مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 894|ئىنكاس: 7

ئوقۇتقۇچىلارغا ئۈچ تەكلىپ3(كۆك ھىلال) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4703
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 11:29:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۈچۈنجى تەكلىپ:ئوقۇغۇچىلارغا بولغان جازا تەدبىرى توغرىسىدا.
جازا-قىلمىش ئۈچۈن بېرىلگەن ئىجابىي مەجبۇرلۇق.ئۇ يامان ھەركەتلەرگە قارىتىلغان مەمۇرىي ھەركەت بولماستىن بەلكى تۈزەشنى مەقسەت قىلغان ئۆزگەرتىش كۈرىشى بولىشى كىرەك.جازا-پەرزەنىت تەربىيىسىدىكى  ھالقىلىق تەركىب.جازانىڭ ئىلمىي ۋە قايىل قىلارلىق بولۇش بولماسلىقى پەرزەنىت كەلگۈسىگە بىۋاستە چېتىشلىق مەسىلە.ئوقۇغۇچى مۇنەۋۋەر بىلىم بەرگۈچى بولۇشتىن تاشقىرى ئەتراپلىق قانۇن تۈزگۈچى بولىشى شەرىت.ئوقۇتقۇچى چىقارغان قانۇنىي بەلگىمىلەر دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇن چىقىرىش ئۆلچىمىگە تۈپتىن ئوخشىماسلىقى كېرەك.دۆلەت ئۆز ۋەكىللىكىدىكى سىنىپنىڭ مەنپەئىتى ۋە جەمىيەت ئامانلىقى ئۈچۈن قانۇن دەستۇرىنى چىقىش قىلىپ تۈزۈمنى  ھىسياتتىن ئايرىپ تۈزۈپ چىقىدۇ.ئەمما ئوقۇتقۇچىلىق ھىسيات ئامىلىنى چىقىش قېلىپ،ئادىمىيلىك ئۆلچىمىنى ئاساس قىلغان ھالدا تۈزۈم ۋە بەلگىمىلەرنى تۈزۈپ چىقىشى كىرەك.چۈنكى ئوقۇغۇچى يىتىلىش باسقۇچىدىكى مەنىۋىي گەۋدە.يۇمران ھالەتتىكى مايسىنى جەمىيەتكە ماسلاشتۇرۇپ،جاپاغا چىداملىق قىلىپ يىتىشتۈرىمىز دەپ بوران بىلەن چىنىقتۇرساق،مايسىدىكى مايسىلىق خۇسۇسىيەت يوقۇلۇپ،تەمسىل بولغان بالىلاردىكى ئادىمىيلىك تۇيغۇسى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.
ئوقۇغۇچىلىق دەۋرى ئەڭ كۆپ خاتالىق ئۆتكۈزىدىغان سورۇن بولىشى مومكىن.ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىمدىكى سەۋەنلىكلىرىمنى يىزىپ چىقىشقا توغرا كەلسە بىر ئۆمۈر ئولتۇرۇپ يازساممۇ ئازلىق قىلدۇ.ھىلىمۇ سەھۋەن خاتالىقلاردىن خالىي ئەمەسمەن.ئەمما خاتالىقلىرىمنى تۈزۈتۈش ۋە مۇكەممەللىكنى قوغلىشىدىغان ئادەم بولۇش يولىغا قەدەم قويالىشىمغا ئىشىنىمەن.ھەرقانداق ئادەم خاتالىقتىن مۇستەسنا ئەمەس،خارەكتىر ۋە ئادەت يىتىلدۈرۈش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن تىخىمۇ شۇنداق.ئوقۇتقۇچى بىلىم بىرىش دائىرىسىدىن ھالقىپ،ياخشى خارەكتىرگە قاراپ يىتەكلەش باسقۇچىغا يەتسە،ئەنە ئۇ ھەقىقى ئوقۇتقۇچىلىق مۇقامىغا يەتكەن بولىدۇ.ئىلمىي باشقۇرۇش ۋە توغرا مەمۇرىي جازانىڭ ئۆزى ئوقۇغۇچىلارغا نىسبەتەن ئەڭ ئۈنۈملۈك خارەكتىر يېتىلدۈرۈش دەرىسى ھىسابلىنىدۇ.
