|
|
|
|
تارىخئىزنالىرىمىز تارىخبىر پاكىت. تارىخ ئۇ بىر روھ. يەر شارىدىكى يەتتە مىليارتتىن ئارتۇق ئادەمەرنىڭھەممىسى ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى،ئادەملەر ئۆزى ياشىغان شۇ مۇھىتتا ئاينىپقەبىلە شەكىللەنگەن .قەبىلىلەرمۇ تۇرلىك سەۋەپ تۈپەيلىدىن يەنە پارچىلانغان ۋەيەنە تۈرلىك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بىرلىككە كەلگەن . يېقىنقى بىر نەچچە يۈز يىلمابەينىدە دۆلەتلەر قۇرۇلۇپ قەبىلىلەر تېخىمۇ بىرلىككە كەلدى.ۋە بەزىلەرپارچىلاندى .بۇ دۇنيا مانا شۇنداق تىنىمسىز.‹‹ئانا يۇرتۇڭ ئامان بولسا،رەڭگى-روھىڭ سامان بولماس››. بۇ نىمە دىگەن ھىكمەتلىك سۆز ھە! ... ئەدىپلىرىمىزنىڭ بىز ئۇيغۇرلار توغرىسىدا يازغان تارىخىپاكىتلىرى كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. يۇسۈپ ھۈسەيىن (قەقىنۇس) مۇنداق يازىدۇ. ‹‹ئوردۇ كەنتىنىڭ ئورنى- دەل ھازىرقىمارالبېشى،يۇپۇرغا، پەيزىۋات ئارىسىدىكى توققۇز ساراي خارابىسىدۇر. تۇرىك تىلىداپەيزىۋاتنى بالاساغۇن، سۇغدى تىلىدا پەيزىۋات دەپ ئاتىغان ئىكەن بۇرۇنقىئەژداتلىرىمىز. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر. مىلادىي815-يىلى كىشىۋەردى ھەسەن دىگەن ساھىل دەرۋىش ئەينى چاغدا تۈركىي تىلىدابالاساغۇن،سوغدى تىلىدا پەيزىۋات دىگەن ئوردو كەنتىگە كەلدى. بۇشەھەردە قۇتەيبە زامانىدائىسلاملاشقان سۇغداق خان ئەۋلادىدىن تارخان ئۇزلۇق بولۇپ ،ئۇ قەشقەر ،پەرغانە ۋەبەلىخ قاتارلىق جايلارغا خان ئىدى.
كىشىۋەردى ھەسەن 12-ئىمام ئىدى.مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادى ئىدى.ئۇ ئۇرۇشقالايمىقانچىلىقىدا جان ساقلاش ئۈچۈن قاچقانلىقىنى، ۋە باشقا سىرلارنى تارخانئۇزلۇققا سۆزلەپ بەرگەندى كېيىن ، قىزى مەلىكە دىلغەزەننى دەرۋىشكە ياتلىققىلىدۇ.كىشىۋەردى ھەسەندىن 820-يىلى تاھىرخان مۇھەمەت تۇغۇلغان.كىشىۋەردى ھەسەنباللىرىنى قويۇپ خۇتەنگە قېچىپ كەتكەن.
ئوغلى تاھىرخان خان بولۇپ، خانلىق نامى تاھىرخانىيە بولغان.
تاھىرخانننىڭ 850-يىللىرى ئىبراھىم ئىسىملىك ئوغلى بولغان.
870-يىللىرىغچە تاھىرخان ئىران تەرەپتىن قېچىپ كەلگەن ئەبۇمۇسلىم قوزغىلىڭىبېسۇقتۇرۇلغاندىن كېيىنكى سەبباھلارنى يېنىغا تارتىپ دادىسى كىشىۋەردى ھەسەننىڭتەسىرى بىلەن باغدات ۋە خۇراسان خانلىقى، خاۋارىجلار خانلىقىغا قارشى تۇرغان .باغدات ۋە خۇراسان خانلىقى قوشۇن ئەۋەتىپ تاھىرخاننى ئۆلتۈرگەن.ئوغلى ئىبراھىمكەشمىرگە قېچىپ كەتكەن. ئىبراھىمنىڭ ئەمدىلا تۇغۇلغان ئوغلى ئەھمەت بىلەن ئانىسىنى
ئەرەپلەر تۇتقۇن قىلىپ ئېلىپ كەتكەن.
بۇ چاغدا شەرىقتىن تاڭ سۇلالىسىنى ۋە ئۇيغۇر خانلىقىنىيۇقاتغان كىدان ۋە قىپچاققوشۇنلىرى شىمالنى ئىگىلەپ كىدان-تۈبۈت قوشۇنلىرى خۇتەن تەرەپتىن باستۇرۇپ كېلىپ،تارىزىمنى ئىگىلىۋالغان ،يەنى بىرىنچى قېتىملىق ئىسلاملىشىشنى يۇقاتقان ئىدى.
ئەمدى ئىبراھىمغا كەلسەك:
890-يىللىرى ئىبراھىم كەشمىردە بىر مەزگىل يۈرۈپ پىنھانكۈنلىرىدە ‹‹مەجنۇننامە›› چۆچىگىنى يازغان. ئۇنىڭدا قەيىس بىلەن لەيلى ۋەقەلىگىئارقىلىق مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئىچكى ئىزتىراپلىرىنى ئىپادە قىلماقچىبولغان.ئۇزۇن ئۆتمەي،ئۇ سابباھى كۈچلىرى بىلەن سابىرخانىينى قۇرماقچى بۇلۇپ تارماربولغان. ئۇنىڭ كەشمىردە تاپقان ئوغلى ئالىپ تېكىن ئاتۇشقا قېچىپ كېلىپ ،سۇغداقبۇغراخان بىلەن بىرلىشىپ ،920-يىلللىرى قادىرخانىينى قۇرغان.
