مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3382|ئىنكاس: 52

ھىجابلىق مۇسلىمەلەرنى ھاقارەت قىلماڭ..!! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

القدس لنا ...!!!

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79844
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3520
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 57 سائەت
تىزىم: 2012-5-7
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 12:31:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەلۈمكى دىن ـ ئىنساننىڭ قەلىب ھۇجرەسىنىڭ پىنھانىغا يۇشۇرۇنغان نۇرلۇق گۆھەردۇر.كىمكى ئاشۇ گۆھەرنى مەسخىرە قىلسا ئېغىر ئازاپلارغا مۇپتىلا بولىدۇ.ھەر ـ كىمنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى ئىفادە ئېتىش،ھەم ئۆزىنىڭ دىنى كۆرسەتمىسى بويىچە ياشاشنى تاللاش ھەققى بولىدۇ.
نۆۋەتتە ئىسلام ئېتىقادىغا قايتىش دولقۇنى پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە ئۆز ئىپادىسنى تاپماقتا،مىسالىگە دىيارىمىز مۇسۇلمانلىرىمۇ ھەم دىنسىز ئىدىيەدىن يىراقلىشىپ،پاك ئىسلام ئەقىدىسدىن ئۆز نېسۋەلىرىنى ئېلىپ ئىنسانغا خاس ياشاپ،قەلب خاتىرجەملىكىگە ئېرىشمەكتە. بۇنىڭ مىساللىرى: جۈمە كۈنلىرى جەمىيەتتىكى ھەر قاتلام ـ ھەر ساھە كىشلىرى مەسجىدلەرنى ئىلگىرى كۈرىلىپ باقمىغان بىر قىزغىنلىق بىلەن ئاۋات قىلىدىغان،توي ـ چايلارنى شاراپسىز ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىدىغان،ياشلار(35 ياشتىن كىچىكلەر) ئارىسىدا بەش ۋاق نامازغا ئەھمىيەت بېرىدىغان،قىزلار ھىجاپلىنىپ ئاللاھنىڭ قۇرئاندىكى كۆرسەتمىسى بويىچە ياشاش يولىنى تاللايدىغان خاھىشلەر  كۈنسىرى كۆپەيمەكتە. كەمىنەنىڭ قارىشىچە بۇلار ئۇمۇمەن ناھايتى ياخشى باشلىنىش.
بىراق جەمىيتىمىزدە يەنە دىن بىلەن قارشىلىشىدىغان،دىنى كۆرنىشى قۇيۇق كىشلەرنى چەتكە قېقىپ زەربە بېرىدىغان،مۇسلىمەلىرىمىزگە بۆھتان چاپلاپ نامىنى يەر قىلىپ، ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈردىغان ئەھۋاللارمۇ ھەم ناھايىتى ئېغىر. بۇخىل دۈشمەنلىكلەر ـ ياتلاردىن بەكرەك، ئۆز دىنداشلىرى ـ مىللەتداشلىرى تەرپىدىن كۆپراق بۇلىۋاتىدۇ.
