يېقىندا، چوڭچىڭ شەھىرى بېيبېي رايونلۇق پارتىكومنىڭ شۇجىسى لېي جېڭفۇنىڭ شەھۋانىي سۈرەتلىرى توردا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دەرھال دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى. ئەمەلىيەتتە، شەھۋانىي سۆز-چۆچەكلەر ياكى ئاشنىلىرىنىڭ دېلو مەلۇم قىلىشى بىلەن موللاق ئاتىدىغان ئەمەلدارلار ئاز ئەمەس .
لېي جېڭفۇ: چوڭچىڭ شەھەرلىك بېيبېي رايونلۇق پارتىكومنىڭ سابىق شۇجىسى، توردا شەھۋانىي سۈرەتلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاندىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.
ۋاڭ خوڭيې: دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ سابىق باش قوماندانى، ئۈچ نەپەر ئاشنىسى ئىككى يىلغا يېقىن دېلو مەلۇم قىلغان. 160 مىليون يۈەن پارا يېگەن، بەش نەپەر ئاشنا باققان، كېيىن مەركىزىي ھەربىي ئىشلار سوتى تەرىپىدىن كېچىكتۈرۈپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ليۇ جىخۇا: بېيجىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇپ، ئاشنىسى ۋاڭ جيەنرۇي ئۇنىڭغا پايدىسىز ئىسپات بىلەن تەمىنلىگەن، يەتتە مىليون يۈەنگە يېقىن پارا يېگەن.
لوڭ جيايۈ: شەنشى ئۆلكىلىك سىياسى كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، 11 نەپەر ئاشنىسى بىرلىشىپ دېلو مەلۇم قىلغان.
ۋاڭ جىپىڭ: بېيجىڭ شەھەرلىك يەرلىك باج ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىدارە باشلىقى بولۇپ، قول ئاستىدىكى ئاشنىسى تەرىپىدىن پارا ئالغانلىقى مەلۇم قىلىنغان.
يەن يوڭشى: بېيجىڭ شەھەرلىك مېن توۋگو رايونىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رايون باشلىقى، خىيانەتچىلىك قىلغانلىقتىن، ھۆكۈمەتنىڭ پۇلىنى يۆتكەپ ئىشلەتكەنلىكتىن، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ ئاشنىسى ماۋ تەندوڭ ئىلگىرى ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئىشلىرىنى مەلۇم قىلغان.
چېن ياچۈن: گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى ماۋمىڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئاشنىسى دەۋالغان بىر مۇخبىر ئۇنىڭ پارا يېگەنلىكىنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش تارماقلىرى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن.
سەي جىچياڭ: شاڭخەي پۇتو رايونىنىڭ رايون باشلىقى بولۇپ، ئۇنىمۇ ئاشنىسى مەلۇم قىلغان، پارا ئالغان پۇلى ئىككى مىليون 840 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
لۈ جوڭشۆ: لياۋنىڭ ئۆلكىلىك نىڭيۈەن شەھەرلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى بولۇپ، ئاشنىسى ۋاڭ تەن دېلو مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، لۈ جوڭشۆ بىر نەچچە قېتىم ئادەم ياللاپ ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلغان، كېيىن ئالتە يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.
ما يىپىڭ: جياڭسۇ ئۆلكىسى ياڭجۇ شەھىرى خەنجياڭ رايونلۇق سودا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ، ئاشنىسى دېلو مەلۇم قىلغانلىقتىن، خىزمەتتىن توختىتىلغان.
مەنبە:
http://www.nur.cn/news/2012/11/95776.shtml