ئىلمىي باشقۇرۇش ۋە جازا تەدبىرى ئۈستىدىكى ئۈچ چوڭ داشقال:
)مىنىڭ سىنى ئۇرۇشقا ياكى تىللاشقا ئانامنىڭ ھەققى يوق.مەن سىنى سىنىپتىكى ئورۇندۇقتىلا ئۆزگەرسۇن دىمەيمەن،پۇتكۈل ئۆمرىدە شۇ ئۆزگۈرۈشنىڭ پايدىسىنى تېتىپ ياشىسۇن دەيمەن.)
--------بىر ئەر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ ئاغزىدىن.
بىرىنجى: تەن جازاسى .
ئىككىنجى: جەرىمانە.
ئۈچۈنجى:سۆز جازاسى
تەن جازاسى ئۈستىدە ئويلىغانلىرىم.
تەن جازاسى ئىپتىدايىي جەمىيەتتىكى غالجىر قورال.ئۇ ھايۋانلارچە خارەكتىرنىڭ مەھسۇلى.تەن جازاسى  -قايىللىقنىڭ دۈشمىنى .مەدەنىيەتلىك جەمىيەتنىڭ كۈشەندىسى.ئۇ ئەڭ پەس كىشىلەرنىڭ ئۆز ئاجىزلىقىنى يوشىرىدىغان چۈمپەردىسى.تەن جازاسى مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغا زىدىيەتنىڭ ئىپادىسى.دىمەك ئۇ ئىنسانلىق خارەكتىرگە قىلىنغان ئاسىيلىق ۋە پەسكەشلىك.
ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بېرىشى  ئۆز پىكرىنىڭ ئۆز قارىشىنىڭ ئوقۇغۇچىنى قايىل قىلالماسلىقىدىن بولغان ياكى ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆزىنى تۇتىۋىلىشتىن ئىبارەت ئوقۇتقۇچىلىق مىزانىغا چۈشمەيدىغان خارەكتىرى بارلىقىدىن بولغان..ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىغا تەن جازاسى بەرگەندە ئوقۇغۇچىغا قىلغان ئىشىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى توندۇرالماسلىقى ئۈستىگە ئوقۇغۇچى ئىدىيىسىگە زوراۋانلىق مەسىلە ۋە شەيئىنى قايىل قىلىدىغان ۋاستە دىگەندەك پاسسىپ ئۇقۇمنى بىللە سىڭدۈرۈپ قويىدۇ.شۇنۇڭ بىلەن ئوقۇغۇچى كاللىسىدا زوراۋانلىق ۋە زومىگەرلىكنىڭ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئەڭ ئاقىل ئامال  ئىكەنلىكىدەك خاتا قاراش شەكىللىنىپ قالىدۇ.دىمەك ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىغا بەرگەن تەن جازاسى ئوقۇغۇچىغا تەربىيە ئۈنىمى بولماي بەلكى خاتا كۆز قاراش بويىچە سىڭىدۇ.