مىسال: ئەۋرەت ئەزالىرى تامامەن ئېچىلىپ تۇرىدىغان خۇتۇن ـ قىزلار ئۆزلىرىنى ئۇنتۇپ، ئىسلام ئەھكاملىرى بۇيىچە ھىجابلىنىپ يۈرگەن مۇسلىمەلەرنى مەنسىتمەي‹‹زورو›› ‹‹ روپاش›› دەپ ھاقارەتلەيدىكەن، شۇ كىيىم بىلەن ئىنسانچىلىقتا ئازراق خاتالىق سادىر قىلىپ قويسا ئالەمچە كۆرسىتىپ ‹‹چاۋىسنى چىتقا يايدىغان››. مۇسلىمەلەرنىڭ ئەيپىنى ئېچىش ئۈچۈن تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيدىغان، ئاممىۋى سورۇنلاردا شۇلارنىڭ يامان گېپىنى ھوزۇرلۇنۇپ سۆزلەيدىغان... ئەھۋاللار بىزدە ھەم ئاچچىق بىر ھەقىقەت. شۇ غەيۋەتخۇرلار ناۋادا ئۆزلىرىنىڭ ھالىغا قارايدىغان بولسا ،ۋۇجۇدىدا يىتىپ ـ ئاشقۇچە نۇقسان ـ ئىللەتلەرنىڭ تۇلۇپ تۇرغىننى بىلگەن بولاتتى.
ئەلۋەتتە، بىز ھەم روشەن كۆزلىرىمىز بىلەن شۇ پاك دىننىڭ لىباسىغا ئورنىۋېلىپ ھىجاپقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىشلارنى سادىر قىلىۋاتقان ئاز ساندىكى نادان  خۇتۇن ـ قىزلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ ئىنكار قىلمايمىز( ئاللاھ بۇلارنىڭ قەلبىگە ئىنساپ بەرگەي). ئەمما بۇ ئەھۋاللار قىسمەن ئاز ساندىكى ئەھۋال. بۇنداقلار ھەم بارلىق مۇسلىمە قىزلارغا ۋەكىل بۇلالمايدۇ. سىز كوچىلاردا، تورخانلاردا، تويلاردا يۈرگەن ناچار ‹‹ھىجابلىقلار››نى كۆپ كۈرىسىز ـ يۇ، بىراق ئۆز ئۈيىدە، ئاتىسىنىڭ ياكى ھالال جۈپتىنىڭ خىزمىتىنى بىجاندىللىق بىلەن قىلۋاتقان مۇسلىمەلەرنى كۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. بازارلاردا ئۈزىنى
‹‹كۆز ـ كۆز›› قىلىپ يۈرگەن ‹‹تەقۋا››لارنى كۈرەلىگىنىڭىز بىلەن، ئىبادىتىدە ئىخلاسمەن بۇلۇپ تۇرغان قىز ـ ئاياللارنى
كۈزىڭىزگە چېلىقتۇرالماسلىقىڭىز مۇمكىن. يۈز ـ كۆزلىرىگە قېنىق گىرىم قىلىپ، ئاستىغا غەربنىڭ پادىچى شىملىرىنى كىيىپ
يۈرگەن ئاتالمىش ‹‹ ھىجابلىق قىز››نى كۈرۈپ ئۇچراتقىنىڭىز بىلەن سىدام، ئاددى رەختلەردىن ئۇرۇق ياكى سېمىزلىكىنى  بىلىندۇرمەي ئىسلام تەلپىگە ئۇغۇن كىيىملەر بىلەن باشقىلارنىڭ دىققىتىنىڭ سىرتىدا قالغان مۇسلىمەلەرنى خاتىرىڭىزغا ئالالماسلىقىڭىز مۇمكىن...
خۇلاسە. ھىجابلانغان مەزلۈملەر ئۈز نەپسى ـ خاھىشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ياراتقان رەببىنىڭ بۇيرۇقىغا ئىتائەت قىلىش يۈزىسدىن شۇ كىيىملەرنى كەيدى، شۇ ھىجابقا ئوراندى. ئۇلار جەمىيەتتىن ـ دىن سىرتىدكىلەردىن قانداق بېسىم ھىس قىلسا
پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن ۋاز كەچمىدى. بىزلەرمۇ شۇ كەبى دىننى مەھكەم تۇتۇپ تۇرغان كىشلىرىمىزنىڭ شاراپىتىدىن خاتىرجەم رىزىقلىنىپ، شۇلارنىڭ دۇئاسى بەركاتىدىن بىمالال ياشاپ يۈرۋاتىمىز.

