر فارابىمۇ پۈتۈن ئائىلىسى بىلەن سامانىيلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالدى. 100 يىل داۋام قىلغان دۈشمەنلىك ۋە يوللارنىڭ ئېتىلىپ قېلىشى فارابلىقلار ۋە كۆپلىگەن توققۇز ئۇيغۇر ئاھالىسىنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركىزى بولغان قەشقەردىكى خاقانىيە ئاھالىسىدىن ئايرىۋەتكەنىدى.ئەبۇنەسىر بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك ۋاق تىدا قەدىمكى قارلۇق - ئۇيغۇر يېزىقى ۋە مۇزىكىسىنى ئۆگىنىشكە پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن بېرىلدى. ئەينى يىللاردا ئۇيغۇر تىلى توققۇز ئوغۇز تىلى سۈپىتىدە پۈتۈن تۈركىي تىل - ئەدەبىيات ۋە مائارىپىنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالغانىدى. ئۇ مەمۇرىي - سىياسىي ھاياتتىمۇ، ئىلمىي پائالىيەتتىمۇ ئاساسىي تىل ئىدى. فارابى سامانىيلار سۇلالىسى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ماۋارائۇننەھر ۋە خارەزىمدىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىش بىلەن بىللە تاجىك - پارس تىلىنى تېزلا ئۆگىنىۋالدى.
فارابى ئۆز دەۋرىدىكى ئەدەبىيات ۋە ماتېماتىكا پەنلىرىنى زور قىزىقىش بىلەن ئۆگەندى. ئۇ ئوتتۇرا ئەسىر خرىستىئان دۇنياسىدا «ئۈچ بىلىم» دەپ ئاتالغان گرامماتىكا(نەھۋى)، ئىستىلىستىكا(ئىلمىي پاساھەت)، ئەخلاق دەرسلىكلىرىنى ۋە تۆت «بىلىم» دەپ ئاتالغان ھېساب، مۇزىكا، گېئومېتىرىيە(ھەندىسە)، ئاسترونومىيە(ئىلمىي نۇجۇم) پەنلىرىنى پۇختا ئىگىلىدى. ئۇ بالاغەت يېشىغا يېتەر - يەتمەي تۇرۇپلا «ھىرات - مەرۋى ئىلمى گۇرۇھى» دەپ ئاتالغان تەبىئەت ئىلمى گۇرۇھىنىڭ ھەممە نەرسىنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئەقىدىنى ئەمەس، ئەقىلنى مىزان قىلىش توغرىسىدىكى چوڭلارغا خاس سوغۇققانلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئىلغار پەلسەپىۋى قاراشلىرىنىڭ قىزغىن قوللىغۇچىسى بولۇپ قالغانىدى. مەرۋى ئىلمى گۇرۇھى بولسا مىسسۇپوتامىيىدىكى ھەرران، بەسرە تەبىئەت ئىلمى گۇرۇھىنىڭ، ھىندىستان ۋە ئۇيغۇر ئىلىم مەدەنىيەت كۆزقاراشلىرىنىڭ، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئەت كۆزقاراشلىرىنىڭ تەسىرىدە شەكىللەنگەن ئىلمىي ئىزدىنىش گۇرۇھى بولۇپ، گرېك باكتېرىيە مەدەنىيىتىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلاتتى.
فارابى ئوتتۇرا ئاسىيادا 30 ياشلارغا كىرگۈچە ياشىدى. بۇ چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ روھىي جەھەتتىن تېخىمۇ مول بىلىمگە تەشنا بولۇپ ئېچىرقاپ تۇرغان بۆرىگە ئوخشاپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. يېڭىياچە ئىسلام دىنىغا كىرىپ كەلگەنلىكى تۈپەيلى ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەت بىلەن يېڭى دىنىي ئېتىقاد ئوتتۇرىسىدا پەيدا بولغان غايەت كېلەڭسىز بىر ھاڭنىڭ گىرۋىكىدە تېڭىرقاپ، دەلدۈگۈنۈپ تۇرغان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ بېشىغا باستۇرۇپ كېلىۋاتقان يوشۇرۇن ئاپەت بىرىنچى بولۇپ فارابىنى سۈت ئۇيقۇدىن چۆچۆتۈپ ئويغاتتى. ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەلىكىدە ئىگىلىگەن بىلىم ۋە ئىزدىنىشلىرى بىلەن تېخى بۇ قىيىن مەسىلىگە جاۋاب بەرگىلى بولمايتتى. مەدەنىيەت جەھەتتە بىر قېتىملىق توپان بالاسىغا دۈچ كېلىۋاتقان خەلقىگە بۇ توپاندىن ساق - سالامەت قۇتۇلۇپ چىقالايدىغان «نوھنىڭ كېمىسى»نى ياساپ بېرىشنى ئۆزىنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى دەپ تونۇغان فارابى بۇ قىيىن تېپىشماقنىڭ جاۋابىنى يېشىش ئۈچۈن ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ، ئىسلام دىنى تارقالغان ۋە تەرەققىي قىلغان ئەرەب، پارس ئەللىرىگە بارمىسا بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. مۇتلەق كۆپ ساندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەكسىچە تۇيغۇ ۋە ھېسسىياتنى ئەمەس، بەلكى ئەقىل ۋە تەجرىبىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ ئادەتلەنگەن بۇ غەلىتە مۇسۇلمان ئەرەب ۋە پارس ئەللىرىنى ئۆزلىرى تارقاتقان ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنى تەجرىبىدىن ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ ياخشى تەجرىبىخانا دەپ قارىدى. چۈنكى ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىسلام ئىدېئولوگىيىسىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىسلام ئېتىقادى بىلەن ئەنئەنىۋى تۈرك مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا بىردىنلا پەيدا بولغان قورقۇنچلۇق ھاڭغا مەزمۇت كۆۋرۈك سېلىپ يول ئاچقىلى بولمايتتى. ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە ئىدېئولوگىيىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئەرەب، پارس ئەللىرىگە بېرىپ مەدەنىيەت جەھەتتىكى كەڭ كۆلەملىك قېدىرىپ تەكشۈرۈشنى زادىلا باشتىن كەچۈرمەي بولمايتتى. بۇ ئەينى يىللاردىكى غايەت مۈشكۈل بىر مەسىلە ئىدى.
ئەبۇنەسىر فارابى ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ياشانغان ئاتا - ئانىسى ئۇنىڭغا ئاتاپ بىر توپ جامائەتنى قورۇسىغا يىغىپ داشقازان ئېسىپ زاراخەتمە قىلىپ بەردى. مۇھەممەت تارخان ھەربىي ئەمەلدارلارغا خاس سوغۇققانلىق بىلەن ئىچىدە ئويلىغانلىرىنى ئانچە بىلىندۈرمەي ئۇزاتقان بولسىمۇ، ئەمما يۇلدۇزئايىم ئەبۇنەسىرنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلاپ ھازا ئاچماي تۇرالمىدى. بىر توپ جامائەتمۇ يۇلدۇزئايىمغا جور بولۇپ بېلىنى پوتىدا باغلاپ، قولىغا ھاسا ئېلىپ، ھاسا بىلەن يەرنى ئۇرۇپ قوشاق توقۇپ ھازا ئېچىشىپ بەردى. فارابى بۇ قىزىقارلىق ھازىنى كۆرۈپ ئۇيغۇر قارلۇقلىرىنىڭ زىيادە ھېسسىياتچان تەبىئىتىنى ئاخىرقى قېتىم تەجرىبە قىلىپ كۆرۈۋاتقاندەك بولدى - دە، ئۆزىنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئويلاپ كۆڭلى بۇزۇلۇپ بىئارام بولۇشنىڭ ئورنىغا ئەكسىچە سوغۇققانلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ قويدى. ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرغان سوغۇققان چىرايىغا قاراپ ئانا دەرھال يىغىدىن توختاپ ھاڭۋېقىپ قالدى. مۇھەممەت تارخان بولسا ئۆز ئوغلىنىڭ نېمە ئۈچۈن كۈلۈمسىرەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەي ئەجەبلىنىپ قالدى. فارابىنىڭ مەڭزىدىكى ئاشۇ بىر قېتىملىق سوغۇققان كۈلۈمسىرەش ياشانغان ئاتا - ئانا ئۈچۈن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يەشكىلى بولمايدىغان تېپىشماق بولۇپ قالدى.
مەنبە — بىلىك كۇلۇبى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا möljarli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-1 06:32 PM