ئىككىنجىسى جەرىمانە .
جەرىمانە-ئەسلىدە بەلگىلىك ئىشلەش ۋە پۇل تېپىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان،تەربىيلەش باسقۇچىدا بولمىغان كىشىلەرگە بېرىلگەن ئىقتىسادىي جاز تۈرى.بۇ ئەقىلنىلا كۆزدە تۇتۇپ ھىسياتنى چىقىش قېلمىغان راتسىئونالىزىملىق كۆز قاراش بويىچە جازانىڭ ئوبىيكتىپلىقلىقنى مۇتلەقلەشتۈرۇپ سۇبىيكىتىپ ئۈنۈمىنى كەمسىتكەن جازا ۋاستىسى. ئەلۋەتتە بۇ خىل جازا ۋاستىسى يۇقرى دەرىجىلىك تەشكىلات ۋە دۆلەت كاتوگورىيىسى ئىچىدە توغرا.ئەمما تەربىيلىنىشنى ئاساس قىلغان مەكتەپ موھىتى ئىچىدە جەرىمانە تۈزۈمىنى يولغا قويغانلىق كالا كۆتىگە لاي سۇۋىغاندەكلا بىر ئىش.ئوقۇغۇچىلارغا جەرىمانە قويغانلىق ئوقۇغۇچىغا پۇلدىن ئىبارەت كاتالىزاتورنىڭ رولىنى كۆپتۈرۈپ كۆرسىتىپ،ئوقۇغۇچىنى پۇل ھەرقانداق نەرسىنىڭ تەغدىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دىگەن بىرتەرەپلىمە يەكۈنگە كەلتۈرۈپ قويىدۇ.دىمەك جەرىمانە جازاسى پەقەت ئوقۇغۇچىنى شۇ ئىشتىن مەلۇم مەنىدىن قارغۇلارچە توسقان بىلەن ھەقىقى قايىللىقىنى ئويغاتمىغانلىقى ئۈچۈن ئۈنۈمسىز ۋە ئەھمىيەتسىز بولۇپلا قالماي بەلكى ئوقۇغۇچىنى سەلبىي تەربىيە باسقۇچىغا ئاپىرىپ قويىدىغان خاتا تەدبىر.
ئۈچۈنجىسى سۆز جازاسى.
ئوقۇتقۇچىلىق سۇبىيكتىپ پائالىيەتچانلىقى كۈچلۈك كەسىپ.ئوقۇتقۇچى ئادەتتە سۆزنى ۋاستە قىلىپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىدۇ.سۆزلەش ئىنسانىيەتنىڭ يىڭى بىر تەرەققىيات پەللىسىگە كۆتۈرۈلگەنلىكى بولسا قانداق سۆزلەش ئىنسان مەنىۋىي تەرەققىياتىنىڭ يەنە بىر پەللىسىنى يارىتىدۇ.ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار ئالدىدا ئىلمىي ۋە قايىل قىلارلىق سۆزلەش كىرەك.مانا بۇ ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ جىنى .ئەگەر قىلدىن قىيىق كېتىپ قالسا سىزنىڭ ئاران تىكلىگەن ئوقۇتقۇچىلىق ئابرويىڭىز ئوقۇغۇچى قەلبىدە بىر تىيىن بولىدۇ.بولسا قەتئىي تەكلىپ ئۆزىڭىزنى ئوقۇغۇچىغا تۇتقۇزۇپ قويماسلىقىڭىز ئۈچۈن مۇنبەردە شەخسىي تۇرمۇشىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق گەپ بولۇنمىسۇن.بۇ دىگىنىم دەرىسكە ئىجدىمايىي تۇرمۇشتىن مىسال كەلتۈرمەڭ دىگىنىم ئەمەس.مىسال چىن بولسا ئوقۇغۇچىنىڭ دەرىس ئۆزلەشتۈرىشىگە غايەت زور رولى بار. كۆپۈنچە پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلار دەرىسكە تۇرمۇشتىن مىسال ئېلىپ سۆزلەيدۇ.مېنىڭچە بولسا ماتىماتىكا دەرىسىدىمۇ تۇرمۇشتىن مىسال ئېلىپ دەرىس سۆزلەش كىرەك.بۇنداق بولغاندا چەتئەل مائارىپىنىڭ ئۈگەنگەننى ئىشلىتىش نەزىريىسىگە ئاز بولسىمۇ يەتكەنلىك بولىدۇ.گەپ شاخلاپ كىتىپ قالدى.ئۆز گىپىمىزگە كەلسەك سۆز جازاسى ئوقۇتقۇچىنىڭ كەسپىي خارەكتىرى ۋە باشقۇرۇش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان يەنە بىر موھىم ئامال.
سۆز جازاسىنىڭ ھەممىسى ئۈنۈمسىز ۋە سەلبىي خارەكتىرنى ئالغان بولمايدۇ.مەن سەلبىي خارەكتىرنى ئالغان سۆز جازاسى بىلەن ئىلمىي سۆز جازاسىنى ئايرىپ باقتىم.
① سىسىق گەپ     
② تىللاش
③ كەمسىتىش خارەكتىرىدىكى سۆز
④ ئارتۇقچە كايىش
⑤ ۋايساش.
ئىلمىي سۆز جازاسى.
1)        تەنقىت بىلەن ئىلھاملاندۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەش.
2)        ئۇددۇللا دىمەي ئەگىتىپ دىيىش.
3)        مىسال كەلتۈرۈپ تەنقىتلەش .بۇنۇڭغا سىلىشتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرمەيمەن .دىمەكچى بولغۇنۇم خاتالىقىنى تۈزۈتۈشنى ئادەمگە ئەمەس نەرسە ۋە تەمسالگە تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇش.
بۇلارنى بىرمۇ بىر يىشىشنى مۇۋاپىق كۆرمۈدۇم.



جازا ئۈستىدە تەكلىپ
ئىككىنجى ئانا دەپ تەرىپلىنىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ رولى تەسۋىرلىگۈسىز قۇدرەتكە تولغان بولىدۇ.جازا ئەنە شۇ روللارنىڭ ئىچىدە تەسىر قىلىش نۇقتىسى بىرقەدەر مەركەزلىك،ئۈنىمى چوڭقۇر بولغان تۈر.جازانىڭ قايىل قىلارلىق ،ئىلمىي بولۇش بولماسلىقى ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن غايەت زور ئەھمىيەتكە ئىگە.ئوقۇتقۇچىنىڭ جازا بىرىشتىكى تۈپ پىرىنسىپى ئەڭ ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى ئۈچ شەرىتنى ھازىرلاش كىرەك.
1)        قايىل قىش(بۇ ئەڭ موھىمى)
2)        ئادىمىيلىك تۇيغۇغا ھۆرمەت قىلىش.
3)        سىلىق سۆز ۋە ئاقىل جازا بىلەن ئىشقا ئىشىش.
قايىل قىلش ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىدىكى مىزان خارەكتىرلىك پىرىنسىپ.ئوقۇغۇچىغا قايىل قىلارلىق جازا بىرىش ئەمەلىيەتتە ئوقۇغۇچىغا نىمىنى خاتا قىلغانلىقىنى ۋە نىمە ئۈچۈن خاتا قىلغانلىقىنى بۇلدۈرۈشتىن ئىبارەت.ئەگەر بۇ نۇقتا ئايدىڭلاشمايدىكەن كېسىپ  ئىيتىمەنكىن،ئوقۇتقۇچىنىڭ بەرگەن جازاسى ئۈنۈمسىز ۋە ئەھمىيەتسىز.شۇنۇڭ ئۈچۈن ئوقۇغۇچىغا جازا بەرگەندە ئۇنۇڭدىن سەمىمىي ھالدا سوراپ بېقىش كىرەك قىلغىنىڭ خاتامۇ ؟ئەگەر ئۇ قىلغىنىنىڭ خاتا ئەمەسلىكىنى ئېيىتسا سىز ئۇ تونىغانغا قەدەر ئۇنۇڭغا سەمىمىيلىك بىلەن چۈشەنچە بىرىڭ.ئاندىن ئۇ خاتالىقىنى تونۇپ بولۇپ ھە خاتا قىلىپتىمەن دىگەن ئويغا كەلگەندە ئاندىن ئۇنۇڭغا خاتالىق ئۆتكۈزگەن ئادەمنىڭ چوقۇم جازالىنىشى كىرەكلىكىىنى بۇلدۈرۈڭدە ئۇنۇڭغا جازا بىرىڭ.ئەگەر ئۇ قايىل بولمىغانلىقىنى ئىيتسا سىز قايناپ كەتمەي مىھرىبانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈڭ.ئىشىنىمەنكى ئۇ جازانى خوشاللىق بىلەن قۇبۇل كۆرىدۇ.
ئادىمىيلىك تۇيغۇسىغا ھۆرمەت قىلىش دېگىنىمىز ئىنساننىڭ فىزولوگىيىلىك ۋە پىسخىك ئالاھىدىلىكىگە ھۆرمەت قىلىشتىن ئىبارەت.بۇ يەنە شارائىت ۋە تۇيۇقسىزلىقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.سىز ئوقۇغۇچىنى جازالاشتىن ئاۋۋال سەۋەبىنى چوقۇم ئاڭلاپ بىقىپ ،سەۋەبىي ئورۇنلۇق بولسا ئۇنۇڭغا جازا بىرىشنىڭ ئورنى يوق.
تولۇق ئوتتۇردىكى ۋاقتىمدا بىر مۇئەللىمىمىز بىزنىڭ سىنىپتىكى سەل كېكەچلەيدىغان بالىنى ئورنىدىن قوپقۇزۇپ سوئال سورىدى.يىڭى كەلگەن بولغاچقا ئىزا تارىتتىمۇ،بۇ بالا ئورنىدىن  تۇرۇپ ئىنتايىن بوش ئاۋازدا سوئالنى ئوقىدى.مۇئەللىم بىر نەچچە قىتىم چىڭ ئوقى دەپ ئاگاھلاندۇردى.ئەمما ئۇ بوش ئاۋازى بىلەن سەل كىكەچلەپ تۇرۇپ ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردى.مۇئەللىمنىڭ(ئوتتۇرە ۋا بىرنىمە)دەپ بىر گەپلەرنى قىلىپ كىتىشى بىلەن ئۇ شەلپەردەك قىزىرىپ ئارانلا ئولتۇرۋالغان ئىدى.بەلكىم  ئۇ ئوقۇتقۇچى قەستەن قىلمىغاندۇ،لىكىن  ئۇنۇڭ شۇ سۆزى ھىلىقى بالا بىلەن نەچچە يىل قىرىشىپ ئۆتىشىگە سەۋەب بولدى. مۇئەللىم ھەتتا  ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزىرىدىنمۇ چۈشۈپ كەتتى.ئەمەلىيەتتە بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ چۈشۈنۈش تۇيغۇسىنىڭ كەملىكى ۋە سالماق ،مىھرىبان خارەكتىرىنىڭ يوقلىقىنىڭ نەتىجىسى.(ئىلاھىم بۇ غەيۋەتكە كىرمەس .)
ئوقۇغۇچى خارەكتىرىنى چۈشەنسىڭىز ئۇ سىزنىڭ ئالدىڭىزدا ھەرگىز يامان گېپىڭىزنى قىلمايدۇ،سىزنى ھۆرمەت قىلغان قىياپەتكە كېرىۋالىدۇ.ئۇنۇڭ ھەقىقى ھۆرمەت قىلغان قىلمىغانلىقىنى  يەنىلا سىنىپتىكى بالىلارنىڭ ئۆز ئىچىدىكى گەپلىرىدىن تاپقىنى بولىدۇ.ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنى بىلمەي بۇ بالىلار بەرىبىر بىلمەيدۇ،ئوتتۇرىشى شۇ،گەپلىرىمگە ھەيران قالىدۇ دەپ پونى زەي سالماي ئاتسىڭىز،سىزنىڭ ئالدىڭىزدا سىزگە تەڭ ماسلاشقان بىلەن تۆتى بىر يەرگە كەلسە سىزنىڭ ھېلىقى  تىتىقسىز گەپلىرىڭىزنى دېيىشىپ بولسا دورىشىپ سىزنى تازا زاڭلىق قىلىپ كۇلىدۇ.بۇنى سىز بىلمەيسىز ئەمما ھەممىسى بىلىدۇ.ئويلاپ باقايلى ئۆزىنىنىڭ كۈلكىگە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەي يەنە بۇرۇنقى ھالىتىدە يۈرۈش نەقەدەر ئىچىنىشلىق ياق ئىچىنىشلىقلا ئەمەس خەتەرلىك.يەنە گەپ ئارلاپ كىتىپ قالدى.