شۇڭا قېرىنداشلارغا ئىلتىماس: بىز ئۈزىمىزنى ھەم ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمىزنى ھىجابلىيالمىغان بولساق، بۇ گۇناھىمىز ئۈزىمىزگە يىتىپ ئاشىدۇ. ھېچ بولمىغاندا ئاللاھنىڭ شەرئىتى بۇيىچە ھىجابلىنىپ يۈرگەن ھەمشىرلىرمىزنى ھاقارەت قىلىپ، ئەيىپلىرىنى ئىزدەپ يۈرمىسەك،،، بۇلامدۇ...؟؟؟؟؟؟؟

مەنبە: ئۆزبېك مۇنبىرىدىن ھىدايەت ئەپەندىنىڭ خاتىرىسى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بدر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-1 01:40 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
hrustal + 68
uysoda + 200 ماختاشقا تېگىشلىك
nurmuhammat + 500 اللە رەخمەت قىلسۇن؟

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 768   باھا خاتىرىسى

ئىمان ئىنساننى ئىنسان قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سۇلتان قىلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14887
يازما سانى: 1756
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1652
تۆھپە نۇمۇرى: 1064
توردا: 7230 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-2-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 06:17:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىز ئۈزىمىزنى ھەم ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمىزنى ھىجابلىيالمىغان بولساق، بۇ گۇناھىمىز ئۈزىمىزگە يىتىپ ئاشىدۇ..........................

  قەتتى ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسلە . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   adil2052103 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-1 06:18 PM  


ئىنسان چىرايلىق گېپى بىلەن ئىككىلى دۇنيالىق ئەزىز ...
تىلىمىز ئەقلىمىزنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالمىسۇن . ھەر ۋاقىت ئەقلىمىز تىلىمىزنىڭ ئۈستىدە تۇرسۇن .
بولمىسا ئەخلاقىمىزنى يوقۇتۇپ قويىمىز .

جەننەتكە قول تۇتىشىپ كىرەيلى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86779
يازما سانى: 242
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 476
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 204 سائەت
تىزىم: 2012-11-3
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 06:20:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرغۇدەك گەپلەر ئىكەن، رەھمەت قېرىندىشىم سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87606
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 182
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2012-11-23
ئاخىرقى: 2013-3-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 06:27:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىرىشىڭ

مەسئولىيەتچان بۇلايلى

مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى

Rank: 8Rank: 8

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 3049
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18735
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6109 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 06:29:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا سىزگە رەھمەت قىلسۇن،سىز ئېيتقاندەك ھازىر جەمئىيىتىمىزدە شۇنداق بىر خىل ئىللىق مۇھىت بەرپا قىلىنماقتا.چوڭلىرىمىز ھەق دىن يولىنى تېپىۋېلىۋاتىدۇ،ياشلارمۇ بالدۇر ئەقلىگە كېلىۋاتىدۇ.نۇرغۇن قىزلىرىمىزمۇ ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقىنىنى بىلىپ يىتىپ ،قايسى يولنىڭ نۇرلۇق يول ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ ،ئۆز يوللىرىنى تېپىۋېلىۋاتىدۇ،ئاللا ھەممىمىزنى ھىدايەتكە باشلىسۇن........قەلىبلەرنى ئىمان نۇرى بىلەن يۇرۇتسۇن.
تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيدىغانلارنى ئاللا ھەرگىز ياخشى كۆرمەيدۇ،ھەممە ئادەم قىلسا ئۆزىگە قىلىدۇ...شۇ ھىجاپلىنىپ يۈرگەنلەرنى مەسخىرە قىلىپ كۈلگەنلەرنىڭ ھالى قانچىلىك ئۆزلىرى بىلىشمەيدۇ،ئەمەلىيەتتە ئاللا ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر،بىلگۈچىدۇر...ھىجاپلىقلارغا بوھتان چاپلىمايلى،شۇنداق ئېسىل خانىم-قىزلىرىمىز باركى ،سىلەر ئارىلاشساڭلار بىلىسىلەر ئۇلارنىڭ نەقەدەر مېھرىبان ئىكەنلىكىنى.....ئاللا بىلسە بولدى...
باشقىلارنىڭ بار ئەيىبىنى باشقىلارغا ئېيتىش غەيۋەتتۇر،يوق قۇرۇغ ئەيىبنى ئېيتىش بوھتاندۇر...

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87519
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 213
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 163 سائەت
تىزىم: 2012-11-21
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 06:43:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  راستىنلا ياخشى تېمىنى يوللاپسىز قېرىندىشىم    مېنىمۇ    نەۋرە ئاكام  زورودەك  بوپ قاپسەن دەپ  بەك كۈلۈپ مازاق قىپكەتكەنتى                تازا ئەدىپىنى بەرگەنتىم   
          ھازىر   ساختا ھىجابلانغانلارنىڭ  تەسىرىگە ھەقىقىي ھىجابلانغان  ھەمشىرىلىرىمىز ئۇچراپ كېتىپ بارىدۇ
  بىرەسى  يېڭىدىن ئاللاھنى تونۇپ ھىجابلانسا     ئاللاھ ھىدايەت بىرىپتۇ  دىمەي (نىمە) ئويناپ  بۈۋۈم بوپتۇ  دەپ  مازاق قىلىپ كېتىدىكەن          شۇ گېپىنىڭ قانچىلىك ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلسىدى كاشكى
  ئاللا ھەر بەندىسىنىڭ كۆڭلىگە ئىنساب بەرگەي

يا رەببىم! ئاز بىرىپ خار قىلما،
      جىق بىرىپ ئازدۇرما.

ئۇرخۇن باتۇرى تا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14553
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7931
تۆھپە نۇمۇرى: 390
توردا: 2023 سائەت
تىزىم: 2010-10-19
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 07:14:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن . بەك ياخشى تىما يوللاپسىز. زامانىمىزدا ياخشىلىنىش خېلىلا كۈرۈنەرلىك. كۆپ ياشلىرىمىز ھىدايەت تېپىۋاتىدۇ.بۇ ھەممەيلەننى بەكمۇ سۈيۈندۈرىدۇ.
بۇ ھەقىقەتەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسلە. يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقلىرىدىمۇ  ئۇلار شۇنداق ئۆلچەملىك كىيىنىپ يۇرىدۇ. توغرا يولدا ماڭالمىغان كىشى چۇقۇم توغرا يولدا مېڭىۋاتقانلارنى ئۇزىگە ئوخشاش قىلىشقا ،سېسىتىشقا ھەرىكەت قىلماي،ئۇلارنى ئاسرىشى ئۇلارغا  قۇلىدىن كىلىشچە ياردەم قىلىشى كىرەك.

ئۆزەڭنى ھەقىقىي ئىنسان دىيىشتىن بۇرۇن،ئۆزەڭدىن: باشقىلارغا ھېچقانداق مەقسەتسىزلا ياردەم قىپباقتىممۇ دەپ سورا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4700
يازما سانى: 512
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 51
تۆھپە نۇمۇرى: 813
توردا: 951 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2013-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 07:16:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
Hijab يوللىغان ۋاقتى  2012-12-1 06:43 PM
راستىنلا ياخشى تېمىنى يوللاپسىز قېرىندىشىم    مېنىمۇ   ...

ئاللاھ دەپ يازماي  اللە دەپ يىزىڭ؟

نۇرمۇھەممەت

ئۆتكەن ھەر بىردە

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 154
يازما سانى: 2371
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3934
تۆھپە نۇمۇرى: 2936
توردا: 10651 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 09:08:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.تۇلىمۇ ياخشى تىيما يوللاپسىز.ھازىر نۇرغۇن ياشلىرمىز ھىدايەت يولىغا قايتىپ خانىم -قىزلىرنى ھىدايەت يۇلىغا باشلاۋاتىدۇ.بۇ بىز ئۈچۈن تۇلىمۇ خۇشاللىنارلىق ئىش.ھەركىم ئۆزىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىردىن جاۋاپ بىردىغان كۈن ھامان كىلىدۇ.ئۆزۈڭنىڭ يۇلى ئاق بولسا باشقىلار قارا دىسىمۇ قارىغا ئۆزگىرىپ قالمايدۇ.

ھاياتتىكى ئەگرى تۇقايلىقلاردىن قورقۇپ قالماي قەيسەرلىك بىلەن ياشايمەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83960
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3746
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 559 سائەت
تىزىم: 2012-8-15
ئاخىرقى: 2013-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 09:17:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن !!!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش