بۇ ھەپتە ئالتۇن -كۈمۈش بازىرى ئەڭ ئىگىز -پەس باھا پەرقىنى باشتىن ئۆتكۈزدى . دۇشەنبە ئالتۇن باھاسى1750 نوقتىغا چىقىپ يەنە ئۆسۈش ھالىتىگە قەدەم قويدى .
كۈمۈشمۇ 33.20 دوللاردىن 34.25 نوقتىغا ئۆرلەپ ئالتۇنغا مەبلەغ سالغۇچىلاردا ئالتۇن بۇ قىتىم 1780 دوللارغا ياكى 1800 دوللارغا يىتىدۇ دىگەن قاراش شەكىللەندى .
بازار تەھللچىلىرىمۇ بازار يۆنۈلىشىنىڭ ئۆسۈش ئىكەنلىكىنى ئۆزىنىڭ قاراشلىرى ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قۇيۇشتى .
ئەتىسى يەنى سەيشەنبە ئالتۇن باھاسى يەنىلا 1752 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىپ بازار ئۆسىدىغاندەك بىر ھالەتنى شەكىللەندۈردى .
چاشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى 1750----1742 نوقتىدا تەۋرەندى . شۇ كۈنى كەچتە ئالتۇن تىك سىزىق بويىچە چۈشتى . يەنى بىر مىنۇت ئىچىدە 25 نوقتا چۈشۈپ بازار كۈزىتىپ تۇرغۇچىلارنى ھەيران قالدۇرۋەتتى . شۇ كۈنى ئەڭ تۆۋەن نوقتا ئالتۇن 1705 دوللارغا ، كۈمۈش 32.90 دوللارغا چۈشتى .
ئەتىسى پەشەنبە ئالتۇن باھاسى سەل ئۆرلەپ 1720 نوقتىدا تەۋرەندى . شۇ كۈنى ئاز -ئاز ئىشىپ 1727 دوللارغا چىقتى .
بۇ ھال ئالتۇن يەنە قايتىدىن ئۆسۈپ يەنە ئەسلىدىكى نوقتىغا كىلەمدۇ --نىمە ؟ دىگەن قاراشنى شەكىللەندۈردى .
تۈنۈگۈن جۈمە ئالتۇن باھاسى يەنە يۇقىرلاپ كەچتە 1733.6 نوقتىغا ئۆرلىدى.
لىكىن كەچ سائەت 7 لەردە دوللار قىممىتىنىڭ ئىشىشى بىلەن نىفىت ، ئالتۇن ، كۈمۈش تۆۋەنلەش ھالىتىگە ئۆتۈپ 1730----1720---1710 دوللارغا كۈمۈش 33.14 نوقتىغا چۈشتى .
بۇ ھەپتە ئالتۇن باھاسى بىر ئۆرلەپ بىر چۈشۈپ چۈشۈش ئۆرلەش پەرقى 50 نوقتىغا يەتتى .
كىلەر ھەپتە ئالتۇن يۈنىلىشى قانداق بولار ؟؟؟؟
مىنىڭچە 1680-------1740 نوقتا ئەتراپىدا تەۋرىنىشى مۆمكىن . قىسقىسى تەھلىل دىگەن تەھلىل .
بۇ ھەپتىدىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىزگە شۇنى چۈشەندۈرۈپ بەردىكى ---ئىقتىسادى كۆز -قاراش تەھلىللەرنىڭ ھەر قاندىغى يۈزدە -يۈز توغرا چىقمايدىغانلىقىنى پەقەت شۇ شەخىسنىڭ كۆز قاشىغا ۋەكىللىك قىلدىغانلىقىنى شۇڭا سودىغا كىرىدىغانلارنىڭ باشقىلارنىڭ تەھلىلىگە بەكمۇ ئىشىنىپ كەتمەسلىگىنى كۆرسىتىپ بەردى.
بازار ---رەھىمىسىز . بۇ ھەپتە بۇنى تونۇپ يەتكەنلەر كۆپ . باشقىلارنىڭ تەھلىلىرىنىمۇ ئاڭلاپ قۇيۇڭ . بىراق ئاخىرقى قارا ئۆزىڭىزدىن بولسۇن .
چۈنكى شۇ داڭلىق ئىقتىساتشۇناسلارنىڭ تەھلىل -پەرەزلىرىمۇ بەزى ھاللاردا توغرا چىقماي قالىدۇ .
يۇقارقى ئالتۇن باھاسى خەلقئارا بىر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى ،ئالتۇننىڭ گىرام باھاسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز << بىر مىسقال بىلۇگى >> غا كىرىڭ .
www.1miskal.com
http://yegana.svfree.net/
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 1miskal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-12-1 11:59 AM