سىلىق سۆز جازانىڭ ئەمەلگە ئىشىشىدىكى موھىم ۋاستە.سىلىق سۆز قىلىش ھەرگىزمۇ جازانى يەڭگىللىتىش دىگەنلىك ئەمەس.جازانى چوقۇم بېرىش كىرەك،ئەمما سىلىق سۆز بىلەن بېرىش كىرەك.يۇقۇردا ئىيتىپ ئۆتكۈنۈمدەك خاتالىقىنى تونۇتۇپ بولغاندىن كىيىن،قوپال گەپ بىلەن ئەمەس،سىلىق سۆز بىلەن جازانى ئىجرا قىلدۇرۇش كىرەك.ئەمدى ئاقىل جازاغا كەلسەك ئاقىل جازا ئومۇمىي جازانىڭ خۇسۇسىيىتىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل.ئاقىل جازا مۇنۇ ئۈچ تۈرلۈك شەرىتنى ھازىرلىغان بولىدۇ.
1.        بۇندىن كىيىن جازاغا ئۇچراشتىن قورقىدىغان بولۇش.
2.        جازانىڭ سۇبىيكتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش.
3.        جازانى قارشىلىشىش باسقۇچىغا ئاپىرىپ قويماسلىق.
جازاغا ئۇچراشتى قورقۇش دىگىنىمىز  ئوقۇغۇچىنى بۇدا ماۋۇ خاتالىقنى تەكرارلىسام ھەرگىز بولمايدۇ،دەپ ئۆزىگە بىسىم ئىشلەتكۈزۈشتىن ئىبارەت.ئەگەر ئوقۇغۇچى خاتالىق ئۆتكۈزسە،ئۇنى ماڭ ئۆيۈڭگە بىرىپ خاتالىقىڭنى تۈزۈتۈپ كەل ياكى  فورمىسىنى كىيمىگەن بولسا فورماڭنى كېيىپ كەل دەپ قايتۇرۋەتسە،بۇ  ئۇنۇڭغا جازا ئەمەس بەلكى مۇكاپاتتەك تۇيۇلىشى مومكىن.ئۇ بۇنداق مۇكاپات ئالدىدا ھەتتا قەستەن خاتالىق ئۆتكۈزۈش دەرىجىسىگە بېرىپ قالىدۇ.
جازانىڭ سۇبىيكتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش دىگىنىمىز جازانىڭ ئوقۇغۇچىنى خاتالىقى ئۈستۈدە ئويلاندۇرۇپ خاتالىقنى تۈزۈتۈش باسقۇچىغا يىتەكلەش مەقسىتىگە يىتىشتىن ئىبارەت.جازانىڭ ئۈنىمىنى قوغلىشىش جازا بىرىشنىڭ تۈپكى مەقسىتى بولغانلىقى ئۈچۈن موھىم مەسىلە بولۇپ سانىلىدۇ.
جازانى قارشىلىشىش باسقۇچىغا ئاپىرىپ قۇيماسلىقى جازانىڭ ئەكىس تەسىرىنى كونتۇرۇل قىلىش بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.جازانىڭ بالىلارغا ئەمەلىيەتتە كۆيۈنۈش ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرالىغان ئوقۇتقۇچى ئوقۇتقۇچىلىق سەنئىتى ۋە باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولىدۇ.ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق ئوقۇتقۇچىنىڭ جازا بېرىشى كۆيۈنۈش بولدۇ.(مۇتلەق بولمىسىمۇ كۆپ ساندا.)لىكىن شۇ خىل كۆيۈنۈشنى ھىس قىلدۇرۇش سەنئەت  ۋە ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ئىش.جازانى ئوقۇغۇچىلارغا مەن بىلەن قىرىشىۋاتىدۇ دەپ سىڭدۈرۈپ قويۇش ئوقۇتقۇچىنىڭ بۇندىن كىيىنكى باشقۇرىشغا پايدىسىز.
ئەسكەرتىش:گەپنى مېغىزلىق قىلىش ئۈچۈن ئامال بار يىغىنچاقلاشقا  ئۇرۇندۇم.ئوقۇتقۇچى مىللەتنىڭ مىڭە ئاپراتى.مىڭىدىن چاتاق چىققان ئادەم قۇل دىمەكتۇر.ئۇ نىمە قىل دىسە شۇنى قىلىدىغان ئادەم دىگەنلىك.بىز مەدەنىيەتلىك ھەم ئىسىل نەسەبلىك مىللەت.ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن مائارىپنىڭ ئۈنۈمىنى توغرا  تونىغان خەلىق ،قەشقەرنىڭ تارىختا بۇخارا بىلەن تەڭ ئورۇندىكى ئالىي بىلىم يۇرۇتلىرى ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم.لىكىن بەزىبىر ماددىي سىياسىي ۋە ئىدولوگىيىلىك سەۋەبلەردىن بىز بىرنەچچە ئەسىر قىڭغىر مىڭىپ سەھۋەن ئىللەتلەرنى يۇقتۇرۋىلىپ خىلى كۆپ ئىچ ئاغرىقى تىپىۋالدۇق .بۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر مىللىتى بۇرۇنقى سەلتەنىتىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ دىگەنلىك ئەمەس. ئابدىشۈكۈر مۇھەممەت ئىمىننىڭ نۇقتىنەزىرى بويىچە ئىيتقاندا يىڭى يىپەك يولىنىڭ ئىچىلىشى بىزگە ئۆمۈت ۋە جاسارەتلا بىغىشلاپ قالماي ئۇلۇغ ئاللاھ بۇيرىسا نەتىجىمۇ بىرىدۇ.بىرىنجى ۋە ئىككىنجى تەكلىپنى يېزىپ بولۇپ،ئۈچۈنجى تەكلىپنى بۈگۈن تاماملىدىم.خۇدايىم بۇيرىسا ھەممە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئىلغار مىللەت ئەزاسى يىتىشتۈرگۈچى بولىشىنى تىلەيمەن .چۈنكى ئۆز خەلىقىنىڭ غايىسىنى چۈشەنمىگەن،ئۆز مىللىتى بىلەن بىللە ئازاپ چەكمىگەن مىللىي ئەزا ھەقىقى مىللەتپەرۋەر ئەمەس.
تەكلىپلىرىمنى چوڭ سۆزلىگەنلىك ئۆزىنى بىلمىگەنلىك دەپ چۈشىنىدىغان تورداشلىرىم بەلكىم توغرا دىگەندۇ.بۇ تەكلىپ پەقەت مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم.
بۇنى يىزىشىمدىكى سەۋەب زەرگەرنىڭ كەمچىلىكىنى ئالتۇن ئالغۇچى بىلىدۇ.ناۋاينىڭ قوپاللىقىنى نان ئالغان كىشى بىلىدۇ.ھەرگىزمۇ ناۋاي ۋە زەرگار ئۆز كەمچىلىكلىرىنى تونالمايدۇ.
ئەسلى بەش تەكلىپتى ۋاقىت قىسلىقى ۋە مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۈچكە ئۆزگەرتتىم.شۇنۇڭ بىلەن مىسرانىم تورىنىڭ سادىق ئەزاسى كۆك ھىلالنىڭ ئوقۇتقىچىلار توغرىسىدىكى ئۈچ قىسىملىق تەكلىپى تامام بولدى.


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87144
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 46
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2012-12-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 02:33:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆك ھىلال ئەسىرىڭىز ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى...ئۆزۈمدىكى نۇقسانلارنى كۆرگەندەك بولدۇم، ھەقىقەتەنمۇ ئوقۇتقۇچىلاردا بۇ خىل ئىللەتلەر مەۋجۈت...كۆرسەتمە بەرگەنلىقىڭىز ئۈچۈن كۆپتىن-كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.....داۋاملىق نادىر ئەسەرلەرنى ئەۋەتىپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمىز....ئامان بولۇڭ..............

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2857
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 20794
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2084 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 02:45:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوقۇغۇچىلارنى مەيلى قانداق شەكىلدە بولسۇن جازالاش تورا ئەمەس. پەقەت تەنقىت -تەربىيە ئارقىلىق توغرا يولغا يىتەكلەش كىرەك.چۈنكى ئۇ يەنىلا بالا. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-12-1 02:45 PM  


كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85620
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2012-10-2
ئاخىرقى: 2012-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 02:53:21 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەخەتجان ئاكا ، باللىرىمىز بۇ جاھاننىڭ سورىقى بارلىقىنى، خاتا قىلمىشنىڭ جازاسى بارلىقىنى بىلىشى كېرەك، شۇڭا زۆرۈر بولغاندا ئانچە مۇنچە جازالاپ قويغاننىڭ خاتاسى يوق، مەن ئوقۇتقۇچى ئەمەس ، بىراق ئوقۇتقىچىلارنىڭ باللارنى مۇاپىق جازالىشنى خاتا دەپ قارىمايمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87398
يازما سانى: 971
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1813
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 409 سائەت
تىزىم: 2012-11-18
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 04:44:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ  ياخشىسى  ئوقۇغۇچىلارنى گەپ بىلەن قايىل قىلىپ ئۇلارغا ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى توغرا ئۈگىتەيلى

كونس بىر يىلنى ئۇزىتىپ يېڭى يىلنى يىڭى يىڭى نەتىجىلەر بىلەن كۈتىۋالايلى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6555
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8863
تۆھپە نۇمۇرى: 445
توردا: 275 سائەت
تىزىم: 2010-8-16
ئاخىرقى: 2013-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 05:20:32 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇرۇن كىچىك ۋاقىتلېرىمىزدا مۇللىغا بارتۇق ,مۇللام يادلاپ كەل دىگەن سۈرىنى يادلاپ كەلمىسەك چىۋىق بىلەن ئۇراتتى بۇنى ئاتا - ئانىمىزغا دىسەك مۇللام ئۇرغان يەردىن قىيامەتتە گۈل ئۈنۈپ چىقىدۇ ئۆزەڭ سۈرىنى يادلىمىغاندىكىن ئوبدان بۇپتۇ دەيتتى شۇنداق قىپ يۈرۈپمۇ سۈرە ياسىنغىچە يادلاپ بولغان , تەن جازاسى بېرىشنى مەنمۇ خاتا دەپ قارىمايمەن。

ھەممىڭلارغا تىن

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1761
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10667
تۆھپە نۇمۇرى: 460
توردا: 7370 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 06:58:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەڭ  ياخشىسى  ئوقۇغۇچىلارنى گەپ بىلەن قايىل قىلىپ ئۇلارغا ئادەم بولۇشنىڭ يولىنى توغرا ئۈگىتەيلى



بارلىق ئۇقۇتقۇچىلار  بۇ سۆزلەرنى يادىلۋالسا بولغۇدەك،  1-سىنىپنىڭ ئۇقۇغۇچىسنى ئۇرغان ،سۆرىگەن ، ئۇقۇتقۇچىنى قانداق قىلساق بۇلا ،؟  نىمىشكە ئۇنداق قىلدىڭىز دىسە  چاپلىكەش ، بالىلار بىلەن ئوينايدۇ ،دىگەن .  بالىلارنى مەكتەپكە تەربىيەلەنسۇن دەپ ئاپىرىپ بىرىمىز ، چۇنكى مەكتەپ دىگەن ھايۋاناتلار باغچىسى ئەمەس ئۇرۇپ ،سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ تەربىيەلەيدىغان، ئۇنداق ئۇقۇغۇچىلارغا قۇپاللىق قىلىپ تەربىيلەيمەن دىگۇچىلەر مائارىپ سېستىمىسىدىن چىقىپ كىتىپ بىر توپ كالا ، ئىشەك ،قوي ئېلىپ كەڭىرى جاڭگالدا باققىنى ياخشى دەپ قارايمەن،  

مەسئولىيەتچان بۇلايلى

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 14907
يازما سانى: 3067
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17488
تۆھپە نۇمۇرى: 484
توردا: 6249 سائەت
تىزىم: 2010-10-22
ئاخىرقى: 2013-8-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-1 09:06:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1)        قايىل قىش(بۇ ئەڭ موھىمى)
2)        ئادىمىيلىك تۇيغۇغا ھۆرمەت قىلىش.
3)        سىلىق سۆز ۋە ئاقىل جازا بىلەن ئىشقا ئىشىش.

مەنمۇ بۇ تەكلىپلەرگە قوشۇلىمەن...ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىگە ماھىر،تىلغا ئالاھىدە دىققەت قىلىشىنى،ئوقۇغۇچىلارنى ھەرگىز ئۇرماسلىقىنى ئۈتۈنىمەن،سىلكىشلىشىنىمۇخالىمايمەن،بۇ قىلىقلار شۇ بالىلارنىڭ خاتىرىسىگە مەڭگۈ تۆمۈر مىخ بۇلۇپ سانجىلىپ تۇرىشى مۇمكىن،شۇنداقلا كېىيىنكى ھاياتىدا ساۋاغداشلىرى ،دوستلىرى ئارىسىدا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈشتەك ،ئۈمۈدسىزلىكتەك پىسخىك ھالەتلىرى مەڭگۈ ھەمرا بولۇشى مۇمكىن......بۇ ياخشى ئەمەس.بۇئۇلارنىڭ تەرەققىيات يولىنى توسۇيدۇ...ئەڭ ياخشىسى سىلىق مۇئامىلە،دوستانە مۇئامىلە ......شۇنداقلا ھەرگىز ساۋاغداشلىرى ئالدىدا ئەيىپلىمەسلىكى كېرەك ،ئايرىم جايغا چاقىرىپ سۆز قىلىشى مۇۋاپىق.شۇندىلا بالىلارمۇ دىققەت قىلىدۇ،مۇئەللىمىنى ھۆرمەت قىلىدۇ...بولسا رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلىنى قوشۇپ تەربىيە قىلسا تېخىمۇ ئۈنۈمى بۇلىدۇ دەپ قارايمەن.
كۆك ھىلالنىڭ ئەھمىيەتلىك تېمىسىغا رەھمەت.

مۇھەببەتىڭنى  بىرگە  بەر  ،  مىھرىڭنى مىڭغا  بەر
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش