مىسرانىمدا قوش توي بولغۇدەك
ياقۇپجان ئابدۇرىشىت(ئاخسا يىگىت) (2013-يىللىق مىسرانىم ، مەشرەپ مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائاليىتىگە)
قۇلاق سېلىڭ ئەزىز دوسلۇرۇم، مىسرانىمدا قوش توي بولغۇدەك. ئەلتېكىن ۋە ھۆكۈمرانلارنى، پات يېقىندا ئۆيلەپ قويغۇدەك. مىسرانىمدا ئەزا جىق بولغاچ، ئىككى-ئۈچ يۈز قوينى سويغۇدەك. بىرەر چىشلەم ناننى يېمەيلا، گۆش بىلەنلا قورساق تويغۇدەك . ئەتتىرگۈلنىڭ خۇشبۇي ھىدلىرى، مىسرانىمنى بىرنى ئاپتۇدەك. زۇلەيخامۇ توزدەك ياسىنىپ ، ئاينىڭ ئۆزى بولۇپ قاپتۇدەك. مىسرانىممۇ بولغاچ موسيسىپىت ، تاڭ سەھەردە يېتىپ كەپتۇدەك . قابىلجانمۇ ھەيدەپ سانتانا، موللاملارنى ئېلىپ كەپتۇەك . مارشالمۇ زۇمرەتتاشبىلەن ، مول داستىخان راسلاپ كەپتۇدەك . ئەزىزىمگە يېقىن ئولتۇرۇپ، ئاشپولودىن راسا يەپتۇدەك . قارلۇق مىنىپ يېڭى موتوغا ، ئېلىجاننى يانداپ ماڭغۇدەك. دىققەت قىلماي قىلغاچقا شوخلۇق ، يېرىم يولدا پېتىپ قاپتۇدەك . باغاق يېزىپ ھارماي ئەركىزات، ئىشخانىدا ئۇخلاپ قاپتۇدەك . ئۇنىڭ تارىتقان خورەك ئاۋازى، مىسرانىمنى بىرنى ئاپتۇدەك . شاتئاي ئىزدەپ بېرىپ قارىسا ، بەخىرامان ئۇخلاپ ياتقۇدەك . سوغۇق سۇنى چاچسا يۈزىگە ، سەكرەپ قوپۇپ بەدەر قاچقۇدەك . كەلگۈندى ۋە كەترەن ھەدەممۇ، تۇشمۇ -تۇشتىن چاچقۇ چاچقۇدەك . نەپرەت بىلەن ئوماق سۈمەييە، بەخىت تىلەپ قوشاق ئاتقۇدەك . كۆزۈم كەلدى ئېلىپ جۈپ گېلەم، بايخېنىمدىن پۇلنى ئاپتۇدەك. پىخسىق بولغاچ بىزنىڭ بايخېنىم، بوغالتىرمۇ ھەيران قاپتۇدەك . بىپەرۋامۇ ھەيدەپ پويىزنى، جامائەتنى ئېلىپ كەپتۇدەك . قۇرۇق كەپتۇ قىلچە ئۇيالماي، پولو يەپلا قېچىپ كەتكۈدەك. ئالغۇلارنى ئاپتۇ زامانى، توڭلاتقۇنى كېيىن ئالغۇدەك. خۇشال بولۇپ ئاقلالە، قىزغىن چاۋاك چاپتۇدەك. يەڭنى تۈرۈپ ئەپچىلەم ، ناغرا-شۇناي چالغۇدەك. شىرخان ناخشا توۋلاپتۇ، قىزلار ھەيران قالغۇدەك. مۇسلىنە ۋە ئەزىزگۈل، شوخ سامالار سالغۇەك. قىزچاقلارغا باش بولۇپ ، قەشقەرگىچە بارغۇدەك. بۇ ۋاقىتتا ئۈزۈمتال، مېنى ئىزدەپ يۈرگۈدەك. لېكىن ئىزدەپ تاپالماي، قوش قاپاقنى تۈرگۈدەك. ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ، ئاخسا يېتىپ كەلگۈدەك. شۇئان دېدى ھەممەيلەن، قوشاق بارمۇ كۈلگۈدەك؟ ياردەملىشىپ نازىلە، ئىسكىلاتنى ئاچقۇدەك. ئاخساجاننىڭ چاخچىقى، جامائەتكە ياققۇدەك. ئويغان ئوغۇل ئۇيقۇدا ، كۈن چۈشكىچە ياتقۇدەك. تۆمۈر كالا ئەپەندى ، گەدەندىنلا ئاپتۇدەك. شۇنداقتىمۇ ئويغانماي، بۇخاراغا كەتكۈدەك. ئامال بولماي ئاخىرى، قۇلاق چۆپى يەپتۇدەك. چاخچاق قىلىپ كۆرەشجان، سەنەمگە قاش ئاتقۇدەك. ئاچچىقىدا سەنەمجان ، ئىككى تەستەك ساپتۇدەك. شۇنىڭ بىلەن كۆرەشجان، ئۆيگە قايىپ كەلگۈدەك. يېقىن دوستى شوخسەنەم، تەسەللىيلەر بەرگۈدەك. ئوتلۇق قاراپ شەرىپە، دىلنى مەستخۇش قىلغۇدەك. مۇنبەردىكى يىگىتلەر، شۇڭا لەيلەپ يۈرگۈدەك. جودا تاقاپ كۆزەينەك، لاۋدالاردەك كەلگۈدەك. تويغا ئاتاپ 500 كوي، نەخ مەيداندا بەرگۈدەك. رىزىۋانگۈل قاش ئېتىپ، يانتۇ قاراپ يۈرگۈدەك. بۇنى كۆرگەن ئاخساجان، ساراڭلاردەك كۈلگۈدەك. نۆلنى ئىزدەپ ئۆل خانقىز ، مۇنبەر كېزىپ يۈرگۈدەك. جىلى بۇلۇپ تاپالماي، قاپاق تۈرۈپ يۈرگۈدەك. كېيىپ كاستىيوم - بۇرۇلكا ، پاھ قارىمۇ كەپتۇدەك . قورساق ئېچىپ پولودىن ، ئۈچ-تۆت تەخسە يەپتۇدەك. زۇمرەت ھەدەم بەك چىۋەر ، دوپپا تىكىپ كەپتۇدەك . قول قويۇپتۇ يىگىتلەر، بارىكاللا دەپتۇدەك . چاخچاق يېزىپ ئاخساجان، توينى داۋام قىپتۇدەك . بولۇپ توينى قىززىتماق، چاھارباغقا چىققۇدەك. ئايچىن ھەدەم غۇلجىغا ، تاڭ سەھەردە ماڭغۇدەك. مۇنبەردىكى ھەممەيلەن، مېھمان بولۇپ بارغۇدەك . توينى قىلدۇق ئۆزگىچە، مەڭگۈ ئەستە قالغۇدەك. قىززىق ئىشلار جىق ئىدى، سىنئالغۇغا ئالغۇدەك . سەمىمى ئەسكەرتىش : سەۋىيەمنىڭ چەكىلىكلىكى ۋە ۋاقىت مۇناسىۋېتى بىلەن مۇشۇنچىلىك يازالىدىم ، ئانچە قاملاشمىغان بولسىمۇ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم . ئىسمى چىققان ۋە چىقمىغان دوستلارنىڭ توغرا چۈشىنىشنى ئۈمىد قىلىمەن . بۇ مۇنبەردىكى 115 مىڭ ئەزانىڭ ھەممىنى قېتىش مۇمكىن بولمايدۇ ئەلۋەتتە. ئىسمى چىقمىغان دوستلارنى ئىنكاس ئارقىلىق چاخچاققا قېتىپ تۇرىمەن . قېنى ئەمىسە ھەممەيلەن تەڭ قىزىىتايلى بۇ توينى . مەنبە : ئاخسا يىگىتنىڭ تاققا-تۇققا ئىلھامى 2012-يىل 1-دىكابىر ، شىيامىن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Ahsayigit تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-1 03:55 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-12-2 12:52 AM):
ئىنكاسلار تېخمۇ ئېسىل، ئالدىرىماي كۆرۈپ چىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن!
|