( مەجنۇننامە)نى كېيىن ئۇلارنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان خىسراۋ دېھلەۋى(لەيلى-مەجنۇن)داستانى قىلىپ ئۆزگەرتكەن.
ئەمدى ئەھمەتكە كەلسەك:
ئەھمەت ئانىسى بىلەن دەمەشىق خانىغا بىرىلگەنۋە دەمەشىق خانى تەربىيسىدە چوڭبولغان.ئەھمەت پارىس تىلى ئارقىلىق گىرىك تىلىنى ئۆگۈنىپ نۇرغۇن بىلىم ئېلىپئاخىرى (ئىككىنچى ئارىستوتىل)دىگەن نامنى ئالغان ۋە ئەبۇ نەسىر فارابى نامىدىكىئەسەرلەرنى قالدۇرغان.940-يىللىرى ئانىسىنىڭ ۋەسىيىتى بىلەن ئانا يۇرتىغاقايتىماقنى نىيەت قىلغان،شۇ مەزگىللەردە قادىرخانىيدىن ھەرەمگە ھەجگە كەلگەنھاجىلار بىلەن تونۇشۇپ ،پىلان تۈزۈپ 950- يىللىرى قېچىپ ئاتۇشقا ‹‹سامانىدىنكەلگەن›› دەپ ئورۇنلاشقان.
ھەمدە ئۆزىنى ئەبۇ نەسىر سامانى دەپ ئاتىغان.
كېيىنكى دەۋىرلەردە يەنى سالجۇقلار باغدات خەلىپىلىگىنى تىزگىنلىگەن دەۋىرلەردەتەرىقەت ئەسەرلىرىدە (ئىمام ئەزەم) دەپ تەرىپلەنگەن.››
دىمەك :ئەبۇ نەسىر فارابى، ئەبۇ نەسىر سامانى، ئىمام ئەزەم بىرلا ئادەم. ئۇ بولسىمۇدەل ھازىرقى توققۇز ساراي خارابىسى ‹‹بالاساغۇن›› يەنى پەيزىۋاتتىن خۇتەنگە قاچقانكىشىۋەردى ھەسەننىڭ نەۋرىسى ئەھمەت شۇ.
كېيىن ئەبۇ ناسىر سامانى ئىسلام دىنىنى شىنجاڭدا تارقىتىشتا زور خىزمەتلەرنىئىشلىگەن، بولۇپمۇ سۇلتان سۇتۇق بۇغراخانغا( ئابدۇكېرەم خانغا) ناھايىتى كۆپ بىلىمئۈگەتكەن.
كېيىن قارىخانلار خانلىق تېخىمۇ گۈللەنگەن،ئىسلام دىنىنى پۇخرالارغا قەدەرتارقاتقان ،خۇتەن ۋە كۇچا بۇددىسلىرىنى (بۇددىس ھاكىمىىتىنى) يۇقۇتۇش ئۈچۈن نەچچەئون يىل ئۇرۇش قىلغان. مانا شۇ دەۋىرلەردە قەشقەر قارىخانىيلار خانلىقىنىڭپايتەختى بولغان. ھەمدە قەشقەر ھېيتگاھجامەسىنى ئوردا تەرىپىندىن ياسىغان.قارىخانىيلار ئوردىسىنىڭ ئىزنالىرى قانداقيوقالغان بۇ توغرىدا تەپسىلى مەلۇمات يوق.
دىمەك : ئەبۇ نەسىر فارابى ( ئەبۇ ناسىر سامانى) ئۇيغۇر ئەۋلادى.گەرچە ئۇ دىنىتەرىقەتتە ئىمام ئەزەم، ئىلمى ھەقىقەتتە ئىككىنچى ئارىستوتىل دەپ ئاتالغان بولسىمۇ بۇ نەتىجىلەر ،ئۇ تۇرۇپ قالغان ئورنى سەۋەپلىكئەرەپ مەنپەتى ئۈچۈن قۇرال بولۇپ كەتكەن . ئۇيغۇرلاردىن زامان-زامانلاردىنبېرىدۇنياغا داڭلىق ئالىملار ،ئەدىپلەر، سەنئەتكارلار،سازەندىلەر ئۈزىلمەي چىقىپتۇرغان، بۇندىن كېيىنمۇ تېخىمۇ كۆپ چىقىدۇ.
باشتا قەيت قىلغىنىمىزدەك يەنى ھەممىمىز ئادەم ئەلەيھىسسالام بىلەن ھەۋۋائانىمىزنىڭ ئەۋلادى بولغىنىدەك ، مەھمۇد قەشقىرى،يۇسۇپ خاس ھاجىپ لاردىن تارتىپ يېقىنقى زامانلاردىكىئالىم-ئەدىپلىرىمىزگە قەدەر شۇ ئۇلۇغ زاتلارغا قېرىندالىق چېتىشلىق چىقىپ قالىدۇ.ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىدە بار...
مەن ئۆزىمنىڭ تارىخى كىتاپلاردىن ۋە بىلىملىك پىشقەدەملەردىن ئاڭلىغىنىمنى سۆزلەپئۆتتىم سەۋىيە تۆۋەن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇجەھەتتە ياردەمدە بولىشىنى سورايمەن.
پايدىلانغانماتىرىيال: ش.ئۇ.ئا.ر ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى ژورنىلى 2004-3- سان.
2012-يىلى11-ئاينىڭ 30- كۈنى
|
|
|
|
|
|