ياخشىلىق قىلىش ھەققىدە
ماقال-تەمسىللەر
مۇھەممدئىمىن ھەسەن
1-ياخشىلىق قىلساڭ،ياخشىلىق تاپىسەن،
ئادەمسىز چۆلدىمۇ ئامان ياتىسەن.
2-ياخشىلىقنىڭ ناملىرى جاھانغا كىتەر،
يامانلىقنىڭ ئاخىرى بالاڭغا يېتەر.
3-ياخشىلىق قىل، ياخشىلىقتىن جېنىڭ سۆيۈنەر،
يامانلىقتىن پەقەتلا تېنىڭ سۆيۈنەر.
4-ياخشىلىق قىل،ياخشىلىقتىن بەخت تاپىسەن،
نامىڭغا ھەم ھۆرمەتتىن يۇپۇق ياپىسەن.
5-ياخشىلىق قىل،ھەر قاچان راھەت تاپىسەن،
يامانلىقتىن يېتەرلىك ئازاپ تاپىسەن.
6-ياخشىلىق قىل،ياخشىلىقتىن سۆيۈنەر ئادەم،
يامانلىقنىڭ ھەر بىر كۈنى بولىدۇ ماتەم.
7-يامانلىققا ھەمدەم بولغۇچە،
ياخشىلىقتا بىردەم بول.
8-ئايالنىڭ ياخشىسىدىن ئەر سۆيۈنەر،
ئەرنىڭ ياخشىسىدىن ئەل سۆيۈنەر.
9-قىلىچ بىلەن مەجبۇرى شەھەر ئالغۇچە،
ياخشىلىق بىلەن ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى ئال.
10-ئۆمۈرنىڭ ئۇزۇن بولىشى ياخشىلىق بىلەن،
تەننىڭ ساق بولۇشى ناشتىلىق بىلەن.
ئاپتور: قاغىلىق ناھىيە شادلىق دوختۇرخانىسىدىن